مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1129|ئىنكاس: 8

خانىم-قېزلارغا مەسلىھەتلەردىن ئارىيە(119) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15765
يازما سانى: 502
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12932
تۆھپە نۇمۇرى: 914
توردا: 308 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 02:50:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ھېسىيات جىنايەتكە باشلايدۇ،شەيتانلارچە كۆز بولسا خىيانەتكە باشلايدۇ، چېن ئەقىل بولسا ھىدايەتكە باشلايدۇ....(دەرتمەن119)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17733
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1545 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 11:32:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىىر ئۆينىڭ بېشى بولۇپ قالغان ئەر – ئايالنىڭ زىممىسىگە تالاي ۋەزىپىلەر يۈكلەنگەن بولىدۇ. بۇ ۋەزىپىلەرنىڭ بەزىلىرى نوقۇل ھالدا ئەر ياكى ئايالنىڭ تىرىشچانلىقىنى ئەمەس، بەلكى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ تەڭ كۈچ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئەگەر بىر تەرەپنىڭ تىرىشچانلىقى بولماي قالسا، ئاخىرقى ھېسابتا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. بەلكىم، بىر ئائىلىدىكى ئىشلارنىڭ ئەڭ كۆپ قىسمى شۇنداق بولسا كېرەك.
ئەھۋال مانا شۇنداق بولغانىكەن، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىدىكى مەسئولىيەتنى ئاڭلىق ھالدا تونۇپ يېتىشىگە، قارشى تەرەپ بىلەن تەڭ ھەمكارلىشىشقا توغرا كىلىدۇ. ئەمما، بۇ يەردە چوقۇم ئەمەل قىلىنىشقا تىگىشلىك بىر نوقتا باركى، ئۇ بولسىمۇ بۇ تىرىشچانلىقتا، ھەمكارلىقتا چوقۇم بىر تەرەپ ئاۋانگارت رول ئوينىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىيەتنىڭ قالايمىقان بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئەرنىڭ ئايال قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلاردا ئالدىغا ئۆتۈپ قېلىشى، ئايالنىڭ ئەر قىلىدىغان ئىشلاردا ئالدىغا ئۆتۈۋىلىشى قانۇنىيەتنىڭ قالايمىقان بولۇشىدۇر. ئەلۋەتتە، بۇنداق قىلىپ مەلۇم ئىشلار يۈرۈشۈپ كىتىشى مومكىن. ئەمما، قانۇنىيىتى قالايمىقان بولۇپ يۈرۈشكەن ئىشنىڭ تېگىدە كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان كۆڭۈلسىزلىك ياتىدۇ.

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45827
يازما سانى: 633
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6995
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 1580 سائەت
تىزىم: 2011-6-27
ئاخىرقى: 2013-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 11:45:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت

سەن خاتا قىلغىنىڭنى ھىس قىلغان ۋاختىڭدا،مەن ئالىقاچان تۇرمۇش يولۇمنى تېپىپ بولىمەن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17733
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1545 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 11:50:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئاياللارنىڭ سۈپىتىنى بايان قىلىپ پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دەيدۇ ، « ئاياللارنىڭ ياخشىسى قارىساڭ خۇرسەن قىلىدىغان ، بۇيرۇساڭ ئىتائەت قىلىدىغان ، يوق ۋاقىتلىرىڭدا مېلىڭنى ۋە ئىپپىتىنى  ساقلىغان ئاياللاردۇر ،  يەنە  ھەر قانداق ئايال بەش ۋاخ نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇسا ، رامزان روزىسىنى تۇتسا ، ئەۋرىتىنى ھارامدىن  ساقلىسا ، ئېرىگە ئىتائەت قىلسا جەننەت ئىشىكلىرىنىڭ قايسىسىدىن  خالىسا كىرىپ كېتىدۇ »

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41571
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3921
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 1305 سائەت
تىزىم: 2011-5-21
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 01:57:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەزمۇنىمۇ ئۆتكۈر   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17733
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1545 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 03:33:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
               ھەقىقى ئايال


●مېھرىنى ھەممىگە، سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى بىرلا ئادەمگە بېغىشلىيالىغان ئايال ھەقىقىي مۇھەببەتلىك ئايال؛

● ھەم جىسمانىي جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنى تەن ئالىدىغان، ھەم روھىي جەھەتتىكى كۈچلۈكلىكىنى جارى قىلدۇرالايدىغان ئايال ھەقىقىي قۇدرەتلىك ئايال. ھەم پۇل ئۈچۈن ئۆزىنى بۇلغىمايدىغان، ھەم ھالال پۇلى بىلەن مەئىشەت سۈرەلەيدىغان ئايال ھەقىقىي ئەخلاقلىق ئايال؛

●گۈزەللىكىنى جاھان ئەھلى ئالدىدا نامايەن قىلالايدىغان، لېكىن ئۇنى ھەرگىز بازارغا سالمايدىغان ئايال ھەقىقىي نومۇسلۇق ئايال؛ كۆڭلى بولمىسا، ھەتتا پادىشاھنىمۇ رەت قىلىپ، ئىشقى باغلانسا، كۆك نامراتنىڭمۇ ئايىغىغا باش قويالايدىغان ئايال ھەقىقىي ئىپپەتلىك ئايال؛

●ھالۋىنى تولا يېگۈزۈپ زاڭ تېتىتىپ قويمايدىغان، ۋاقتى كەلگەندە كەكرىنىمۇ شېرىن ھېس قىلدۇرالايدىغان ئايال ھەقىقىي پەزىلەتلىك ئايال؛ ھەم سۆيگەن يارىنىڭ مەيدىسىگە يۆلىنىشنى بىلىدىغان، ھەم يىقىلغان يارىنى پۈتۈن جىسمى بىلەن يۆلەشنى بىلىدىغان ئايال ھەقىقىي ۋاپادار ئايال؛

●راستنى ھامان راست دەيدىغان، لېكىن ئۆزگىنىڭ زىل كۆڭلىنى ئايايدىغان يەردە، چىن مەۋقەسىنى باشقىچە شەكىلدىمۇ ئىپادىلەشنى بىلىدىغان ئايال ھەقىقىي سەمىمىي ئايال؛ ئىچى قاينىغاندا توغاندەك ئىچىگە يىغالايدىغان، ئىچى توشۇپ كەتكەندە تاشقىندەك تاشالايدىغان، شۇنداقتىمۇ ئەتراپنى، يىراقنى نەزەردە تۇتالايدىغان ئايال ھەقىقىي سالماقلىق ئايال؛

●چوغنى پۈۋلەپ ئوت قىلىپ، ھۇۋۇلداپ قالغان ئائىلىنى ئىللىتالايدىغان، لېكىن لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا ماي چېچېپ ئۆينى يانغىنغا ئايلاندۇرۇۋەتمەيدىغان ئايال ھەقىقىي ئەقىللىق ئايال؛ ئۆزىنى قەدىرلىگەنگە قۇللارچە ئىتائەت قىلىشنى بىلىدىغان، ئۆزىنى خارلىغانغا باتۇرلارچە قارشى چىقىشنى بىلىدىغان ئايال ھەقىقىي غورۇرلۇق ئايال؛

●ھېجران ئازابى ئىچىدە ئۆمۈر بويى يارىنى كۈتۈپ ئولتۇرالايدىغان، بېشىغا جۇدالىق كەلسە، كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈۋىتىپ، يەنە يېڭىۋاشتىن ھاياتنى سۆيەلەيدىغان ئايال ھەقىقىي ساداقەتمەن ئايال؛ بالا ئۈچۈن ئانا زېمىندەك بارلىق ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرۈپ ئىڭرىمايدىغان، ھەتتا قورساقتىكى بالىسىنىڭ ئامان-ئېسەن تۇغۇلىشى ئۈچۈن كۈلۈپ تۇرۇپ جان بېرەلەيدىغان ئايال ھەقىقىي پىداكار ئايال؛

●پەرزەنتىنى ياراملىق قىلىپ تەربىيلەشنى بىلىدىغان ھەم ئۆزىنىمۇ شۇنىڭغا لايىق ئۈزلۈكسىز تەربىيلەپ ماڭالايدىغان ئايال ھەقىقىي كۆيۈمچان ئايالدۇر.

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17733
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1545 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 05:30:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئالىي ھېممەتلىك كىشىلەرنىڭ سۈپەتلىرى


ھېممەت- بىر ئىشنى قىلىش ئۈچۈن ئىنتىلىش، دېگەنلىك بولۇپ، ئالىي ھېممەتكە ئىگە كىشىلەر تۆۋەندىكىدەك سۈپەتلەرگە ئىگە بولىدۇ.

1.ئۆتكەنگە ھەسرەت چەكمەيدۇ، ئەتىنى كۈتمەيدۇ ۋە بۈگۈنى غەنىمەت بىلىدۇ.

2. پەس – ئارزۇ ھەۋەسلەردىن پۈتۈنلەي يىراق بولۇپ، ھەممىشە ئۇلۇغ ئىشلارنى ئويلايدۇ ۋە داۋاملىق يۇقىرىغا ئۆرلەشنىڭ يولىدا بولىدۇ.

3.كىشىلەرگە ياخشى مەسلىھەت بېرىدۇ. ئومومنىڭ ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىدۇ.

4.قىلغان ھەر بىر ئىشىدا يۇقىرى ھېممەتلىك بولىدۇ. كېلەچەكتىن ھەمىشە ئۈمىدۋار بولىدۇ.

5. ۋاقىتنىڭ تارلىقىدىن كۆپ دەرتلىنىدۇ. ۋاقتىنى نەق ئالتۇن دەپ بىلىدۇ.

6.ئۆزى ئىرادىلىك، پىكىردە مۇستەھكەم بولىدۇ ۋە ئىككىلىنىشى ئاز بولىدۇ.

7.ئىنسانىيەتنىڭ، خۇسۇسەن مۇسۇلمانلارنىڭ غېمىنى يەيدۇ.

8.مەسئۇلىيەتچانلىقى يۇقىرى بولىدۇ، ھەممىشە ئۇيغاق ۋە ھۇشيار بولىدۇ.

9. ئۆزىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى بىلىدۇ ۋە ۋەپادار بولىدۇ.

10.ئادەتتىكى كىشىلەر ھەۋەس قىلغان نەرسىلەرگە ھەۋەس قىلىپ كەتمەيدۇ. بەلكى تەلىبى يۇقىرى بولىدۇ.

ئۇنداقتا ھېممەتنى قانداق قىلغاندا بەرپا قىلغىلى ۋە يۇقىرى كۆتەرگىلى بولىدۇ؟

بىر ئىنساننىڭ ئالىي ھېممەتلىك بولۇشى، ھەم ئەقىل، ھەم شەرىئەتتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپتىن تەلەپ قىلىنىدىغان ئىشتۇر. ھىممەتنى بەرپا قىلىش ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى نوقتىلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

داۋاملىق تىرىشىدىغان ۋە كۆرەش قىلىدىغان بولۇشى كېرەك. بوشاسماستىن كۆرەش ۋە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندە ئاندىن مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ.

چىن ئىخلاس بىلەن ئاللاھقا يۆلۈنىش ۋە يۈزلىنىش كېرەك. ھېممەت ئاللاھ تەرىپدىن بېرىلىدىغان كاتتا نېمەت بولۇپ، سورىماستىن، بۇ يولدا تىرىشماستىن قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ.

ئۆزىنىڭ يېتەرسىز ۋە ئىقتىدارى يەتمەيدىغان تەرەپلەرنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىرگە بۇ تەرەپلەردە مۇكەممەلىشىشكە، ئىسلاھ بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

كاتا ئىنسانلارنىڭ كەچۈرمىشىلىرى ۋە ھايات تەجرىبىلىرىنى ئوقۇپ، ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئىلىش لازىم بولىدۇ. مۇسۇلمانلارغا ئەڭ جانلىق ھىممەت ئۆرنىكى بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلامدىن ئۈلگە ئالغان مۇسۇلمانلار ھەرگىزمۇ ھېممەتسىز بولۇپ قالمايدۇ.

ئالىي ھېممەتلىك كىشىلەر بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇش.

كۈنلۈك ئىش تەرتىبىگە ئەمەل قىلىش ۋە مۇھىم ئىشلارنى ئالدىنقى قاتاردا قويۇش.

ھەر ئىشتا ھىممەتلىك كىشىلەر بىلەن مۇسابىقىلىشىش. ھەمكارلىشىش.

ئىشلارنىڭ نىشان قىلغان ئاخىرقى نوقتىسىغا قاراپ ئىلگىرلەشنى توختاتماسلىق.

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17733
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1545 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 05:31:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەر – ئايالنىڭ بىر – بىرىگە سادىقلىقى بەختتۇر. سالامەتلىك جاننىڭ راھىتى بولغىنىدەك، ئىناقلىق كۆڭۈلنىڭ راھىتىدۇر. ئائىلىدىكى خۇشلۇق دىلغا ھۇزۇر بېغىشلاپ، لەززەتسىز تائاممۇ لەززەتلىك بىلىنىدۇ. ئەر كىشى ئۆز ئايالىدىن رازى بولسا ۋە كۆڭلى باغلانسا، بارلىق راھەت – پاراغىتى ۋە سەرپ – خىراجىتى ئائىلىسىدىكى زۆرۈر نەرسىلەر ئۈچۈن بولىدۇ، پۈتكۈل دۇنياسىنى ئائىلىسىگە بېغىشلايدۇ. ئەرنىڭ تۇرمۇشى ياخشى بولسا، شۇ ئائىلىنىڭ تۇرمۇشى ياخشى بولىدۇ. شۇ چاغدىلا ئۆزىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. كونىلار : ” ياخشى ئايالغا ئېرىشمەك بىرەر ئەلگە پادىشاھ بولغاندىن ياخشىراقتۇر ” دېگەن. ھەر قانچە بىلىملىك، مەرتىۋىلىك،  باي ياكى تىرىشىپ – تىرمىشىپ ئىشلەپ تاپقىنىغا ۋە ئۆزىنىڭ ئاچ – يالىڭاچ قالمىغىنىغا شۈكۈر قىلىدىغان ساپ ۋىجدانلىق بىر كىشىنىڭ تەربىيە كۆرگەن ئايالى بولمىسا، بەختلىك ھېسابلانمايدۇ. ئائىلىدىكى كۆڭۈلسىزلىك ئۇنىڭ قەلبىنى بىئارام قىلىدۇ، لەززەتلىك تائاممۇ لەززەتسىز تېتىپ، ئۆمۈر گۈلىنىڭ تېز قۇرۇپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇپ قالىدۇ.

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 930
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4705
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 376 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 07:07:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەلەن..........

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش