تۇرمۇش تەسىراتلىرىدىن ئارىيە
<جېنىم ئانا> دېگەن سۆز تىلدىن،<جېنىم بالام>دېگەن سۆز دىلدىن چىقىدىكەن.
ھازىر كىتاپخانا-كۈتۈپخانىلار شەھەردە بىر،چايخانا-بەزمىخانىلار قەدەمدە بىر.
ئەسلىدە، بىلىم ئېلىش ھەر بىر ئىنسانغا ئۆمۈرلۈك پەرز ئىدى،
ھازىر،پەقەت خىزمەت تېپىۋالغۇچە پەرز بولۇپ قالدى.
سوپىزىم دېگەن جاھالەتتىن قۇتۇلۇپ،ھاراق دېگەن
نىجاسەتكە تۇتۇلدۇق.
ئەجدادىڭنى تارىخ ئەينىكىدىن،ئەۋلادىڭنى ئۆز ئەينىكىڭدىن كۆر.
بىلىش- يول،ئەقىل-يول خېتى.
ۋاقىتنىڭ ماۋجۇتلىقى ئۇ ياراتقان قىممەتتە ئىپادىلىنىدۇ.
قانۇن پاكىتنى،ئادالەت ۋىژداننى ئۆلچەم قىلىدۇ.
ۋاقىتنى بويسۇندۇرۇش ئۆزىگە خوجايىن بولغانىق،ۋاقىتقا بوي سۇنۇش
باشقىلارغا قۇل بولغانلىق.
قىزلارنىڭ مۇھەببىتىگەئىرىشىشتە كۆيۈنىشكە تايان،ئوغۇللارنىڭ مۇھەببىتىگە
ئىرىشىشتە چۈشىنىشكە تايان.
ماختىنىش ناداننىڭ ئاشكارا تارىخى.
ئوقۇتقۇچى-ئىددىيە تاڭغۇچى ئەمەس،ئىدديە ياراتقچى بولىشى كىرەك.
ئەرلەر تەردە،ئاياللار ئەردە سىنىلىدۇ.
ھەسەتخور ئۆزىنى،نادان باشقىلارنى ئازاپلايدۇ.
شۈكۈر بىلەن ھورۇنلۇق نامراتلىقنىڭ دەسمايسى.
http://www.nur.cn/news/2012/11/89408.shtml