خېنىم بىلەن تىلەمچى
شەھەر سىرتىدىكى چىرايلىق داچىدا بىر گۈزەل خېنىم ئولتۇرىدىكەن.بىر كۈنى چاچلىرى ئاپئاق ئاقارغان،كىيىملىرى جۇل-جۇل تىلەمچى خېنىمنىڭ ئىشىكىنى چېكىپتۇ.خېنىمنىڭ ئىچى ئاغرىپ ئۇنىڭغا ئون سوم پۇل بېرىپ سوراپتۇ:
_سىز تىلەمچىلىكتىن باشقا يەنە نېمە ئىشلارنى قىلىسىز؟
_ياسىنىمەن،-دەپ جاۋاب بېرىپتۇ تىلەمچى.
_ياسىنىمەن؟-خېنىم تولىمۇ ئەجەپلىنىپتۇ،-تىلەمچىلىك قىلىش ئۈچۈنمۇ ياسىنىش كېتەمدۇ؟
_شۇنداق ،ئەلۋەتتە ياسىنىش كېرەك،-دەپتۇ تىلەمچى،-مەن ئۆزۈمنى پەردازلاپ تېخىمۇ نامرات ھەم قېرى كۆرسىتىشكە تىرىشىمەن-دە،بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغاپ،نۇرغۇن پۇل تاپالايمەن.خېنىم ،سىزچۇ،خىزمەت قىلغاندىن باشقا يەنە قانداق ئىشلارنى قىلىسىز؟
_گىرىم قىلىمەن،-دەپتۇ خېنىم.
_خېنىم،سىز قەيەردە ئىشلەيسىز؟-يەنە سوراپتۇ تىلەمچى.
_تانسىخانىدا،-دەپتۇ خېنىم جاۋابەن،-مەن گىرىم قىلىش ئارقىلىق ئۆزۈمنى تېخىمۇ ياش،ئالىيجاناپ ھەم پەزىلەتلىك كۆرسىتىشىم كېرەك،مۇشۇنداق قىلساملا مېھمانلار مېنى تېخىمۇ ياخشى كۆرۈپ،نۇرغۇن پۇل بېرىدۇ.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان تىلەمچى دەرھال ئون سوم پۇلنى خېنىمغا قايتۇرۇپ بېرىپتۇ.
_ ھە،سىزگە كېرەك ئەمەسمىدى؟-سوراپتۇ خېنىم ئەجەپلىنىپ.
_ شۇنداق،ماڭا پۇلىڭىز كېرەك ئەمەس!-دەپتۇ تىلەمچى،-بىزنىڭ بۇ كەسىپتىكىلەرنىڭ مۇنداق بىر قائىدىمىز بار_يەنى ئۆزئارا پۇل تىلەشمەيمىز!
شاۋياڭ قەلىمىدىكى بۇ يازما<<چۆچەكلەر>>ژۇرنىلىنىڭ2003-يىللىق5-سانىغا بېسىلغان.
تەرجىمان:ئىمىننىياز مەتنىياز.