نۇپۇسنىڭ ئېشىشى، ياشاش ماكاننىڭ تارلىشىشىغا ئەگىشىپ ئولتۇراق مەسىلى ھەممىزىنىڭ بېشىنى قاتۇردىغان مەسىلە بوپ قالدى، شۇسەۋەبتىن ھەرقانداق شەخىس ئۆي مۇلۇك بازىرنىڭ ئەھۋالىغا بەكرەك قىزقىشى مۇمكىن، ئەتىراپىمىزغا قارايدىغان بولساق بىنالار توختىماي سېلىنىۋاتىدۇ، بىراق باھاسى بىزنىڭ مۆلچەرىمىزدىكىدىن خېلىلا يۇقىرى، يەنە شۇنداق تۇرۇقلۇق بازىرى شۇنداق ئىتتىك بولىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا ئازساندىكى ئۆيمۈلۈك سودىگەرلىرى بىلەن بانكا پايدا ئالغاندىن سىرىت زور كۆپچىلىكىمىز شۇ ئولتۇرۋاتقان كىچىككىنە ئۆيىمىز ئۈچۈن كۈچىمىزنىڭ بارىچە ئىشلەپ ماغدۇرىمىزدىن كىتىۋاتىمىز، بىراق ئۆي ئېلىپ بولالمايدىغانلار يەنىلا خېلىي نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ.
ئۇنداقتا ئۆينىڭ باھاسى يەنە داۋاملىق ئۆرلەمدۇ؟ قاچان چۈشىدۇ؟ شۇ ئازغىنە ئىش ھەققىمىز بەدىلىگە خاتىرجەم ئۆي سېتىۋالىدىغان چاغ كىلەمدۇ؟. يۇقارقى سۇئاللار مىنىڭچە ھەربىرىمىز ئويلانغان، ئويلىنىۋاتقان سۇئاللار دەپ قارايمەن.
ئۇنداقتا ئولتۇراق ئۆينىڭ باھاسى نىمە ئۈچۈن شۇنچە يۇقىرى:
مىنىڭچە بۇلارنىڭ كۆپنچىسى تۆۋەندىكىدەك ئامىللارغا باغلىق، 1- ئىش ھەققىنڭ يۇقىرلىقى- بۇ ئۆز نۆۋىتىدە خام ماتىريالنىڭ تەننەرخىنى ئۆستۈرىۋەتتى، ئىشلەپ چىقارغۇچىلار ئۆزلىرى ئارزۇقىلدىغان ئىشلەپچىقىرىش خادىملىرى قىس، ئادەتتىكى ئادەملەر شۇ ئىشنى قىلالمايدۇ ياكى قىلىشنى خالىمايدۇ، شۇسەۋەبتىن باشقىلاردىن يۇقرى ئىش ھەققى بىلەن شۇلارنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتمەي ئامال يوق.
2- ماي باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتشى- بۇ ماددىي ئەشيالارنى يۆتكەش تەنەرخىنى ئۆستۈرۋېتىدۇ، بۇنىڭغا يوللاردا ئېلىنىدىغان ھەرخىل ھەقلەرنى قوشقاندا تېخىمۇ شۇنداق.
3- يەر باھاسىنىڭ يۇقىرلىقى- دۆلىتىمىز بىرتەرەپتىن پۇقرالارنىڭ ئاشلىق مەسىلىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تۈرلۈك تەدبىرلەر قوللىنىپ تېرىلغۇ يەرلەرنى قاتتىق قوغداۋاتقاچقا، ئۆي سېلىشقا بولىدىغان يەرلەرنىڭ باھاسى چېقىش- كۈچۈرۈش تەننەرخى بىلەن قۇشۇلۇپ شىددەت بىلەن ئۆرلەۋاتىدۇ.
4- رەسمىيەت بېجىرىشنىڭ قىيىنلىقى- بىر ئۆي سېلىش ئۈچۈن يەر ئېلىش، يەرئىشلىتىش گۇۋاھنامىىس بېجىرىش، پىلان- لايىھە تەييارلاپ تەستىقلىتىش، توك، سۇ، پار قاتارلىقلارنىڭ رەسمىيەتلىرى قۇشۇلۇپ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشىرۋەتكەچكە بۇنڭغا نۇرغۇن بەدەل تۆلەپ سالغان ئۆيلەرنى ئەرزان باھادا سېتىشنى خالىمايدۇ دە!.
5- كىشىلەرنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش قىزغىنلىقى- بۇلۇپمۇ شەھەر ئىشچى- خىزمەتچىللىرنىڭ ئارتۇق پۇللىرىنى ئۆيگە دەسمىي سېلىش بىرخىل ئېقىمقا ئايلىنىپ قالغاچقا كۆپلىرىنىڭ 30-40 يۈرۈش، ئازلىرىنىڭمۇ 2-3 يۈرۈش ئۆيى بار ھالەت شەكىللىنىپ ئورنى ياخشى ئۆيلەر سېلىنىشتىن ئىلگىرىلار سېتىلىپ بولغانلىتىن ئۆينىڭ باھاسى قىممەت بولىۋاتىدۇ، چۇنكى سىز ئالمىسىڭىز ئالىدىغان ئادەم باردە !.
يۇقارقى تەننەرخلەرنىڭ ھەمىسى شۇ بىز ئالماقچى بولغان ئۆينىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەنلىكتىن ئۆينىڭ باھاسى يۇقىرى بولىۋاتىدۇ.
ئۇنداقتا ئۆينىڭ باھاسى چۈشەمدۇ؟
مەندىن سورىڭىز چۈشىدۇ دەپ جاۋاب بېرىمەن.
قاچان؟
5-10 يىل ئارلىقىدا.
نىمە ئۈچۈن دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن، بۇنىڭغا ئۆزەمنىڭ شەخسىي قارشىمنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئۆتەي، بايام ئېيتىپ ئۆتكەندەك ھەربىر ئائىلىنىڭ ئاز بولغاندا 2 يۈرۈشتىن ئۆيى بۇلۇش بىر خىل ئۇمۇمىيلىققا ئايلىنپ قالدى، بىراق بىز ھازىر نۇپۇسنىڭ قېرىلىشىش باسقۇچىدا تۇرۋاتىمىز، دۆلىتىمىزنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يولغا قۇيۇلغىلى 20 نەچچە يىل بولدى شۇ سەۋەبتىن ھەربىر ئائىلىدە يازغۇز بىرلا پەرزەنىت بار، كۆپ بولغاندا ئىككى، بەلكىم تۇشقا يولغا قويغان تەقدىردىمۇ خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقى، بالا بېقىشنىڭ قىيىنلىقى، مائارىپ خىراجىتىنىڭ كۆپلىكى قاتارلىق ھەرخىل سەۋەبتىن كۆپىنچە كىشىلەر بالىلىق بۇلۇشنى خالىماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا بوۋاي- مومايلارنىڭ بار بولغان 1 يۈرۈش ئۆيى باللىرىغا مىراس قالىدۇ، يەنى يالغۇز پەرزەنىتلەرگە نىسبەتەن ئەر تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن 1 يۈرۈش ئۆي، ئايال تەرەپىنڭ ئاتا-ئانىسىدىن 1 يۈرۈش ئۆي ئەر خوتۇنلارغا مىراس قالىدۇ، ئۆزىنىڭ 2 يۈرۈش ئۆيى قۇشۇلۇپ جەمئىي 4 يۈرۈش ئۆي بولىدۇ دە، بۇنىڭ بىرسىدە ئۆزى ئولتۇرسا بىرسىنى بالىسىغا بەردى دىگەندە 2 يۈرۈش ئۆي ئارتۇق، بىراق 5-10 يىلغىچە مۇتلەق كۆپ قىسىم ئائىلىلەرنڭ ئۆيى بولۇپ بولغان بولىدۇ، ئىجارە ئالىدىغانلار ھازىرقىدەك كۆپ بولماسلىقى مۇمكىن، بۇنداق ئەھۋالدا قالغان 2 يۈرۈش ئۆينى سېتىۋېتىشكە توغرا كىلىدۇ، ساتمىسا ئارتۇق 2 يۈرۈش ئۆينىڭ ئۇنچىۋالا ئىشلىتىش قىممىتى يوق، بۇ ئەھۋال كۆپ قىسىم ئائىلەردە ئوخشاش بولغانلىتىن ئالىدىغانلار ئاز ساتىدىغانلار كۆپ ھالەت شەكىللىنىدۇ، مانا مۇشۇ ۋاقىتتا ئۆينىڭ باھاسى زور دەرىجىدە چۈشىدۇ. بەلكىم ھازىر ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئەڭ قىممەت دەۋىر بولىشى مۇمكىن . يۇقارقىلار مىنىڭ شەخسىي پىكرىم ئوخشىمايدىغان پىكىرلەر بولسا ئورتاقلىشىپ باقساق بولىدۇ.
ۋولقان ئەمگەك سۇغۇرتا بىلوگى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا wolkan207 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-8 04:33 PM