مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4621|ئىنكاس: 26

ئىچىكىرىگە تەربىيلىنىشكەبارىدىغانلار نىمىگە دىققەت قىلىش كىرەك؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3503
يازما سانى: 678
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11374
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 5120 سائەت
تىزىم: 2010-7-7
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-8 02:24:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
CCTV-5采访.jpg
我们和我们球星一起.jpg
大屏幕上的我们.jpg
IMG_5032.jpg
照片 027.jpg
     شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بىرىش باشلانغاندىن بىرى ئىچىكىرى ئۆلكىلەردە تەربىيلىنىش ،چىنىقىش ،نەزەر دائىرىسىنى ئىچىش دىگەندەك تۈرلەر بىلەن رايۇنىمىزدىن ئىچىكىرىگە بارىدىغانلار ھەسسللەپ  كۆپەيدى،بۇنىڭ ئىچىدە بىلىم ئاشۇرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ،خىزمەتكە چىقىش ئالدىدا تۇرغان ئىش كۆۈتۈپ تۇرغان ياشلار،دۆلەت مەمۇرلىرى ،ئوتتۇرا قاتلام رەھبەرلەر،غوللۇق ياش كادىرلار بار،(ئالىي مەكتەپتە ۋە ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىردا ئوقۇيدىغانلار بۇنىڭ سىرتىدا)ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىچىكىرىگە تۇنجى قىتىم كەلگەنلەر بولغاچقا ئىچكىرىگە نىسبەتەن تونۇش بىر قەدەر كەمچىل،ھەم ئىدىدىيسىدە تولۇق  تەييارلىق كۆرمىگەن،كۆپىنچە قىزىقسىنغان ھالدا كىلىدۇ،كىلىپلا بازار-كوچىلارنى كۆرىدۇ،ئاجايىپ پائالىيەتچان بولۇپ كىتىدۇ،قىز -ئاياللار بولسا ھاپىلا شاپىلا كىيىم كىچەك بار بازارغا يۈگىرىشىدۇ،نەدە ياخشى تاماق بار ئىزدەپ سوراپ يىيىشىدۇ،(تەربىيلەشكە مەسئۇل ئورۇندا تاماق تاييار بولسىمۇ)،قەيەردە ياخشى ئوينايدىغان،ساياھەت قىلىدىغان يەرلەربار دىگەندەك ئىشلارغا ئالدىرايمىز.
مەن شاڭخەيدە خىزمەت  ۋە تەربىيلىنش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىككى يىل تۇرۇپ نۇرغۇن ئىشلارغا  يولۇقتۇم...ھەقىقەتەن نامۇۋاپىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ نامىمىزنى بولغاۋاتقانلار بار..چۈنكى شۇلار كۈندە بازارغا چىقىۋىلىپ كىشلەرگە مىللىتىمىزنىڭ ۋەكىلى بولۇپ كۆرىنىدۇ..نۇرغۇن غورۇرلۇق،ئەدەپ-ئەخلاقلىق قىرىنداشلىرىمىز مەكتەپتە،خىزمەتتە،تىجارەتتە ئالدىراش بولۇپ ئۆز كەسپىگە دائىر ئاز بىر قىسىم كىشىلەر بىلەن باردى-كەلدى قىلغاچقا پائالىيەت دائىرىسى تار بولغاچقا بىزنىڭ ئەسلىدىن ئۇنداق ئوغرى-يانچۇقچى ،ئاقچى -كۆكچى ئەمەسلىكىمىزنى بىلدۈرىدىغان سورۇن ئاز بولىۋاتىدۇ..لىكىن شاڭخەيدە ھالال كۈچى بىلەن ئەقىل ئىدراكى بىلەن پۇل تىپىۋاتقان،يول تىپىۋاتقان،خىزمەت قىلىۋاتقان قىرىنداشلىرىمىز يەنىلا كۆپ ..
لىكىن يىڭى بارغانلارنىڭ كۆپىنچىسدە ئىچكىرى بىلەن بىزنىڭ تەرەققىيات پەرقىمىز قانچىلىككەن،بۇ تەرەپتىكى كىشلەرنىڭ ئاڭ سەۋىيسى بىلەن بىزنىڭ قاندان پەرقىمىز باركەن؟..بىز بۇ يەرلەردىن نىمىلەرنى يۇرتىمىزغا ئىلىپ كىتىشىمىز كىرەك ؟..يەنە بۇيەرگە نىمىلەرنى قالدۇرۇپ قويىشىمىز كىرەك ؟..مەن ئىچىكىرىدە ياشاۋاتقان مۇشۇ مەزگىلىدە نىمىنى قىلىشىم كىرەك؟نىمىنى قىلماسلىقىم كىرەك ؟..مەن بۇيەردە كىمگە ۋەكىللىك قىلىمەن؟..مىنىڭ ئىش ھەركىتىم ،گەپ سۆزۈم  كىملەرگە ،نىمىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؟..دىگەن سوئاللار ئالدىراپ كاللىمىزغا كەلمەيدۇ... قىلسام گەپ تولا...ئىچكىرىدە ئىككى يىل يۈرۈپ ئىككى قۇربان ھىيىتنى شاڭخەيدە قوي سويۇپ ئۆتكۈزۈپ،ئىككى دوپپا بايرىمىنى  كانىۋاي كۆينەك بىلەن دوپپامنى كىيىپ ئۆتكۈزۈپ، ئۆز دائىرەمدە ئۆزىمىزنىڭ قىرىنداشلىرىغا كۆپ سۆزلەپ يۈردۈم،تەرجىمان بولۇپ تۇرمىلەرگە بىرىپ ئوغۇرلۇق قىلىپ كىرىپ قالغانلارغا ساقچىلار ئارتۇق گەپ قىلساڭ بولمايدۇ دىگىنىگە پەرۋا قىلماي نەسىھەت  قىلىپ يۈردۈم..ئۆز قابىلىيىتىگە تايىنىپ ياشاۋاتقان نۇرغۇن قىرىنداشلىرىمىزدىن سۈيۈندۈم،يەنە بەزى ئىشلاردىن سەسكەندىم،خىجىل بولدۇم..كۆڭلۈم يىرىم بولدى..
ئىچكىرىگە تۈركۈملەپ تەربىيلىنىش ،چىنىقىشقا مىڭىۋاتقان ،ۋە بۇنىڭدىن كىيىن ماڭىدىغان قىرىنداشلىرىمىزغا  تەكلىۋىم: 1.چوقۇم بىر قۇر مىللىيچە كىيىم ئىلىۋىلىڭ ،نۇرغۇن ئاممىۋى سورۇنلارغا ،پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ قالسىڭىز ئىنتايىن لازىم بولىدۇ،چۈنكى مىللىيچە كىيىم سىزنىڭ كىملىكىڭىز بىلەن ئوخشاش..  
2.يولغا چىقىشتىن بۇرۇن كۆپىرەك مەسلىھەت سوراڭ. چۈنكى ھاۋا كىلىماتى،جۇغراپىيلىك ئورنى قاتارلىق تەرەپلەر سىزگە ئىلىۋىلىشغا كىرەكلىك نەرسىلەرنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
3كۆپىرەك ئويلىنىش،كۆپىرەك پىلان تۈزىۋىلىش كىرەك.پىلانسىز ئىش قارىغۇنىڭ يۈگىرىشى بىلەن ئوخشاش.. بۇنداق پۇرسەت سىزگە كىلىۋىرىشى ناتايىن،ئەتراپىلىق پىلان ئىشلىرىڭىزنى يۈرۈشتۇرىدۇ.  
4.كۆپىرەك دىققەت قىلىدىغان نوقتىلارنى بىلىۋىلىش كىرەك.نىمىلەرنى قىلىش ،نىمىلەرنى قىلماسلىق،نەگە بىرىپ نەنى كۆرۈش ،قەيەرنى ساياھەت قىلىش،باھا ئەھۋالى،قاتناش يولى،دىگەندەك..
5.يۈرۈش تۇرۇشتا پاكىز رەتلىك بولۇڭ،ئاددى ساددا بولسىڭىز بولىۋىرىدۇ،لىكىن پاكىزلىققا ئەھمىيەت بىرىڭ.مەن كۆرگەن بەزى قىرىنداشلىرىمىز ياتاقتا 24 سائەت ئىسىىسق سۈيى بار شارائىت تەل تۇرسىمۇ مۇنچىغا كىرىشتىن ئىرىنىدۇ،پۇراپ يۈرۈشكە رازى ..شۇڭا تەۋسىيەم چوقۇم پاكىز بولۇڭ ..
6.ئىچكىرىدە كوچىلاردا ،ئاممىۋىى قاتناشلاردا باشقىلار سىزگە گۇمانىي نەزەردە قارىسا پەرۋا قىلماڭ،چۈنكى بىر قىسىملارنىڭ ئىش ھەركىتى ئۇلارنى شۇنداق قاراشقا كەلتۈرۈپ قۇيغان،سىز خۇش پىئىل بولۇپ،كۈلۈمسىرەپ تۇرىۋىرىڭ،بۇ ئەھۋال 10مىنۇتقا قالماي پەسكويغا چۈشىدۇ..
7.ئاپتۇبۇسلاردا قىرى ياشانغانلارغا ئورۇن بىرىڭ.مەن شاڭخەيدە كۆپ قىتىم ياشلارنىڭ قىرىلارغا ئورۇن بەرمەيدىغانلىقىنى بايقىدىم،بەرسىمۇ ئاز ساندا،شۇلاردىن ئورۇن بەرگەنلەرمۇ  ئانچە باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتمايدۇ،بىز بەرسەك ئەتراپقا بولغان تەسىرى خىلى چوڭ، بۇ ئۆزىمىزنىڭ ئەدەپ ئەخلاقلىق ،باشقىلارغا ياردەم بىرىغان ياخشى خىسلىتىمىزنى تەشۋىق  قىلىۋالىدىغان ياخشى سورۇن.
8.كوچىلارغا ،بازارغا چىقسىڭىز ئەدەپلىك بولۇڭ،قىزغىن بولۇڭ،خوش چاخچاق بولۇڭ ،نەرسە كىرەك سىتىۋالسىڭىز بەك ئەرزان نەرسىلەر بولسا بىر يۈۋەن ،ئىككى يۈۋەننى دەپ تالىشىپ كەتمەڭ،چۈنكى ئۇلارغا پىخسىقتەك تەسىر بىرىپ قۇيىسىز،ھەم سىزنى كۆزگە ئىلماي ئورۇنسىز كۆڭۈل ئاغرىغى تىپۋالىسىز...
9.ئامال بار يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلىمەڭ.يول سورىسىڭىز رەھمەت ئىيتىشنى ئۇنۇتماڭ.
10.ئىچكىرى ئۆلكىلەردە شەھەرلەر چوڭ بولغاچقا بازارلار ،ساياھەت ئورۇنلىرى يىراقراق بولىدۇ،سىز ئاپتۇبۇس ۋە مىترولاردا ئۇزۇنراق ئولتۇرۇپ قالىسىز ،شۇڭا سىرىتقا چىققاندا بىرەر پارچە كىتاپ ،ياكى  ئىلىكتىرۇنلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئىلىۋىلىپ كىتاپ كۆرگەچ ،مۇزىكا ئاڭلىغاچ ماڭسىڭىز ۋاقىت ئۇزۇن بىلىنمەيدۇ،لىكىن ئەسكەرتىدىغىنىم كىتاپ كۆرۈپ ياكى مۇزىكا ئاڭلاپ خىيالغا كىتىپ قىلىپ بىكەتتىن ئۆتۈپ كەتسىڭىز مەن ئىگە
ئەمەس..
11.ساياھەت نوقتىلىرىغا بارغاندا شۇ ئورۇنلارنىڭ بەلگىلىمىسىنى بىلىۋىلىڭ،قالايمىقان ئەخلەت تاشلىماڭ،موھىت تازلىغىغا دىققەت قىلىڭ.سىزنىڭ بەزى ئىش ھەركىتىڭىز ئۆزىڭىز بىلەن كىتىشى ناتايىن.  
       بەلكىم بۇ قاراشلىرىم بىر تەرەپلىمە،يۈزەكى  بولىىشى مۇمكىن ،لىكىن بەزى قىرىنداشلىرىمىزغا پايدىسى تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس..خولاسە قىلغاندا ئىچىكىردىكى شەھەرلەر گە تەربىيلىنىشكە بارىدىغانلار   مىللىتىمىزنى دىمىگەندىمۇ ھىچ بولمىغاندا ئۆزىنىمۇ ،ئۆزگىنىمۇ ئويلاپ قويىشىنى ئۆمىت قىلىمەن..بۇ ئەسلى مەلۇم تىمىغا يازغان ئىنكاسىم ئىدى،ئەپسۇس ئىنكاسىم پۈتكەندە تىما ئۆچۈرىلىپتۇ.قالغىننى  تورداشلارنىڭ تولۇقلاپ قويىشىنى ئۆمىت قىلىمەن.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   DAWRAN0991 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-8 04:10 PM  


ھەركەت سۆزدىن غالىپ كېلىدۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36749
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9228
تۆھپە نۇمۇرى: 1660
توردا: 10303 سائەت
تىزىم: 2011-4-7
ئاخىرقى: 2013-6-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-8 05:52:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىچكىرگە يېڭىدىن بارغانلارغا ناھايتى ياخشى ئوقۇشلۇق بوپتۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gawda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-8 06:50 PM  


تەۋەرۈك كىتابلار دۇنياسى
http://kitabim.taobao.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85781
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 396
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 138 سائەت
تىزىم: 2012-10-6
ئاخىرقى: 2012-11-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-8 05:52:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزدىن شۇنداق سۈيۈندۈم،مەنمۇ ئىچكىردە تەربىلىنۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن بىرى بۇلۇش سالاھىتىم بىلەن سىزگە  رەھمەت ئېيتىمەن،
تېمىڭىزدا ئۇچىرىغان ‹بىر قۇر مىللىچە كىيىمىڭىز بولسۇن›دىگەن گىپىڭىز ھەقىقەتەن بەك توغرا،بىزنىڭ بۇ  مەكتەپتىمۇ پائالىيەت بولسا ئەتلەس كۆينەك يىتشمەيلا قالىدۇ،شۇڭا بۇ پىكرىڭىزنى قوللايمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40988
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3845
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 169 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-8 06:15:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمىكەن! ئاشۇ ئىچكىرگە باردىغانلار نىڭ قوللانمىسى قىلسىمۇ بولغۇدەك !! تىما ئىگىسىگە رەخمەت،ئۇيغۇرلار ئوبرازىنى باشقىلار تىكلەپ بەرمەيدۇ بىزگە ..........!

كەلمەك ئاسان بۇدۇنياغا ،تۇغۇلساقلا بۇلىدۇ.كەتمەك قىيىن ئۇدۇنياغا،ئۇز كەتكەننى كىم كۆرۈپتۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80054
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2231
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 569 سائەت
تىزىم: 2012-5-12
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-8 06:58:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ گەپلەرنى بىزگە باش بولۇپ كەلگەن ئوقۇتقۇچىلىرىمىز بىزگە كۈندە دىگۈدەك دەپ قۇلىقىمىزمۇ پىشىپ كەتتى ، مەنچە بىز بۇ جەھەتلەردەئۇلاردىن ئىشىپ كەتسەك ئىشىپ كىتىمىزكى  ھەرگىز ئۇلاردىن قالمايمىز ،مىنىڭ دىگىنىم ئەخلاق جەھەتتىن ،  يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلماڭ دەپ قاپسىز ، بىزنىڭ بۇيەردىكىلەرنىڭ گەپ قىلىشىنى ئاڭلىسىڭىز ئۇرۇشۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ قالىسىز ،لابا بىكار قالسۇن ھە ، خۇدايىم بۇيرىسا يەنە ئىككى ئاي قالدى بۇ يەردىن كىتىدىغانغا ، بىزنىڭ شىنجاڭ ھەقىقەتەن ياخشى جاي ئىكەن جۇمۇ

دوستىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر خوشال ئۆتىسىز.جۆرىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر بەخىتلىك ئۆتىسىز.كەسپىڭىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83735
يازما سانى: 274
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3628
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2012-8-10
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-8 07:29:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى تىما بوپتۇ .....تىمائىگىسىگەكوپتەشەككۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57398
يازما سانى: 470
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5498
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2011-9-21
ئاخىرقى: 2013-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-8 07:32:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىچكىرگە بىرىپ قالساق ئەسقاتىقىدەك ياخشى تىما ئىكەن .

ھويلامىنى بىزەپ قويدۇم.كۈرۈپ بىقىڭلار (كۈلگەن  چىراي ئىپادىسى )

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2498
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10486
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 295 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-8 07:34:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر قاراپلا ئوغرى  يانچۇقچى دىمەيلى

شاھزاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 875
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5053
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 386 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-8 07:38:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە ....................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3465
يازما سانى: 485
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10816
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 539 سائەت
تىزىم: 2010-7-6
ئاخىرقى: 2013-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-8 07:54:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي دات ،،،،،،پىشانىسى تەتۈر ئادەم مۇشۇنداق ساھەلەر بويىچە ياردەم بىرىش
دىگەن شامالغا ئەگىشىپ ئىچكىرىگە كېلەمدىكىن ؟ ئىچكىرىدە ئىككى يىل ئوقۇپ كەلسە
خىزمەت بېرىدۇ ، نمە دىگەن چىرايلىق سۆز ھە ؟ ئىچكىرىدە بىر يىل ئوقۇتىدىكەن ،.
قالغان بىر يىل ۋاقىتنى «پىراكتىكا »دىگەن نام بىلەن يۇرتىغا قايتۇرۇپ 500كوي تۇرمۇش
پۇلى  بىلەن مۇئاشسىز ئېشەكتەك ئىشلىتىدىكەن ،،،،،پۈتۈنلەي ئۈنۈمسىز ئىشلار ،،،
ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ،،،،،،،،ھەرگىز بارماڭلار ،،،،،،،،،،

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
sargarda + 33 ئەقىللىقكەنسىز

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 33   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش