ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!!!ئەردەمئايدىن ھەممىڭىزلەرگە سالام!!!!
مەڭگۈگە موشۇنداق ئاق بولسا دۇنيا
كۆك پەرىسى زىمىنغا چاچقۇلارنى چاچقاندەك،
ئاقلىق پاكلىق زىمىنغا باغرىنى كەڭ ئاچقاندەك،
قاماشتۇرۇپ كۆزلەرنى ئاق چېچەككە پۈركەپتۇ،
كائىناتقا لىباستىن شاھى تونلار ياپقاندەك.
قىش زىننىتى ئاپئاق قار ھۆسۈن قوشۇپ ئۆزگىچە،
باھاردىكى ئاق گۈلدىن تىزىپ كۆركەم گۈلدەستە،
ئاتا قىپتۇ زىمىنغا جەزبىدارلىق گۈزەللىك،
ھەممە ياقنى قاپلاپتۇ پاك تۇيغۇ ھەم ساپ كۈلكە
.
ئاق تەبىئەت ئاق دۇنيا،ئاپئاق زىمىن يەر جاھان، بۇ ئاقلىق ھەم ساپلىققا پاك تۇيغۇلار ھۆكۈمران، زىمىن گويا بۇۋاقتەك بىغۇباردۇر پاكىزدۇر، سوۋغا قىلدى پاكلىقنى قىش بولسىمۇ زىمىستان.
پاكلىنىپتۇ تەبىئەت بىز تەشنادۇق پاكلىققا،
رەزىللىكتىن بىزاردۇق ئىنتىزاردۇق ساپلىققا،
قار يوشۇرغاچ باغرىغا زىمىندىكى سەتلىكنى،
ئايلىنىپتۇ بۇ زىمىن سۈزۈكلۈككە ئاقلىققا.
بۇلاركەنمىز مۇيەسسەر قىش پەسلىدە ئاقلىققا،
گەر كەتسىمۇ قار ئېرىپ زىمىن يەنە ئاق تۇرسا،
ياشالىساق ھەمراھ قىپ پاك تۇيغۇنى ساپلىقنى،
مەڭگۈلۈككە مۇشۇنداق ئاپئاق بولسا كەڭ دۇنيا.
مەنبەسى:ئۆز قەلىمىم(ئەردەمئاي)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-8 02:12 PM
|