ئېرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قىلىپ ئاچچىقىدا لاتارىيە سېتىۋېلىپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىش
خېبېي ئۆلكىسىلىك بىر ئايال يولدىشى بىلەن ئۇرۇۇپ قېلىپ ئاچچىقىنى چىقىرىش ئۈچۈن لاتارىيە سېتىش ئورنىغا كىلىپ تەلۋىلەرچە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغان، ئويلىماندا 59مىليون940مىڭ يۈەنلىك كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
6-چىسلا ئەتىگەندە خېبېي ئۆلكىلىك لاتارىيە مۇكاپاتىنى نەقلەشتۈرۈش مەركىزىگە بېشىغا ياغلىق چىگىپ ماسكا تاقىۋالغان بىر ئايال كىرىپ كەلگەن،ئۇ ئەتراپنى بىر قۇر كۈزۈتىۋەتكەندىن كىيىن ئاندىن ياغلىقى بىلەن ماسكىنى ئېلىۋەتكەن، ئەسلىدە ئۇ 20ياشلار چامىسىدىكى قىزچاق بولۇپ،ئۇ دەل 10نەچچە كۈن ئىلگىرى چىققان كاتتا مۇكاپاتنىڭ ئىگىسى ئىكەن.
قىزچاقنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە يولدىشى ئۇنىڭ لاتارىيە بىلىتى سېتىۋىلىشىغا قەتئى قۇشۇلمايدىكەن،شۇ سەۋەپلىك دائىم ئۇرۇش-جىدەل قىلىدىكەن.10-ئاينىڭ22-كۈنى ئۇلار يەنە قاتتىق ئۇرۇشۇپ قالغان، ئاچچىقىغا پايلىمىغان قىز ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن ھەم ئۇدۇل لاتارىيە بىلىتى سېتىش ئورنىغا بېرىپ تەلۋىلەرچە بىلەت سېتىۋالغان ھەم ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىكىگە قارىغاندا نۇرغۇن ھەسسىلەپ تىككەن. ئويلىمىغان يەردىن بىر كاتتا "مىليونىر"مۇشۇنداق مەيدانغا كىلىپ قالغان.
ئۇنىڭ دىيىشىچە ئۇرۇشۇپ قالغان ئاشۇ كۈنى ئۇنىڭ بەك ئاچچىقى كەلگەن ھەم بىلەت سېتىش ئورنىغا كىلىپ "مىنى نىمە قىلالايتتىڭ"دىگەن مەخسەتتە بىلەت سېتىۋالغان،ئويلىمىغان يەردىن بايلىق مۇئەككىلى ئۇنىڭغا بىر دۆۋە "ئالتۇن تاغ "سوۋغات قىلغان.
بۇ قىزچاق مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن بۇ ئىشنى پۈتۈن خەلقى ئالەم بىلىپ كەتكەندەك دەككە- دۈككە ئىچىدە يۈرۈيدىغان بولۇپ قالغان،باشقىلارنىڭ گۆرۆگە ئېلىۋېلىشىدىن ياكى پاراكەندىچىلىك سېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالغان.ئۆزىنىڭ ئەزەلدىن بۇنداق زور بىسمغا دۇچ كىلىپ باقمىغانلىقىنى ئېيتقان،ھەتتا مۇكاپات ئېلىشتىن ۋاز كەچمەكچىمۇ بولغان بىراق يەنىلا ھېلىقىدەك ياسىنىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگىلى بارغان.
ئۇنىڭ دىيىشىچە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشنى داۋاملاشتۇرۋاتقىلى 5-6يىل بولغان بولۇپ،تەلىيىمۇ يامان ئەمەسكەن،بىر قانچە قىتىم نەچچە مىڭ يۈەنلىك مۇكاپاتلارغىمۇ ئېرىشىپ باققانىكەن.
مەنبە:
http://www.zaobao.com/wencui/2012/11/xmrb121107ma.shtml
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-8 12:19 PM