مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3294|ئىنكاس: 38

ئېتوت:«ئاجرىشىش»(سىنارىيىسى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86957
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 223
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 38 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-7 10:06:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىتوت:ئاجرېشىش

ئاپتۇرى:قېيۇم مۇھەممەت

روللاردا:

داۋۇت(يولدېشى)،  زۆھرە(ئايالى)،  ئالىمجان (كادىر)

ئورنى:كادىرنىڭ ئىشخانىسى

(زۆھرە داۋۇتنى ئالدىغا سېلىپ كېرىدۇ)

ز:-ھېي دەلتى گاچ گاچ ماڭە ھە،مىسىىلدىماي، ھۇ 95-نۇمۇرلۇق كالاچ!!!

د:-(سولىشىپ)ۋاي مانا مانا گۆس-گۆس مېڭىۋاتىمە، نىمانچە ئالدېرايدىكى قېينانىسىنىڭ تۇيىغا ماڭغاندەك، بىكادىن بىكا ئاجرىشىمىز دەپ ، يا مەن ئۇ يەرنى بىلمىسەم

ز:-ھېي لەقۋا ئاجرېشىدىغان يەرچۇ خانئاچاڭغا بەش قولدەك ئايان ، ئولتۇرە مىيەدە،ئاۋۇ ئالىم قىزىل قەغەز كىرىپ بولغۇچە دىيىشۋالىلى ، ما ئۆينى ياخشىسى بىكالاپ چىقىپ چىقىپ كىتە ، سەن ئاۋۇ ئۆيدىكى قازان قۇمۇچ يوتقان كۆرپىلەنى ئېلىپ يۇقال .

د:-ۋاي قايسى ئۆينى ؟ ئۇ ئۆينى مىنىڭ دادام ئېلىپ بەرگەنكىن سەن چىقىپ كەتسەڭ ئادىل بولا ماۋۇ

ز:-ھېي كالاڭپاي،ئەر كىشى تۇرۇپ يەنە مەندىن ئۆي دەيسەنغۇ.

د:-كالاڭپاي دېمە ۋاي سەت تېتىقسىز لاۋزا تەمى يوق قىرتاق مايماق!!!

ز:-ماۋۇ دەلتىنى (داۋۇتنى قوغلايدۇ، داۋۇت قاچىدۇ،ئىككىسىنىڭ جىدىلى ئارىسىغا ئالىم كىرىپ قالىدۇ)

ئا:-ھېي ماۋۇ قانداق يەر ماۋۇ؟ھۇ ئادەم بولمايدىغان .... ئادەملە!!!ئولتۇرىلى ھە ، نىمىش بولدى؟

(زوھرە يىغلايدۇ، داۋۇت ئۇنىڭغا ئەگىشىپ يىغلايدۇ، داۋۇت خۇتۇنىنىڭ يېشىنى سۈرۈتۈپ قۇيىدۇ، خۇتۇنى تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ يىغلايدۇ)

ئا:-ھېي!!! نىم بولدى دېيىشە ، ۋۇيت زوھرەخان ئاچا يەنە سىزغۇ؟ توۋا ...نىمىش بولدى دەيلى ھە

ز:-ۋاي قاراڭ ئالىمجان قىزىل قەغەز، ياق ئالىمجان ئۇكام، بىز ئاجرېشىلى دىگەن ماۋۇ ئۆينى ماڭا بەمەيۋاتىدۇ

د:-بىكادا قالغان ئۆي يوق ، مىنىڭ دادم ئەپ بەگەن ئۆي بولغانكىن ، بەمەيمە شۇ

ز:-ئولتۇرە ۋاي داۋۇتەك دەلتى

د:-دەلتى دىگەن ئۆزەڭ ۋاي زۆرەك لەنىتى

ز:-ماۋۇ ساراڭنى (ئۇرۇشقا تەمشىلىشىگە...)

ئا:-ھوي!!! ئادەم بامۇ!!! قۇتقۇزۇڭلا !!!

د:- نىم بولدى ئۇكام؟ (زۆھرە مۇ تەڭلا دەيدۇ)

ئا:-نىم بولاتتى ، ئايالى ئېرىگە زوراۋانلىق قىلىۋاتىدۇ. ئۇرۇڭە زۆھرەخان ئاچا ، قاراپ تۇرىسىزغۇ ئۇرۇڭە ، ھېي جىق ئەرگە تىگىپ جىق ئاجراشسا مۇكاپاتى با دەپ خەۋەر كەلدېما بىر يەدىن ، ھېلىمۇ داۋۇتكامنىڭ ياۋاشلىقى ، بىر ئوبدان ھۆنىرى بىلەن بېقىۋاتىدۇ سىزنى، ھېي ئاكا سەن چىقىپ تۇرە ماڭ، ھېلى چاقىرغاندا كىر(داۋۇت چىقىپ كىتىدۇ)

ئا:-ھە گەپ بولسا قىلىلى ھە

ز:- ھە شۇ ياۋاش بولغاچقا ئۇكام كۆرەۋاتقان كۈن مۇشۇ، قاراڭ ئالىمجان بۇرۇنقى ئەلىرىمنى ھە دېسىلا ئۇرىدۇ دەپ ئاجرېشىپ كېتىپتىكەنمە ، ما قارىم ئاچىىقى كەلسە يا قولنى ئىگىز كۆتۈرۈپ بىر مۇش سالامىغان ، ئەتىدىن كەچكىچە ئۇخلاپلا يۈرگەن ، پۇلغۇ تاپىدۇ ئەمما ماڭا پايپاققا چاغلىق بىر نىم ئەپبەمەيدۇ بۇ پىخسىق،تاماق ئىتىشقۇ قولىدىن كەلمەيدۇ، تاياق ئىتىشمۇ كەلمىسە ئۇكام ، شۇڭا ئاجرېشىپ كىتەي دېدىم

ئا:-ھە... گەجگەم قىچىشىپ كەتتى دەڭە ئاچا .ھېي زوھرەخان ئاچا ھېلىمۇ مەھەللىدە زۆھرە توققۇز دېسە سىزنى تۇنۇمايدىغىنى يوق ، داۋۇتكام سىزنىڭ توققۇزىنچىسى. مۇشۇمۇ باھانە بولدېمۇ؟بۇ ئەر كىشى ئەر كىشىدەك بولمىسا ، ئايال كىشى ئايال كىشىدەك بولمىسا بىر ئۆينى ئۆي قىلىش ئاسانما ؟

ز:-ئۆتكەندە بازاغا بارغان ئۇكام خەق ماڭا قاش ئاتسا قاراپ تۇرىدۇ تىتاڭ پەدە گەپ قىلىپ ، يا بىر ئەر كىشىدەك ئەمەس بۇ ، ئاجراشتۇرېۋېتىڭە.

ئا:-قۇللۇق باش ئۈستىگە . مېڭڭە چىقىپ ئېرىڭىزنى چاقىرىڭ(زۆرە چىقىپ كىتىدۇ)

ئا:-كىلە ھە ئاكا ئولتۇرە ، ئايالىڭ سېنى نىم دەيدۇ بىلەمسە؟

د:-ياق

ئا:-ياق(د نى دوراپ) دەپ ئولتاساڭ بىلمەيسە شۇ، سېنى ئەر كىشىدەك ئەمەس دەيدىغۇ

د:-ۋىييىي ئۇكام مانا ئەر كىشىدەك كىيىم كىيىپ يۈردۈم، بۇرۇتۇم با ئاۋازىممۇ ئەر كىشىدەك چىقىدۇ، تاماكا چىكىمە يەنە قايىرىم ئەر كىشىدەك ئەمەسكەن ؟

ئا:-ساقال بۇرۇتلا بولسا ئەر كىشى بولمايدۇ ،(تاماششىبىنلارغا) تاماكا دىگەننى بەزىبىر ئاياللىرىمىز سەندىن ياخشى چىكىدىغان بوپ كەتتى قېپىنىڭ ئۈستىدە تاماكا چىكىش سالامەتلىككە پايدىلىق دەپ خېتى بولغاچقا. ئۆتكەندە بازاغا چىققىندا خەق ئاياكىڭغا قاش ئېتىپتىغۇ

د:-ئاتتى(خۇشال)

ئا:- ئاتتى دەپ قاراپ تۇدۇڭ دېگىنە

د:-ياق خۇتۇنغامۇنداق دېدىم ، خۇتۇن ئا باللا يامان چىرايلىق ئۇماق چوڭ بوپتۇ ھە چوڭ بولغاندا كادىر بولىدىغان باللىكەن بىزگە كۆزى چۈشكەن ئوخشايدۇ، بىزگە چېدىمايۋاتىدۇ ، ئاخسا ماڭىلى يولدا ئىچىنى قىزارتىپ دېسەم ..

ئا:-دېسەڭ ھە ...

د:-دېسەم (يىغلاپ)چاڭڭىدە ئۇردى

ئا:-يىغلىمىغىنە ئادەمنىىڭ ئىچىنى ئاغىرتماي،

د:- (ھېسىياتلىق)كوچىنى كوچا دېمەي ، ئۆيدە ئادەم با يوق دېمەي ئۇرېيۋەسە ، ئەمدى مىنىڭ ئازراق مېيىپ بوپ قالغىنىمدىن پايدىلىنىپ بۇنداق خارلىسا ئا دۇنياغا بارغاندىمۇ سورېقى با ئۇكام، مېيىپمۇ ئادەم ، مىنىڭ پەقەت كاللام ئىشلىمەيدىغان مېيىپ ئەمەس ، ئۇراي دېسەم ئۇرېۋېرىمە ئاياللارنى ئۇرۇش ئەر كىشىنىڭ ئىشى ئەمەس ئۇكام ، ئايال كىشىنى ئۇرغانلىق ئاپىمىزنى ئۇرغانلىق بىلەن باراۋەركەن دادام رەھمەتلىك شۇنداق دەيتتى.ھازىر قىۋالدىم ئىتىۋالدىم دەيدىغان جاھان ئەمەس، سورېقى با جاھان ئۇكام ماۋۇ

ئا:-راس دەيسە ئاكا

د:-ئۇيۇق - ئۇيۇق بولمىسا ئۇكام ئۆيدە ، كېچىچە خورەك تارتىپ پۇشۇلداپ بوقىدەك قىلىپ  ، ئىشقىلىپ 24 سائەت ماڭا ئارامچىلىق يوق ، سەۋرىم توشتى ئۇكام مىنى ئاجراشتۇرېۋېتىڭە

ئا:-نېمە؟خورەك تاتامدۇ بۇتېخى ؟

د:-تاتمامتىكى،ماۋۇ خورەك تاتىدىغان بولسا 4 تام مېدىرلاپ كىتىدۇ ئۇكام ئۆيدە

ئا:-ھېي ھېي داۋۇتكا بۇنچىلىك ئىشلارنى دەپ سەتلىشىپ يۈرمەڭلا ، ماۋۇ خوتۇن بىلەن ئۆيۈڭلانى تۇتۇپ قېلىڭلا، بىر بالاڭلا بار ، خەق قىلغاننى سىلە قىلىپ يۈرمەڭلا قانداق

د:-ئۇنىماسمىكى ئۇكام؟

ئا:-قۇپە قۇپە ئونايدۇ ، كەمىرىڭنى يىشە

د:-ئۇكام خۇدايىم بۇيرېسا ساق سالامەتچىلىك

ئا:-ئاي..!! ھېي ئاكا مەن سېنى بىر نىم دېمىدىم كەمىرىڭنى يىشىپ ماۋۇ جوزىغا بىرنى ئۇرە

د:-ساراڭمۇ مەن نىمىشقا جوزىنى ئۇرىمەن؟

ئا:- ھېي خوتۇننى ساۋداشنى ئۆگىتىپ قۇيىمەن

د:-توۋا دەڭە ئۇكام ، مەن ئادەم ئۇرۇپ باققان بەندە ئەمەس مەن

ئا:-ئەمسە ئاجراشتۇرمايمە، تايىقىڭنى يەپ ئولتۇر

د:-ئەمسە سىز دېگەننى قىلاي

ئا:-كەمىرىڭنى يىشىپ ماۋۇ جوزىغا قاتتىق بىر نى ئۇرە (قاملاشتۇرالمايدۇ)

ئا:-ھېي ئادەمنى جىلە قىلماي بولە تىز ، تاماق يىگەنما؟

د:-يىگەن

ئا:-نىم يىگەن؟

د:- گەنبىيەن سومىيەن

ئا:- ئۇرە ئەمسە(يەنە قاملاشتۇرالمايدۇ)

ئا:-(تازا ئاچچىقلاپ)ۋاي ۋاي ۋاي، ھېي ئىچىمنى ھەجەپ سىقتىڭ بۇنداق قىلساڭ خۇتۇننى قانداق باشقۇرىسە؟ سېنى بىر ئاجراشتۇرۇپ خۇتۇنىڭنى بوغالتىر مەمەتكامغا ئەپ بېرەيمىكى يا

د:-شۇنداق قىلىڭە ئۇكام مەنمۇ بىر قۇتۇلاي مۇشۇ خۇتۇندىن(گەپنى دەۋېتىپ بىر نىمىنى ئويلايدۇ)

ئا:- كىلە ئەمسە قول قۇيە مىيەگە

د:-(ئاچچىقى تازا كەپ ئالىمنى قوغلاپ كىتىدۇ) قايسى خوتۇننى كىمگە ئەپ بېرىسە ، مەن ئاران ئالغان خوتۇن ئۇ ، خەپ خەپ قاراپ تۇر ھە

ئا:-ۋاي قۇتقۇزۇڭلا قۇتقۇزۇڭلا (زۆھرە كىرىدۇ ، قورقۇپ كىتىپ قاتتىق بىر نى چىقىرايدۇ)

د:-(قاتتىق ئاچچىقلاپ)ھېي زۆرەك . مەمەت قوساق بىلەن ئىش پەش تاتىشىپ يۇردۇڭما ھە ؟!

ز:-(قورقۇپ)كىم شۇنداق دەيدۇ توۋا دېسىلە دادىسى

د:-ماۋۇ ئالىم قەغەز شۇنداق دەيدېغۇ. (ئالىمغا)ئەپ بېرەمسىلە ئۇكام مەمەتكە سىلە دەللال بولغانكىن

ئا:-ۋاي تۈزۈك گەپ قىلە ۋاي ئاكا

د:- گەپ با ئوخشىمامدۇ ، ھېلى بىكا ماۋۇ كەمەر بىلەن يەپ كەتمەڭ مەندىن ھە

د:-زۆھرەخان ئاجرېشامدۇق؟

ز:-ياق ،،،ئاجراشمايمىز(قورقۇپ)

د:-دادام بەگەن ئۆينى قانداق قىلىمىز؟

ز:-ئىككىمىز بىللە تۇتىمىز

د:-ماڭە ئۆيگە ،قالغىنى ئۆيگە بېرىپ دېيىشىمىز ماڭە (زۆھرەنى ئالدىغا سېلىپ كىتىدۇ)

ئالىم:-توۋا نىم بوپ كېتىۋاتىدۇ ھېي،(جوزىغا كىلىپ ئولتۇراي دېيىشىگە ئۇنتۇلۇپ قالغان د نىڭ كەمىرىنى كۆرىدۇ) ، ماۋۇ ئادەم يەنە كەپ يۈرمىسۇن ، داۋۇتكا ماۋۇ كەمىرىڭ قېپ قاپتۇ (د نى قوغلاپ چۈشۈپ كېتىدۇ)

2009-يىللىق شىنجاڭ سەنئەت ئېنىستىتۇتىنىڭ نۇرۇزلۇق سەنئەت كېچىلىكىدە ئوينالغان،2010-يىلى ئىنتىل تىل تەربىيەلەش مەكتېۋېنىڭ پائالىيىتىدە(ئۈزۈمزار رېستۇرانىدا) ئوينىغان.بۇيىللىق قۇربان ھېيىتلىق كورلا شەھرىنىڭ ئۇيۇشتۇرغان سەنئەت كېچىلىكىدە ساۋاقداشلىرىمىز تەشكىللىنىپ يەنە بىر مەيدان ئوينىدى(بۇ كېچىلىك ئۈرۈمچى تېلىۋېزىيە ئىستانىسىدا كۆرسېتىلدى)2012.-يىلى10- ئاينىڭ 8- كۈنى قارامايدا ئۆزگەرتىپ يېزىلدى.

ئەسكەرتىش:-بۇ ئىتوت كەڭ تورداشلارنىڭ ئوقۇپ پىكىر بېرىشى ئۈچۈن يوللاندى. باشقا ئىشلار بولسا مەن بىلەن ئالاقىلاشساڭلار بولىدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قېيۇم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-7 10:22 PM  


ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1998
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18575
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7556 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-8 12:10:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز ئويناپ مۇنبەرگە يوللامدۇقيا ؟؟؟  

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86084
يازما سانى: 355
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1838
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2012-10-15
ئاخىرقى: 2014-7-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-8 12:27:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز ئويناپ مۇنبەرگە يوللامدۇقيا ؟؟؟  

ۋاھ ئاكتىيۇرلۇقتىن خەۋىرىڭىز بار ئوخشىمامدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19555
يازما سانى: 1860
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4317
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 1002 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2014-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-8 01:13:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
oyqan0999 يوللىغان ۋاقتى  2012-11-8 12:27 AM
ۋاھ ئاكتىيۇرلۇقتىن خەۋىرىڭىز بار ئوخشىمامدۇ؟

مىنىڭ خەۋرىم باتى؛

ھىجاب ئاتا بوۋاڭدىن،ئەرەپلەردىن قالغانمۇ دىگۈچىلەرگە بىر كەلىمە سۆز،جەھەننەم ساڭا ئەبۇجەھىلدىن قالغانمۇ؛

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86084
يازما سانى: 355
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1838
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2012-10-15
ئاخىرقى: 2014-7-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-8 01:16:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ خەۋرىم باتى؛

مىنىڭمۇ ئازراق خەۋىرىم با.ئەمسە رەپىدىس قىلىپ باقمامدۇق؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86774
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 78
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-8 01:17:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئوپىراتور بولاي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86957
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 223
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 38 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-8 09:31:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق مەن ئاكتىيورلۇق كەسىپتە ئوقۇغان. باھا بېرىڭلا تورداشلار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86957
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 223
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 38 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-8 09:33:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aptap104 يوللىغان ۋاقتى  2012-11-8 12:10 AM
بىز ئويناپ مۇنبەرگە يوللامدۇقيا ؟؟؟

شۇنداق مەن ئاكتىيورلۇق ئوقۇغان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19555
يازما سانى: 1860
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4317
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 1002 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2014-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-8 10:38:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن رىژىسور بوپ بىرەيمۇ خىلى سەۋىرەم بار جۇمۇ؛

ھىجاب ئاتا بوۋاڭدىن،ئەرەپلەردىن قالغانمۇ دىگۈچىلەرگە بىر كەلىمە سۆز،جەھەننەم ساڭا ئەبۇجەھىلدىن قالغانمۇ؛

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86170
يازما سانى: 312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 760
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 178 سائەت
تىزىم: 2012-10-17
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-8 10:42:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ رول ماڭاماس كەلمەيدىكەن.

ياش ئىدۇق...بىر زامانلاردا~~~~~~~~~~~~!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش