
سۆيگۈ سورىقى
قەلبىڭدىكى مۇھەببەت ئوتى ،
ئېيتقىن جېنىم قالدىمۇ ئۆچۈپ .
ماڭا بولغان ئاشۇ چىن سۆيگۈڭ ،
ئۆزگىلەرگە كەتتىمۇ كۆچۈپ .

ئايغا قاراپ سۈرىسەن خىيال ،
پاك قەلبىڭدە كېزەر مىڭ سۇئال .
ئويلىرىڭدا بارمۇ مەن جانان ،
چىن سۆيگۈمگە قىلمىغىن ئۇۋال .

كۆزلىرىڭگە قاراپ بەزىدە ،
بىلىپ - بىلمەي قالىمەن قېتىپ .
يارا قىلدىڭ بۇ پاك يۈرەكنى ،
قايغۇ ، ئازاپ ئوقىنى ئېتىپ .

سەندىن سوراي ئەي بىۋاپا يار ،
مەندىن ئۈمىد ئۈزگىنىڭ راستمۇ .
سەن دەپ سوققان ئاشۇ يۈرەككە ،
قالدۇرغىنىڭ دەرت ۋە ئازاپمۇ .

مەنبە : قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا konajay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-7 01:34 PM