bugaltir يوللىغان ۋاقتى 2012-11-7 02:05 PM 
بۇ مەسجىد بەكمۇ كۆركەم ئىكەن .
بۇ مەسجىد توغرىسىدا ...
بەيتۇللا مەسچىت ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چوڭ مەسچىتلەردىن بىرى ھېساپلىنىدۇ .بۇ مەسچىتنىڭ ئەسلىدىكى راۋاخلىق كونا پەشتىقى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سېلىنغان .بىلال نازىم دېگەن داڭلىق شائىر بۇ پەشتاختا ئولتۇرۇپ نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان .ئۈچ ۋىلايەت ئېنقىلاۋى باشلانغاندا ئىلىخان تۆرە بۇ مەسچىتتە خەلقنى جەڭگە سەپەرۋەر قىلغان نۇرغۇن ياش ئوغلانلار بۇ مەسچىتتە قۇرئان تۇتۇپ قەسەم بېرىپ جەڭگە ئاتلانغان ...
يۇقارقى رەسىمدىكى ھەيۋاتلىك ئاق بەيتۇللا مەسچىت بولسا 90-يىللاردىن كېيىن سەئۇدىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر بايلار ۋە ئىلىدىكى بايلارنىڭ ئېقتىساد چىقىرىشى بىلەن ھۆكىمەتنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ سېلىنغان .ھازىر كونا مەسچىت پەشتىقى مەسچىتنىڭ ئالدىدا بار .ئۇمۇ مەدەنى يادىكارلىق بولغاشقا چېقىۋىتىلمىگەن .