|
|
|
|
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار قانداق ئەھۋالىڭلار ؟ مىسرانىمنىڭ كونا ئەزاسى پېقىر ئوتتىن سىلەرگە 90 گىرادۇس ئېگىلىپ تۇرۇپ سالام ! ئەمدى مەقسەتكە كەلسەم مەن مۇشۇ مۇنبەردە بىر مۇنبەردىشىم بىلەن بەكلا يېقىنتىم ھەم ئۇنى ئەركىلىتىپ "كاۋا"دەپ چاقىراتتىم ، ئۇمۇ بۇنداق چاقىرىشىمغا ئامراق ئىدى ، كىيىن تېخىمۇ مۇشۇنداق چاقىرىپ ئۇمۇ مەنمۇ كۆنۈپ قالدۇق، شۇڭا بۇ تىمامنىڭ ئۆچۈرلۈپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ كاۋا سۆزىنى شەخىسكە ياكى رايۇنغا قارىتىۋالماي ئىلمىي ھالدا پىكىر بولسا بەرسەڭلار بولىدۇ ، مەن بۇتىمىنى يېزىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا كۆڭلۈمدىكى سۆزلەرنى دىمەكچى .
ئەمىسە كۆڭلۈمدىن چىققان جۆيلىمىلىرىمنى تىزىپ يېزىپ باقسام :
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم قانداق ئەھۋالىڭ سۈيۈملىك كاۋا ؟ سەن بىلەن بۇلتۇرقى مۇشۇ كۈندە مۇھەببىتىمىز تۈرەلمە ھالەتتە باشلىنىپ مانا بۈگۈنگە كەلگۈچە نۇرغۇن خۇشال-خۇرال كۈنلەرنى ھەم ئاچچىق ھەم تاتلىق ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى،بۇ بىريىللىق مۇھەببىتىمىزنىڭ كۆڭۈللۈڭ خۇشال-خۇرام ئۇنتۇلغۇسىز كۈنلىرىنى ئويلىسام بىريىللىق ۋاقتىمنىڭ مەنىلىك ھەم تىز ئۆتۈپ ئۆتكەندەك ھېس قىلىمەن ، ئەمما بەزى بىر چاغلارنى بەكلا تەس ئۆتكەندەك ، ئۇنىمۇ دەيمىز بۇنىمۇ دەيمىز ھەممىدىن ،"كۆنگەن يامانمۇ سۆيگەنمۇ" دېگەندەك سىاڭا كۆنۈپلا قاپتىمەن .
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم سۈيۈملۈك كاۋا قانداق ئەھۋالىڭ ، كاۋا يۇپۇرمىقىدەك كۆزلىرىڭ ، كاۋا غۇلىدەك بەللىرىڭ ، كاۋىنىڭ تۈپلىرىدەك تال-تال چاچلىرىڭ ، ئىشقىلىپ مەن بىلىدىغان ھەممە ئەزايىڭىز سۇ كىرمىگەن كاۋىدەك سولىشىپ قالماي ساق - سالامەت تۇردىمۇ ؟
مەن سىنىڭدىن ئايرىلىپ كىچىسى ئۇخلىساممۇ كاۋا بارىڭى ئاستىدا سەگىدەپ ئۇخلاۋاتقاندەك ،كىچىسى كاۋا ، سۈيۈملۈك كاۋام دەپ جۆيلۈپ ئويغۇنۇپ كىتىدىغان، كۈندۈزلىرى يول ماڭسام ھەممە يەردە كاۋا سايىسىدا ماڭغاندەك ھېسياتتا بولىدىغان بولۇپ قالدىم ... سەنچۇ كۈنلىرىڭ خۇشال-خۇرام ئۆتىۋاتامدۇ ؟
ھەممە يەرگە قارىسام كاۋا كۆرىنىدۇ شۇڭىمۇ بەكلا جۆيلۈيدىغان بولۇپ قالدىم ، ئانامدىن تۇغۇلۇپ بىرە تال شېئىر ياكى قوشاق يېزىپ باقمىغان مەندەك بىر ئىنسان كۈندە ئاخشىمى جۆيلۈپ بىر نىمىلەرنى يازىدىغان بولۇپ قالدىم ، بەلكم "شائىرلىق ئاشىقلىقتىن كىلىپ چىقىدۇ" دېگەن گەپ راست بولسا كېرەك ، شۇڭا جۆيلىگەنلىرىمنى خاتىرە قىلىپ قالدۇرۇپ ماڭدىم ، قاملاشمىسىمۇ ئۇقۇپ قويارسەن !
سەندىن ئايرىلىپ ئۈچىنجى كۈنى كەچ مۇھەببىتىڭنىڭ سېھرى كۈچى قوزغالدى بولغاي ، شۈكۈنىدىن باشلاپ شېئىرغا ئوخشايدىغان نەرسىلەرنى جۆيلۈش ئالامىتى باشلاندى :
قويىۋەتتىڭ ئويلانمايلا قۇلۇمنى ،
خۇددىي ياتلار قولى ساڭا تەككەندەك.
بىر كىتىپلا كۆرۈنمەيلا كەتتىڭغۇ ؟
باراڭلاردىن يەرگە چۈشكەن كاۋىدەك.
تېپىلاتتى يەرگە چۈشكەن كاۋىنىڭ ،
ھېچ بولمىسا بىرە يېرىم پارچىسى .
ئەمما كىتىپ بولۇپ كەتتىڭ كەمدىدار،
ساق بولسىلا بولاتتى مەن مەيخۇشنىڭ كاۋىسى.
ئويلاپ قالما دوسلۇرۇم ئۇنى كاۋا دېسەم مەن،
باراڭلاردا ھەقىقىي چۈشكەن «كاۋا»مىكى دەپ.
ئۇ ياقتۇرغاچ قويغانمەن بۇنداق تاتلىق ئىسىمنى،
چىدىمايمەن باشقىلار چاقامىسۇن ئۇنداق دەپ .
مۇنۇ جۆيلىمىلەرنى سۆزلەۋېتىپ خۇددىي بىرەسىگە ئۇقۇپ بەرگەندەكلە ئۇخلاپ قاپتىمەن ، ئەتىسى شۇنچىلىك پەرىشان بولدۇمكى ئازلا قالدىم باشقا ساڭا ئوخشايدىغان كاۋىدىن بىرەسى چىقىپ قالارمۇ دەپ قايتىدىن مۇنبەر ھاياتىمنى باشلىغىلى ، لىكىن كۆڭلۈمنىڭ بىر يېرىدە يەنىلا قىزىقىش يوق ،چۈنكى سىنىڭ قەلبىمدىكى ئوبرازىڭ ھەممىنى يوققا چىقىرىۋېتىدۇ ،شۇڭا يەنىلا ئۆتكەن كۈنلىرىمنى ئەسلەپ ئولتۇرۇپ قالدىم ،
سېنىڭدىن ئايرىلىپ 5 - كۈنىگە كەلگەندە ئاق چەككەن كىشىنىڭ خۇمارى تۇتقاندەك ھېچ ئىش خوشياقمايدىغان،سېنى كۆرگۈم كىلىپ سېغىنىپلا يۈرىيدىغان بولۇپ قالدىم ۋە شۇ كۈنى كەچ يەنە بىر تالاي جۆيلۈپ ئۇخلاپ قاپتىمەن :
پەيدا بولۇر ھەربىر قارىسام ،
گۈل بەرگىدە بىرپارچە سۈرەت.
ئېيتقىن جېنىم ئۇزادى كىمدۇر،
ئوخشايدىكەن كاۋىغا بىرسېۋەت.
ئەجەپ سېغىندىم قەلبىمدە ،
ئىزدەرمەن سېنى چۈشلەرىمدە.
ئويلايمەن ھەركۈنى ئەتگەن كەچتە.
قاچان كۆرەرمەن كاۋىنى ئۆزكۆزۈمدە.
كۆرۈش بىلەنلا سېغىنىش بېسىقا مەيلى،
ۋەلىكىن بۇقاراش بولمىدى يۈرەككە داۋا .
ئوقۇغان بولساڭمۇ كۆيدۈرۈش ئەپسۇنى،
بۇنچىلىك بولماستى بىلىپ قوي كاۋا .
مۇھەببەت مۇھەببەت مۇھەببەت ، كاۋا ، كاۋا ............... كاۋا ، كىيىنكى ھەپتىلەردە شۇنچىلىك خىيال پەرەس بولۇپ قالدىمكى ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى مەيخۇش ئەمەسلىكىگە ئىشىنەلمەي قالدىم ، بۇ سېغىنىشنى مۇنۇ بىر كۇپلىتقا مۇجەسسەملىدىم :
ھاياتمەن جانانىم قۇرۇق موردىدەك ،
سېغىنارمەن قەلبىمدە سېنى ئۆلگۈدەك.
سۆيگەچكە ئەسلەيمەن سەندەك كاۋىنى،
كۈچ ماغدۇر بولسىلا يۈرەك سوققۇدەك.
ئەگەر ماڭا ئىككىنجى بىرىنى ياخشى كۆرۈشكە پۇرسەت بولسا ئىدى ، مەن يەنىلا سېنى تاللىغان بولاتتىم ،ئەمما سەن شۇكۈنى مەن پۇرسەت بەرسەممۇ يەنىلا قېيداپ كىتىپ قالدىڭ ، شۇنداقتىمۇ ھەممە يۈرەك تىۋېشىمنى مۇنۇ ئىككى كۇپلىت جۆيلىمەمگە مۇجەسسەملەپ بۇ يازمىنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولدۇم .
ئۆتۈپ كەتسە ناۋادا بۈگۈن ،
ماڭا كۈنمۇ چىقار تەنھا بوپ.
قەلبىمدىكى سېنىڭ ئورنۇڭغا ،
سېلىنىدۇ مەڭگۈلۈك قۇلۇپ .
تەنھا قالدى دېمىگىن مېنى ھەرگىزمۇ ،
تەنھالىق بىلىنمەس ئۆتمۈشلىرىمدىن.
قەلبىمدە بىر ئاۋاز-« سېنى سۆيىمەن»
ئۇنتۇلغان بولساممۇ،گەرچە قەلبىڭدىن
خەيىر .... ئامان بولغىن جېنىم !
مەنبە : مەن مەيخۇشنىڭ يەنى ئوتنىڭ مۇشۇ مۇنبەردىكى (س*******ي) دېگەن قىزغا يازغان ئاددىيغىنە خېتى . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-7 12:17 PM
|
|
|
|
|
|