يېقىندا يېڭىدىن ئۆي سېتىۋېلىپ تۇربا يوللىرىنى قۇراشتۇرۇشقا ئادەم ئىزدەش جەرياندا سەل جاپا تارتىپ قالدىم. بىرى باھانى ئۆرە دەۋالسا، يەنە بىرى ۋاقىت يوق دېگەن. شۇنىڭ بىلەن توردىن مۇشۇ PPR تۇربىلارنى قانداق چاتىدىغانلىق توغرىسىدا ماتېرىيال ئىزدەپ بۇنىڭغا ئائىت ئۇچۇرلارغا ئېرىشتىم. قورققانغا قوش كۆرۈنەر دېگەندەك، بىلمىگەن ئادەمگە تەس تۇيۇلغان بىلەن توردىكى دەرسلىكنى كۆرۈپ بۇنىڭمۇ ئۇنچە تەس ئىش ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم.
PPR توربا دىگەن نېمە ؟يېڭىچە تېخنىكىدا ياسالغان PPR تۇربىللىرى – زەھەرسىز، يەڭگىل، بېسلىشقا بەرداشلىق بىرىش كۈچى كۈچلۈك، ئاسان چىرىپ كەتمەيدىغان، قىززىتىپ ئۇلاش ئۈسكىنىسى (热容器) ئارقىلىقلا ئۇلاپ ئىشلىتىشكە بۇلىدىغان يۇقىرى چىدامچانلىققا ئېگە تۇربىدىن ئىبارەت. بۇ خىل تۇربىلارنى ئادەتتە 50 يىلدىن ئارتۇق ئىشلىتىشكە بۇلىدۇ.
ppr تۇربا ماتېرىياللىرى
PPR تۇربا ماترىياللىرنىڭ ھەقىقى ياكى ساختا مال ئىكەنلىكىنى ئايرىش ئۇسۇلى:1. راست PPR تۇربىللىرنىڭ ئۇراش قېپى ۋە سىرتىغا روشەن ھالدا زاۋۇت ئىسمى، ئادىرىسى، ئالاقە نۇمۇرى قاتارلىقلار يېزىلغان بۇلىدۇ؛ ساختىسىدا يېزىلمايدۇ ياكى ئۇچۇق ئەمەس.
2. راست PPR تۇربىللىرنىڭ ئۈستىدە ماركىسى، ئۆلچىمى، تىپى، ياسالغان ۋاقتى كونكىرىت، روشەن يېزىلغان بۇلىدۇ؛ ئەمما ساختىسىدا خەتلەر تۇتۇق، ئېنىق يېزىلمىغان بۇلىدۇ.
3. راست PPR تۇربىللىرنىڭ ئىچكى قىسمى سىلىق، پارقىراق، پۇراقسىز بۇلىدۇ؛ ئەمما ساختىسىنىڭ سىلىق بولمايدۇ، غەيرى پۇراق بار بۇلىدۇ.
4. راست PPR تۇربىللىرنىڭ سىرتقى يۈزى پارقىراق، رەڭگى ئۇچۇق، سىلىق بۇلىدۇ؛ ئەمما ساختىسىنىڭ رەڭگى سۇس ياكى ئالاھىدە قېنىق بۇلۇپ پارقىرىمايدۇ.
5. راست PPR تۇربىللىرنى ئورناتقاندا، قىززىتىش ئۈسكىنىدە قىززىتقاندا پۇراق چىقمايدۇ، ئىس چىقمايدۇ؛ ئەمما ساختىسىنىڭ سېسىق پۇراق چىقىدۇ ھەمدە ئىس چىقىدۇ؛
PPR تۇربا ماترىياللىرنى ئورنىتىش ئۇسۇلى: (تۆۋەندىكى سىن ھۆججىتىنى كۆرۈڭ)
تېما مەنبەسى: قەيسەر بىلوگى -
http://www.qeyser.biz/?p=115