مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6444|ئىنكاس: 60

چوڭ دادامنىڭ 2-دۇنيا ئۇرىشىغا قاتنىشىشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46980
يازما سانى: 1178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2949
تۆھپە نۇمۇرى: 1937
توردا: 7556 سائەت
تىزىم: 2011-7-7
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-5 01:50:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش: بۇ پەقەت توقۇلما، كۈلكە ئۈچۈنلا يېزىلدى.
بۇ ۋەقە بۇنىڭدىن 10يىلارچە بۇرۇن يۈز بەرگەن. ئۇ چاغدا مەن ھازىرقىدىن ئون ياش كىچىك ئىدىم.
چوڭلار داۋاملىق ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ۋەقەلەرنى ھېكايە قىلىپ بېرىشقا ئامراق. جۈملىدىن مېنىڭ چوڭ داداممۇ ئاشۇنداق. پات-پات نەۋرىلەرنى ئەتراپىغا يىغىپ ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن قىزىقارلىق ۋەقەلەرنى بايان قىلىپ بېرەتتى. بىز ھاياجاندا شۇ ۋەقەلەرنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتەتتۇق.
بىر كۈنى چۈش ۋاقتىسى كىرسەم چوڭ دادام ئۇكىلىرىمنى يىغىپ ئۆزىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرىشىغا قاتناشقانلىق ھەققىدىكى ۋەقەلەرنى سۆزلىگىلى تۇرۇپتۇ، تارىخ دېسە جېنىمنى بېرىمەن، شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ قوشۇلۇپ ئاڭلاشقا باشلىدىم.
شۇ چاغلار ئاجايىپ ئىدى، ئۇرۇش دېسە مەشرەپكە قاتناشقاندەك كېتىۋىرەتتۇق. ئۆلۈم، يىغىۋاتقان ئوق، پارتلاۋاتقان زەمبىرەك خىيالىمىزغا كىرىپ چىقمايتتى. بىر كۈنى بىزنىڭ روتىغا گومىنداڭنىڭ تاشقورغان تەرەپتىكى شىتابىغا ھۇجۇم قىلىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشتى. ئاكوپ دېگەننى كولاپتىمىز، بىر چاغدا ئاتاكىغا كاناي چېلىندى، شىتىكنى نەيزىگە تاقاپ ھۇررا توۋلاپ ئېتىلدۇق. قىزىقچىلىقتا مىلتىقنى مەيدەمگە تېرەپ ئالدىغا يۈگرەۋرىپتىمەن، گومىنداڭنىڭ ئەسكەرلىرى زىخقا ئۆتكۈزۈلگەن كاۋاپتەك سانجىلىپ مېڭىۋىرىپتۇ. بىر چاغدا توختاپ ساناپ باقسام نەق 25ئەسكەرنى شىتىكقا ئۆتكۈزىۋاپتىمەن
-چوڭ دادا، مىلتىق دېگەننىڭ نەيزىسى قىسقا تۇرسا، قانداقچە 25ئەسكەرنى سانجىپ ماڭالايسەن؟ كىچىكرەك بىر ئىنىم سورىدى
-ۋاي بالام، ئۇ چاغدا مەن ئىشلەتكەن مىلتىقنىڭ نەيزىسى ئىككى غۇلاچ كېلەتتى، ئۇنى مىلىققا قاداش ئۈچۈن يەنە بىر ئادەم ياردەملەشمىسە بولمايتتى.
شىتىكنى سۈرتۈپ، تازلاپ تۇرسام، بۇ ياقتىن ئىككى ئەسكەر كېلىپ قالسا بولىدۇ، قارىسام كېيىمى يا بىزنىڭكىگە، يا گومىنداڭنىڭكىگە ئوخشىمايدا،
-سەن بۇيەردە نې قىلىسەنوي؟
-ھېچنىمە؟
-ئۇيغۇرسېڭما؟
-ھە مەن ئۇيغۇر.
ئەسلى بايقى جەڭنىڭ قىزىقچىلىقىدا ئۆزۈممۇ ئۇقماي يۈگۈرگەن پېتىم قازىقىستان تەۋەسىگە ئۆتۈپ كېتىپتىمەن، ھېلىقى ئىككى ئەسكەر مېنى ئۇنىمىسام ئۇنىماي گازارمىغا ئېلىپ كەلدى. ئامالسىز سوۋىت قوشۇنىغا قېتىلىپ كەتتىم.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىزگە گىرمانغا ئۇرۇشقا ئەۋەتتى، قوشۇن پىستىرمىغا ئۇچراپ، مەنلا ھايات قاپتىمەن، ئورمانلىق ئىچىدە ئېزىپ قالدىم، كېتىۋاتسام ئۇدۇلۇمدىن بىر نەرسە ماڭا قاراپ ئۇچۇپ كېلىۋاتىدۇ، سىنچىلاپ قارىسام بىر تال ئوقكەن، ئۇيانغا قاچسام ئۇيانغا ماڭىدۇ، بۇيانغا ماڭسام بۇيانغا ماڭىدۇ. ئاخىرى تەقدىرگە تەن بېرىپ جايىمدا جىم تۇرسام بېشىمدىكى كاسكىغا تېگىپ ئاسمانغىلا چىقىپ كەتتى، خۇدايىم بىر ساقلىدى دەپ ئالدىمغا قاراپ ماڭدىم، بىر كۆلنىڭ بويىغا كېلىپ سۇ ئىچەي دەپ كۇرۇشكىغا سۇ ئېلىشىمغا بىرنەرسە تارس قىپلا كۇرۇشكىغا چۈشتى، قارىسام بايىقى ئوقكەن.
ھەممەيلەن پاراققىدە كۈلۈپ كەتتۇق
بىردەم ماڭغاننىڭزى بىرىنىڭ ئېسەدەپ يىغلاۋاتقان ئاۋازى ئاڭلاندى، بېرىپ قارىسام ھېملىركەن. يېنىغا بېرىپ‹ۋاي نېمە بولدۇڭ› دېسەم
-گىتلىر بىلەن قىمار ئويناپ، بار مۈلكۈمنىڭ ھەممىسنى ئۇتتۇرۇپ قاقسەنەم بولۇپ كەتتىم.
-توختا، دەردىڭنى مەن ئېلىپ بېرىمەن.
ياندىكى ياغاچ ئۆيگە كىرسەم، گىتلىر بىلەن ئىۋا كىگىز ئۈستىدە پۇل ساناپ ئولتۇرغىدەك، مېنى كۆرۈپ تاۋكاغا تەكلىپ قىلدى
-قارت ئوينامدۇق شىشىخالمۇ؟
-قويە خېنىملارنىڭ نەرسىسىنى، ھوشۇق ئوينايمىز-دېدىم مەن
بىردەم ئويناپ ئۇنىڭ پۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۇتىۋالدىم. خۇشلۇقۇمدا پۇللارنى ئېچىقىپ ھىملىرغا تاشلاپ بېرىشىمگە ھېلىقى ئۆيدىن ئىككى پاي ئوق ئاۋازى ئاڭلاندى، كىرىپ قارىسام گىتلىر بىلەن ئىۋا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋاپتۇ.
بىر ئامال قىلىپ رۇسىيەگە كېلىۋالدىم، ئۆزۈمچە قىزىل مەيداننى ئايلىنىپ يۈرسەم ژۇكۇف ئۇچراپ قالسا بولىدۇ. ئۇ قولۇمنى سىقىپ تۇرۇپ
-سېنى ئاخىرى تاپتۇق، بۈگۈن قەھرىمانلارغا زىياپەت بەرمەكچىتۇق، سەن بىر پولو ئېتىپ بەرسەڭ.
ئالىي قومانداننىڭ گېپىگە ياق دېگىلى بولاتتىمۇ، ماقۇل دېدىم. 2قەۋەت بىنادەك بىر قازانغا ماينى قۇيۇپ تۇرسام ژۇكۇف يۈگرەپ كەپتۇ،
-ۋاي چاتاق بولدى، زىياپەتتىكىلەرنىڭ يېرىمى قىزىل سەۋزىدە، يېرىمى سېرىق سەۋزىدە يەيمىز دەيدۇ، بىراق بىزدە بىرلا قازان بار، قانداق قىلىمىز؟
-خاتىرجەم بول، مەن ئۆزۈم جۆندەيمەن
شۇنىڭ بىلەن قازاننىڭ يېرىمىدا قىزىل سەۋزىنى يېرىمىغا سېرىق سەۋزىنى سېلىپ پولونى دۈملىدىم. زىياپەتمۇ چىرايلىق تۈگىدى، سىتالىن ئۆز قولى بىلەن ماڭا قەھرىمان دەپ مىدال ئاستى
-چوڭ دادا، سەن بىرەر قەھرىمانلىق كۆرسەتمىسەڭ، نېمىشقا ساڭا مېدال بېرىدۇ؟
-بالام، مەن ئەتكەن پولۇنى ئادەتتىكى ئادەم ئەمەس، قەھرىمانلار يېدىغۇ؟
يەنە كۈلۈشۈپ كەتتۇق.
شۇنداق قىلىپ ئۇرۇشمۇ ئاخىرلاشتى، سوۋىتلىكلەر قان تۆكۈپ جەڭ قىلىپ، ئاخىرى بېرلىننى ئالدى. دەپ ھېكايىنى تۈگەتتى، نەۋرىلەرنىڭ ئىچدىكى بىرىنىڭ قۇلىقىغا خوشيېقىپ كەتتىمۇ بۇ ھېكايە، ئۇيقۇغا كېتىپ قالغان ئىدى، بىراق چوڭ دادامنىڭ ئاچچىقى كېلىپ قالدى، شۇنداق پەيزى ھېكايىنى سۆزلەپ بەرسە ئۇخلاۋاتقنىنى.
-ھەي مەمەتيۈسۈپ، قوپە، مەن نېمە دېدىم ھازىر.
-مېنى قوپە دېلە
-ھەي مەن ھازىر ھېكايە سۆزلەپ نېمە دېدىم، بېرلىننى كىم ئالدى؟
-ۋاي دادا، مەن ئالمىدىم، باياتىندىن بېرى مۇشۇيەردە ئولتۇردۇمغۇ؟-تارىخ تۈگۈل ئەدەبىياتتىن خەۋرى يوق بالىنىڭ جاۋابى مۇشۇنداق بولماي قانداق بولسا بولاتتى.
-سەن مېنى زاڭلىق قىلىۋاتامسەن؟
چوڭ دادامنىڭ جەھلى قاتتىق ئادەم، كىچىككىنە ئىشنىمۇ بولدى قىلمايدۇ، ھاي دېسەك ئۇنىماي يەڭگەمنى چاقىرتتى
-ما قانداق بالا ماۋۇ؟ مەن بېرلىننى كىم ئالغان دەپ سورىسام مەن ئالمىدىم دەيدا؟ قانداق گەپ بولدى بۇ؟
مېنىڭ ئۇ يەڭگەم بېرلىن تۈگۈل، شاڭخەينىمۇ بىلمەيدىغان چوكان. ئۆتكەندە بىر تۇققىنىمىز ‹بۈگۈن تېخى تازغۇن(قەشقەر يېڭىشەردىكى يېزا نامى)دىن چىقتىم › دېسە، تازغۇن دېگەن چوڭقۇر يەردىمۇ دەپ سورىغان، بېرلىننى نېمە بىلىدۇ دەيسىلە؟
-ۋاي دادا، بۇ ئۆيدە مېنىڭ بالاملا بارمىكەن؟ نېمە يۈتسە مېنىڭ بالامدىن كۆرسەمسىلەر؟ دەپ ئۆڭدى
بۇ گەپنى نېمە دەي، چوڭ دادام تېخىمۇ تېرىكتى. شۇنىڭ بىلەن تاغامنى چاقىردى
سەن بالاڭغا ئوبدان تەربىيە قىل، ھەممە نەۋرىلەرنىڭ ئالدىدا بېرلىننى كىم ئالغان دەپ سورىسام، مەن ئالمىدىم دەپ مېنى زاڭلىق قىلىۋاتىدۇ.
تاغام بالىسىغا گۆلەيدى
-سەن ئالدىڭما بېرلىننى؟
-ۋاي ياق
چوڭ دادام تېخىمۇ جىلە بولدى
-ھەي توختا
-ۋاي ياق، قولىنى سۇندۇرىمەن مەن بۇنىڭ، سەن ئالدىڭما؟ بولدى دادا، خاپا بولمىسلا، مەن بازارغا چىقىپلا ئەكىرىپ بېرەي، قانچە پۇللۇق ئىدى ئۇ نەرسە؟
ئىش چوڭايدى، چوڭ دادام كەينىگە ئۇچۇپ چۈشتى، كۆتە كۆتە قىلىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ چىقتۇق. بىر چاغدا ھوشىغا كەلدى. مەن يېنىدا ئىدىم، چوڭ تاغام كىرىپ كەلدى.
-خېلى ئوڭشىلىپ قاللىما دادا؟
-خۇداغا شۈكرى
-ئارتۇق ئىشلاغا ئارلاشمىسىلا دادا، بىر نەرسە يۈتكەن بولسا بىزگىلا دېسىلە، مەمەت يۈسۈپ بېرلىننى ئالغانلىقىنى ئىقرا قىلدى، بىراق شۇ نەگە قويغىنىنى ئەسلىيەلمەيۋاتىدۇ، كېلىنلەر ھازىر ئۆينى ئاقتۇرۇپ ئىزدەۋاتىدۇ، خاتىرجەم بولسىلا چىقىپ قالىدۇ.
چوڭ دادام بىلەن ئىككىمىز تازا تېلىقىپ كۈلۈپتۇق.....



ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
musilina + 200 ماختاشقا تېگىشلىك
hokumran + 200 كۈلكە جاننىڭ ئوزۇقى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 400   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86619
يازما سانى: 424
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 775
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 186 سائەت
تىزىم: 2012-10-30
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-5 02:21:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياىشى يېزىپسىز كۈلۈپ ئۈچىيىم ئۈزۈلۈپ كەتتى

ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86619
يازما سانى: 424
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 775
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 186 سائەت
تىزىم: 2012-10-30
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-5 02:22:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شائىر بولا سىزدەك بولا

ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44484
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3648
تۆھپە نۇمۇرى: 738
توردا: 4779 سائەت
تىزىم: 2011-6-15
ئاخىرقى: 2013-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-5 02:24:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈلۈپ تىلقىپ قالغىنى تاس قاپتىمىن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73000
يازما سانى: 833
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3001
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1482 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-5 02:27:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋو خە خە خە ...ئۇزۇن بوپتىكەن بۇنداق كۈلمىگىلى ..  يامان قىزىق يۇمۇرغۇ بۇ

دەرت-ئەلەم كەلمىگىچە، بەندە خۇدا دەپ يىغلىماس! ـــــــــــــــ جودا

پەقەت ئاللاھ قا ئىگىلىمەن.

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22893
يازما سانى: 837
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15458
تۆھپە نۇمۇرى: 312
توردا: 7151 سائەت
تىزىم: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2013-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-5 02:44:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاھاھاھا بەك قىزىقارلىق بوپتۇ جۇمۇ...

تۈلكىنىڭ قولىغا چۈشكەندىن،يولۋاسنىڭ قولىغا چۈشكەن ئەلا.
خۇدانى ھەقىقى بىلگەن كىشى ھەرقانداق ۋاقىتتا،خەق كۆرمىدى دەپ ئۆزنەپسىگە چوغ تارتالمايدۇ.
شۇنداق بىر كۇنلەر كىلىدۇ.(مىللىتىم)ھەمىمىز ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ بولغان، ئىجرا قىلىنىش ۋاقتى ئوخشىمايدۇ خالاس!

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1427
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4769
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1400 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-5 02:59:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەرلىك شىۋە بىلەن ھىكايە ئۇقۇسا  يامان  كۈلكە  قىستايدىكەن .  







ئۇيغۇرلار شۇنداق بىر خەقكى، دىنى،خۇداسى،پەيغەنبىرى،كىتابى،مىللىتى،تىلى بىركەن،بىراق دىلى بىر ئەمەسكەن،بولمىسا دۇنياغا خوجا بۇلاركەن.
---شىڭ شىسەي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67489
يازما سانى: 715
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4826
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 256 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-5 03:09:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك  قىززززززززززززززززىق  ھىكايىكەن   .  نادىرلىسا بولغۇدەك ..

ئازاپ نېمە ؟ دەرت نېمە ؟  مىنىڭچە ھەممىسى ئۆزىنى ئالداش .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52097
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3654
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 2241 سائەت
تىزىم: 2011-8-18
ئاخىرقى: 2012-12-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-5 03:17:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزىقكەن ھە؟

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60018
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4239
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2011-10-11
ئاخىرقى: 2013-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-5 03:36:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش