مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 501|ئىنكاس: 3

مـــۇھاببەت ئىچىدىكى تـــاللاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 4802
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 50990
تۆھپە نۇمۇرى: 2896
توردا: 1991 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-28 11:32:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[align=justify]   ئەسقەرنىڭ دادىسى ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا تۈگەپ كەتكەن ئىدى.ئاپىسى  ئەرلەردەك گەۋدىلىك ، ناھايتى جانلىق ئايال بولۇپ،يولدىشى تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن، ھەرقانچە جاپا چەكسىمۇ بەرداشلىق بېرىپ،ئېرى ھايات ۋاقتىدا ئەر -ئايال ئىككىسى يۈرۈشتۈرۈپ ماڭدۇرۇپ كېتىۋاتقان قۇرۇق مېۋە -چېۋىلەرنى توپ تارقىتىش ئورنىنى ئىككى ئىشلەمچى بالا بىلەن بىرگە  ئېچىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئاكىسى ۋە ئاچىسىنىڭ ئالى مەكتەپتە ئوقۇش   خىراجەتلىرى ۋە باشقا تۇرمۇش  خىراجەتلىرى بىلەن ئەسقەرنىڭ ئوقۇش پۇللىرىنى ۋاقتىدا ئەۋەتىپ ۋە تۆلەپ باشقىلارنىڭ ئالدىدا پەقەتلا بويۇن قىستۇرماي ئوقۇتتى، ئاچىسى ۋە ئاكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن،ئاكىسى يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ،بىر يېزا ئوتتۇرا مەكتىپىدە  ئوقۇتقۇچى بولدى،ئاچىسى ئالىي مەكتەپتە مۇھاببەتلەشكەن بىر غۇلجىلىق بالا بىلەن بىرگە ئۇنىڭ يۇرتىغا بېرىپ توي قىلىپ شۇ يەرلىك بولۇپ كەتتى.ئەسقەرمۇ جاپاكەش ئاپىسىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي،قاتتىق تىرىشچانىلق كۆرسىتىپ،ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بويىچەشىنجاڭ مالىيە ئىنىستوتىغا ئوقۇشقا باردى،قىزىنىڭ بىر يىگىتنى دەپ ئۆزىنى تاشلاپ ،باشقا  يىراق بىر شەھەرگە كېتىۋالغانلىقىدىن كۆلى يېرىم بولغان جاپاكەش ئانا  ، چوڭ ئوغلىنىڭ يولدىشىنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىدىن،كىچىك ئوغلى ئەسقەرنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەنلىكىدىن ئالەمچە سۆيۈنۈپ ، خوشاللىق ياشلىرىنى تۆكۈپ ، ت ئۆزىنىڭ تارتقان جاپالىرىدىن رازى بولغان ئىدى.
[align=justify]   ئانىنىڭ بارلىق ئۈمىدى ئەسقەرنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا جەمىيەتتە يۈرىيدىغان يامان كىشىلەرگە ئەسكى -تۈسكى يوللارغا كىرىپ قالماي ياخشى ئوقۇپ، تېنچ -ئامان ھالدا مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ،مەرھۇم يولدىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى ئاقلاپ جەمىيەتتە بىر كىشىلىك ئورنىنى تېپىشى  ئىدى
[align=justify] ئەسقەر ئوقۇشقا بارغان دەسلەپكى يىللىرى بېشىنى ئىچىگە تىقىپ ئۆگىنىشكە بېشىچىلا كىرىپ كەتتى، ئارىدىن 3ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن، مەكتەپتىكى ۋە سنىپىدىكى باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇھاببەتلىشىشى تەسىر قىلدىمۇ ياكى ئۆزى شۇنداق كىرىشىپ قالدىمۇ، ئۇمۇ ياشلارنىڭ ھەممىسى پېتىپ باقىدىغان مۇھاببەتنىڭ پاتقىقىغا پېتىپ ،كورلىلىق بىر قىز بىلەن مۇھاببەتلىشىپ قالدى. 
[align=justify] ئۇ بۇ قىز بىلەن مۇھاببەتنىڭ سېھىرلىك بېغىدا خۇدىنى بىلمەي ،ئۆزىنى جاھاندا بىر بەختلىك ساناپ لەيلەپ يۈرگىنىگە بىر يىل بولغان كۈنلىرىدە ،ئۆزى چىن يۈرىكىدىن سۆيگەن  بۇ ئۇ  قىزنىڭ ئۈرۈمچىدە قېپ قېلىشنى كۆزلەپ، ۋىجدانسىزلىق بىلەن ئەسقەرنى تاشلىۋېتىپلا،ئۈرۈمچىلىك بىر قولىدا ئەمىلى بار بىرسىنىڭ بالىسى بىلەن يۈرىۋېلىپ، ئەسقەرنى تۈگىمەس دەرد -ئەلەمنىڭ    چوڭقۇر جىلغىسىغا تاشلىۋەتتى، ئازابلارغا بەةرداشلصىق  بېرەلمىگەن ئەسقەر بىر مەزگخل ھاراقا بېرىىلپ ئۆزىنى تاشلاپلىۋەتتى،كېيىن ئەسقەرنىڭ يېقىن بىر ساۋاقدىشى ئارقىلىق بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋەر تاپقان بىچارە ئانىسىنىڭ تېلىفوندا  دادىسىنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ، يىصغا ئارىلاش قىلغان نەسىھەتلىرى، ،ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئايرىم تەربىيە بېرىشى،ساۋاقداشلىرى ۋە دوستلىرىنىڭ نەسىھەتلىرى بىلەن ئاستا -ئاستا ئەسلىگە كېلىپ  ،بارلىق غەم -قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ،ئانىسىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي،ئالىي مەكتەپنى ياخشى نەتىجە بىلەن پۈتتۈردى. 
[align=justify]ئەسقەر ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگەندىن كېيىن، ئاكىسىغا ئوخشاش تېز ئورۇنلىشىدىغان خزمەت ئۇنىڭغا نېسىپ بولمىدى.شۇنداقتىمۇ ئۇ قىلچە ئۈمىدسىزلىنىپ قالماي ،بىر شىركەتتە ۋاقىتلىق ئىشلەپ تۇرغاچ ،ئانىسىغا ياردەملىشىپ يۈردى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۈچ يىلدىن كېيىن قايتا -قايتا ئېلىنغان مەمۇرلىق ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ئۆتىشى ۋە ئانىسىنىڭ توختىماي يول مېڭىپ، ئۇ باشلىق، بۇ باشلىقلارغا ئاغزىنىڭ نەچچە قەۋەت تېرىسى چۈشۈپ كەتكۈچە يالۋۇرىشى ۋە پۇل سۈڭگتىشى بىلەن ئاخىرى مەلۇم بىر يېزىنىڭ ئورمانچىىلق پونكىتىغا كاسسىر بولۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتى.ھازىرقىدەك خىزمەتكە ئورۇنلىشىشنىڭ تەسلىكىدە ئەسقەردەك بىر تۇل ئايالنىڭ بالىسىنىڭ بۇنچىلىك خىزمەتكە ئورۇنلاشمىقى چوڭ ئىش ھېسابلىناتتى. بۇنى ئوبدان چۈشەنگەن ئەسقەر ئۆز خىزمىتىنى ناھايتى قەدىرلىدى.ئۇ ئۆزىگە تېگىشلىك بولغان خىزمەتلەرنى ناھايتى ئەستايىدىللىق بىلەن بېرىلىپ ئىشلەيتتى. مىجەزىمۇ ناھايتى ئوڭلۇق بولغاچقا ،يېزىدىىك مەيلى كادىر بولسۇن ،مەيلى دېھقان بولسۇن ،ئىنتايىن چىقىشىپ ئۆتتى.شۇڭا يېزىغا كېلىپ كۆپ ئۆتمەيلا بۇ يەردىىك كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى، ئۇنىڭدىن سىرت كومپيوتۇرغا پىششىقلىقى،دۇتتار ۋە گىتتارلارنى ئاجايىپ ماھىرلىق بىلەن چېلىشى ،مۇڭلۇق ناخشىلارنى ئېيتىشى، ،بولۇپمۇ ئىسكىرىپكىنى يۈرەكنى تىترەتكۈدەك ئاجايىپ مۇڭ بىلەن چېلىشىدەك ئالاھىدىلىكلىرىمۇ ئۇنى يېزىدىكىلەرگە باشقىچىلا تونۇتتى.ئۇنىڭ ئېيتقان ناخشىلىرى ۋە چالغان سازلىرىنى ئاڭلىغان تونىمىغان كىشىلەردە<< بۇ يىگىت مەخسۇس سەنئەت كەسپىنى پۈتتۈرگەنمىكىن >>دېگەن تەسىرات پەيدا بولۇپ قالاتتى .ئۇنىڭ سەنئەتتىكى بۇ خىل قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىنى ،يەنىلا جاپاكەش ئانىسىنىڭ ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان  ۋاقىتتىلا  ئۆزى ھەرقانچە جاپا چەكسىمۇ ئوغلىنىڭ ھەر تەرەپتىن ئەتراپلىق تەربىيلەشنى مەقسەت قىلىپ ھەر تەتىلدە  سەنئەت كۇرژىكلىرىغا ئاپىرىپ بېرىشىدىن ئايرىپ قارىلىغىلى بولمايتتى.ئۇنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكى ئۆز تىرىشچانلىقى ۋە جاپاغا چىداپ مەشق قىلىشى ئارقىسىدا  ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان ئىدى .ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگەندىن  كېيىن شىركەتتە ئىشلەپ يۈرگەن كۈنلەردە مۇئاشىنى يىغىش ئارقىلىق ئۆزى قىزىقىدىغان ئىسكىرىپكا ۋە گىتارنى سېتىۋالغان ئىدى .كەچ ۋاقىتلىرى ياتاقتا يالغۇز ئولتۇرغان ۋاقىتلىرىدا پىغانى ئۆرلەپ چالغان سازلىرى ۋە ئېيتقان ناخشىلىرى يېزىدىكىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان قارىشىنى باشقىچە ئۆزگەرتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ئاقكۆڭۈللىكى ، تىرىشچانلىقى، كىچىك پېئىللىقى ئۇنىڭ يېزا كادىرلىرى ئارىسىدىكى ئابرويىنى كۈندىن -كۈنگە ئۆستۈرۈپ ،يېزىدىك ھەرقانداق ئولتۇرۇش ئەسقارسىز ئۆتكۈزۈلمەيدىغان بولدى. ھەتتا يېزىلار ئارا ئۆتكۈزۈلگەن دېھقان -چارۋىچىلارنىڭ سەنئەت مۇسابىقىىلىرىدىمۇئەسقەر  دېھقان سەنئەتچى قاتارىدىن ئورۇن ئالاتتى.ئۇ ئەنە شۇنداق كۆزگە كۆرۈنۈش ئارقىلىق شۇ يېزىدىن نەچچە يۈز مو يەرگە ئىگە بولدى ۋە بۇ يەرلىرىنى ئىجارىگە بېرىپ ، خېلى كۆپ كىرىمگە ئىگە بولدى ۋە خىزمەتكە چىقىپ بىر يېرىم يىل بولمايلا باشقىلار ئۈچ يىل ئىشلەتكەن كىچىك ماشىنىدىن بىرنى خېلى ئەرزان باھادا سېتىۋالدى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۆيگە بېرىپ -كېلىشتە ئاپتوبۇس ساقلاپ تۇرىدىغان ۋاقىتلىرىغا خاتىمە بېرىلدى .
[align=justify]   كۈز  ئايلىرىنىڭ مەلۇم بىر كۈنلىكى شەھەرلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنىڭ دەل ئەسقەر تۇرىۋاتقان يېزىغا كېلىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرىشى ،ئۇنىڭ يېزىپ بەرگەن خەنزۇچە دوكلاتنىڭ باشلىقنىڭ قولىغا تۇتقۇزىلىشى ۋە پونكىت باشلىقىنىڭ بەرگەن ئۇيغۇرچە دوكلاتنىڭ ئەسقەرنىڭ ئاغزى ئارقىلىق سان -سېفىرلىرىنىڭ دەل جايىدا ،سۆزلىرىنىڭ ناھايتى توغرا تەرجىمە قىلىنىشى باشلىقنىڭ قايىللىقىغا  ئېرىشكەن بولسا ،  خىزمەت تەكشۈرۈش ئاياقلىشىپ تەكشۈرۈش ئۆمىگىدىكىلەر ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان زىياپەتتىكى  چالغان مۇڭلۇق ئىسكىرىپكىسى، گىتتارغا تەڭكەش قىلىنىپ ئاجايىپ ماھىرلىق بىلەن  ئېيتقان خەنزۇچە ناخشىسى باشلىقنى پۈتۈنلەي ئۆزىگە قارىتىپ ، ئۇنىڭغا بولغان قايىللىقىنى تېخىمۇ ئاشۇردى،يەنى  ئۇنىڭ تەلىيىنىڭ ئوڭدىن كېلىپ يېزىدىن شەھەرگە يۆتكىلىپ كېلىشىگە  بىر تەرەپتىن ( كېيىنكى تەقدىرىنىڭ ئۆزگۈرۈپ قايتا خاتا بولغان مۇھاببەت يولىغا قەدەم قويۇپ قېلىشىغا)   دەل ئۇنىڭ شۇ  سەنئەت جەھەتتىكى قابىلىيىتى  ناھايتى جايىدا  ئەسقاتتى دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ.خوشاللىقتىن ئۆزىنى باسالمىغان باشلىق :
[align=justify]  _ ياكېشى ،يارايدۇ، بەك خو ...! دەپ ماختاپلا كەتتى ۋە بۇنداق تالانت ئىگىسىنى شەھەرگە يۆتكەشنىڭ زۆرۈرلىكى توغرىسىدا سۆزلەپ ،نەق مەيداندىلا  شەھەرلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسىغا يۆتكەپ كېتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈردى.
[align=justify]   ئارىدىن بىرەر ئاي چامىسىدا ئۆتۈپ كەتتى، <<ھېلىقى باشلىق  يۆتكەپ كېتىمەن دەۋاتاتتى ، ئەجەب جىجىتلا يوقاپ كەتتا >> دەپ ئۈمىد  بىلەن كۈتەتتى ئەسقەر، ئاخىرى ئۇنىڭ ئۈمىدى ئەمەلگە ئېشىپ باشقىلار ئەسلىتىپ قويدىمۇ ،ياكى  <<شۇنچە ئادەملەر ئارىسىدا قىلغان گېپىدىن يېنىۋالماي >> دەپ ئويلاپ قالدىمۇ ئۇ باشلىق تەستىقلانغان  بىر پارچە ئۇقتۇرۇشنى چۈشۈرۈپلا، ئەسقەرنى شەھەرلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسىگە يۆتكەپ كەلدى.
[align=justify]     ئەسقەر يۆتكىلىش رەسمىيەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن ،ستاستىكا بۆلۈمىگە  ئىشقا چۈشتى، ئىشقا چۈشكەن كۈنى  قورسىقى ئالدىغا پومپىيىپ چىققان ،  پىت كۆزرەك كەلگەن بۆلۈم باشلىقى ئۇنى بىر ئىشخانىغا باشلاپ ئەكىرىپ:
[align=justify]- زۇلپىيە ، بۇ يىگىت بىزنىڭ ئىدارىگە يۆتكىلىپ كەپتۇ، قارىغاندا بىرەر باشلىق تۇققىنى بار ئوخشايدۇ، بۇ بالا لاۋۋاڭنىڭ  ئۈستىىلدە ئولتۇرسۇن، بۇنىڭدىن كېيىن ئوبدان ھەمكارلىشىڭلار- دېدى چاچلىرىنى چىرايلىق تۈرمەكلىۋالغان ،ئەسقەرنىڭ  ھېسابى بويىچە 27- 28 ياشلاردا بار  مودا كىيىنگەن چىرايلىق قىزغا( بىزمۇ ئەسقەرنىڭ تىلى بويىچە قىز دەپ تۇرايلى)  قاراپ ۋە  ئۆزىنىڭ يېزىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلۋاتقان سىڭلىسىنى بۇ ئورۇنغا تىقىش ئۈچۈن يول مېڭىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز بۇ ئورۇنغا ئىگە بولىۋالغان ئەسقەرگە ئاچچىق دوق قىلغاندەك.
[align=justify]   - بولىدۇ كامىلكا،ياخشى ھەمكارلىشىپ كېتىمىز، خاتىرجەم بولۇڭ- دېدى قىز بۆلۈم باشلىقىغا قاراپ كۈلۈپ، ئەسقەرنىڭ قۇلىقىغا بۆلۈم باشلىقىنىڭ دوق قىلىشلىرىمۇ كىرمىگەن ئىدى، ئۇنىڭ كۆزلىرى زۇلپىيەگە تىكىلىپلا قالغان ئىدى،
[align=justify]  ››نېمە دېگەن چىرايلىق قىز بۇ ، اللاھ ئاپرىدە قىلغان بار گۈزەللىكنىڭ ھەممىسى بۇ قىزغا مۇجەسسەملەنگەن ئىكەن >> دەپ ئويلىدى ئەسقەر ئىچىدە.
[align=justify]  - مەن چىقاي ئەمسە، بۇنىڭدىن كېيىن  بىرەر ئىش بولسا مېنىڭ ئىزدەڭ :- دېدى بۆلۈم باشلىقى ئەسقەرگە قاراپ.
[align=justify]   - ھە، ھە،... - دېدى خىيالدىن چۆچۈپ ئويغانغان  ئەسقەر بۆلۈم باشلىقىنىڭ گېپىنى  تازا ئاڭقىرالماي.
[align=justify]  - چىقىۋېرىڭ كامىلكا ، سىز بىلەن بىز بولغاندىكىن  بۇ يىگىتنىڭ بىلمىگەن  يەرلىرىنى بىلدۈرۈپ قويىمىز ،- دېدى زۇلپىيە شوخلۇق بىلەن، بۆلۈم باشلىقى زۇلپىيەنىڭ كۆزىگە تىكىلگىنىچە ھىجىيىپ تۇرۇپ چىقىپ كەتتى .
[align=justify]- ھە يىگىت، بايام كامىلكام ئىسمىڭىزنىمۇ تونۇشتۇرمىدى، قېنى ئۆزىڭىزنى بىر تونۇشتۇرىۋەتمەمسىز؟ - دېدى زۇلپىيە ئۆزىگە قاراپ تۇرغان ئەسقەرگە كۈلۈپ .
[align=justify]  - ھە، نې...نېمە دېدىڭىز قىز...قىزچاق....؟- باياتىن بېرى زۇلپىيەگە قاراپ ھاڭۋېقىپ تۇرغان ئەسقار ھودۇقۇپ كەتتى.
[align=justify]    - ھا....ھا...ھا..... مېنى قىزچاق دېدىڭزما؟ ئەجەب خوش قىلىۋەتتىڭىزا مېنى قىزچاق دەپ ئاتاپ....!مەن دېگەن بىر بالىنىڭ ئاپىسى تۇرسام نەدە يۈرۈپ قىزچاق بولاي،ئىسمىڭىز نېمە دەپ سوراۋاتىمەن...،- دېدى زۇلپىيە قاقاھلاپ كۈلگىنىچە.
[align=justify] - ئىسمىم ئەسقەر ،- دېدى قۇلاقلىرىغىچە قىزىرىپ كەتكەن ئەسقەر زۇلپىيەدىن كۆزىنى قاچۇرۇپ.
[align=justify]  - ھە، ئەمدى تونۇشۇپمۇ قالدۇق، بۇنىڭدىن كېيىن  بىر ئىشخانىدا ئىشلەيمىز، ئوبدان  ھەمكارىلشىپ ئىشلەيىلى، بۇ  ئۈستەلدە  لاۋۋاڭ ئولتۇرغان ، ئۇ كىشى پېنسىيەگە چىقىپ كەتتى،سىز ئەمدى  مۇشۇ ئۈستەلدە  ئولتۇرىسىز،  ئاۋۇ ئۈستەلدە  شاۋۋۋاڭ ئولتۇرىدۇ، ئىش بېجىرىش ئۈچۈن سىرتقا چىقىپ كەتتى،- دېدى زۇلپىيە كۈلۈپ تۇرۇپ.
[align=justify]   -  ھە ، بولىدۇ، - دېدى ئەسقەر، لېكىن ئۇنىڭ خىيالى تازا بىر يەردە ئەمەستەك قىلاتتى.
[align=justify]  ئەسقەر  زۇلپىيە بىلەن بىرگە ئىشلەش جەريانىدا  يولدىشىنىڭ ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىنى ، يولدىشىنىڭ  ئىككى يىللىق بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇ يىل 8- ئايدا ئۈرۈمچىگە كەتكەنلىكىنى ، تۆت ياشقا كىرگەن بىر قىزىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتى،زۇلپىيەنىڭ مىجەزى ئىنتايىن ئوچۇق بولۇپ، ناھايتى خۇشچاخچاق ئىدى،ئەسقەرگە تولا چاخچاق قىلاتتى،ئەسقەرمىغۇ ئادەتتە بەك چاخچاقچى ئىدى، لېكىن زۇلپىيە ئۇنىڭغا چاخچاق قىلغان ۋاقىتلاردا  ، تىلى تۇتۇلۇپ قالغاندەك گەپ قىلالماي كۈلۈپلا تۇراتتى، شاۋۋاڭمۇ مىجەزى ئوچۇق بولۇپ ئۈچەيلەننىڭ مىجەزى شۇنداق قاملىشىپ كەتكەن ئىدى، ئەسقەر بۇ يەرگە يۆتكۈلۈپ كەلگەندىن كېيىنمۇ يەنە ،  يېزىدا ئىشلىگىنىگە ئوخشاش ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىپ تۇردى، ئىدارىدىكىلەرنىڭ ئولتۇرۇشلىرى بولۇپ قالسا ئۆزىنىڭ مۇڭلۇق مۇزىكىلىرى، يېقىملىق   ناخشىلىرى بىلەن سورۇندىن گۈل چىقىرىۋېتەتتى، دەم ئېلىش كۈنلىرى پات -پات ئۆزى ئىلگىرى ئىشلىگەن يېزىغا چىقىپ ئۇ يەردىكى تونۇش -بىلىشلىرىنى يوقلاپ كېلىشنى ئۇنتۇپ قالمايتتى،بوش ۋاقتى بولسىلا ئانىسىنىڭ سودىسىغا ياردەملىشىپ بېرەتتى، ئانا ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق ئېسىل مىجەزلىك ئوغلىنىڭ بولغانلىقىدىن پەخىرلىنەتتى، ئولتۇرسا -قوپسا ئوغلىنىڭ بەختىنى تىلەپ، ئۆزىگە ئەخلاقلىق ،   ئەدەپ -قائىدىلىك بىر قىزنىڭ كېلىن بولۇشىنى تىلەيتتى،  ئەسقەرنىڭ كۈنلىرى قارىماققا شۇنداق ياخىشى كېتىپ بارغانداەك قىلاتتى، لېكىن ئۇنىڭ ئىچكى دەردىنى بىر ئۆزىدىن باشقا ھېچ كىم چۈشەنمەيتتى، ئۇ كۈندۈزى خىزمەت ھەلەكچىلىكىدە بىلۈندۈرمىگىنى بىلەن كەچ بولۇپ، بېشى ياستۇققا تەككەندىن كېيىن ، ھەسرەتلىك تىناتتى، ئۇيقۇسىزلىقتىن ئۇياق -بۇياققا ئۆرىلەتتى، مەلۇم بىر خىل ئىنتىلىش ئۇنىڭ  ئىچ -باغرىنى ئۆرتەيتتى،ئىچ -ئىچىنى  يىغا قاپلايتتى،ئۆزىنىڭ بۇ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىدىن ئىچى سىقىلاتتى، ئۆزىنى بۇ خىل ھالەتتىن قۇتۇلدۇرماقچى بولاتتىيۇ، لېكىن ئامال قىلالمايتتى، بۇنداق ۋاقىتلاردا ئۆز ھوجرىسىغا بېكىنىۋېلىپ  گىتتارغا تەڭكەش قىلپ پەس ئاۋازدا ناخشا ئېيتىش ياكى تورغا چىقىش بىلەن ئۆزىنى ئاۋۇندۇراتتى ، ئۇنىڭ بۇ خىل ھالەتكە گىرىپتار بولۇپ قېلىشىغا دەل زۇلپىيە سەۋەبچى بولغان ئىدى، ئۇ ئۆزى بىلىپ بىلمەي زۇلپىيەنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدى،بۇنى ئېتىراپ قىلماسلىققا تىرىشىپ باقسىمۇ ، ئامال بولمايتتى، كۈندۈزلىرى زۇلپىيە ئىشلەۋاتقان ۋاقىتتا ئوغرۇلۇقچە ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارايتتى، زۇلپىيە شۇنداق قاراپ قالسا كۆزلىرىنى ئىتتىك ئېپ قاچاتتى، زۇلپىيەگە گەپ قىلغاندا قىزىرىپ -تاتىرىپ قىىلدىغان گېپىنى تاپالماي تېنەپ كېتەتتى، ئاخشاملىرى ياتقان ۋاقىتلىرىدا زۇلپىيە كۆز ئالدىغا كېلىۋالاتتى، ئۇنىڭ بىلەن خىيالەن مۇڭدىشاتتى، قەلبىنى ئىزھار قىلاتتى، لېكىن بۇ پەقەت بىر ئۆزىگىلا مەلۇملۇق بولغان سىر ئىدى، ،ئالى مەكتەپتىكى ھېلىقى ئازابلىق مۇھاببەت سەزگۈرەشتىسىنى بېشىدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، قىزلار بار كوچىغا قەدەم بېسىشتىن يۈرەك ئالدى بولۇپ كەتكەن ئەسقەر شۇنچە قىزلار ئارىسىدىن ئادەم چىقمىغاندەك  يولدۇشى ۋە بىر بالىسى بار زۇلىيەنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن  ئۆزىنى بولىشىغا ئەيىپلەيتتى ، زۇلپىيەنىڭ <<چىرايىغا كۆيدۈممىكىن>> دېسە ، ئۆزىنى قىز -ئاياللارنىڭ چىراي -شەكلىگە بېرىلىپ كېتىدىغان ئۇنچە شاللاق يىگىت ئەمەس دەپ ھېساپلايتتى ھەم ئەمىلىيەتتىمۇ شۇنداق ئىدى،زۇلپىيەنىڭ زادى نەرىنى شۇنچە ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ئۆزى دەپ بېرەلمەيتتى، پەقەت زۇلپىيەنى كۆرۈپ تۇرسىلا كۆڭلىنىڭ باشقىچىلا كۆتۈرۈلۈپ قالىدىغانىلقىنى، خىيالىدا پەقەت بىر زۇلپىيەنىڭ بارلىقىنى  ، يۈرىكىنىڭ بىر زۇلپىيەگىلا ئىنتىلىدىغانلىقىنى بىلەتتى ، لېكىن بۇ خىياللىرىنى زۇلپىيەنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن، ئۆزىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى بىلىپ قالسا  ، باشقىچە قاراپ قېلىپ، مۇناسىۋىتىنىڭ نورمال بولماسلىقىدىن  بەكمۇ قورقاتتى، ئۇ ئەنە شۇنداق بۇرۇقتۇمچىىلق كەيپىياتتا تۇرسىمۇ ،يەنە خىزمەتلەرنى شۇنداق بەجاندىل، ئەستايىدىل ئىشلەيتتى، قارىماققا ئۆزىنى روھلۇق تۇتۇپ، كەيپىياتىنى ھېچكىمگە بىلدۈرمەسلىككە تىرىشاتتى، ئۆزىنىڭ زۇلپىيەنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى باشقىلار ئۇقۇپ قالسا ئۆزىگە ،ئەڭ مۇھىمى زۇلپىيەگە ياخشى بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەنلىكى ئۈچۈن دەردىنى بىر ئۆزىلا بىلىپ<< ئىچىدە روزا تۇتۇپ، تېشىدا ھېيت ئويناپ>> يۈرەتتى
[align=justify] ھەش -پەش دېگۈچە يېڭى يىل كىردى، ئىدارىدىكىلەر يېڭى يىلنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن ئولتۇرۇش قىلدى،ئۇ كۈنى سەل -پەل ئىچىۋېلىپ قىزىپ قالغان ئەسقەر كەينى -كەينىدىن ئۇلاپ نەچچە ناخشا ئېيتىپ زالدا ئولتۇرغان بارلىق كىشىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى، ئولتۇرغانلار ئۇنىڭ ناخشا ئېيتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالغاچقا  يەنە بىرنەچچە ناخشا ئېيتىپ بەردى.ئاندىن جايىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ يەنە بىر رومكا ئىچىۋەتكەندىن كېيىن كۆزلىرى زۇلپىيەنى ئىزدىدى،زۇلپىيە ئىدارىدىكى ئاياللار بىلەن ئېچىلپ -يېيىلپ كۈۈلشۈپ ئولتۇراتتى،شۇ ئەسنادا لەرزان ۋالىس مۇزىكىسى ياڭرىدى، ئەسقەر ئورنىدىن  تۇرۇپ زۇلپىيەنى تانسىغا تارتتى، ئىككىسى شوخ كېپىنەكتەك پىرقىراپ ئويناۋاتاتتى، ، زۇلپىيە بۈگۈن تېخىمۇ بەك چىرايلىق بولۇپ كەتكەن بولۇپ قارىغان كىشىگە توي قىلغاندەك تەسىر بەرمەيتتى، ئەسقەر مۇشۇ تاپتا بۇ مۇزىكىنىڭ مەڭگۈ توختاپ قالماسلىقىنى ، زۇلپىيەنىڭ قولىنى مۇشۇنداق چىڭ تۇتۇپ، مەڭگۈ پىرقىراشنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلاتتى، لېكىن مۇزىكا پاتلا تۈگەپ كەتتى،يەنە بىر مەيدان مۇزىكا باشلاندى .ئەسقەر زۇلپىيەنى يەنە تانسىغا تارتتى، تانسا ئويناۋېتىپ ئەسقەر زۇلپىيەنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قارىدى.
[align=justify]  - نېمە كۆزۈمگە پاقا تەشكەن سويمىدك  قارايسىز ،- دېدى زۇلپىيە ئاۋازىنى كۆتـۈرۈپ كۈلۈپ تۇرۇپ، ئەسقەر جاۋاب بەرمەي كۈلۈپلا قويدى، ئولتۇرۇش ئاخىرلىشىپ ھەمممەيلەن تارقاپ سىرتقا چىقتى .
[align=justify]   - سىزنى مەن ئاپىرىپ قويايمۇ ،- دېدى ئەسقەر زۇلپىيەگە تۇيۇقسىز ،ئۇ  بۇ جۈرئەتنىڭ ئۆزىدە قانداق پەيدا بولغانلىقىنى دەپ بېرەلمەيتتى.
[align=justify]    - ماقۇل، بەك ياخشى بولدى، مېنىڭمۇ تاكسىغا چىققۇم يوقتى، كۆپ بىرنەرسە يەۋاپتىمەن ، ئاشقازىنىم لىق توشۇپ كەتتى.  ئۆيگە بارغۇچە پىيادە مېڭىپ  قورسۇقۇمنى ئازىراق بوشىتىۋالاي ،- دېدى زۇلپىيە.
[align=justify]    - قورسۇقۇمنى بوشىتىمەن دەپ قويۇۋەتمەڭ يەنە، -دېدى ئەسقەر چاخچاق قىلپ.
[align=justify]   - ۋىييەي، ئۇنداق ئاسان قويۇۋەتمەيدىكەن دەپ قويارسىز جۇمۇ، -دېدى زۇپىيە كۈلۈپ.
[align=justify]   -  دەپ قويدۇم ئۇنداق ئاسان قويۇۋەتمەيدىكەن دەپ ، -دېدى ئەسقەرمۇ كۈلۈپ.
[align=justify]  ئىككىسى شۇنداق چاخچاق قىلشقاچ پىيادە ماڭدى، ئەسقەرنىڭ يۈرىكى خوشالىقتىن تېپىچەكلەيتتى، ئۇ مۇشۇنداق گۈزەل مىنۇتلارنىڭ كېلىشىنى كېچە -كۈندۈز تىلىگەن، چۈشلىرىدە كۆرگەن ئىدى.شۇ تاپتا ئۇنىڭ زۇلپىيەنى باغرىغا مەھكەم باسقۇسى، ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى ئىزھار قىلغۇسى، ئۇنىڭ دەردىدە تارتىۋاتقان پىراقلىرىنى ئېيتقۇسى بار ئىدى، لېكىن ئۇ ئۇنداق قىلالمايتتى،  بۇ پەقەت ئۇنى خىيالى ئىدى.
[align=justify]   - ناخشىنى ئاجايىپ ياخشى  ئېيتتىڭىز،   بەزى ناخشىچىلارمۇ سىزچىلىك ئېيتالمايدۇ،- دېدى زۇلپىيە.

[align=justify]   -  ھە، -دېدى تاتلىق خىيال ئىچىگە شۇڭغىغان ئەسقەر .
[align=justify]   - ھەي ، كاللىڭىز نەدە سىزنىڭ ؟ تازا بىر بوڭقۇشكەن، مەن سىزنى ناخشىنى بەك ياخشى ئېيتتىڭىز دەۋاتىمەن ،-  دېدى زۇلپىيە ئەركىلىگەن تەلەپپۇزدا ئەسقەرنى ئىتتىرىپ،ئەسقەرنىڭ ۋۇجۇدىدىن << غۇژژىدە >> بىر سېزىم ئۆتۈپ كەتتى.
[align=justify]    - كاللام نەدە ......! ،-  ئۇ<< كاللام نەدە بولاتتى سىزدە >> دېمەكچى ئىدى ، لېكىن دېيەلمىدى.
[align=justify]    - ناخشامنى ياقتۇردىىڭزمۇ؟ - دېدى  ئەسقەر ياندۇرۇپ.
[align=justify]    - شۇنداق ياقتۇردۇم، ھەقىقەتەن ياخشى ئېيتتىڭىز، زالدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە ياقتى ناخشىىڭز- دېدى زۇلپىيە.
[align=justify]    -  ناخشامنى ياقتۇرغۇنىڭىزغا رەھمەت،- دېدى ئەسقەر.
[align=justify]   - ئۇنچىۋالا تۈزۈت قىلماڭ، -دېدى زۇلپىيە.
[align=justify]   - بۈگۈن بەك چىرايىلق بولۇپ كېتىپسىز، گۈلدەك ئېچىلىپلا كېتىپسىز،- دېدى ئەسقەر زۇلپىيەنىڭ كۆزىگە قاراپ.
[align=justify]   - نەچچە ۋاقىتتىن چىرايلىق ئەمەسمىدىم، -دېدى زۇلپىيە كۈلۈپ.
[align=justify]    - نەچچە ۋاقىتتىنمۇ چىرايىلق ئىدىڭىز، بۈگۈن باشقىچىلا چىرايلىق بولۇپ كېتىپسىز،- دېدى ئەسقەر.
[align=justify]    - كۆزىڭىز چۈشۈپ قالمىغاندۇ ھە ماڭا؟- دېدى زۇلپىيە شوخ كۈلۈپ.
[align=justify]   - كۆزۈم چۈشسىمۇ ئامالىم يوق، چۈنكى سىزنىڭ ئېگىڭىز بار -دە ، -دەۋەتتى ئەسقەر  كۆڭلىدىكىنى پوسۇققىدە چىقىرىپ.
[align=justify]    - ھا،ھا،ھا...قارىڭە چاخچىقىڭىزنى ، - دېدى زۇلپىيە قاقاقلاپ كۈلۈپ، ھېلىمۇ ياخشى ئۇ ئەسقەرنىڭ گېپىنى چاخچاق دەپ چۈشەندى، ئەسقەرنىڭ كۆڭلى تىندى.ئۇلار شۇنداق كۆڭۈللۈك پاراڭلار ئىچىدە زۇلپىيەنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئەسقەرنىڭ كۆڭلى خوشاللىقتىن يايراپ كەتكەن ئىدى.
[align=justify]  - ئۆيگىمۇ كېلىپ قالدۇق، ئەكەپ قويغىنىڭزغا كۆپ رەھمەت، ئەمدى كىرىپ كېتەي،- دېدى زۇلپىيە.
[align=justify]  - ئۆزىڭىز يالغۇز قورقاسىزمۇ ؟- بۇ سوئالنىڭ ئاغزىدىن قانداق چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئۆزىمۇ تۇيماي قالدى ئەسقەر.
[align=justify]  -ھا،ھا، ھا، قىزىق گەپ بولدى بۇ ، ئۆزەمنىڭ ئۆيى تۇرسا نېمىشقا قورقىدىكەنمەن، ھەمراھ بولاي دېگەنمۇ يا؟!- دېدى زۇلپىيە تېخىمۇ شوخلۇق بىلەن كۈلۈپ.  <<شۇنداق بولسا بەك ياخشى بولاتتى >> دېگەن سۆز تىلىنىڭ ئۇچىغا كېلىپ قېلىپ  بوغۇزىغا  يۇتىۋەتتى ۋە زۇلپىيەگە قاراپ كۈلۈپ قويدى.
[align=justify]  -  رەھمەت سىزگە ، خوش ياخشى چۈش كۆرۈڭ، ئەتە كۆرىشەيلى،- دېدى زۇلپىيە.
[align=justify] -خوش، سىزمۇ ياخشى چۈش كۆرۈڭ ، - دېدى ئەسقەر، ئۇ زۇلپىيەنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەتمەسلىكىنى، ئۆزىگە ھەمراھ بولۇشىنى پەقەت كۆڭلىدىلا ئويلىيالايتتى خالاس. زۇلپىيە ئۆيىگە كىرىپ كەتتى، ئەسقەر زۇلپىيەنىڭ قارىسى يۈتكىچە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ تۇردى، ئۇنىڭ خىيالىمۇ زۇلپىيە بىلەن بىرگە كىرىپ كەتكەن ئىدى، ئۇنىڭ يۈرىكى ئاجايىپ بىر خىل تۇيغۇ بىلەن تولدى، بۇ تۇيغۇدا زۇلپىيە بىلەن بىرگە تانسا ئوينىغان ،بىرگە ماڭغاندىكى خوشاللىق ، زۇلپىيە ئۆيگە كىرىپ كەتكەندىن كېيىنكى كۆڭلى يېرىم بولۇش، ئۇنىڭغا ئىنتىلىشتىن ئىبارەت ھېسياتلار ئارىلىشىپ كەتكەن ئىدى، زۇلپىيە كىرىپ كەتتى، ئەسقەرنىڭ يۈرىكنى ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ كەتتى، ئەسقەرنى قەلبىنى ھەم ئاچچىق ھەم تاتلىق بولغان بىر خىل سېزىم ئىگىلىدى.ئۇنىڭ تۇرۇپلا شۇنداق بىر يىغلۇۋالغۇسى كەلدى،  نېمە ئۈچۈن شۇنداق خىيالغا كېلىپ قالغانلىقىنى ئۆزىمۇ دەپ بېرەلمەيتتى، پەقەت كۆڭلىنىڭ ناھايتى يېرىم بولغانىلقىنىلا بىلەتتى.ئۇ شۇنداق ئېغىر قەدەملەر بىلەن زۇلپىيە بىلەن خىيالى مۇڭدۇشۇپ ئۆزىگە -ئۆزى تەسەللى بېرىپ ئۆيىگە قايتىپ كەلدى.
[align=justify]   ئەسقەر تېخىمۇ غەمكىن بولۇپ كەتتى،يۈرىكى  قوقاستا پۇچلانغاندەك بىئارام بولاتتى، نەچچە -نەچچە كېچىلىرى ئۇيقۇسىز ئۆتۈپ كېتەتتى،ئۇنىڭ ئۆز ئازابلىرىنى پەقەت مۇڭلۇق ناخشىىلرى، كومپيوتۇر ۋە ئىسكىرىپكىنىڭ مۇڭلۇق ئاۋازى بىلەنلا چىقىرىشقا ئامالى بار ئىدى.  خىزمەت ۋاقتىدا كۆزىلىرى زۇلپىيە تەرەپكىلا كېتەتتى، زۇلپىيە شۇنداق قاراپ قالغۇدەك بولسا ئىتتىك كۆزىنى ئېلىپ قاچاتتى،زۇلپىيە ئۇنىڭ بۇخىل ھالىتىدىن بىرنەرسىنى سەزدىمۇ ياكى سەزسىمۇ ئۆزىگە بىلدۈرمىدىمۇ بۇ ئەسقەرگە قاراڭغۇ  ئىدى .بۇ ۋىسالسىز سۆيگۈنىڭ ئۆزىنى قاچانغىچە قىينايدىغانلىقى ئۇنىڭغا نامەلۇم ئىدى، زۇلپىيەنى ئويلىماسلىققا ئۇرۇنىشى ،بۇ ئازابلاردىن  قۇتۇلۇپ كېتىشى مۈمكىن ئەمەس ئىدى.شۇنداق ئازابلار ئىچىدە قىش كېتىپ باھار، باھارغا ئەگىشىپ چىرايلىق كۈلۈپ  ياز پەسلى يېتىپ كەلدى  .
[align=justify]    ياز كىرگەندىن باشلاپ ئەسقەر غەم -ئەندىشىلىرىنى چىقىرىدىغان بىر يول تېپىۋالدى،ئۇ ئىلگىرى ئىشلىگەن يېزىدىكى ئىجارە بەرگەن يەرلىرىنى ئارىلاش،شۇ يەردىكى باغنى بويلاپ ئاققان ئۆستەڭ ۋە ياپيېشىل دەرەخلەر ئارىسىدا ئولتۇرۇپ ناخشا ئېيتىش ئۇنىڭ كۆڭۈل ئەرمىكى بولۇپ قالغان ئىدى،مۇشۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق كۆڭلىگە ئارامچىلىق ئىزدىگەن ئەسقەر بىر مەزگىلگىچە كۆڭلىنى يوشۇرغان ھالدا،  زۇلپىيەگە تازا پەرۋا قىلماي يۈردى.
[align=justify]    شۇ ئارىلىقتا ئەسقەرنىڭ تۇرمۇشىدا ئازىراق ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، شۇ ئىدارىدە ئىشلەيدىغان ئەسقەردىن كېيىنرەك يۆتكىلىپ كەلگەن مەلۇم بىر ئىدارىنىڭ باشلىقىنىڭ ئەتىۋارلىق قىزىنىڭ ئۇنىڭغا كۆڭلى چۈشۈپ قالدى، ئەسقەرگە نەچچە قېتىم چاخچاق تەرىقىسىدە پۇرۇتۇپ باققان بولسىمۇ ، ئەسقەردىن ھېچبىر سادا چىقمىغاندىن كېيىن ،خىجىل بولۇشنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى  يەنە بىر خىزمەتدىشى ئارقىلىق يەتكۈزدى، لېكىن ئەسقەر ئۇ قىزنىڭ كۆڭلىنى  شۇ يەردىلا رەت قىلدى، بۇ خەۋەر قۇلىقىغا يەتكەن بۇ قىز  ئەسقەرگە ئۈمىد ۋە ئاداۋەت بىلەن قاراپ ،خېلى بىر مەزگىلگىچە قىينىلىپ كۈنلىرى ئازاب ئىچىدە ئۆتكۈزدى، لېكىن ئەسقەرنىڭ بۇ قىزنىڭ ئۆزىگە بولغان كۆڭلىنى  مۇشۇنداق  رەت قىلماي قىلماي ئامالىمۇ يوق ئىدى،گەرچە ئۇ زۇلپىيەگە پەرۋا قىلماي يۈرگەندەك قىلغان بىلەن  ئۇنىڭ كۆڭلى ئاللىقاچا ن ئۇنىڭغا باغلىنىپ بولغان تۇرسا ، قانداقمۇ باشقا بىر قىزنىڭ مۇھاببىتىنى قوبۇل قىلالايدۇ.
[align=justify]  تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى شۇمۇ ياكى اللاھ ئىگەمنىڭ ئەسقەرگە ئىچى ئاغرىپ قالدىمۇ قانداق ، مەلۇم بىر ئازنا كۈنىدىكى ئەسقەرنىڭ بۇ كۆڭۈللۈك سەيلىگاھقا تەكلىپ قىلىشىنى زۇلپىيە ماقۇل كۆردى ۋە قىزى بىلەن ئەسقەرنىڭ ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ  بۇ سەيلىگاھقا كەلدى،ئەسقەر بۇ خوشالىق ئىش ئۈچۈن ئەتىكى سەيلىگە  كېرەكىلىك بولغان  ئىچىملىك، پىششىق يېمەكلىك  قاتارلىقلارنى سېتىۋالدى، دېگەندەك بۇ يەردىكى يېشىلچىلىق، جىمجىتلىق، چىرايىلق ئۆستەڭ ،سۈزۈك سۇلار زۇلپىيەگە بەك ياقتى، بولۇپمۇ زۇلپىيەنىڭ قىزى خوشالىقىدىن قيىغىتىپ سەكرەپ، بىردەم ئۆستەڭگە پۇتىنى چىلاپ ناھايتى كۆڭلۈللۈك ئوينىدى ۋە ئەسقەر ئاكىسىغا يالۋۇرۇپ ئۆزلىرىنى بۇ يەرگە پات -پات ئەكىلىش توغرىسىدا ۋەدىسىنى ئېلىۋالدى، بۇ ئەلۋەتتە ئەسقەرنىڭ كۆڭىلدىكى ئىش ئىدى،شۇنىڭ بىلەن ئەسقەر ئانا -بالا ئىككەيلەننى پات-پات بۇ يەرگە ئەكىلىپ ئوينىتىدىغان بولدى، ئەلۋەتتە ھەر قېتىم كەلگەندە زۇلپىيەنىڭ <<جىق بىرنەرسە ئالماڭ ، مەن ئېلىۋالاي >> دېگىنىگە ئۇنىماي خېلى كۆپ بىرنەرسىلەرنى سېتىۋالاتتى، زۇلپىيە بىلەن بىرگە بولسىلا  بۇنچىلىك ئىش دېگەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچنەرسە ئەمەس ئىدى.مانا يازلىق تەتىل كېلىپ زۇلپىيەنىڭ يولدىشىمۇ قايتىپ كەلدى، زۇلپىيە ھەر كۈنى ئىشقا كەلگەن زوق -شوق بىلەن يولدىشىنىڭ گېپىنى قىلىپ كېتەتتى، ئۆزىنىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭ ئەسقەرنىڭ يۈرىكىنى قۇرۇت غاجىلىغاندەك غاجىلاۋاتقانلىقىدىن بىخەۋەر ئىدى ئەلۋەتتە.ئەسقەر بەزى كۈنلىرى ئەتىگەندە ئىشىكتىن كۈلۈپ سالام بىلەن كىرگەن زۇلپىيەنىڭ چىرايىلق تۈرمەكلىۋالغان ، سۇس نەملىك تارقاپ كەتمىگەن چاچلىرىغا قارىغاندا  ئىچىنى بىر خىل ئاچچىق ھەسەت قاپلاپ، كۆزلىرىدىن رەشىك ئوتلىرى چاقناپ كېتەتتى، لېىكن بۇنى پەقەت ئىچىدىلا بىلەتتى، شۇنداق قىلماي نېمە ئامال؟ چۈنكى زۇلپىيە باشقا بىر ئەرنىڭ ھەقلەپ -نىكاھلاپ ئالغان ئايالى -دە، ئۇنىڭ ئەسقەر بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىسا ،  كۈندەشلىكىنى قانداقمۇ سىرتقا چىقىرالىسۇن؟
[align=justify]  ئەسقەرنىڭ يۈرىكىنى قۇرۇتتەك غاجاپ ، ئۈنسىز رەشىك ئىچىدە تولغۇنۇشقا سەۋەبچى بولغان  ئەسقەر ئۈچۈن ئازابلىق ھېسابلانغان  بۇ  بىر يېرىم ئاي تەتىل ۋاقتىمۇ توشۇپ ، زۇلپىيەنىڭ يولدىشى يەنە ئۈرۈمچىەە كەتتى، ئەسقەرنىڭ كۆڭلىمۇ بىرئاز تىنىپ قالدى، ئۇلارنىڭ يېزىدىكى  ھېلىقى سەيلىگاھقا چىقىدىغان  شەنبە -يەكشەنبىلىرى يەنە كەلدى ،بۇنداق ساپ ، ئازادە مۇھىتلىق ،چىرايلىق  سەيلە ئورنى زۇلپىيەنى ئۆزىگە قارىتىۋالغان بولغاچقا ئەسقەر << بارايلى >> دەپ بولغۇچە ماقۇل جاۋابىنى بېرەتتى. 9- ئاينىڭ باشلىرىدىكى  بىر ئازنا  كۈنى ئۇلار يەنە يېزىغا چىقماقچى بولدى.ئەسقەر زۇلپىيەگە ئۇنىڭدىنمۇ ئېسىل بىر جاي بارلىقىنى ، لېكىن ئۇ يەرگە ماشىنا بىلەن بارغىلى بولمايدىغانلىقىنى، ماشىنىنى يېزىدا توختۇتۇپ قويۇپ ، موتېسكېلىت بىلەن بېرىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى،زۇلپىيە ماقۇل بولغاندىن كېيىن ،ئەسقەر  قىينىلىپ تۇرۇپ ئىككىسى يالغۇز بېرىش تەىلپىنى ئوتتۇرىغا قويدى،بۇ گەپنى ئاڭلاپ زۇلپىيە ئىككىلىنىپ قالدى، لېكىن ئەسقەرنىڭ ئايانچلىق بىلەن ئۆزىگە ئۈمىد بىلەن تەلمۈرۈپ تۇرغان كۆزىگە  قاراپ ئىچى ئاغرىپ قالدىمۇ قانداق ماقۇل بولدى، ئەسقەرنىڭ خوشاللىقىدىن  ئاغزى قۇلىقىغا يەتتى، ئۇلار ئەتىسى ئەسقەرنىڭ ماشىنىسىدا يولغا چىقتى، زۇلپىيە نېمىلەرنىدۇ خىيال قىلپ ،نەچچە ۋاقىتلاردىكىدەك ئېچىلىپ كۆپ  گەپ قىلماي  ئولتۇراتتى، ئەسقەرمۇ ماشىنا ئەينىكىدىن زۇلپىيەنىڭ چىرايىنى كۈزىتىپ مېڭىۋاتاتتى، ئۇلار ئاندا -ساندا پاراڭلىشىپ يۈرۈپ يېزىغىمۇ كېلىپ قالدى، ئەسقەر ماشىنىنى بىر تونۇشىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا توختۇتۇپ قويۇپ، ئالدىن كېلىشىۋالغىنى بويىچە ئۇ تونۇشىنىڭ موتېسكىلىتىنى ئەچىقتى، ئېلىۋالغان يېمەكلىكلەر ۋە ئەدىيال سېلىنغان سومكىنى  موتېسكىلىت ئالدىغا قويۇپ زۇلپىيەنى مىندۈرۈپ ھېلىقى ئېسىل جايغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى، ئەسقەر  زۇلپىيەنىڭ ئۆزىنىنىڭ بېلىنى مەڭگۈ مۇشۇنداق مەھكەم تۇتۇپ تۇرىشىنى، بۇ يولنىڭ تۈگەپ كەتمەسلىكىنى ئارزۇ قىلاتتى ئىچىدە، لېكىن بۇ يولمۇ تۈگەپ كەتتى، ئۇلار مەنزىلگە يېتىپ كەلدى، بۇ يەرنى كۆرۈپلا زۇلپىيە ئاجايىپ خوشال بولۇپ كەتتى، دېمىسىمۇ بۇ جاي ئەسقەر تەرىپلىگەندەك بەك چىرايلىق ئىدى،ئۇلار ئېچىلىپ -يېيىلىپ ئولتۇرۇپ ئەكەلگەن نەرسىلىرىگە ئېغىز تەككەچ پاراڭلاشتى .
[align=justify] -سىز يولدىشىڭىزنى چىن يۈرىكىڭىزدىن ياخشى كۆرەمسىز؟- تۇيۇقسىز سورىدى ئەسقەر. زۇلپىيە ئۇنىڭ كۆزىگە بىر قارىۋېتىپ:
[align=justify] - نېمىشقا بۇنداق سوراپ قالدىڭىز؟- دېدى.
[align=justify] - ئۆزەمچە... مۇنداقلا سوراپ قويدۇم، -دېدى ئەسقەر دۇدۇقلاپ.
[align=justify]- نېمە دېسەم بولا؟ئىككىلىمىز بىر -بىرىمىزنى ياخشى كۆرۈشۈپ ، بىر يىلدىن ئارتۇق  مۇھاببەتلىشىپ توي قىلغان، ھازىرغىچە ياخشى ئۆتۈپ كېتىپ بارىمىز، لېكىن توي قىلغاندىن كېيىنكى تۇرمۇش مۇھاببەتلىشىپ يۈرگەن ۋاقتىدىكىگە ئوخشىمايدىكەن،بىر ئۆيدە تۇرىۋەرسە بىر -بىرىگە تويۇنۇپ قالىدىغا ئوخشايدۇ، بەزىدە خىزمەت بېسىمى ، ئائىلە بېسىمى بەكلا ئېغىر كېلىدۇ ماڭا، ئۇ ئوقۇشقا كەتكەندىن كېيىن سەل يېنىكلەپ قالغاندەك بولۇپ قالدىم،- دېدى زۇلپىيە خىيالغا چۆككەن ھالدا، ئۇنىڭ قىياپىتىدىن  يەنە بىرمۇنچە كۆڭۈل ئاغرىقلىرىنى دېگۈسى باردەك تۇراتتى، لېكىن گەپ قىلمىدى.ئەسقەرمۇ ئارتۇقچە كوچىلاپ كەتمىدى.
[align=justify]    ئۇلار يەنە بىرئاز پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن زۇلپىيە ئورنىدىن تۇرۇپلا ئايىقىنى سېلىپ سۇغا كېچىپ كىچىك بالىلاردەك ، سۇنى ئوچۇملاپ ئېلىپ چېچىپ خوشاللىقىدىن كۈلۈشكە باشلىدى، بۇنى كۆرگەن ئەسقەرمۇ ئايىقىنى سېلىۋېتىپ سۇغا كەچتى ۋە ئوچۇمىغا سۇ ئېلىپ زۇلپىيگە قارىتىپ چاچتى، زۇلپىيەمۇ بوش كەلمەي ئوچۇمىغا سۇ ئېلىپ  ئەسقەرگە  قارىتىپ چېچىشقا باشلىدى، ئۇلارنىڭ شۇ تاپتىكى كۆرۈنۈشى ھېندىستان كىنولىرىدىكى بەختىيار ئاشىق -مەشۇقلاغا  ئوخشاپ قېلىشقان ئىدى،  ئىككىسىنىڭ خوشال كۈلكىلىرى سۇلار ئارىسىدىن يىراق -يىراقلارغا تارقالماقتا ئىدى،بولۇپمۇ ئەسقەرنىڭ كۆزىدىن بەخت  نۇرلىرى چاقنايتتى، ئۇلار ئەنە شۇنداق سۇ  چېچىشىپ ھارغاندىن كېيىن توختاپ ، بىر -بىرىگە قارىشىپ كۈلۈشۈپ كېتىشتى، ھەر ئىككىلىسىنىڭ كىيملىرى چىلىق -چىلىق ھۆل بولۇپ كەتكەن ئىدى.
[align=justify] - ھا، ھا. ھا... ئەجەپ قىزىق ئىش بولدى، قارىڭە بوپ كەتكىنىمىزنى، كىيىملىرىمىز ھۆل بولۇپ كېتىپتۇ،ئەمدى قانداق قىلىمىز؟- دېدسى زۇلپىيە قاقاقلاپ كۈلۈپ ، شۇ تاپتا ئۇ شۇنداق ئوماق ،سەبىي قىزغا ئوخشاپ قالغان ئىدى. ئەسقەر كۈلۈپ قويۇپ ،  موتېسكىلىتنىڭ قېشىغا بېرىپ ، كەينى ساندۇقىنىڭ ئىچىدىن بىر سۇلياۋ خالتىنى قولىغا ئالدى.
[align=justify]    -مانى كىيىۋېلىڭ ،- دېدى سۇلياۋ خالتا ئىچىدىن بىر كۆينەكنى چىقىرىپ.
[align=justify]  - ۋىييەي، بۇ ئۆتكەندە مەن نەۋرە سىڭلىڭىزغا ئېلىشىپ بەرگەن ھېلىقى كۆينەك شۇغۇ؟<<ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا سوۋغا قىلىمەن >> دەۋاتاتتىڭىز،تېخى بەرمىدىڭىزما؟- دېدى زۇلپىيە قاشلىرىنى ئۇچۇرۇپ.
[align=justify]  - ھە...، شۇ...، تېخى بېرىپ بولالمىغان...!- دېدى ئەسقەر، ئۇ قانداقمۇ << مېنىڭ ئوقۇتقۇچى نەۋرە سىڭلىم يوق، بۇ كۆينەكنى سىزگە ئالغان >> دېيەلىسۇن.
[align=justify]  - بۇ كۆينەكنى نەۋرە سىڭلىڭىزغا ئالغان تۇرسىڭىز، مەن كىيسەم قانداق بولىدۇ؟- دېدى  زۇلپىيە.- ھېچۋەقەسى يوق، كىيىمىڭىز قۇرۇپ بولغۇچە كىيىپ تۇرۇڭ،- دېدى ئەسقەر.
[align=justify]   - بۇ يەردە ...... بۇ يەردە قانداق كىيىمەن؟- دېدى زۇلپىيە ئەتراپىغا قاراپ.
[align=justify]- ئاۋۇ دەرەخنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ كىيىڭ ، مەن مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇراي،- دېدى ئەسقەر، زۇلپىيە ئۇنىڭغا بىر قارىۋېتىپ كۆينەكنى ئېلىپ دەرەخنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ كەتتى.ئۇ كۆينەكنى كىيىپ بولۇپ شۇنداق ئۆرىلىشىگە كەينىدە تۇرغان ئەسقەرنى كۆردى.
[align=justify]   -ۋىييەي.. سىز... سىز....،- زۇلپىيە گەپ قىلىپ بولغۇچە ،  ئۆزىنى تۇتالمىغان ئەسقەر ئۇنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى.
[align=justify]   -  ئۇنداق قىلماڭ، مەن دېگەن ئېرى بار ئايال،- زۇلپىيە شۇنداق دېگىنىچە  ئەسقەرنىڭ قۇچىقىدىن بوشىنىشقا ئۇرۇندى
[align=justify]   - جېنىم زۇلپىيە، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن، جېنىمدىنمۇ ئەزىز كۆرىمەن.....! سىزنىڭ ئوتىڭىزدا تارتىۋاتقان ئازابلىرىمنى بىر ئاللاھ بىلىدۇ... جېنىم زۇلپىيە، ئۆتۈنۈپ قالاي مېنى قىينىماڭ......مەن ساراڭ بولۇپ قالاي دېدىم.... زۇلپىيە... زۇلپىيە.... سىزنى سۆيىمەن....!،- ئەسقەر شۇنداق پىچىرلىغاچ زۇلپىيەنى ئۆزىگە تېخىمۇ بەك تارتتى ۋە  ئوتلۇق لەۋلىرىنى زۇلپىيەنىڭ لەۋلىرىگە ياقتى.ھالسىز شىۋىرلاش، ئوتلۇق سۆيۈشلەر زۇلپىيەنى ئۆزىگە بويسۇندۇردى،زۇلپىيەنىڭ  كاللىسىدىكى << ئەر ، بالا >> دېگەن ئۇقۇم ئۆز قىممىتىنى يوقاتتى، ئەسقەر بولسا  شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى تارتقان ئازابلىرى ھېسابىغا ئېرىشكەن بۇ ۋىسال شادلىقىدىن مەس بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇلار شۇ تەرىقىدە بىر جان بىر تەن بولۇپ كەتكەن بولۇپ،ھالسىز ئىڭراش، ھاياجانلىق نەپەسلەر جىپسىلشىپ كەتكەن ئىدى.مۇشۇ ھالەتنى كىنو قىلپ ئىشلىسە ھەقىقىي مۇھاببەت تەسۋىرلىرى ئىپادىلەنگەن ئېسىل بىر كىنو پۈتۈپ چىقاتتى.بىرىنىڭ مەجنۇنلارچە ئاشىقلىقى، يەنە بىرىنىڭ ئەقىلسىزلىق بىلەن ھېسيات ئالدىدا قۇل بولۇپ خۇدىنى يوقۇتۇشى نەتىجىسىدە ، ئەسقەر زۇلپىيەنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ئىگىلەپ بولغان ئىدى.  شۇنداق ھاياجانلىق  دەقىقىلەردىن كېيىن بىرھازاغىچى بىر -بىرىنىڭ چىرايىغا قارىيالماي ئولتۇرۇپ كېتىشتى، ئۇلار ئۈن -تۈنسىز ھالدا نەرسە -كېرەكلىرىنى يىغۇشتۇرۇپ ، موتېسكىلىتقا مىنىپ قايتىشتى، ماشىنا توختۇتۇپ قويغان قايغا كېلىپ ، ماشىنىغا چىققاندىن كېيىن ئەسقەر نېمىدۇر بىرنەرسە دېمەكچى بولۇپ ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ ، زۇلپىيەگە قاراپ، ئۇنىڭ ماشىنا ئورۇندۇقىغا بېشىنى قويۇپ،ئۆكۈپ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆردى.
[align=justify]  - جېنىم زۇلپىيە، مېنى كەچۈرۈڭ، ھەممە سەۋەنلىك مەندىن ئۆتتى، مەن ئەسلى ئۇنداق قىلماسلىقىم كېرەك ئىدى، -دېدى ئەسقەر ئۆكۈنگەن ئاۋازدا. زۇلپىيەبېشىنىمۇ كۆتۈرمەي ، گەپمۇ قىلماي يىغلاپ ئولتۇردى. زۇلپىيەنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئەسقەر زۇلپىيە بىلەن كۆڭۈلسىز خوشلاشتى.
[align=justify] ئ  ەسقەر ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ككڭلى بەكلا بىئارام بولدى، گەرچە ئۇ زۇلپىيەنىڭ ۋىسالىغا يەتكەن بولسىمۇ، لېكىن زۇلپىيەنىڭ يىغلىشىدىن ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىغا پۇشايمان قىلغانلىقىنى، ئۆزىنى ئەيىپلىگەنلىكىنى  چۈشىنىپ يەتكەن ئىدى. ئەتىسى  ئەسقەر زۇلپىيەگە تېلىفون قىلدى،زۇلپىيەنىڭ ئاۋازىنى بىر ئاڭلىۋېلىشنى ، ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراشنى شۇنداق ئارزۇ قىلاتتى ،لېكىن زۇلپىيە ئۇنىڭ تېلىفونىنى ئالمىدى.
[align=justify]    دۈشەنبە كۈنى ئەسقەر ئىشقا كېلىپ زۇلپىيەبىلەن سۇسقىنا سالامالاشتى ۋە  ئاستىرىتىن ئۇنىڭغا سەپسالدى  ، زۇلپىيەنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن  بولۇپ، يىغلىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى،ئەسقەرنىڭ يۈرىكى ئېچىشتى،زۇلپىيەنىڭ ئازابلىنىشىغا قاراپ ، ئۆزىنى تۇتىۋالالماي يېنىكىلىك قىلغانلىرىغا قاتتىق پۇشايمان قىلدى، << زۇلپىيەنى ئۇ يەرگە ئاپارمىسام بوپتىكەن>> دەپ ئۆزىنى ئىچىدە ئەيىپلىدى..بىرنەچچە قېتىم گەپ قىلىشقا تەمشىلىپ ئاغزىنى ئۆمەللەپ  زۇلپىيەگە قارىغاندا، زۇلپىيە كۆزىنى ئۇنىڭدىن ئېپقېچىپ باشقا تەرەپكە قارىۋالدى.  ئۇ كەچكىچە شۇنداق بۇرۇقتىمىلىق ئىچىدە ئۆتتى. كەچتە ئىشتىن چۈشۈشكە ئاز قالغاندا زۇلپىيە ئەسقەرنىڭ ئالدىغا بىر پارچە خەت قىستۇرۇلغان ژورنالنى  قويۇپ:
[align=justify] - بۇنىڭ ئىچىدىكى خەتنى كۆرۈپ بېقىڭ ،- دەپلا  چىقىپ كەتتى،ئەسقەر ئۆيگە قايتماي شاۋۋاڭ چىقىپ كېتىشى بىلەنلا خەتنى ئاچتى.
[align=justify]  خەتتە  << سىزنى خىزمەتدېشىم ئەسقەر دەپلا ئاتاي، بۇگەپلەرنى بىۋاستە ئېغىز ئارقىلىق دېيىش ئەپسىز بولغاچقا، خەت ئارقىلىق ئىپادىلەشنى توغرا تاپتىم، ئىككىمىز بىرگە ئىشلەۋاتقىلى بىر يىلدىن ئېشىپ قالدى ،بىرگە ئىشلەش  جەريانىدا ئىككىلىمىز بىر -بىرىمىزنىڭ مىجەزىنى چۈشىنىپ كەتتۇق، مەن سىزنىڭ ئېغىر -بېسىق، ئەستايىدىل، مىجەزىڭىزنى ياقتۇرىمەن، سىز ئىنتايىن ئېسىل يىگىت، مەن سىزنىڭ مېنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىڭىزنى خېلى بۈۇرۇنلا سەزگەن ئىدىم ،لېكىن چاندۇرماي يۈرگەن ئىدىم ،ئۇنىڭغا مۇشۇنداق ئوچۇق -يورۇق مۇئامىلە قىلىپ ئۆتسەم ،بەلكىم بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ، مېنىڭ ئائىلەمنى ئويلاپ بولسىمۇ ئۆزىنى تارتىدىغۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم كېيىن قارىسام سىزمۇ بىپەرۋا يۈردىڭىز، شۇنىڭغا قاراپ مەن << ئەسقەر بۇ ئايىغى چىقماس ياخشى كۆرۈشتىن ئۆزىنى تارتقان ئوخشايدۇ >> دەپ ئىچىمدە خوشال بولغان ئىدىم، ئەپسۇس،سىز بىلىندۈرمىگىنىڭىز بىلەن مېنى يەنىلا شۇنچە سۆيۈپ كەپسىز، شەنبە كۈنىدىكى ئىشتا بەلكىم ئۆزىڭىزنى قاتتىق ئەيىبلىگەنسىز، لېكىن بۇ ئىشتا سەۋەنلىك يالغۇز سىزدىلا ئەمەس،  چاۋاك ئىككى قولدىن چىقىدۇ، ئۇ كۈنكى ئىشتا سىز ھەرگىزمۇ مېنى مەجبۇرلىمىدىڭىز،بۇنىڭدىكى سەۋەنلىك  پەقەت مېنىڭ تەلۋە ھېسياتنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ، ئۆزەمنى تۇتىۋالالماي قالغانلىقىمدىن كېلىپ چىقتى، مەن ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىر كېچە ئۇخلىماي ئۆزەمنى ئەيىپلەپ چىقتىم، قاتتىق ۋىجدان ئازابىدا قالدىم، مەن نېمە دېگەن نومۇسسىز ئايال، مەن يولدۇشۇمغا، قىزىمغا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشتىن بىرنى قىلدىم، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزەمنى بىر ئۆمۈر ئەيىپلەيمەن، مېنىڭ سىزدىن ئۆتىدىغىنىم ئائىلەم ، قىزىم ئۈچۈن مېنى ياخشى كۆرۈشتىن ۋاز كېچىڭ، مەن قىزىمنىڭ يېتىم بولۇپ قېلىشىنى، يولدۇشۇمدىن ئايرىلىپ قېلىشنى ھەرگىزمۇ خالىمايمەن، سىزمۇ ئەقىللىق يىگىت، مېنىڭ ئائىلەمنىڭ ئۆزىڭىز سەۋەبىلىك  ۋەيران بولۇپ كېتىشىنى خالىمايسىز بەلكىم،مەن سىزنىڭ ئەخلاقلىق، ياخشى قىزدىن بىرنى تېپىپ  ئۆمۈرلۈك جۈپ قىلالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن، بىزنىڭ  يەنە بىر سەپتىكى ئادەتتىكى خىزمەتداش بولۇپ ئىشلەپ قېلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن:دەپ خىزمەتدىشىىڭز زۇلپىيە>>دەپ يېزىلغان ئىدى.
[align=justify]  خەتنى ئوقۇپ  بولغان ئەسقەر ھۇش -كاللىسىدىن ئايرىلغاندەك جايىدا ئولتۇرۇپ قالدى.ئۇنىڭ شۇ تاپتا تازا ھۆڭگىرەك ئېتىپ يىغلۇغىسى كېلەتتى،ئېغىر قايغۇغا پاتقان ئەسقەر  مەس بولۇپ قالغان ئادەمدەك باشلىرى گاراڭ ھالدا ئۆيىگە قايتىپ كەلدى، قانداق قىلىش كېرەكلىكى ئۈستىدە ئويلۇنۇپ ،خىيالىنىڭ ئاخىرىنى چىقىرالمىغان ئەسقەرنىڭ بىرنەچچە كۈن ئىچىدە ،چىرايى ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرۇتقىدەك دەرجىدە تاتىرىپ،شۇنداق بىچارە ھالەتكە چۈشۈپ قالغان ئىدى، زۇلپىيە بىلەن گەپ قىلىشماي دېگۈدەك ئۆتكەن بولسىمۇ ، ئاسىي كۆزلىرى پات -پات زۇلپىيەنى ئىزدەيتى،<< ئۇنتۇپ كېتەي>> دەپلا ئۇنتۇپ كەتكىلى بولغان بولسا ياخشى بولاتتى، لېكىن ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ- دە،ئەسقەر ئۆزىنىڭ يۈرىكىگە قول سېلىپ باقتى، ئۇ زۇلپىيەنىچىن يۈرىكىدىن ياخشى كۆرگەن بولۇپ، ئۇنداق ئىتتىك ئۇنتۇپ كېتەلمەيتتى،ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر ئىشخانىدا كۈندە نەچچە رەت ئۇچرۇشۇپ تۇرىدىغان تۇرسا، پەرۋاسىزلارچە يۈرەي دېسە ئۆزى تېخىمۇ ئازابلىناتتى، زۇلپىيەگە توي قىلش تەكلىپىنى تېخىمۇ قويالمايتتى.
[align=justify] شۇنداق ئازاب ئىچىدە تۈگىشىپ كېتىۋاتقان ئەسقەر بىر كۈنى تەسادىپى ھالدا بۆلۈم باشلىقى كامىلدىن ئىدارىغا  ئىككى يىللىق يېزىغا  چۈشۈپ ،نوقتىدا تۇرۇپ ئىشلەش ۋەزىپىسى چۈشكەنلىكىنى،بۇنىڭغا ئىككى ئادەم بارىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ قالغان ئەسقەر شۇ كۈنىلا ئىدارە باشلىقىغا دوكلاپ يېزىپ، ھەم يالۋۇرۇپ يۈرۈپ ، بۇرۇن ئىشلىگەن يېزىسىغا بېرىپ ئىشلەشكە ماقۇل كەلتۈردى، يېزىغا بېرىشتىن ھەممە ئادەم قېچاۋاتسا ، بۇ يىگىتنىڭ تەلەپ قىلىپ بېرىشى ئىدارە باشلىقىنى بىرئاز ھەيران قالدۇردى.ئەسقەر يېزىغا مېڭىش ئالدىدا نەرسە -كېرەكلىرىنى يۇغۇشتۇرغاچ زۇلپىيە بىلەن ئاددىغىنە خوشلاشتى،خوشلىشىش جەريانىدا كۆزلىرىگە پاتماي قېلىۋاتقان ياشلىرىنى ناھايتى تەستە توختىۋالغان ئىدى.ئەسقەر زۇلپىيەنى ئۇنتۇپ كېتەلەمدۇ ياكى ئۇنتۇپ كېتەلمەمدۇ ، ئۇنى بىلمىسىمۇ ،ئۇنىڭدىن  ئۆزىنى تارتىش ئۈچۈن مۇشۇ يولنى تاللىغىنىنى ئۆزىچە  ئەڭ توغرا دەپ قارايتتى،

[align=justify]

[align=justify]

[align=justify]مەنبە : ئۆز قەلىمىم
 

[align=justify]


مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.

غەلبە ئۈچۇن چەكك

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 755
يازما سانى: 2053
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18369
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1682 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2011-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-29 12:12:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز [s:2]

||★||★||★|叶城\js跑酷!|\(jasurPARKOUR)|★||\跑 酷 队!★★|| مىنىڭ ئىرادەم ھەممىنى قارار قىلىدۇ . ''

دىلنىڭ سىر دىشى -

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 183
يازما سانى: 1650
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9974
تۆھپە نۇمۇرى: 313
توردا: 955 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-29 11:26:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز ،ئازمايدىغان كىم بار ،بۇتوغرۇلۇق ئارتۇق بىر نەرسە دىمەي . [s:2]

مەن يىقلىپ كەتتىم ،بۇرنۇمدىن قان ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىۋاتىدۇ ،لىكىن ئالدىمغا قاراپ ماڭدىم ،قان توختايدىغاندەك ئەمەس ،مەن يەنىلا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۋاتىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1300
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9861
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2011-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-29 11:54:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاسقا ئورۇن ئەپ قۇياي..كىيىن ئوقۇيمەن...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش