كىلىننىڭ ئەخلاقى
كېلىن- ئىككى ئائىلىگە تەۋە بولۇپ، ھەر ئىككى ياقتىكى ئاتا-ئانىلىرنىڭ ئۆز-ئارا ياخشى مۇناسىۋەتتە بولۇشىنى بەرپا قىلغۇچى ئاساسى كۈچ. ئۇلار خۇددى دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىنى تۇتاشتۇرغۇچى كۆۋرۈككە ئوخشايدۇ. شۇڭا كېلىننىڭ ئەخلاق – پەزىلىتىنىڭ قانداق بولۇشى قۇدىلارنىڭ ئەپ ئۆتۈشىدە، ئائىلىنىڭ خاتىرجەم بولۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم
كىلىن بولغۇچى قېينانا، قېيناتىڭىزنى، ئېرىڭىزنى ۋە ئۇنىڭ قېرىنداش، ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭىزدەك كۆرۈپ ھۆرمەتلەڭ. ئۇلارغا مېھرىبان، شەپقەتلىك بولۇڭ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئىتائەتمەن بولۇڭ، بۇيرۇغانلىرىنى “خوش” دەپ تۇرۇپ ئورۇنداڭ. سىزنىڭ توغرا بولۇپ كەتكەن تەغدىردىمۇ گەپ تالاشماڭ، جاۋاپ قىلماڭ. شېرىن سۆزلۈك بولۇڭ، بولۇپمۇ قينانىڭىزنى سىزنى تۇغقان ئانىڭىزدەك كۆرۈپ ھۆرمەت قىلىپ رازى قىلسىڭىز، كۈنلەردىن بىر كۈنى كېلىنىڭىزمۇ سىزنى شۇنداق ھۆرمەت قىلىدۇ. چۈنكى ” نىمە تىرىساڭ شۇ ئۈنىدۇ” ئەمەسمۇ؟
كېىلىن بولغۇچى قېينانا- قىيناتىڭىزنىڭ، ئېرىڭىزنىڭ ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ مىجەز- خاراكتىرى ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىگە ماسلىشىڭ. ھەر قانداق ئائىلىنىڭ ۋە شۇ ئائىلىدىكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تۇرمۇش ئادىتى، مىجەز- خاراكتىرى ئۆزگىچە بولىدۇ…..” بىزنىڭ ئۆيدە ئۇنداقتى، بۇ ئۆيدە مۇنداقكەن” دەپ تۇرۇۋالماڭ. قىينانا ۋە قىيناتىڭىز چاي ئىچىشكە ئامراق بولسا، سىزمۇ تەدرىجى چاي ئىچىپ ئادەتلىنىشكە تىرىشىڭ. قىينانىڭىز گەپدان بولسا، سىز سۈكۈت قىلىشنى ئادەت قىلىڭ. قىيناتىڭىز سەپرا مىجەز بولسا، سىز ئېغىر- بىسىق، تەمكىن بولۇڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، ئۇلار بىلەن ماسلىشىپ كىتەلەيسىز، كۈنىڭىزمۇ خاتىرجەم ئۆتىدۇ.
تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسىدە كۆرسىتىلگەندەك، ماسلاشقانلار ئامان قالىدۇ، ماسلىشالمىغانلار شاللىنىدۇ ئەمەسمۇ؟ تۆۋەندە بىر ئائىلىگە كېلىن بولغان بىر كېلىننىڭ سۆزىنى ئاڭلايلى.
مەن چوڭ بىر ئائىلىگە كېلىن بولۇپ كىرىپ ياخشى ھايات كەچۈرمەكتىمەن. قىينانام، قىيناتام، ئېرىم ۋە قىينىسىڭىللىرىم ھەممىمىز بى نىيەت- بىر مەقسەتتە ئۆتىمىز. ئۇلار كۆپچىلىك بولغانلىقى ئۈچۈن مەن ھەر جەھەتتىن ئۇلارنىڭ مىجەز- خاراكتىرىگە، تۇرمۇش ئادەتلىرىگە ماسلاشتىم. شۇنداق بولغاچقا، مەن ھازىر ئۇلارنىڭ كېلىنى ئەمەس، بەلكى ئۆزۈمنى ئۇلارنىڭ ھەقىقى ئۆز پەرزەنتى سۈپىتىدە ھىس قىلىمەن، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۆز- ئارا مۇناسىۋەتنى مۇستەھكەملەشكە تىرىشتىم، ئەڭ ئالدى بىلەن قىينانام ۋە ئېرىم توغۇرلۇق بىرەر سۆز يامان سۆزنى ئۆز ئاتا- ئانامغا دېمىدىم.
سەۋىر-تاقەتلىك بولۇڭ، يول قويۇشنى بۈلۈڭ.بىر ئائىلە دىگەندە چىنە- قاچىلارمۇ نىگاندا ” تاراق-تۇرۇق” بولۇپ قالىدۇ، ئائىلە ئەزالىرى ئارىسىدىمۇ ئۇقۇشماسلىقلار ۋە ناھەقچىلىكلەر بولمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ، بولۇپمۇ قىينانا بىلەن كېلىن ئوتتۇرىسىدا چۈشىنىشمەسلىك، ئۇقۇشماسلىقنىڭ بولۇشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس. ئائىلىدە كىلىنلەر بىلەن قىينانا ئوتتۇرىسىدا نىزا ۋە جىدەل- ماجرانىڭ سادىر بولۇشى كۆپىنچە سەۋىرسىزلىكتىن بولىدۇ. كېلىن بولغۇچى ھەر قانداق ئەھۋالدا سەۋىر-تاقەتلىك بولۇپ، بىردەملىك ئاچچىققا ھاي بەرسە، ئۆتكەنگە سالىۋات قىلسا، ئائىلىدە ئۇقۇشماسلىقلار سەۋەبىدىن بولىدىغان كۆڭۈل ئاغرىقى ۋە جىدەل- ماجرادىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە ئازراق ئىش ئۈچۈن يەڭگىلتەكلىك قىلسىڭىز، كىچىككىنە ئىشمۇ چوڭىيىپ ئائىلە مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىسىز، شۇڭا ئەجدادلىرىمىز ” سەۋىرنىڭ تىگى ئالتۇن” دەپ توغرا ئىيىتقان.
چېقىمچى، غەيۋەتخۇر بولماڭ. چىقىمچىلىق، غەيۋەتخۇرلۇق كىلىنلەرنىڭ ئوبرازىغا نۇقسان يەتكۈزىدىغان، ئىككى ئائىلىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەپ بولىدىغان ئەڭ يامان ئىللەت.
ھەر قانچە ياخشى ئانا بولسىمۇ ئۆز قىزىنىڭ چېقىمچىلىقىغا ئىشەنمەيدۇ دىگىلى بولمايدۇ. بەزى كىلىنلەر ئۆزلىرىدىكى ئەيىبىنى كۆرمەي قىينانا، قىيناتىلىرىدىن يامانلاپ بارىدۇ. ئۆزىنى خورلۇقتا قالغاندەك، ئېرىنىڭ كارى بولمىغاندەك قىلىپ كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يەڭگىل مىجەزلىك ئاتا- ئانىلار قىزىنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ قۇدىلىرىدىن رەنجىيدۇ – دە، ئىككى ئائىلە ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت پەيدا بولىدۇ. يەنە بەزى كېلىنلەر قىينانا، قىيناتىلىرىنى، ئېرىنىڭ بىر تۇققانلىرىنى ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن ئېرىگە چاقىدۇ- دە، بۇ ئائىلىگە ئىتتىپاقسىزلىق ئۇرۇقىنى چاچىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى ، ئىتتىپاقسىزلىق ۋە جىدەل -ماجرا كۆپ بولغان ئائىلىلەرنىڭ ئىش- ئوقىتى ئالغا باسمايدۇ. ئائىلە غۇربەتچىلىكتە، پەرىشانلىقتا ئۆتىدۇ. بۇنداق ئىتتىپاقسىزلىق، جىدەل – ماجرا مۇھىتىدا بالىلىرىمۇ ياخشى تەربىيىگە ئىگە بولالمايدۇ، شۇڭا، ئەجدادلىرىمىزدىن تارتىپ چىقىمچىلىق، غەيۋەتخورلوق لەنەتلىنىپ كەلگەن.
قولىڭىز ئەپچىل ، ئايىغىڭىز چاققان ، ئىش- ھەرىكىتىڭىز سىلىق بولسۇن. ئاش- تاماق ئېتىش، كىر-قات يۇيۇش، ئۆي سەرەمجانلاشتۇرۇش، يىڭنە ئىشى قىلىش،نان – پان يىقىش، چاي- مەززە تەييارلاپ مىھمان كۈتۈش، بالا بېقىش……. قاتارلىق ئىشلار بىر خىل ھۈنەر بولۇپ كىلىن بولغۇچى بۇ خىل ھۈنەرنى ئۆگېنىۋىلىشى كىرەك، ئەگەر يۇقىرىقى ئىشلارنى قانداق قىلىشنى بىلمىسىڭىز قىينانىڭىزدىن سوراپ ئۆگىنىۋىلىشقا تىرىشىڭ ھەمدە مەشىق قىلىپ ئادەتلىنىڭ.
ئۆي ئىشلىرىنى قىلغاندا قولىڭىز ئەپچىل، ئايىغىڭىز چاققان بولسۇن. مەسىلەن: چاي تەييارلاڭ دىسە، بەش مىنىۇتتىلا چاي دەملەپ، ئاش- تاماق ئىتىڭ دىسە ۋاقىت- سائىتىدە پىشۇرۇپ ئەكىرىشنى بىلىڭ. بۇنىڭ ئەكسىچە، سۆرەلمىلىك قىلىپ چاي دەملەشكە يېرىم سائەت ۋاقىت سەرىپ قىلسىڭىز، ئوچاققا ئوت تۇتاشتۇرالماي ۋاقىتنى ئىسراپ قىلسىڭىز، ئىشلەتكەن نەرسىلىرىڭىز ھەر جايغا چىچىلغان، تۆكۈلگەن، دەملىگەن چىيىڭىز، ئەتكەن ئاش- تامىقىڭىز ئاز بولۇپ قىلىپ ئائىلىدىكىلەرگە ياكى مىھمانلارغا يىتىشمىگەن، كۆپ بولۇپ كىتىپ ئىسراپ بولىدىغان ئەھۋاللار تەكرارلانسا، ئۆزىڭىز مۇشەققەت تارتقاننىڭ ئۈستىگە ئائىلىدىكى چوڭلارنى ۋە ئېرىڭىزنى نارازى قىلىسىز.
ئائىلە ئىشلىرىنى قىلغاندا قولىڭىز سىلىق- سىپايە، چېۋەر بولسۇن. ئەگەر سىز قاچا- قۇچا يۇيغاندا قاچىلارنى بىر- بىرىگە سوقۇشتۇرۇپ دەز كەتكۈزىۋەتسىزىڭىز ياكى چىقىۋەتسىڭىز. چاينىڭ يىرىمىنى پىيالىنىڭ ئىچىگە، يىرىمىنى تىشىغا، كۆپۈكلىتىپ قۇيسىڭىز، گۆش توغرىغاندا قولىڭىزنى كىسىۋالسىڭىز، كىيىم- كىچەكلەرنى قاتلاپ، رەتلىك يىغىشتۇرۇشنىڭ ئورنىغا پوملاپ دۆۋىلەپ قويسىڭىز، قولغا چىققان نەرسىلەرنى ئۇدۇل كەلگەن يەرگە تاشلاپ قويۇپ، لازىم بولغاندا چۆرگىلەپ يۈرۈپ ئىزدەپ ۋاقىتنى بىكارغا ئۆتكۈزىۋەتسىڭىز، بۇ قولىڭىزنىڭ سىلىق .ئەمەسلىكىنى، ئۆزىڭىزنىڭ قوپال، كالامپاي ئىكەنلىكىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. بۇ كىلىن ئۈچۈن چوڭ نۇقساندۇر، شۇڭا بەزى كىشىلەرنى كىچىكىدن باشلاپ ئائىلە ئىشلىرىغا ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ ماھارىتىنى يىتىلدۈرۈش ئاتا- ئانىلارنىڭ بۇرچىدۇر. ئائىلە ئىشلىرىنى قىلغاندا بىر ئىشنى بۇيرۇمىسىڭىزمۇ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشنى ئۆزىڭىز تىپىپ قىلىپ چوڭلارنى، ئېرىڭىزنى رازى قىلىشقا تىرىشىڭ. بۇيرۇغان ئىشنى قىلىش ھەر كىمنىڭ قولىدىن كەلگەن بىلەن بۇيرىمىغان ئىشنى قىلىش ھەر كىمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ.
شەرمى- ھايالىق بولۇڭ. شەرمى – ھايا ۋە ئىپپەت ئاياللارنى ئەرلىرىگە سۆيۈملۈك، يۇرت -مەلىگە كۆرۈملۈك كۆرسىتىدىغان ئەڭ ئۇلۇغ پەزىلەتتۇر. ئەبۇ ئەلى ئىبىن سىنا ” ھايا ئىنساننىڭ ئەبەدىي گۈزەللىكى ۋە لاتاپىتىدۇر، ھاياسىز كىشى جەسەتكە ئوخشايدۇ” دېگەنىدى. شەرمى- ھايا ئىنساننىڭ گۈزەللىكى ئىكەن، سىز بۇ گۈزەللىككە ئىنتىلىڭ. ئېرىڭىز بىلەن سىز ۋە بالىلىرىڭىز ئوتتۇرىسىدا شەرمى- ھايا بولسۇن، بۇنىڭغا ھەرقانداق شارائىتتا دىققەت قىلىڭ. قىينانا، قىيناتىڭىز ۋە بالىلىرىڭىز .ئالدىدا قوپال، ھاياسىز سۆزلەرنى قىلماڭ، چوڭلارنىڭ ئالدىدا ئېرىڭىزنى خىجىل قىلىدىغان سۆزلەرنى ۋە قىلمىشلارنى قىلماڭ، ئېرىڭىزگە يالغان سۆزلىمەڭ، ئېرىگە يالغان سۆزلىگەن ئايال دۇنيادا بىرىنچى دەرىجىلىك بۇزۇق ۋە تەربىيىسىز ئايالدۇر. ( رىزائۇددىن ئىبىن فەخرىدىن) . چوڭلارنىڭ ئالدىدا قاقاھلاپ كۈلمەڭ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا پۇتلىرىڭىزنى چىقىرىپ ئولتۇرماڭ، بۇرنىڭىزنى كولىماڭ، تاشلىماڭ، چوڭلارنىڭ ئالدىغا كىچىلىك كىيىم بىلەن باش كۆزىڭىز رەتىسز ھالدا چىقماڭ، كىيىم- كىچەكلىرىڭىز پاكىز، رەتلىك بولسۇن، بەك تار كىلىدىغان كىيىم-كىچەكلەرنى كىيىپ يۈرمەڭ، گىرىمنى لايىقىدا قىلىڭ، ئالا- يىشىل، توق گىرىم سالاپىتىڭىزگە زىيانلىق. توي- تۆكۈن ئادىمىگەرچىلىكلەرگە بارسىڭىز، باشقا ئاياللارنى چىرايى، كىيىم- كىچەكلىرىنى مەسخىرە قىلماڭ. ئەگەر سىزدە ئايدەك چىراي بولۇپ شەرمى- ھايا بولمىسا، ئېرىڭىزنىڭ ئىخلاسى قىلىپ يۇرت- مەلىنىڭ ئەيىبلىشىگە، نەپرىتىگە ئۇچرايسىز. مۇبادا سىز يوقسۇل بولسىڭىزمۇ نومۇسچان شەرمى- ھايالىق بولسىڭىز، ئائىلىدە ئىززەتلىنىپلا قالماي، يۇرت- مەلىنىڭمۇ ھۆرمىتىگە ئېرىشىسىز. شۇڭا شەرمى- ھايا تەبىئىيكى كىلىنلەرگە ئادەت بولمىقى ئىنتايىن زۆرۈردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن ” ھايا بىلەن كەم سۆزلۈك ئىماننىڭ ئىككى قىسمىدۇر، ئۇياتىسزلىق ۋە كۆپ گەپ قىلىش مۇناپىقنىڭ ئىككى قىسمىدۇر”.
ئائىلىڭىزنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى بىلەن ھىساپلاشماي كىيىم- كىچەك، زىبۇ- زىننەت ماجراسى قىلماڭ. ئۆزىڭىزنى ئىقتىسادى شارائىتى ياخشى ئائىلىلەرنىڭ كىلىنىگە سىلىشتۇرماڭ،” پالانچى خوتۇنىغا ئۇنداق نەرسە ئىلىپ بىرىپتۇ، ماڭىمۇ شۇنىڭدىن ئىلىپ بىرىڭ، پوكۇنچى خوتۇننىڭ ئالتۇن ھالقىسىنى ئۆزگەرتىپ يوغىنىتىپ بىرىپتۇ، مېنىڭكىنىمۇ شۇنداق قىلىپ بىرىڭ” دەپ ئېرىڭىزنى تەڭلىكتە قويماڭ. ئائىلە ئقتىسادىڭىزغا قاراپ ئاددى- ساددا كىيىنىڭ، مودا قوغلاشماڭ، باشقىلار بىلەن بەسلەشمەڭ، بۇنداق قىلىش قانائەتسىزلىكتۇر، قانائەتلىك بولۇش، ئۆزىدە بارىغا رازى بولۇش ئەرلەر ئۈچۈنمۇ، ئاياللار ئۈچۈنمۇ ئەڭ گۈزەل سۈپەتتۇر، قانائەتسىزلىك ئادەم بالىسى ئۈچۈن بىر خەستىلىكتۇر، قانائەتسىزلىككە مۇپتىلا بولسا، توغرا يولدىن چەتنەپ تۇرمۇشنىڭ مۇشەققەتلىرىگە دۇچار بولغۇسىدۇر. !..
قانائەتىسزلىك كىشىنىڭ كۆزى ئاچ، ھاجىتى كۆپ بولۇر، بۇنداق ئايال زاتىنىڭ كېچە- كۈندۈز پىكىر خىيالى كىيىم- كىچەك، زىبۇ- زىننەت بولۇپ، ئۆزىنى كۆرسىتىشنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدۇ. بۇلار ئۈچۈن ئەرلىرىنىڭ تاپقىنى يىتىشمەي، ئائىلىدە جىدەل- ماجرا سۈرىدۇ. بۇ بىر ئائىلە ئۈچۈن كاتتا پاجىئە پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كېلىنلەرگە ئەرلىرىنىڭ تاپقان- تەرگىنىگە شۈكۈر قانائەت قىلماق تولىمۇ زۆرۈر. ئەجدادلىرىمىزنىڭ ” يوتقانغا قاراپ پۇت سۇن” دىگەن ھىكمەتلىرى بار، بۇ تاپقىنىڭغا قاراپ خىراجەت قىل دىگەنلىكتۇر. بۇ ھەرگىزمۇ چىرايلىق كۆرۈنگەن نەرسىنىڭ ھەممىسىنى ئېلىۋەر، بۇ ھەپتىدە كىيىم- كىچەك ئالساڭ، ئۇ ئايدا زىبۇ- زىننەتكە يۈگۈر، ھەتتا نىسىگە كىيىم- كىچەك سىتىۋال دىگەن گەپ ئەمەس. ئاڭلىسام ھەر ئايدا ھۆكۈمەت تەمىناتى ئالىدىغان بەزى كىلىنلەر كىيىم- كىچەككە خىراجىتى يىتىشمەي سودىگەرلەرنىڭ نىسى تىزىملاش دەپتىرىگە يازدۇرۇپ قويۇپ نىسىگە كىيىم- كىچەك كىيىدىكەن، بەزىلىرى كونا نىسىنى تۆلەپ يەنە نىسىگە ئىلىۋىرىدىكەن، بۇنىڭدىن زېرىككەن سودىگەر خوتۇنلار ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئاڭلىتىپ تۇرۇپ ئەيىبلىسىمۇ ئۇلار غېمىدە يوق خىجىل بولۇشماي كىتىۋىرىدىكەن، توۋا قىلدىم، بۇنداق ئاچكۆزلۈكنى قەيەردىن، كىمدىن ئۆگەنگەندۇ بۇلار؟ تېخى بۇنداقلارنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق تاپقان سەۋەپلىرىمۇ بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ دىيىشىچە ” زامان شۇنداقمىش” بۇنداق تاپقان تەرگىنىنى زۆرۈرىيەتىسز كىيىم- كىچەك، زىبۇ- زىننەتلەرگە، زامانە ئۆرىپ ئادەتلىرىگە سەرىپ قىلىپ، كۆزى تويماس يەنە نېسىگە كۆنگەن كېلىنلەرنىڭ بىچارە ئەرلىرىنىڭ ھالىغا ۋاي.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن ” ئاددى كىيىم كىيىشمۇ ئىماندىندۇر” كېلىنلەر! كىيىم- كىچەك، زىبۇ زىننەتكە ئىمانىمىزنى تىگىشمەيلى، چۈنكى، ئىمان بارلىق پەزىلەتنىڭ يىغىندىسى، پۈتۈن ياخشىلىقنىڭ مەنبەسىدۇر.
پاكىز رەتلىك بولۇشقا ئادەتلىنىڭ، پاكىزلىق سالامەتلىكنىڭ ئاساسىدۇر. ئادەم ساغلام بولسا، تېنى ساۋاپلىق ئىشلارنى قىلىشقا بەرداشلىق بىرەر، ئۆمرى ئۇزۇن بولۇر، شۇڭا ئۈستىۋاشلىرىنىڭ پاكىز بولۇشىغا دىققەت قىلىپلا قالماي، ئۆي، ئاشخانا، ھويلا ئاراملىرىڭىزنىڭ رەتلىك پاكىز بولۇشىغا ئەھمىيەت بىرىڭ. بىر كىلىننىڭ ئىش كۆرگەن ، تەربىيەتلىك ئىكەنلىكى ئۇنىڭ ئۈستىۋىشىنىڭ پاكىزلىقى، تۇتقان ئۆيى، ئىشلەتكەن ئاشخانسى، ھويلا ئاراملىرىنىڭ پاكىز، رەتلىكلىكى، ئىشلىتىلگەن ئائىلە ئەسۋاپلىرى ۋە جابدۇقىلىرىنىڭ پاكىز، جاي- جايىغا قويۇلغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر، تىرىكچىلىك قىلىپ تۇرغان ئورۇننىڭ پاكىز بولۇشىمۇ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى، تۇرمۇشىنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇشى ئۈچۈن پايدىلىقتۇر.
سىز ئۆزىڭىزنى تۈزەپ، ياساپ يۈرۈپ، تىرىكچىلىك قىلىپ تۇرغان ئورۇننىڭ پاكىزلىقى بىلەن كارىڭىز بولمىسا، سىزنى تەربىيە كۆرگەن كىلىن دىگىلى بولمايدۇ، شۇڭا سىز ئەتىگەن تۇرۇپ يۇقىرىقى ئورۇنلارنى پاكىز سۈپۈرۈپ تازلاپ، سۈپۈرگەندە ئەخلەتلىرىنى دۆۋىلەپ قويماي ۋاقتىدا ئىلىپ، تاشلانغان نەرسىلەرنى ئۆز رېتى بويىچە سەرەمجانلاشتۇرۇشنى ئادەت قىلىڭ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن “چىشىڭلارنى مىسۋاك بىلەن يۇيۇڭلار، تازىلىققا ئادەتلىنىڭلار.
بۇ يەردىكى ئادەتلىنىش دىگىنىمىز، پاكىزلىق دائىملىق ئىش- پائاليىتىڭىز بولسۇن، بۈگۈن تازىلىق قىلىپ، ئىككىنچى كۈنى ئۇنتۇپ قالماڭ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇڭ دىگەنلىكتۇر.
يۇقىرىقىلارغا ئەمەل قىلالىسڭىز، ھازىر ياخشى كىلىن، كەلگۈسىدە ياخشى ئانا بولىسىز، چوڭلارنى، ئېرىڭىزنى رازى قىلىپ ئۇلارنىڭ رەھمىتىنى ئالىسىز.
http://www.turmux.net/?p=2601