ئالتۇن باھاسى قۇربان ھىيىتتىن باشلاپ 1700 دوللاردىن 1716 دوللارغىچە قىسقا ئارلىقتا تەۋرەندى . يەنى ھىيىت ۋە ھىيىتىتىن كىيىن نەچچە قىتىملاپ 1716 دوللارغا چىقىپ يەنە 1705 دوللارغا چۈشۈپ قالدى . بۇ ھال ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈش ھالىتىنىڭ بوشلىقىنى ئىپادىلەپ بەردى . بىراق 31-ئۆكتەبىر يەنە ئۆسۈپ كەچتە 1726 دوللارغا چىقىپ كىشلەردە ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە بىر ئۈمىت پەيدا قىلدى .
ئەتىسى 1-نويابىر يەنە تۆۋەنلەپ 1716 دوللارغا چۈشۈپ قالدى . 2-نويابىر جۈمە كۈنى ئالتۇن باھاسى پۈتۈن كۈن 1712 دوللاردىن 1705 دوللار ئەتراپىدا قىسقا ئارلىقتا تەۋرىنىش ھاسىل قىلدى .
ئەمما كەچتە ئامرىكا ئىلان قىلغان غەيرى يىزا -ئىگىلىك تارماقلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا دائىر سانلىق ئۇچۇرلارنى ئىلان قىلىش بىلەن ئالتۇن ، كۈمۈش ۋە بارلىق تاۋارلاردا باھا چۈشۈش كۆرۈلدى .
شۇ كۈنى، نيۇيورك تاۋار بېرژىسى ئالتۇن قەرەللىك مال بازىرىدا ئەڭ ئاۋات بولۇۋاتقان 12- ئايلىق ئالتۇن قەرەللىك مال باھاسى ھەر ئۇنسىيەنىڭ 1675.2 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئالدىنقى سودا كۈنىگە سېلىشتۇرغاندا 40.3 ئامېرىكا دوللىرى چۈشكەن، چۈشۈش كۆلىمى %2.35 بولغان .
ئالتۇن باھاسى بۇ يىل 9-ئاينىڭ ئاخىرى 1796 دوللارغا چىققاندىن كىيىن ئىزچىل تۆۋەنلەش ھالىتىگە ئۆتۈپ قىسقىغىنا بىر ئاي ئىچىدە 100 دوللاردىن ئارتۇقراق تۆۋەنلىگەن ،
ئالتۇننىڭ چۈشۈپ كىتىشىگە نىمە سەۋەپ بولىۋاتىدۇ ؟
بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئامرىكا ھەر ئايدا ئىلان قىلىدىغان غەيرى يىزا ئىگىلىك ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانىنىڭ ئىشىپ ھەر تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلارنىڭ كۈندىن -كۈنگە ياخشى چىققانلىقىدىن بولغان .
مەن بىر ئىقتىساتشۇناسنىڭ << ئامرىكىغا سوغۇق تەگسە پۈتۈن دۇنيا زۇكام بولىدۇ >> دىگەن سۆزىنى ئاڭلىغان ئىدىم .
بۇ ناھايىتى توغرا ئىيتىلغان گەپكەن . مەسلەن ،؛ئامرىكىنىڭ ئىقتىسادى ياخشىلىنىپ دوللار قىممىتى ئىشىپ ئامرىكىنىڭ ھەر قىتىم ئىلان قىلىندىغان سانلىق مەلۇماتلار داۋاملىق ياخشى چىقسا بارلىق تاۋارلارغا بىسىم پەيدا قىلىپ پاي -چەكتىن تارتىپ بارلىق تاۋارلار چۈشۈش يۆنلىشىگە قاراپ ماڭىدىكەن .
ئەگەر بۇنىڭ ئەكسىچە ئامرىكا ئىقتىسادى ناچارلىشىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى ئازىيىپ ھەر ئايدا ئىلان قىلىندىغان سانلىق مەلۇماتلار ناچارلاشسا شۇئانلا دوللار قىممىتى چۈشۈشكە قاراپ مىڭىپ ئالتۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تاۋارلار ئىشىشقا قاراپ ماڭىدىكەن .
ئالتۇننىڭ جۈمە كۈنى كەچتىكى چۈشۈپ كىتىشى دوللار قىممىتىنىڭ ئىزچىل ئىشىپ كىتىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك .
نىفىت باھاسىمۇ 87 دوللاردىن 84.66 دوللارغا چۈشۈپ قالدى .
ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئالتۇن باھاسىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولار ؟؟؟
بۇ ھەپتە ئامرىكا زوڭتۇڭ سايلىمىنىڭ نەتىجىسى چىقىدۇ . ياۋرۇپا بانكىسى ئۆسۈم نىسبىتىنى ئىلان قىلىدۇ .
خەلقئارا سىياسى ئىقتىسات سەھنىسىدىكى بۇ چوڭ قارارلار تاشقى پىرۇۋۇت بازىرىغا چوڭ تەسىرلەرنى كۆرسىتىشى مۆمكىن .
ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئالتۇن باھاسى 1650 دوللاردىن 1700 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىشى مۆمكىن .
مەنبە ----بىر مىسقال بىلۇگى www.1miskal.com
مەن ئۆزىنىڭ مول ئىقتىسادى بىلىمى بىلەن مۇنبەرنى ئىقتىسادى بىلىم بىلەن تەمىن ئىتىۋاتقان << قۇلاق >> دوستىمىزغا ئالاھىدە رەھمەت ئىيتىمەن ...............