مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8655|ئىنكاس: 83

تاكسىي ھەيدەيدىغان ياشلىرىمىز-شۈكىرى قىلىڭ   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2209
يازما سانى: 306
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12667
تۆھپە نۇمۇرى: 512
توردا: 2128 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-4 02:25:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                           تاكسىي ھەيدەيدىغان ياشلىرىمىز-شۈكىرى قىلىڭ
                                                                       مەنبەسى-ئۆزۈم

("قەشقەر كونا شەھەردىكى تاكسىلار نىمىشقا تەرتىپكە سىلىنمايدۇ"نامىلىق تېمىسىغا بىرىلگەن ئىنكاسلاردىن ئويلىغانلىرىم)


31-ئۆكتەبىر  مەزكر مۇنبەردىكى تور تەخەللۇسى  baxbuh بولغان توردىشمىز قەشقەر كونا شەھەردىكى تاكسىلار نىمىشقا تەرتىپكە سىلىنمايدۇ نامدىكى ماقالسنى ئېلان قىلغان بولۇپ تورداشلارنىڭ ئىنكاسى تاكسچىلار تەرەپتە تۇرۇش،تاكىسيدا ئولتۇردىغانلار مەنپەئەتى تەرەپتە تۇرۇش، ئىككلا تەرەپكە تۇرۇشتەك ئۈچ خىل قاراش بارلققا كەلگەن. تېما ئادىرىسى:https://uyghur-archive.com/misranim/thread-90436-1-1.html

پېقىر- قەشقەر ۋىلايىتىدىكى بىر قىسىم  ناھىيلەر تاكىسيچىلىرنىڭ  ھۆكۈمەت بەش يۋەندىن  بېكىتىپ بەرگەن تاكىسىي قوزغىلىش ھەققىنى ئۆزئالدىغا ئون يىۋەنگە چقىرۋىلىپ ئامما ئارسىدا نارازىلىق قوزغىغانلىق توغرىسىدىكى بۇ تېمنى ئۇدا نەچچە كۈن كۆرۈپ، تۆۋەندىكىدەك پىكر بايان قىلشنى توغرا تاپتىم:

رەسىم:
قەشقەر شەھرىدە  تاكىسي ماشنىسى يولغا چىققان كۈن.



تاكسىي  قاتنىشى مەلۇم بىر ناھىيە-شەھەرنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئۆلچەملەرنىڭ بىرى، بىر يات كىشى ناتونۇش شەھەرگە چۈشۈپ تۇنجى ئىزدەيدىغنى تاكىىىىي شوپۇرى، شوپۇرنىڭ مۇئامىلە مۇۋاپىق مۇلازمتى شۇ يات كىشنىڭ قەلبىدە بۇ شەھەرگە نىسبەتەن تۇنجى تەسرات پەيدا قىلدۇ.ناچار تەسرات پەيدا قىلدىغان تاكىسي شوپۇرلىچۇ؟

رەسىم:
قەشقەرنىڭ چىڭقى چۈشتىكى تاكىسي ماشنا دولقۇنى



  مېنىڭچە ئەسلىي تېمىدا دىيىلگەندەك قەشقەر ۋىلايتىنىڭ  كوناشەھەر ،يەكەن ناھىيلىرىدە بىر قىسىم تاكىسي شوپۇرلىرنىڭ  ھېيىت كېلىپ قالدى دەپ5يىۋەنلىك كىرانى بىر قاتلاپ 10 يىۋەنگە چىقىرىۋىلشى  تاكى ھازىرمۇ شۇ باھادا مېڭىشى تولىمۇ ئىنساپسىزلىق.مەزكۇر تېمىدا پېقىر يازغان ئىنكاسىمقا شوپۇرلۇق كەپى بىلەن شۇغۇللىندىغان تورداشلار قاتتىق رەددىيە بەرگەن.تۆۋەندە شۇتېمىدا ئىككى تورداشنىڭ رەددىيىسگە قارىتا يەكەن تاكىسىي كەسپىگە بولغان پىكرىمنى بايان قىلمەن.

qog نامىدىكى تاكسىي ھەيدەش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تورداشقا:
ئادىرسى:https://uyghur-archive.com/misranim/thread-90436-4-1.html بەتتىكى 34-ئىنكاس
  
گېپىمىدىن قەستەن پۇتاق چىقارماڭ، مېنىڭ ئنكاسىم بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقىلقىنىڭ قىلچە مۇناسىۋىتى يوق. ئىنچىكە تەھلىل قىلىسىڭىز بۇ ئىنكاستا ئىنتايىن ئاز ساندىكى پۇلغا كۆزى تويماس تاكسيىچىلرىمىز بىلەن ھەر ئىشنى ئۆز دائىرسىدىن ھالقىتىۋەتمەيدىغان خەنزۇ تاكىسچى  يولداشلارنىڭ كەسپىي ئەخلاقىنى سېلىشتۇردۇم.

رەسىم:
مەھەللىگە توختتىلغان ،خەن يولداشلارنىڭ ئەتىگىنى دەل ۋاقىتتا يولغا چقىدىغان تاكىسي ماشنلىرى.



كەچۈرىسىز مەن يەكەن، مارالبېشى قەشقەر ئۈرۈمچىلەردە تولا قاتراپ يۇرگەچ بىزنىڭ ياشلار ۋە خەنزۇلاردىن   باشقا مىللەتتىكى مەسىلەن تاجىك،تاتار تاكىسيچىلرنىڭ ماشنىسىغا چقىپ باقماپتىمەن، (بېكار بولسىڭىز ماڭا ياردەم قىلىپ بۇ قېرىنداش مىللەت تاكسيچىلىرنى زىيارەت قىلىپ باقسىڭز مۇ ھەم بولىدۇ.)

يوپۇرغا ،تاشقۇرغان ناھىيەسدە تېخىچە تاكسي بىر يىۋەن،پوسكام، مارالبېشى، مەكىت،پەيزاۋاتلاردا ئىككى-ئۈچ يىۋەندىن ماڭىدۇ، ھېلىمۇ ھەم خۇدانىڭ كۆزى باركەن يۇقارقى ناھىيلەرنىڭ ھەربىرىدە 100دىن  600گىچە ئەتراپىدا تاكىسي ماشنىسى بار.شۇ ئەرزان تاكسينى ھەيدەيدىغان بىزنىڭ مىللەتتىكى تاكسيچى ياشلارنىڭ كۈنى يەنە مۇشۇ بەش يىۋەنگە قانائەت قىلماي بىراقلا ئون يىۋەنگە كۆزسالىدىغان ئاز قىسىم ئىنساپسىز تاكىسيچىلارنىڭ كۈنىدىن مىڭ ياخشى.


رەسىم:
قەشقەرنىڭ 5يىۋەندىن قوزغىلدىغان تاكىسىي ماشنىسى


قەشقەر شەھىرىدە ھازىر 4500ئەتراپىدا تاكىسي بار(2007-يىلى 3000تاكسىي پەيجاۋسى  بار ئىدى)يەكەندە1400ئەتراپىدا تاكىسي بار، قاغلىقتا 1000ئەتراپدا تاكىسي بار (بەلكىم جېقىراقتۇ)مانا بۇ  ناھيە(شەھەر)لەردە ئېسمنى بىلسەم تاكىسىي 5يىۋەندىن ماڭاتتىكەن، ھازىر قەشقەرنىڭ تاشقورغان، يىڭسار يوپۇرغىدىن باشقا ناھىيە بازارلىرى كۆلىمى  ئاسەن تەڭ دېمەتلىك، يەكەن مارالبېشى، قاغىلىق ناھىيەلىرنىڭ شەھەر كۆلمى جېق پەرىق ئەتمەيدۇ ئەمما تاكىسي كىراسى 3يىۋەندىن ئون يىۋەنگىچە ئارلقتا بولىۋاتىدۇ.قەشقەر شەھرنىڭ نوپۇسنى 550مىڭ، يەكەن ناھىيەسنىڭ نوپۇسنى 840مىڭ دېسەك ،دېمەك تاكىسي توسۇيدىغان كىشى باشقا جايلارغا قارىغاندا ئون ھەسسىگە يېقىن  جېق بولىدۇ، تاكسىي توسقانلار كۆپەيسە تاكىسچىلارنىڭ يانچۇقى تېخىمۇ تومپىيدۇ دېگەن گەپ، يەكەن قەشقەرلەردە ئىككى خىل گازدا ماڭدىغان تاكسيىلار كۆپ سانلقنى ئېگەللەيدۇ.يەكەندىمۇ تەبىئي گاز قاچىلاش پونكىتى ئىككى بولدى، پات يېقىندا ۋۇگزال تەرەپتە بىرى قەد كۆتۈرىدۇ، تەبئىي گازنىڭ نىسبەتەن ئەرزانلقى بەزى ناھىيىلەدە تېخىچە يوق تەبىئي گاز پونكىتى  يەكەندە بارتۇرۇقلۇق يەنە ئىنساپ قىلمىغان  بىرقىسىم ياش تاكىسي شوپۇلىرنى -ئىنساپلىق غەيرى ئېتقادلىق خەنزۇ تاكىسي شوپۇرىغا سېلىشتۇرغىنم خاتا بوپتۇمۇ.


رەسىم:
مارالبېشنىڭ كۈندۇزى3يىۋەنلىك تاكىسيسى







يەكەن تا ھازىرغىچە دۆلەت دەرىجىلىك بەشتە كاپالەت ناھىيە تىزىملكىدە ،ھازىر قى بار  840مىڭدىن كۆپرەك نوپۇسنىڭ يېرىمدىن كۆپرەك نوپۇس دېھقان ياكى نامرات شەھەر ئاھالىسدۇر.كۆپ قىسىم نامرات ئائىللەر ئەزالرنىڭ  كۈندىلىك مۇقىم كىرىمى يوق،چەت يىراقىتىكى دېھقان قېرىنداشلار  ئىچىدە  يىلدا بىرەر قۇر يىڭى كىيىم كىيەلەيدىغانلار  بەكلا ئاز.ئۇلار ئون يىۋەن تېپىۋالسا بىركۈننى قامدايدۇ.شۇنداق تۇرۇپ بەزى تاكسيچى ياشلار ھيىقماستىن ئون يىۋەننى دەسلەپكى قوزغىلىش كىراسى قىلۋالغۇسى كېلدۇ دېسە.

رەسىم:
يەكەننىڭ شەھەر يىزا تۇتاشمىسىدىكى يول ۋەبىكار توختتىلغان  تاكىسي ماشنا


ھازىر مانا ھەريىلى ھۆكۈمەت ماي پۇلسى.. دېگەندەك تولۇقىلمىلاردىن ئازدېگەندە 10مىڭ يىۋەندىن 30مىڭ يىۋەنگىچە بىرىۋاتىدۇ(ھېلمۇ جاپاكەش دېھقانلار ئۆلۈپ قالمايدۇ، ئۈچ مىڭ يىۋەنلىىك مائاشلقلار تاكىسىي، يىزا كىراسى تاماق، ئىئانە دېگەندەك كۈنىگە 30-4-يىۋەننى خىراجەتكە ئاتاپ  ،بىرمنىوت كچىكسە بىر مۇنچە جەرىمانە تۆلەپ  ئاخشىمى گوگۇمدا ئۆينى تېپىپ ، ئايلىقىنىڭ كۆپ قىسمنى نېسنى تۆلەشكە،بانكىغا ئاتاپ، ئاز قىسمى  بىلەن غورىگۈل تۇرمۇش كەچۈرۈپ  بىلەن ھايات يۈرىدۇ.شۇلادىن تاكسىيچىلار ياخشىراققۇ...؟

يەكەندە ھۆكۈمەت يولنى تاق لېنىيىلىك قىلىپ ئۆزگەرتىپ تاكىسي توسۇدىغانلارنى كۆپەيتىتى. موتو كىراچىلىرى ئاساسەن يوقالدى ۋە يوقىلدۇ.يىڭى تاكسىي پەيجاۋسى بىرشنى ئاساسەن توخىتىتىپ كونا تاكىسېچىلارغا يىشىل چىراق يېقىپ بىرۋاتىدۇ.ھازىر ئاساسەن  تاكىسي پەيجاۋسى بىرىلمەيدۇ، ناۋادا ئامىتىڭىز كېلىپ ئېرىشىپ قالسىڭىز 200مىڭنى ئاتىۋەتسىڭز ھەرگىزمۇ كۆپلۇك قىلمايدۇ.تاماقنى ۋاقىتدا يەپ كۈنگە ئون سائەت بېسىپ ماڭدىغان تاكسيچى 200يىۋەندىن 350-يىۋەنگىچە  پۇنى گەپ يوق تاپالايدۇ.مېنىڭچە شۈكىرى دەيلى: يەكەندىكى تاكسيچىلار. يەيلى  دېسەك تاماق، ئۇخلايىلى دېسەك ئېسل ئورۇندۇق تەييار ، ھەرگىزمۇ يىزىلاردا ئىشلەۋەتقان بىچارىلەردەك شىياۋجىڭنىڭ ، ياكى زەنجىڭنىڭ سېسىق تىلنى ئاڭلاپ كۈنىگە نەچچە سائەت ئۆرە تۇرۇپ  كاكىراپ ئاخشمى تەڭ كېچىگىچە تاپشۇرۇق تەكشۇردىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ  نەتىجىسى ناچار چىقسا مۇئاشىدىن جەرىمانە تولەيدىغان  ۋە ياكى شەنبە يەكشەنبىسى يوق  ئېتىمۇ-ئېتىز قاتراپ، تاماق چىقىسا شۈكرى دەپ بولمىسا نان غاجاپ يۈرىدىغان يىزا كادىرلرنىڭ ، قاقىرام ئىسسقتا ، قەھرىتان سوغۇقىتا سىز ماڭىدىغان يولنى ئاسرايمەن دەپ گۆسىلدىتىپ تېشاڭ چېپىۋاتقان تاشيول ئىشچىسنى  ، تاڭ يورۇماستا سۈپۈرگىسنى شىپلدتىپ كوچا تازلايدىغان 600يىۋەنلىك كوچا تازلىقى  ئىشچىسىدەك ئېغىر ئەمگەك قىلمايسىز . ئۇلارنىڭ يەۋاتقىننى ئالدىڭزغا ئېلىپ كەلسە يىمەي تۇرۇپ غىققىدە بولۇپ  قورسىقىڭىز تويۇپ قالارمكىن ...........

رەسىم:
ئەتە ھيىت دېگەن كۈنى ئۆيىدىكلەر  قەشقەر شەھىرىدە 5يىۋەنگە ئولتۇرغان خەنزۇ شوپۇرنىڭ  تاكىسيسى.
(مىللىي شوپۇرلار كىچىككىنە مۇساپنى 10يىۋەن دەپ تۇرغان ئىكەن )



مانا يۇقىرىقىدەك سېلىشتۇرمىلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ خۇداغا شۇكرى دەپ، تېگىشلىك نېسىۋىسنى ئېلىپ نامىزنى جايىدا ئوقۇپ ئائلىسنى قامداپ  ئاتىدىغانلار زاماننىڭ ياخشىلقىغا تەشەككۇر ئوقۇۋاتسا، بەزبىر كېچىسى دىبا  ۋاڭبا قاۋاقلاردا  تۈنەپ ( يەكەن قەشقەرلەردىكى شۇنداق جايلارغا قاتار توخىتىپ قويۇلغان تاكىسلارغا قاراڭ )كۈندۇزى كۈن چۈش بولىغىچە ئۇخلاپ  ، كۆپ ۋاقىتىدا  تەلەتى يوق بىر نېملەرنى ھەقىسىز توشۇپ، يوۋاشراق دېھقان ئۇچىرىسا ئون يىۋەننى پاتۇرۇپ ئالدىغان، ماشنا ئېگىسى ياكى ئۆيىدىكلەرگە پۇلنى ئاز ئەكىرىپ شۇنىڭ بىلەن ئون يۋەنىدىن ئېلىشنى نىيەت  قىلىدىغان  ئاتالمىش «تاكىسىي شوپۇرى»لىرنى ئىنساپلىق خەنزۇ تاكىسىيچىلاردىن ياخشى دەمدۇق......؟!


رەسىم:
يەكەننىڭ قۇربان ھېيىتتىن بۇيان ئىككى كېلومېترىلىق  مۇساپىگە  10 يىۋەندىن   قوزغالغان
تاكىسىي ماشنىسى.
  


يەكەندىكى تورداشلار، دېققەت قىلدىڭلارمىكىن ، سەيچىلىك، ھەزتىپىر ،كوناشەھەر ئەتراپىدا ئەتتگەن سائەت7دىن 8گىچە بولغان ئارلىقىتا يىزىلارغا خىزمەتكە چقىدىغانلار تاكىسي توسالماي جىلە بولىدۇ،ئون ماشنا توسسا توققۇزىدا لېققىدە ئادەم .مانا شۇنداق چاپ-چاپ بازار ۋاقىتدا ياش تاكىسىيچىلرىمىز  يوتقاندا.............

رەسىم:
ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرنى ئۇدا38قېتىم  ھەقىسىز توشۇپ رەھمەتلەرگە كۆمۈلگەن  خەنزۇ تاكىيسچى.


تاكىسيچى دوستىلارغا تەۋسىيەم :ئۆزبەك ناخشىچىسى-يۇلتۇز ئوسمانىۋنىڭ{شۈكرى قىلايىلى }دېگەن ناخشىسىنى ئامراق تاكىسىيڭىزنىڭ قويغۇچىسىغا قاچىلىۋىلىپ بىرىلىپ ئاڭلاڭ.............بەلكىم شۈكرى قىلىپ قالسىڭىز ئەجەپ ئەمەس.

رەسىم:
ئۆزنى بىر چاغلايدىغان تاكىسىي شوپۇرى يىگىتچاقنىڭ ئاقىۋتى.2012-يىلى 10-ئاي.




تەۋىسيە:
:مۇشۇنداق ئاشۇرۇپ باھا ئالدىغان تاكسىيچىلارنى  بايقىساڭلار ماشنا ئىچى- ياكى ئىشكتىكى شىركەت ئىسمى، نازارەت قىلىش تېلىفونىغا  دېققەت قىلىپ ،ئىمكان بولسا شۇ ماشننىڭ تاختا نومۇرى(پەيجاۋسى)نى رەسىمگە تارتىۋىلىپ شۇ ماشنا تەۋە شىركەت ياكى يولۇچى توشۇشنى باشقۇرۇش تارماقلرىدىن- شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارسى شەھەر قاتنىشى ھەيئىتى ، قاتناش ئىدارسى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىرتەرەپ قىلىش مەركىزى ، يۈك تىرانسىپورتنى باشقۇرۇش ئىدارسى قاتارلىق جايلاردىن قايسى  بىرىگە  ئەھۋال ئىنكاس قىلساڭلاربولىدۇ.ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەرزىيەت تورى: http://www.xjtaxi.com/  
بۇ تور بېكەتنىڭ 网上投诉 .دېگەن يېرىنى چېكىپ  ئەشۇ جازانىخور  تاكسيچىنى پاش قىلىڭ .
  
ئەسكەرتىش:
بۇلار ئېسل سۈپەتلىك تاكسىي شوپۇرلرىمىزغا قىلنغان ھاقارەت بولۇپ قالمىسۇن، ئىنساپنى بىلدىغان ئەخلاقىلىق تاكىيسچى قېرىنداشلار كۆڭلۈڭلەرگە ئالماڭلار.پەقەت بەغەرەز ،ئون يىۋەن پۇلنىڭ نەدىن كېلىدىغننى بىلمەيدىغان ئازساندىكى تاكسيچى ياشلار  ئۆزۈڭلەرگە ئالساڭلار مەن شۇنىڭغا خۇشال .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   teskin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-3 07:11 AM  


كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك  يا بولمىسائۆلگۈلۈك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58154
يازما سانى: 710
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6052
تۆھپە نۇمۇرى: 338
توردا: 178 سائەت
تىزىم: 2011-9-27
ئاخىرقى: 2013-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-4 10:33:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنغۇ سەل ئۆچ مۇشۇ تاكسىغا

سەنمۇ قويساڭ ئۈمۈدۈڭنى نەۋرىگە
  مەنمۇ قويسام ئۈمۈدۈمنى نەۋرىگە
  نەۋرىلەردىن نەۋرىلەرگە يۈكلىنىپ
  كۆمۈلمەمدۇ ئۈمۈدىمىز قەبرىگە ?

  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15694
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10078
تۆھپە نۇمۇرى: 468
توردا: 4151 سائەت
تىزىم: 2010-10-30
ئاخىرقى: 2013-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-4 10:40:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەمدە ئىنساپ بولمسا بىكار جۇمۇ...........ئاۋۇ قالدۇرۇپ قويغان بېكەت ئېچىلمايلا قويدى.. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Muzat-ogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-4 10:41 AM  


http://www.muzat.net/

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1823
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5657
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 654 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2013-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-4 11:02:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇلغا تويمىغان كۆز ئاقىۋەت گۆردە توپىغا تويىدۇ.

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

مەسئولىيەتچان بۇلايلى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 3067
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17490
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 6249 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-4 11:06:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا ئىنساپسىزلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ،مۇشۇ ھېيت -بايراملاردا ئۈرۈمچىدىن يۇرت -يۇرتلارغا ماڭىدىغان كىچىك تىپتىكى شەخسىي ماشىنىلارنىڭ شوپۇرلىرى بەك ھەددىدىن ئېشىپ كېتىدۇ..ئەلۋەتتە بەزەنلىرى............ئوقۇغۇچىلار دەل مۇشۇنداق ھېيت -بايراملاردا يۇرتلىرىغا قايتىش تەقەززاسى بىلەن كىرا ئۈچۈن ئاشۇرۇپ قالغان ئازغىنە پۇلىنى كۈتۈرۈپ يولۇچىلار بېكىتىگە كەلگىنىدە ئادەم ساماندەك تۇرغان ،بىلەت ئالالمىغانلىرى ئاشۇنداق شەخسىي كىرا ماشىنىلىرىنى ئىزدىمەي ئامال يوق....ئۇلار ئاپتوبۇس كىرا ھەققىنىڭ ئىككى ھەسسىسى ،ھەتتا ئۈچ ھەسسىسىنى شۇ نامرات ئوقۇغۇچىلاردىن ئالىدۇ.....خىزمەت قىلىدىغانلارغۇ شۈكرى ئۈيۈمگە كېتىۋالساملا بولدى دەپ ئولتۇرىۋېرىدۇ....بىچارە بالىلار دەردىنى ئىچىگە يۇتماقتىن باشقا ئامالى يوق....ئۇلارمۇ شۇ قاخشاپ بېقىپ ،گىپىنى شوپۇرلارغا ئاڭلىتالماي،ئامال يوق بۈگۈن ئۆيۈمگە بېرىۋالسام ،ئاتا-ئانام بىلەن كۆرۈشىۋالسام مەيلىچۇ دەپ ئاخىرى بار پۇلىنى بىرىدۇ،بولمىسا ئۆيىگە كەلگەندە ئاندىن ئاتا-ئانىسىدىن پۇلنى ئېلىپ چىقىپ شوپۇرغا بىرىدۇ،ئۇلاردا ئىنساپ يوقمىدۇ دەيمەن.توۋۋا..........ئاللا شۇنداقلارغا ئىنساپ ئاتا قىلسۇن.لېكىن بەزى شوپۇرلار ھەتتا ھەق ئالماي ماشىنىسىغا شۇ نامرات ئوقۇغۇچىلارنى سېلىۋالىدۇ.......ئاللا ئۇلارنىڭ ئەجرىنى بېرەر.......
ئاللا ھەممىنى بىلگۈچىدۇر،ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر،ھەممىنىڭ ھىسابى باردۇر.............

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  بەر  ،  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2209
يازما سانى: 306
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12667
تۆھپە نۇمۇرى: 512
توردا: 2128 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-4 11:06:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توردا دىيىلىشچە تاكىسىي كىرا تىجارىتىدىكى يولىسىز قىلمىشلارنى ئاساسەن مىللتىمىزدىكى قېنى قىزىق ياشلار كەلتۇرۇپ چقىرىدىغان بولۇپ قەشقەر ،خوتەن ۋىلايەتىلردىدە بۇ ئەھۋال تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىكەن،ئاساس:http://www.baidu.com/link?url=a9 ... 827be98570cb65b5be9


،بىز مىلليىلارمۇ خەنزۇ يولداشلارغا ئوخشاش ماشنا كىرا قىلىش جەريانىدا ئۇچىرىغان ئۇۋالچىلقلارنى ئەرىز قىلىش ئارقىلىق ئاچچىقىمزنى چقىرىشنى ئۆگىنۋالايلى.

توربەت يۈزدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك تاكىسى قىلمىشلىرنى ئەزىر قىلىش  ئۇلانمىسى:
http://u.xjts.cn/rules/index.php?m=report
   
تاكىسي خىلاپ قىلىمشلارنى ئەرىز قىلىش مەخسۇس لېنىيە تېلىفونى:ئۈرۈمچنىڭ تېلېفون رايۇن نۇمۇرىنى قوشىسىز،3879999、3875555.  توردا دىيشىچە 24تېلفونىست مۇشۇ ئىككى نومۇرغا نۆۋەتچىلىك قىلدىكەن.
قەشقەر ۋىلايتىنىڭ مەخسۇس لېنيىسى.:0998-2525951.   2612345بۇلىنيەدە ئەرىز قىلشتىن باشقا يەنە تاكىسىي چاقىرشقىمۇ بولىدۇ.


خەنزۇچە مەنبەدىكى بىرقىسىم ۋىلايەتلەرنىڭ بۇ ھەقىتىكى ئەرزىيەت تېلېفونلىرى:
单位名称 电话号码 单位名称 电话号码
乌鲁木齐铁路局春运投诉 0991-7924888 新疆高考期间违规举报电话 0991-8758128
吐鲁番地区交通肇事报警 0995-8522236 吐鲁番地区环境保护热线 0995-8665669
吐鲁番地区食品药品监督热线 0995-8535069 乌鲁木齐文化市场稽查举报 0991-2865852
乌鲁木齐市教育局收费举报 0991-8810404 乌鲁木齐工商局消费投诉中心 0991-2834315
哈密地区消费者协会 0902-2232097 昌吉市“打假”举报 0994-2343821
昌吉州物价局价格举报中心 0994-2331938 昌吉州烟草专卖分局执法举报 0994-2517111
昌吉市环保投诉电话 0994-2356511 博尔塔拉州环境保护热线 0909-6281408
博尔塔拉州教育局举报热线 0909-2314612 巴音郭楞州旅游局热线 0996-2026030
阿克苏地区监察局举报中心 0997-2132449 阿克苏地区消费者协会 0997-2141315
克孜勒苏州教育局举报热线 0908-4231236 克孜勒苏州环境保护局热线 0908-4222166
喀什市公交总公司投诉 0998-4819395 和田地区物价局举报热线 0903-2022021
伊宁市消费者协会 0999-8036315 伊宁市出租车投诉 0999-8120420
塔城地区国税局举报中心 0901-6220582 阿勒泰地区消费者协会 0906-2318690
تۆۋەندىكى  تور بېكەتتە،ماشنىلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى تەكشۇرۇش قانداق قىلمىشقا قانداق تەبىر بىرىش، قانداق بىرتەرەپ قىلىش توغرىسىدا 6000خىلدىن ئارتۇق بىرلىككە كەلگەن خەنچە ئاتالغۇلار بار.ئەرزىيەت ئىشلىرىدا پايدىلنىشقا بولىدۇ.
新疆交通电子警察车辆违章记录查询中心
http://www.xjauto.net/tools/weizhang.aspx
详细情况请拨打新疆交通车辆违章查询电话:0994—5651580 咨询

بۇ 5-ئايدا ئۈرۈمچنىڭ پويىز بېكەتلىرى ئەتراپىدا ئاشۇرۇپ ھەق ئالغان 39تاكىسنىڭ بىرتەرەپ قىلىنش  ئەھۋالى.كەچۈرۈم سوراتقۇزۇپ ، بىرئاي ماشنا قامال قىلنغان.
http://www.xjpeace.cn/html/main/20120521/20120521171529.html
بۇ تورداشلار ئىنكاس قىلغان 7-ئايدىكى 50نەچچە تاكسينىڭ بىرتەرەپ قىلنىش ئەھۋالى.








  بۇ بېكەتتىكى ئۇلانىمدا  ساياھەتكە كەلگەن خەنزۇ يولداشلارنىڭ قەشقەردىكى بىر ئۇيغۇر تاكىسيچىسى 6يىۋەن ئېلىشقا تېگىشلىك مۇساپىگە 7يىۋەن ئالغانلقى ئۈچۈن ئېلىپ بىرىلغان مۇلاھىزە ۋە قانداق قىلىپ بىريىۋەننى قايتۇرۋالغان جەريانى:
http://bbs.xjks.net/archiver/tid-30815.html


خوش ،يەكەندە 5يىۋەنلىك مۇساپنى قىلچە تەپتارتىماستىن 10يىۋەنگە چىقىرۋالسا قانچىلىك ئىستمالچى تاكىسي  شوپۇرى  ئارتۇق ئېلۋالغان بەش يىۋەننى قايتۇرۋالالىدى،قانچىلىك كىشى قۇتلۇق شىڭ يى، مۇقام قاتارلىق تاكسىي  شىركەتلىرنىڭ كەسپىي ئسىتل خادىملىرنى  ئىزدەپ باقىتى؟
-ئالە ھۆكۈمەتنىڭ 10 يىۋەن يېغ  دەپ تەستقىلغان ئۇقتۇرشىنى  ...... دەپ شوپۇرنى تەمتىرتىپ باقتۇقمۇ.....؟
بۇرۇن 5مودىن  ئالدىغان يەكەن كوچا ئاپتۇبۇسنى بىراقلا 1يىۋەنگە چقىرۋالغان  بىر مۇنچە ماشنا ئېگىلىرى ھازىر نېمىش قىلۋاتىدۇ، قانۇن ئۇلارنى قانداق جازالاپ، قانداق قىلىپ قانۇنىي تەرتىپ بويچە 1يىۋندىن قىلىپ بېكىتىپ بەردى  بۇلار تېلۋېزىيە ئارقىلىق بىرىلىپ بولغانغۇ؟.  ئەجابا بىر مىللەتكەنمىز .....بوپتۇلا..... دەپ ئۆتىۋېرەمدۇق....؟! ئارتۇق يېغۋىلنغان بەش يىۋەن قايسى دىبادىكى قايسى كۆرۈمىسىز قىزلارنىڭ  ھەشەمىتى ئۈچۈن خەجىلنەر،قانداق بەتتەم ھاراق كېلەر...ناۋادا شۇ پۇل نامرات دېھقاننىڭ قولىدا بولسا ئەللىك يىۋەنگە بىرخالتا كۆومۇر ئېلىپ  كېتىپ باللىرى بىلەن ئىسسىق ئولتۇرماسمىدى...؟

ساۋادىڭلار بارلار بۇ رەسمنىڭ ئوڭ تەرەپ تۆۋەنكى بۇرجىكىدىكى  خەتلەرنى ئوقۇپ بېقىڭلار،قەشقەرنىڭ بەش يىۋەنلىك تاكىسىي كەسپىگە كىملەر مەبلەغ سېلىشقا قىزىقۋىتىپتۇ. كىيىن نېمە ئىشلار بولۇپ كېتەر..؟مېنىڭچە تاكىسي دېگەننى  قايسى مىللەت ياشلرى  ھەيدىسە بولىۋىرىدۇ، بىز ئىستمالچىلاريۈزسىز، كىمنىڭ ئەرزان، مۇلازىمىتى ياخشى بولسا شۇنى تاللايمىز.زىيان كىمگە......؟










بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   teskin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-3 07:18 PM  


كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك  يا بولمىسائۆلگۈلۈك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5635
يازما سانى: 1223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10545
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 3463 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-4 11:30:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ توردىشىمنىڭ ناھايتى توغرا ،ئىنچىكە تەھلىلى ئادەمنى ئوبدانلا ئويلاندۇرىدۇ. ئىنساندا ئىنساپ بولغىنى ياخشى. بەزى تاكسىچىلار ھەقىقەتەنمۇ ئىنساپسىز.

مەن پەقەت چۇشتىكى ئاققۇ خالاس، ھەرگىز رىئالىق ئەمەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86628
يازما سانى: 276
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1711
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 363 سائەت
تىزىم: 2012-10-30
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-4 11:38:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەھۋال خۇتەن تاكسى شوپۇرلىرىدىمۇ بەك ئېغىر. مەنمۇ بەزى شوپۇرلار بىلەن تۇلا تالاشقانمەن. ئۇلار ئۈزىچە قىلغان ئىشىنى يوللۇق ھىساپلايدۇ.بۇلۇپمۇ قىش كۇنلىرى قار ياققان كۇنلەردە شۇنداق. ھەتتا يۇلۇچىدىن نەگە بارىدىغانلىغىنى سۇراپ يېقىن بولسا مېڭىپ يىراق بولسا ئۇنىمايدۇ.

www.1miskal.com

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81329
يازما سانى: 504
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5885
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 762 سائەت
تىزىم: 2012-6-9
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-4 11:51:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنساپسىزلىق قىلمايلى تاكسى شوپۇرلار  بىكتىلگەن باھادا ماڭساقمۇ كۈندە 200---300 يۈەن تاپقاندىكىن ،
ئىنساپسىزلىق قىلساق ھامان بىر كۈنى مانا مۇنداق ئاقىۋەتكە قالىمىز ؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   1miskal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-4 11:51 AM  


ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 1786
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8416
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 230 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-4 11:59:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى پكىر

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن بوپ كىتىشىدىن پاناھ تىلەيمەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش