قازان ئەنئەنىسى
ئاغىنەم ئەركىنىڭ توي باغىقىنى تۇتقىنىمچە،ئۇنىڭ تۇيىغا ئاپىرىدىغان پۇل تۇغرىلىق غەم يەپ ئولتۇرىمەن.تۇيغا بارمىسام تېخى،باراي دېسەم يانچۇقۇمدا بارى –يوقى 15يۈەن،تۇيغا ئەڭ بولمىغاندا 30يۈەن سېلىپ بارمىساڭ رىستۇراننىڭ بۇسۇغىسىدىن ئاتلىغىلى بولمايدۇ.ھازىر تېخى شۇ 30يۈەنمۇ يوق.ھەي! قانداق قىلاي ،ئاتامدى سوراي دېسەم تېخى ئىككى كۈن ئىلگىرىلا ساۋاقدىشىمنىڭ تۇيىغا دەپ 100يۈەن ئالغانىدىم. ئىككى كۈن ئۆتە – ئۆتمەي يەنە خىجىل بولماي قانداق پۇل سورايمەن؟ ئىشلىمەي بىكار يۈرگەنگە تۇي ئەمدى.
تۇساتتىن سىرتتا تۆمۈر- تەسەك يىغقۇچىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.شۇئان كاللامغا بىر خىيال كەلدى .تۇغرا،ھېلىقى كونا قازان ،ئۆيىمىزدە بىر كونا قازان بار ئىدى،بۇ قازان گەرچە چوڭ بولمىسىمۇ ،خېلى ئېغىر ئىدى.ھەتتا مەنمۇ بۇ قازاننى ئىنجىقلاپ تەستە كۆتۈرەتتىم.ھازىر ئۇ قازان قازناق ئۆيدە ئىشلىتىلمەي تۇرىدۇ ،شۇ قازاننى سېتىۋىتەي ،چۇقۇم خېلى پۇلغا يارايدۇ.
مەن تۆمۈر –تەسەك يىغقۇچىنى چاقىرىپ كىرىپ ،قازاننى جىڭلاتقۇزدۇم.قازان تۇپتوغرا 14 يۈەنگە يارىدى.ئەمدى يانچۇقۇمدىكى بۇ پۇلغا قوشسام تويغا قۇيىدىغان پۇل ھەل بولدى دېگەن گەپ.
يامان يېرى ئېتىزغا كەتكەن ئاتام بىلەن ئاپام قايتىپ كېلىپ ئۆيگە كىرىپ تۇرۇشىغا ،قوشنىمىز ھەلىمىخان مۇماي قازان سوراپ كىرىپ قالدى،ئاپام دەرھال قازناقنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى.
_ بولدى ئاپا ،قازاننى ئىزدىمە،مەن بايا تۆممۈر –تەسەك يىغقۇچىغا سېتىۋەتتىم ،بەرىبىر كونا قازاننىڭ كېرىكى بولمىغاندىكىن،_ دېدىم ئاپامغا پەرۋاسىزلا.
_ نېمە؟سېتىۋەتتىم_ ئاتامنىڭ چىرايى ئۆڭۈپ كەتتى_ نېمىشقا ساتتىڭ؟ئېيتە نىمىشقا ساتتىڭ قازاننى ساتقۇچە مېنى ساتساڭ بولمامدۇ ۋۇ نان يېمەس.
_ بالام ،نېمىشقا سېتىۋەتتىڭ قازاننى ؟موماڭ رەھمەتكلىكتىن قالغان تەۋەررۈك قازان ئىدى ئۇ،ھەي...ئىسىت...
ھەلىمىخان موماي ئاپامغا تەسەللىي بەرگەندەك سىپايە ئاھاڭدا:
_بولدى ئايشەمخان،بالا بىلمەي سىتىپ قۇيپتۇ ،ئۇنى ئەيىبلىگەن بىلەن ئورنىغا كەلمەيدۇ،بولدى يىغلىمىسىلا،_ دەپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى. ئاتام كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە ئالدىمغا كەلدى:
_ئېيتە جوھوت ،نىمىشقا ساتتىڭ قازاننى ؟ئېيتە دەيمەن .
مەن پەرۋاسىزلا جاۋاپ بەردىم:
_كونا قازاننى ئىشلەتمىگەندىكىن دەپ سېتىۋەتتىم شۇ .
<< چاڭڭىدە>> تەگكەن بىر شاپىلاقتىن كەينىمگە ئۇچۇپ كەتكىلى تاس قالدىم .كۆزۈ
مگە غىللىدە ياش كەلدى .ئۇ مېنى ئۇرۇش تۈگۈل ،ۋارقىراپمۇ باقمىغانىدى.
_ ئۇنداق كونا قازاننى نېمە قىلاتتىڭ ،ئۆيدە نەچچە قازان تۇرمامدۇ،بولدى ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭىسىنى تۆلەپ بېرەي ،_مەن شۇنداق دېگەنىمچە ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ كەتتىم . كەينىمدىن ئاپاممۇ تەڭلا كىرىپ كەلدى.
_ سەن ئۇ قازاننى تۆلىيەلمەيسەن ؟سەن ئۇ قازاننىڭ قىممىتىنى بىلەمسەن؟_ ئاتام يەنە ماڭا قۇلىنى شىلتىپ ۋارقىراشقا باشلىدى.
_بولدى ئاتىسى ، ئۇنىڭغا مەن چۈشەندۈرەي _دېدى ئاپام ئاتامنى بېسىپ _ بالام سەن ئۇ قازاننىڭ ئەسلىنى بىلمەيسەن .ئۇ قازان ئائىلىمىزنىڭ تەۋەررۈكى ،ئۇ قازاننى ئۇلۇغ موماڭنىڭ قېينانىسى كېلىنىگە قالدۇرپ كەتكەنىكەن،ئۇلۇغ مۇماڭمۇ بۇ قازانى كېلىنىگە قالدۇرۇپتۇ .شۇ تەرىقىدە قازاننى قېينانا كېلىنىگە قلدۇرۇش بىزنىڭ ئائىلىنىڭ ،بىزنىڭ جەمەتنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ئايلانغان .ماڭىمۇ بۇقازان قېينانامدىن،يەنى ئاتاڭنىڭ ئاپىسىدىن،سىنىڭ موماڭدىن تەۋەررۈك قالغان.شۇنچە ئۇزۇن داۋاملىشىپ كەلگەن ئائىلىمىزنىڭ ئەنئەنىسى ماڭا كەلگەندە يۇقالسا بۇلامدۇ؟ھەي ئىسىت بىلەمسەن مەن ئائىلىمىزنىڭ بۇ ئەنئەنىسىنى بولغۇسى كېلىنىمگە ،يەنى سەن توي قىلغاندا سېنىڭ ئايالىڭغىمۇ سۆزلەپ بېرىپ ،بۇقازاننى تەۋەررۈك قالدۇراي دەپ ئويلىغان. ئەمدى بۇ ئارزۇيۇمنى سەن يققا چىقاردىڭ بالام ،_ ئاپام مەڭزىگە ئېقىپ چۈشكەن ئىككى تامچە ياشنى ياغلىقىنىڭ ئۇچى بىلەن سۈرتۈپ قويدى.
خىجىللىقتىن بېشىمنى كۈتۈرەلمەي ئولتۇرىمەن ،نېمىشقىمۇ ساتقاندىمەن .ئاتامنىڭ ئاچچىقلاپ مېنى ئۇرۇشى بىكار ئەمەسكەن –دە .ئاتامنىڭ ۋارقىرىشىدىن بېشىمنى ئىتتىك كۆتۈردۈم:
_ ھەي ياغاچ قۇلاق ،قازاننى كىمگە ساتقان بولساڭ تېزدىن قايتۇرۇپ كەل.
يۈگۈرگەن پېتى دەرۋازا ئالدىغا چىقتىم.تەلىيىمگە تۆمۈر –تەسەك يىغقۇچى قوشنىمىزنىڭ تۆمۈر –تەسەكللىرىنى ئېلىۋاتقان ئىكەن.مەن ئۇنىڭغا ئەھۋالنى ئېيتىپ ،قازاننى قايتۇرۇپ كىردىم.ئاتام تېخىچە ماڭا ھۇمىيىپ تۇراتتى.
_ قازاننى دۈم كۈمتۈرۈپ يەرگە قوي،_ بۇيرۇق قىلدى ئاتام.مەن قازاننى ئاۋايلاپ يەرگە دۈم كۈمتۈرۈپ قويدۇم .
_ بولدى قىلايلى،بالا تېخى كىچىك ،قازاننى قايتۇرۇپ كىرگەندىكىن بولمىدىمۇ؟_ دېدى ئاپام ئاتامغا يېلىنغان تەلەپپۇزدا.مەن ئۇلارنىڭ نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىنى پەقەت چۈشىنەلمىدىم.
_ ياق _دېدى ئاتام_ بۇنىڭغا بۇ قازاننىڭ ئەنئەنىسىنى سۆزلىگەنىكەنسەن بۇ قائىدىنىمۇ بىلىشى كېرەك،بول،تىزلان.
مەن تېخىمۇ ھەيران قالدىم ،ئاتام مېنى تىزلاندۇرۇپ نېمە قىلماقچىدۇ ،مەن ئاستا تىزلاندىم.
_ ئەمدى قازاننىڭ قارىسىنى يۈزۈڭگە سۈركە!
بۇ نېمە گەپ ئەمدى ،مۇشۇنداقمۇ ئەنئەنە بۇلامدۇ؟ئاتامنىڭ دېگىنىنى قىلماي بولمايتتى.مەن قازاننىڭ قارىسىنى يۈزۈمگە سۈركەشكە باشلىدىم .
_ئۇنداق ئەمەس،مانا مۇنداق سۈركەيسەن_ ئاتام قۇلى بىلەن قازاننىڭ قارىسىنى يۈزۈمگە ، بۇيۇنلىرىمغىچە سۈركىۋەتتى،_ ئەمدى بۇياققا كېلىپ ئەينەككە قاراپ باق_ئاتام قۇلۇمدىن تارتقىنىچە مېنى ئەينەك ئالدىغا ئېپكەلدى_كۆردۈڭمۇ ئەمدى سەن نىمىگە ئوخشىدىڭ ،ئۇ قازان بىزنىڭ جەمەتتىكى قېينانىنىڭ كېلىنىگە قالدۇرىدىغان مۇقەددەس تەۋەررۈكى،غۇرۇرى،قېينانىنىڭ كېلىنىگە بولغان ھۆرمىتى .ئۇ ئاددى قازان ئەمەس،ئۇ قازاندا قانچىلىغان ئادەم ئاش – تائام، تۇز – تاماق يېگەن،ھەتتا سەنمۇ، مەنمۇ يېگەن.ساڭا شۇنداق تۇز-تائام بەرگەن ئۇلۇغ نەرسىنى شۇنداق خارلىساڭ بۇلامدۇ؟ سېنىڭ ئۇنى سېتىۋەتكىنىڭ چوڭ خاتالىق ،ئۇنداق قىلساڭ تۇزكور بۇلىسەن.ئۇ قازان ئائىلىمىزنىڭ ئەنئەنىسى ،تەۋەررۈكى.ئۆز ئەنئەنەڭنى ھۆرمەتلىمىسەڭ باشقىلارنى قانداق ھۆرمەتلىيەلەيسەن؟باشقىلارنى ھۆرمەتلىمىسەڭ سېنى كىم ھۆرمەتلەيدۇ؟ئەينەككە قاراپ باق ،ئۆز ئەنئەنەڭنى ،ئۆز ئەسلىڭنى خارلىساڭ مانا مۇشۇنداق قارا يۈز ،قارا دىل بۇلىسەن بىلدىڭمۇ؟
ئاتامنىڭ سۆزلىرىدىن ئۆزۈمنى قۇيىدىغانغا جاي تاپالمىدىم.ھەقىقەتەن خاتا قىلىپتىمەن.
_ ماڭ بالام ،يۈزۈڭنى يۇيۇۋەت_ دېدى ئاپام مېنى ئۇڭايسىز ئەھۋالدىن قۇتقۇزماقچى بۇلۇپ.
_ توختا _ دېدى ئاتام ئەمدى مېڭىشىمغا _ئېسىڭدە چىڭ تۇت ئوغۇل،يۈزۈڭدىكى قارىنى سۇدا يۇيۇپ چىقىرىۋەتكىنىڭ بىلەن ،دىلىڭدىكى قارىنى يۇيۇپ چىقىرىۋىتەلمەيسەن.قارا دىل ئادەم بولساڭ مەڭگۈ ئەلنىڭ قارغىش نەپرىتىگە قالىسەن_ئاتام شۇنداق دېگەنىچە چوڭ-چوڭ چامداپ مېڭىپ كەتتى.
_ پۇلنى نېمىگە ئىشلىتەتتىڭ ؟_ سورىدى ئاتام ھويلىدا يۈزۈمنى سۈرتۈپ تۇرۇشۇمغا.ئاتامنىڭ ئاۋازى مۇلايىم ئىدى.ئۇنىڭ ئاچچىقى يانغاندەك قىلاتتى.مەن ئاستا جاۋاپ بەردىم:
_ ئاغىنەم ئەركىننىڭ تويىغا ئىشلەتمەكچى ئىدىم.
_ مە ئالە،_ ئاتام 50يۈەننى قۇلۇمغا تۇتقۇزدى.
_ بولدى ئاتا تويغىمۇ بارماي.
_ بارغىن سەنمۇ چوڭ بولدۇڭ ئەتە – ئۆگۈن سېنىڭ بېشىڭدىمۇ بار ئىش بۇ،ئادىمگەرچىلىكتىن قالساڭ بولمايدۇ. لېكىن پۇلنى دەپ ئۆزۈڭنىڭ قائىدە- يوسۇنىڭنى بۇزساڭ بولمايدۇ .تۇرمۇشتا پۇلدىنمۇ مۇھىم نەرسىلەر بار .ئائىلىمىزنىڭ بۇ ئەنئەنىسىنى بۇرۇن ساڭا سۆزلەپ بەرمىگەن گۇناھ بىزدە.بايا ساڭا ئاچچىقىمدا قاتتىق تېگىپ قۇيدۇم،كۆڭلۈڭگە ئالما ئوغلۇم.بولدى تويۇڭغا مېڭېۋەر ،كېچىكىپ قالمىغىن_ئاتام مۈرەمگە يېنىك ئۇرۇپ قۇيۇپ ئۆيگە كىرىپ كەتتى .ئاتامنىڭ كەينىدىن قاراپ قالغىنىمچە ئۆز_ ئۆزۈمگە پىچىرلىدىم:
<< خاتىرجەم بۇلۇڭلار ئاتا ،ئاپا سىلەرنىڭ كېلىنىڭلارمۇ بۇ تەۋەررۈك قازاننى چۇقۇم سىلەردەك ئەتىۋارلاپ ساقلاپ ،كېلىنىگە قالدۇرىدۇ .مەنمۇ ئائىلىمىزنىڭ بۇ < قازان ئەنئەنىسى> نى بالامغا چۇقۇم سۆزلەپ بېرىمەن، ئىشىنىمەنكى ، بالاممۇ بالىسىغا چۇقۇم سۆزلەپ بېرىدۇ>>.
تۇرپان ژۇرنىلى 2007-يىل 2- سان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kashigar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-3 11:31 AM