كۆپ خىل تاماققا ماس كىلدىغان ياغمۇچ .
كىتەرلىك ماتىرياللار : قىزىلمۇچ ، سامساق ،كۈنجۈت، سۇ يېغى
تەييارلاش ئۇسۇلى :چوڭراق قاچىغا قىزىلمۇچ تالقىنى ( قىزىلمۇچ تالقىنى ناھايىتى ئاز مىقداردىكى سۇدا نەمدىۋالىمىز ، بۇنداق قىلساق قىزىلمۇچ تالقىنى كۆيۈپ كەتمەيدۇ )،نى قاچىغا ئېلۋالىمىز ئاندىن سامساقنى ئۇششاق چاناپ قىزىلمۇچنىڭ ئۇستىگە سېلىپ ئۇنىڭ ئۇستىگە كۈنجۈتنى سېلۋالىمىز.
قازانغا ياغ قۇيۇپ تاغ قىزىپ چۇچۇگەندە 2 مىنۇت تۇرغۇزۇپ قىزىلمۇچنىڭ ئۇستىگە قۇيۇمىز ياغنى قۇيۇپ بۇلۇپ قۇشۇق بىلەن توختىماي ئارلاشتۇرۇپ تەييارلايمىز.
ئاندىن ئايرىم ياغمۇچ قاچىلىرىغا ئېلىپ تائام غىزالىرىمىزغا ئارلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلساق بۇلىدۇ
ئالاھىدىلىكى:چۈچۈك ئاچچىق كۆپ خىل ئىشىلتىشكە بولىدۇ. مەسىلەن سېرىق ئاش كاۋاپ لەمپۇڭ،راڭپىزا ،لەڭمەن ،سۇيۇق ئاش سوغۇق يىمەكلىكلەرگە ئۇنۋىرسال ئىشلىتىشگە ماس كىلىدۇ
مەزكۇركۆپ خىل تاماققا ماس كىلدىغان ياغمۇچ 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۇنى «ئەزىز تائاملىرى»دا تەييارلىنىپ كەڭ مۇنبەرداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۇچۇن يوللاندى
مەنبە:
ئاشپەز تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا axpaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-3 11:23 AM