تۆت كوچىدىكى "تەبەسسۈم "
دىمىسەم ، بۇ گەپلەرنىڭ ۋەزنى ئېغىر ، دىسەم ، كىم بىلىدۇ - قانچە دىللاردا يارا-يېغىر ؟، قاچانغىچە ئۆز ھالىمىزدىن ھالقىپ بولالماي يۈرىمىز ؟ بەلكى قۇلاقلار تولا ئاڭلاپ پىشۇرۇق بۇلۇپ كەتكەن بولغىيىدى ، ئەمما يارىنى ئاچچىق دورىدا مەلھەملىمىگۈچە ، ھەتتا ئىپى كەلسە تىغ سېلىپ يارمىغۇچە تەننى چىرىتىپ كاردىن چىقىرىدىغىنى ھەممەيلەنگە مەلۇم .............
كاماندىرۇپكىغا چىقىش سەۋەبى بىلەن يۇرت ئاتلاپ مېڭىشقا توغرا كىلىپ قالدى ، خىزمەتتىن يېنىپ *** شەھرىدىن ئۈتۈپ كېتىۋېتىپ ، تاماقخانا ئىزدەپ ماشىنىلىق بىر تالاي چۆرگىلىگەندىن كىيىن تازا تۆت كوچىنىڭ دوقمىشىغا جايلاشغان ، شۇ يۇرتىنىڭ داڭدارئاتالغان تاماقخانىسىنى ئىزدەپ تېپىپ غىزالاندۇق ، تاماق ئارىلىقىدا كۆزىمىزگە غەلىتىلا بىر كۆرۈنۈشلەر زاھىر بولدى ، ئەر ۋە ئايال ئىككى خىرىدار تاماق ئۈستىلىدە ئولتۇرۇپ پىچىرلىشىپ بىر نەرسىلەرنى دىيىشىپ ئولتۇراتتى .
- ئۇلار چۇقۇم ئەر- ئايال -، دىدى ھەمرىيىمدىن بىرى .
- ياق ، ئەر- ئايال بولسا ئەركىن ئازادا پاراڭلاشماي پىچىرلىشىپ يۈرەرمىدى ؟،- دىدى يەنە بىر ھەمرىيىم .
-مىنىڭچە سودىلىشىۋاتقانلار ، قاراڭلار ئىككىسىنىڭ كىيىنىشىدىكى پەرقلەرگە .....
مەن بولسام ئۇلار دىيىشىپ ئولتۇرغان ئىككىيلەنگە كەينىمنى قىلىپ ئولتۇرغاچقا دەسلىپىدە دىققەت قىلماي دەرىزىدىن سىرتقا قاراپ مەنزىرە تاماششا قىلىپ ئولتۇرغان ئىكەنمەن ، ئارىدا ئۇلار ئىككىيلەن چىقىپ كىتىشتى ۋە ئىككىسى ئىككى ياققا ماڭدى ...
- ئۇلار بىرلىككە كىلىپ بولالمىدى ھەقىچان ..،- دىدى ھەمرىيىم ئا .
- توۋا دەڭلارەي ،- دىدى ھەمرىيىم ب .
بىزمۇ ئاڭغۇچە تاماقلىرىمىزنى يەپ بۇلۇپ سىرتقا چىقتۇق .
-قاراڭلار تۇرقىغا ،-ھەمرالىرىمىز تېخىچە يەنە شۇ "خېرىدارلىقى "نى كۈتىۋاتقان خېنىمنىڭ ھەپسىلىسى بىلەن قالغان ئىدى . ئۇنىڭ ئەپتىنى كۈرۈپ باقمىغاچقا ، مەن بولىۋاتقان گەپلەر تۈپەيلى ئاخىرى يېنىدىن ئۈتۈپ كىتىۋېتىپ سەل يىراقلاپ ئاندىن كەينىمگە قاراپ ئۇ خېنىمنىڭ تۇرقىغا سەپ سالدىم . يۈزلىرى يۇپ-يۇمۇلاق ، تەنلىرى بوغماق ، ئۆزى ھەم شۇ ھالدا ، كىيىۋالغان كىيىملىرى تېخىمۇ شۇنداق كۆرسەتكەن ، قاش كۆزلىرى خېلىلا جايىدا ، ئىچىمدە ئىختىيارسىز "ئىسىت ساڭا ئاتا قىلىنغان شۇ ھۆسىن جامالغا " دەۋەتتىم ، ئۇمۇ بىز خەقتىن ئىدى ، شۇڭلاشقىمىكىن دەسلەپتە خىيالىمدىن ئۆتكەن "نامراتلىق تۈپەيلى شۇ كوچىغا كىرگەن بولىشى مۇمكىن " دىگەندىن ئىبارەت -ئۇنىڭغا بولغان ئىچ ئاغرىقى ئۇنىڭ تازا تۆت كوچىدا تۇرىۋېلىپ ئەتىراپنىڭ ھەممىسىگە شاللاق نەزەر بىلەن جىلمىيىپ تۇرۇپ "تەبەسسۇم" قىلىپ تۇرىشى سەۋەپلىك بىردىنلا ئۇنىڭدىن يىرگىنىچ ۋە نەپرەتلىنىش تۇيغۇسىغا ئورۇن بوشاتتى ....................
بۇ شەھەردە ئۇنىڭ كۈپكۈندۈزدە تۆت كوچىدىلا تۇرۇپ "تەبەسسۇمىنى نامايەن قىلىپ " ، خېرىدار ئىزدىشىگە قارشى بىرەر ئەركەك ئاكىسى ياكى ئەركەك دادىسى يوقمىكىنا ؟! ياكى ئۇنىڭ بېھايا يۈزىگە كەلتۈرۈپ تۇرۇپ ئوت چىقىرىۋەتكۈدەك شاپىلاق سالالايدىغان ئەركەك يۇرتدىشى ياكى مۇساپىر بولسىمۇ ئەركەك قورۇقدىشى يوقمىكىنا ؟....
- ھەي قاراڭلار ، ياسىنىشنىمۇ قاملاشتۇرالماپتۇ ، قارىغاندا سەھرالىق ئوخشايدۇ ..
- ۋاي نىمانداق گەپ قىلىسىز ؟ كۆزىڭىزنىڭ پىتىنى ئۆلتۈرمىسىڭىز بۇ شەھەردىن چىقالمامسىز ؟ توۋا دەپ يولىڭىزغا مېڭىڭا بىر ..
-مۇشۇ كۈندە سەھرالىق خۇتۇن قىزلار نىمە بۇلۇپ كىتىۋاتىدىغاندۇ ؟ بېشىنى باغلىمىغان مىدە ئىشەكتەك نەگىلا قارىسا شەھەرنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىنى بۇلغاپ يۈرگەن ....
-يەنە شۇ سەھرالىق "مىدىلەرگە" سەھرالىقلار خېرىدار بۇلۇپ يۈرىدىكەن ...
- سەھرالىق ھەممىسى شۇ دەپ يۈرمەڭلەر ، ئاۋۇ كۈنى بىز *** شەھرىدە يېرىم كىچىدە ئاران دىگەندە مىھمانسارايغا ئۇلاشقاندا ، لىفىتقا چىقىپ كىتىۋاتقان ئۈچ "جىنداۋاش"مۇ شەھەرنىڭ مىدىلىرىكەنغۇ ؟
- ۋاي بولدى قىلىڭلار تۇزى يوق پاراڭلارنى قىلىشماي ، يولىمىزغا ماڭايلى ........
خىزمەتداشلىرىمىنىڭ ئۇزۇن -قىسقا پاراڭلىرى بېسىقىپ ، يەنە ئۇزۇن سەپىرىمىزگە راۋان بولدۇق . يول بۇيى ھېلىقى تۆت كوچىدىكى ئىگىسىز بىچارىنىڭ (شۇنداق دىيىشكە مەجبۇرمەن ) "تەبەسسۇمى " خىيالىمدىن چىقمىدى ، ئويلىغانسىرى ئاچچىقىم كەلدى ، قاملاشقان بوي ، چىرايلىق قاش كۆز ، بېجىرىم بەش ئەزا ، مەنغۇ قارغىغۇچى ئەمەس ، لىكىن ئىچىمدە بىئختىيار ئويلىدىمكى "بىر پۇتۇڭ قىسقا ياكى بىر كۈزۈڭ ئەلەس بولسا شۇ كوچىدا تۇرماستىڭ ، ياراتقان ئىگەڭنىڭ ساڭا ئاتا قىلغانلىرىغا نىمانچىلا خىيانەت قىلغان سەن- ھە ؟ ۋاقتى يەتكەندە ئىسابىنى قانداق بىرەرسەن ؟ خار ۋە پەسلىكتە تۆت كوچىغا يېيىۋەتكەن تەبەسسۇمىڭنىڭ بەدىلىگە نىمىمۇ تارتىپ كىتەرسەن ؟ سىنى ۋە ساڭا ئوخشاشلارنى تالاي ئۇچرۇتۇپ دۇرۇس يولغا سېلىشقا ئېرىنىپ كىتىۋاتقان ياكى ئامالسىز كىتىۋاتقان مەن ۋە مەندەكلەر نىمە جازالارنى كۈرەرمىز ؟.........
شۇنداق قەۋمنىڭ ئاياللىرى باركەن -يات ياۋلار دىن زىيانكەشلىكىدىن ئۆز جىسمىنى ساقلاپ ، ئىززەت - نەپسىنى ئاسراپ ھۆسىن جامالىنى تىلىپ سەتلەشتۈرۈپ يۈرىدىغان ، شۇنداق قەۋمنىڭ ئاياللىرى باركەن- ياتلاردىن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇپ جسىمىنى مەجرۇھ قىلىپ يۈرىدىغان ، شۇنداق قەۋمنىڭ ئاياللىرى باركەن -ئۆزلىرىنى بارچە قەۋمنىڭ ئەرلىرىدىن قاچۇرۇپ ئەرلەرسىز ئاراللاردا پادىشاھلىق قۇرۇپ ياشايدىغان ، شۇنداق قەۋملەرنىڭ ئاياللىرى باركەن -ھايا ۋە پەدىشەپ بىلەن ئۆرۈنۈپ يۈرىدىغان ، يەنە شۇنداقمۇ قەۋمنىڭ ئاياللىرى مەۋجۇت بۇلىۋاتىدۇ بار مال-دۇنياسى ۋە ۋاقتى ۋە ئۆمرى بىلەن ئۆزىنى "نامايەن " قىلىۋاتقان .......
يۇقارقىلارنى كۈرۈپ ئولتۇرۇپ ، بىرەرسىڭىزنىڭ مەن ئۇچراتقان ئاشۇ مەنزىرىلەرنىڭ ۋارىيانتلىرىنى ئۇچرۇتۇپ يۈرىكىڭىزدە پۇچىلىنىش ، خورلۇق ھىس قىلمىغىنىڭىز يوققۇ دەيمەن ؟
بىر چاغلاردا "ئەسكى چاپاننىڭ ئىچىدە ئادەم بار " دەيدىغان پەندى نەسىھەتلەر بىلەن بىر -بىرىمىزگە ئاپتاپتەك كۈلۈپ بېقىشاتتۇق ، ھالا بۈگۈنكى كۈنىمىزدە "ئۇچىسىغا كىيىم ئارتىۋالسىلا ئادەم ئەمەس " دەيدىغان بولىۋالدۇق ھەمدە تۇنۇساق -تونۇمىساق ، بىر-بىرىمىزگە يۈرەكلىك كۈلۈمسىرەشكىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان بۇلۇپ قالدۇق ، ئاياللار ئەرلەرگە ھۆرمەت يۈزىسىدىن سالام قىلسا ، ئەرلەر ئاياللارغا تىكىلىپ قارىۋالىدىغان بۇلۇپ قىلىشتى ، تېخى سەھرا چىرايراق ، گولراق قىزلارنى كۈرۈپ قالسا تونىمىسىمۇ يۈزىنى داپتەك قىلىپ "تاماققا باشلىمايمىزمۇ ..." دەپ قۇيىدىغان ھەزلەكلىرىمىز ياشنىڭ ئارىسىدىمۇ قېرىنىڭ ئارىسىدىمۇ قەدەمدە بىر پۇتلىشىپ يۈرىدۇ .......
سەھرالىق دەپ قۇيۇڭ ، سەھرالىق ئادەم ئەمەسمۇ ؟ لىكىن شۇ سەھرالىق بىرقىسىملار دىمىسىمۇ نىمانداق بولىۋالدى ؟ ئاڭلىسام بىزنىڭ بۇ يەردىكى ئەڭ ئاۋات ئەڭ قايناق سودا ، يىمەك -ئىچمەك ، تاماشا مەركىزى بولغان پىيادىەر بازىرىنىڭ 90% خېرىدارى سەھرالىقلار ئىمىش ، شەھەردىكى زىيالىلار ، ئۇقۇغۇچىلار ، كامدىن كام بارارمىش ، شۇ جايدىكى كۆپلىگەن تاماقخانا ، قاۋاقخانالاردىكى ھەمرا قىزلارنىڭ تولىسى سەھرالىق قىزلار ئىمىش ، ئۇ قىزلار خېرىدارلارنى ھاراقتا كۈتكەچ ، ئۆزلىرى ئىچسە -ئىچسە مەس بولماسمىش ، ئۇلار تولا ئىچىپ "كۈتۈرگەك" بۇلۇپ كىتىپتىمىش ، ئۇلارنى مەس قىلىپ ئاندىن كىيىن "ئويۇننىڭ پۈپۈكىنى چۇۋۇماقچى " بولغانلار ئۇلارنى مەس قىلىش ئۈچۈن ئالى دەرىجىلىك قىزىل ھاراقنىڭ بۇتۇلكىسىغا قاچىلانغان ئانار سۈيى بىلەن شاپتۇل سۈيىنى بۇتۇلكىسىنى 50يۈەندىن ئېلىپ ئىچىرۈۋېرىپ ، مەس قىلىپ بولالماي ، ئاخىرى ئۆزلىرى يىقىلىپ قالارمىش ....
ئېيتىپ كەلسە نۇمۇسسىزلىقنىڭ دەستىگە ھىچنىمە توغرا كەلمەيدۇ ، شۇنداق قىلىپ كىشىلىرىمىزنىڭ قارىشىدا ئەتىراپىمىزدىكى بارچە قىلىقسىزلىقلارنى قىلىۋاتقان ، بۇزۇقچىلىقلارنى قىلىۋاتقان يەنىلا شۇ گىپى كام ، ئۆزى ياۋاش ، قاياققا ھەيدىسە شۇياققا قويدەك ماڭىدىغان ياۋاش "سەھرالىقلىرىمىز "بۇلۇپ قىلىۋاتىدۇ ، ئشلارنى شۇنداق خۇلاسىلاپ قۇيۇپلا ، كۆزىمىزگە ئۇچرىسا ئارقىدىن بىرنى تۈكۈرۈپ قۇيۇپلا كىتىۋەرسەك ئىشلار تۈگەللىنىدىكەندە ؟ سىزمۇ شۇنداق قارامسىز ؟ ، قاچاننىڭ بىرى قىزىلىرىمىز چىرايلىق شاربار -كۆڭلەكلىرىنى تاشلاپ پاچاقلىرىنى ئېچىپ يۈرىدىغان بۇلۇپ قالدى ؟ قاچاننىڭ بىرى قىزلىرىمىز مەھرەمسىز ھالدا ئاشكارە سۇرۇنلاردا ئەرلەرنىڭ ئۆزىنىڭ بەللىرىدىن قۇرۇپ تانسا ئويناشلىرىنى زامانىۋى تۇرمۇشنىڭ مەزىسى دەپ بىلىدىغان بۇلۇپ قالدى ؟ قاچاننىڭ بىرى ئاياللىرىمىز پەدىشەپ ۋە ئەدەپلىرىمىزدا يوق ، ناباپ يۇسۇنلارنى چىقىرىشىپ ، ئەرلەرنىڭ ئائىلىۋى ھۇكۇمرانلىقىنى بىر پۇڭ قىلىپ ئۆزى بىلگەن سەنەملەرگە دەسسەيدىغان بولىۋالدى ؟ يەنە قاچاننىڭ بىرى ئەرلەر ۋە يىگىتلىرىمىز ئۆز قىز-ئاياللىرىمىزنى ، ئۆز قەۋمىمىزنىڭ ئانىلىرىنى ئۇيۇنچۇق ۋە كۈڭۈل خۇشى قىلىۋالىدىغان بولدى ؟
نامراتلىق -، دەيدۇ بىرلىرى ، قايسى خىلدىكى نامراتلىق ؟ ھازىر كىم نامرات ؟ نامراتلىقنىڭ ئاياقلاشقىنىغا خېلى يىللار بۇلۇپ قالدى .
قاندىكى خۇي -دەيدۇ بىرلىرى ، قېنىمىز شۇ دەرىجىدە بۇلغۇنۇپ كەتمىكەندۇ ؟
ئائىلە تەربىيىسى ۋە مەھەللىۋى يۇسۇنلارنىڭ بۇزۇلىشى ، ھازىر بۇرۇنقىدەك مەھەللە ئاقساقاللىرى يوق ئىشلارنى تەرتىپكە سالىدىغان ، دادۈيجاڭ، شوۋدۈيجاڭلاردىن تارتىپ "كىتىۋە" ( ك ت ۋ) لەردە كاسسا -باش چايقاپ يۈرسە...- ، دەيدۇ بىرلىرى .
ھازىر كىمنىڭ ئۇ ئىشلارنى ئوڭشاشقا چولىسى بولسۇن ، ھەممە ئىشنى ئوڭشايدىغان ئىگىسى بار -، دەيدۇ يەنە بىرلىرى ، خۇددى بۇ ماكان ، بۇزامان بىزنىڭ ئەمەستەك ....
يىغىپ ئىيتقاندا بەكلا تاشلىشىپ كىتىپتىمىز ، بەكلا ياتلىشىپ كىتىپتىمىز ، شەھەر كۆرگەنراقلىرىمىز بۇسۇغا ئاتلىمىغانلىرىمىزنى گوللاپ كۈڭۈل خۇشى قىلىدىكەنمىز ، نەپسىمىز يامانراقلىرىمىز ، ياۋاشلىرىمىزنىڭ ئاغزىدىكى ناننى تارتىپ يەپ كىتىدىكەنمىز ، مۇشتىمىز يوغانلىرىمىز مۇلايىملىرىمىزنىڭ ئاغزى بۇرنىنى قان قىلىدىكەنمىز ، يۇقىرىدىكىلىرىمىز تۈۋەندىكىلىرىمىزگە ئۆزىمىزنى بۆزرۈكۋار قىلىپ كۈرسىتىدىكەنمىز ۋە كۈندۈرىدىكەنمىز . تېخى يوقۇرى - تۆۋەن ، سەھرا - شەھەر دەپ تەبىقە ئايرىپ بىرىدىكەنمىز ، شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ ئالىجاناپلىق ۋە پەسلىكنىڭ چەك- چىگراسىمۇ قالايمىقانلىشىپ كەتتى . جەمىيىتىمىزنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدىن "يۇقۇرى قاتلام "لارغا ھالقىش ئۈچۈن يانچۇقى بىلەن كاللىسى تەڭلا قۇرۇغدىلىنىپ قالغان شۇ بىچارە ھەمشىرىلىرىمىز ئەنە شۇ مەن ۋە سىلەر كۆرگەندەك تۆت كوچىلاردا "تەبەسسۇمى" نى بەخشەندە قىلىدىغان خارلىقلارغا مەشغۇل .
تەغدىرنى قان تۆكۈش ياكى ياش تۈكۈش بىلەن ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ ، پەقەتلا ساپ ۋە ھالال تەر تۈكۈش بىلەن ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ ، ھەممىسىنىڭلا تەركىپىدە سۇ بار ، پەقەتلا نىسبىتى ۋە تەركىبى ئوخشىمايدۇ . ئادەم ئۈمىدسىزلىك ۋە چارىسىزلىك پاتقىقىغا پاتقان چاغدا چوڭ مېڭە ئۆزىنىڭ ئەقىل ئىشلىتىدىغان قىسمىنىڭ زەرەرلىنىشىدىن قوغداش ئۈچۈن ، بەدەنگە زىيانلىق پىكىر ھاسىلەتلىرىنىڭ خېمىيىلىك زەھەرلىك تەركىبىنى ياش تامچىلىرى ئارقىلىق تەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىدۇ . ئادەم ئوخشاشلا ئۈمىدسىزلىك ۋە چارىسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ ، ئەقلىنى يوقىتىپ ، كونترولسىز قالغاندا قان تۈكىدىغان ئىشتىن ساقلىنالمايدۇ ، بۇ ھالاكەتنى تىزلىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ، ئەمدى كىشىلىك ئىززەت -ھۆرمەتنى ساقلىغان ھالدا ، ئاللا بەرگەن بارىلىق نىمەت -ساپ ئەقىل ، بېجىرىم تەن ، ساغلام ھاياتنى قەدىرلىگەن ھالدا تىرىشىپ - تىرمىشىپ ھالال تەر تۈكۈپ ئىشلىسە ، بۇنداق ئەجىر ئادەمنى قۇللۇقتىن پادىشاھلىق دەرىجىسىگە ، ئۆز خان - ئۆز بەگلىك ساھىبىغا ئىگە قىلىدۇ .
مانا شۇنداق ھالال تەر تۈكۈشنى پۈتكۈل قەۋمنىڭ شەرىپى دەپ بىلىدىغان ۋە مەھەللە بويلاپ شۇنىڭغا يىتىكلەيدىغان ئەركەكلەر توپىدىن قۇرۇلغان جەمىيەتنىڭ ئاياللىرى تۆت كوچىدا تۇرارمىدى ؟! قاۋاقلاردا بەدبۇي تەنلىك ، بەدقىلىق زەئىپانەلەرنىڭ قۇچىقىدا خار ۋە زار ھالدا يالغان ناز بىلەن تولغۇنارمىدى ؟!
ئەمدى بەس ! يىتەر ! ئەركەكلەرنىڭ دۇنياسىدا ئاياللارنىڭ ئىش ھەرىكەتلىرى چىكىدىن ئىشىپ كەتسە بۇ ئەركەكلەرنىڭ ھالاكىتىنىڭ ئىپادىسى خالاس . يەنە دىسەك يەنە شۇ ، ئەرلىرىمىزنى تىللايدىغان ئىبارىلەرنى ئەمدى قىلمايمىز ، ئاياللىرىمىزنى ، سەھرالىق قىزلىرىمىزنى خارلايدىغان سورۇنلارغا دىلىمىزدىن ۋە تىلىمىزدىن ئوت ئاچىمىز ، ئىبادەتلىرىمىزدە قارغىنىمىز ، ئاتىنىڭ ۋە ئانىنىڭ تاپتىن چىققان قىلمىشى پەرزەنتنى يەنىمۇ خار ۋە قۇللۇققا ئاپىرىپ تاشلايدۇ ، ئۇرۇق - جەمەتىمىزنى قۇرىتىدۇ ، بۇ قۇرلىرىم ئاگاھ ۋەئىشارىگە سەۋەب بولسۇنكى ، ماجرا ۋە نىزاغا سەۋەپ بولمىغاي .....ئاقىلانە پىكىر قىلىشىمىزنى ۋە ئاقىلانە ھەرىكەت قىلىشىمىزنى تىلەيمەن .
مەنبە : گۈلجاھان تىلىدىن
2012-يىل 11-ئاينىڭ 3-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Gvljahan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-3 03:29 AM