مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 569|ئىنكاس: 7

شىۋىرلىغان غازاڭلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7953
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 251 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-3 02:01:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ھەر يىلى مۇشۇ پەسىلدىكى غازاڭلارنىڭ شىۋىرلىغان تېۋىشلىرى مېنى تولىمۇ جەلپ قىلاتتى . غازاڭنىڭ قىسمىتىمۇ قىزىق ئىكەن . ئىنسانىيەت ھازىرغىچە قانچىلىغان غازاڭلارنى دەسسەپ ، چەيلەپ كەلگەندۇ - ھە؟... ئەتىيازدا بىزنى تەشنا قىلىدىغان يوپۇرماقلارنىڭ بىر نەچچە ئاينى ئۆتكۈزۈپلا ئىسمىنىڭ ئۆزگىرىپ يوپۇرماققا ، يەرگە چۈشۈپ كەتكەنلىرى دەسسىلىپ غازاڭ ئاتىلىپ قېلىشىمۇ ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس تەقدىرى .
  مانا باغچىدا كېتىپ بارىمەن . ئايىغىم ئاستىدا ھاياتىي كۈچىنى پۈتۈنلەي يوقاتمىغان غازاڭلار غىرىسلايتتى . مەن ئېڭىشىپ ئىككى قولۇمغا سىقىمداپ ئالغان نۇرغۇن غازاڭلارغا ئۇزاققىچە قارىدىم . ئۇلار ماڭا شىۋىرلاۋاتقاندەك قىلاتتى . مەن قانچە دىققىتىمنى يىغساممۇ ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالمايۋاتاتتىم . قارىغاندا مەندە ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغۇدەك قۇلاق ، ياق ..قەلب يوق بولسا كېرەك . چۈنكى قۇلاقنىڭ ئاڭلايدىغىنى ئاۋازلا پەقەت . ئەمما قەلبنىڭ ئاڭلايدىغىنى تولىمۇ تېرەن يەردە ئىدى . قەلبنىڭ خىتابىغا قۇلاق سالالىغان ئىنسان ھەقىقەتەنمۇ ھەقىقى ئىنسانلارنىڭ ئىچىدىكىسى ئىدى . تۇرۇپلا يوپۇرماقنىڭ ھالقىلىق پەيتتىكى  مەردانىلىكىمۇ مېنى جەلپ قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى . چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ھىچبىر پەدەزسىزلا ئىنسانلارنىڭ ئايىغىغا تاشلايتتى . مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ دەرەخكە قارىدىم . يەنە نۇرغۇن يوپۇرماقلار يەرگە چۈشۈشنى خالىماي كۈچلۈك شامالغا بەرداشلىق بېرىپ ئاخىرقى دەقىقىغىچە ھايات- مامات ئارىسىدا ئېلىشىۋاتاتتى . بىر نەچچىسىنى تارتىپ بېقىپ ھەيران قالدىم .ئۇلار دەرەخ غوللىرى قاچان غولىسا شۇ چاغدا بىرلىكتە تۇپراققا كۆمۈلۈشنى نىيەت قىلىشقاندەك ئۆزىنى ئۆستۈرگەن غولغا شۇنچىلىك چىڭ يېپىشقانىدى . ئەتراپىمدا بىر نەچچە سەيلىچىلەر ساپسېرىق يوپۇرماقلارنى كۆرۈنۈش قىلىپ ، ئاستىغا لىق غازاڭنى يىغىپ ھەر خىل شەكىللەردە سۈرەتكە چۈشۈۋاتاتتى . شاختا تۇرغان يۇپۇرماقلار گۈزەل كۆرۈنۈش بىلەن ئۇلارنى ھوزۇرلاندۇرسا ، يەرگە چۈشۈپ غازاڭغا ئايلانغانلىرى ئۇلارغا سېلىنچا بولۇۋاتاتتى . قاياقتىندۇر بىر نەچچە ئادەم دەرەختىكى قېپقالغان يوپۇرماقلارنى بىر باشتىن سېرىپ خالتىغا سېلىپ، يوپۇرماقنى غازاڭغا ئايلاندۇرۋاتاتتى. قايتىشىمدا قەبرىستانلىقتا تالاي قەبرىلەر ئۈستىدە يېڭىلا شېخىدىن ئايرىلغان رەڭگارەڭ يوپۇرماقلار ئۇچۇپ يۈرەتتى ، ئۇلار شىۋىرلاۋاتاتتى ...ماڭا ئۇلار ئىنسانلاردىنمۇ ئۇزۇن ياشايدىغاندەك بىلىنىپ كەتتى ...
   مەنبە : ئۆزۈم . ئايىغىم ئاستىدىكى كۈز غازاڭلىرى .      ئەبەي تارىم .2012-11-2.

مەن اللە ۋە ئۆزۇمگىلا ئىشىنىمە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78440
يازما سانى: 342
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4254
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2012-4-5
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-3 12:13:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يىزىپسىز بەكمۇ سۆيۈندۈم

ئەتىكى ئازاپنىڭ سەۋەپچىسى بولغان بۈگۈنكى خۇشاللىكنىڭ نىمە كېرىكى

نېمىلەرنى ئويلا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 3006
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15429
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3323 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-3 04:55:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازنىڭ زىننىتى بولغان يېشىل يۇپۇرماقلار مانا ئەمدى سارغىيىپ خازان بولدى.................

ئىنسان ئىمان بىلەن  بەخىتلىكتۇر .

شۈكىرى ئاللاھ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2267
يازما سانى: 2189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19520
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 5359 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-3 06:10:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يوللاردىكى كۈز پەسلىنىڭ شاھىدى بولغان يوپۇرماقلارنى كۆرۈپ شۇنداق زوقلىنىپ كىتىمەن ،
ئازاپتىنمۇ ياكى كۈزەللىككە تولغان گۈزەل كۈز پەسلىنىڭ خاسىيتىدىنمۇ ئىيتاۋۇر خىياللار دىڭىزغا كىرىپ كىتىمەن  ياز پەسلىدى ئەشۇ بىخلەپ چىقىدىغان ياپراقلارنىڭ تىزراق كىلشىنى سىغىنىمەن .........

غىمىمىزنى ئاخىرەت قىلساق بۇ دۇنيادىكى غىمىمىزنى  ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83061
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3357
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 150 سائەت
تىزىم: 2012-7-27
ئاخىرقى: 2013-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-3 06:32:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالامەت ياخشې يىزپسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1745
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9711
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 347 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-4 10:20:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسىرىڭ ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ-دوستۇم!http://www.nipic.com/show/1/47/5345889kaa1007d2.html بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xiho تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-4 10:29 PM  


سىر بېرىپ، سىر سورىغانغا سۆزلىگەن ئەخمەق ئېرۇر ،
رەقىبىڭ قەستى سىرىڭنى سىنچىلاپ ئۇخماق ئېرۇر.
شۇ ئەيىبتىن يەتتى باشقا كۆپ نادامەتلەر بۈگۈن،
ئەمدى بىلدىم ؛ياخشى خىسلەت -دىلنى سىر تۇتماق ئىرۇر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1745
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9711
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 347 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-4 10:44:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر بىمار كارىۋاتتا يېتىپ سىرتتىكى دەرەخكە قاراپتۇ. ئۇ تۇيۇقسىز بۇ دەرەختىكى بىر تال يوپۇرماقنىڭ قىش كىرىپ قالغان بولسىمۇ، تېخى چۈشۈپ كەتمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆز كۆڭلىدە مۇشۇ بىر تال يوپۇرماق دەرەختىن تۆكۈلگەن ھامان مېنىڭ ھاياتىممۇ ئاخىرلىشىدۇ، دەپ ئويلاپتۇ ھەم كۈن بويى شۇ يوپۇرماققا قاراپ ئولتۇرۇپتۇ. بىراق ئۇ بىر تال يوپۇرماق تاكى بۇ كىشىنىڭ كېسىلى ساقىيىپ كەتكىچىمۇ تۆكۈلمەپتۇ.ئەمەلىيەتتە، بۇ يوپۇرماق بىرەيلەن شۇ دەرەخكە ئېلىپ قويغان سۇلياۋ يوپۇرماق ئىكەن. دەرۋەقە شۇ سۇلياۋ يوپۇرماق ھاياتىدىن ئۈمىد ئۈزگەن ئاشۇ بىمارغا قايتا ئۈمىد ئاتا قىلغان.
ھېكمەت: ھاياتلىقتا پەقەت شۇ يوپۇرماق تۆكۈلمەيدىكەن،ھاياتىمىزدا ئۈمىد ئۈزۈلمەيدۇ. ھەقىقىي ھاياتىي كۈچ ئۇ يوپۇرماق بولماستىن، بەلكى ئادەمدىكى ئىشەنچ. ھاياتىمىز يوپۇرماقلىرىنىڭ مەڭگۈ تۆكۈلمەسلىكى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن قەلبىمىزدىكى يوپۇرماق مەڭگۈ تۆكۈلمەسلىكى شەرت.


سىر بېرىپ، سىر سورىغانغا سۆزلىگەن ئەخمەق ئېرۇر ،
رەقىبىڭ قەستى سىرىڭنى سىنچىلاپ ئۇخماق ئېرۇر.
شۇ ئەيىبتىن يەتتى باشقا كۆپ نادامەتلەر بۈگۈن،
ئەمدى بىلدىم ؛ياخشى خىسلەت -دىلنى سىر تۇتماق ئىرۇر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5575
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32245
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3400 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-8 10:47:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چېغى،
تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمرى بىراق.
يىرتىلسا كالىندارنىڭ بىر ۋارىقى،
ياشلىق گۇلىدىن تۆكۈلىدۇ بىر تال يوپۇرماق.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش