مۇھەممەتجان ئەمەت ئۆزكان
تىل قەسىدىسى
ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىزى غۇنچە ،
ئېچىلغاندا تۆكىلەر ئۈنچە .
چەكسىز كەتكەن بۇغدايزارلىقتىن
دۆۋە – دۆۋە يىغىدۇ چۈنچە .
دانە – دانە ئۇيغۇر ھەرىپلەر
ساپاق – ساپاق تۇرار ئېسىلىپ .
چۆنەكلەردە ، پىلەك ئاستىدا
تاتلىقتىن كېتەر يېرىلىپ .
تاللىق ھويلا ، باراڭلار ئارلاپ
شىلدىر – شىلدىر چىقار سۈڭگۈچتىن .
تەبىئەتكە بېرىدۇ ھوزۇر ،
ئۇ چىققاچقا خۇش ھىد نەپەستىن .
تەبەسسۇملۇق پۈتمەس بۇلاقتىن
ئۇيغۇرتىلى ئاقار بۇلدۇقلاپ .
سۈزۈك – سۈزۈك مېڭىشلىرىدىن
قۇلاققلارغا كىرەر شىلدىرلاپ .
ئوتلۇق لەۋلەر يۇمۇلۇپ بەزەن ،
لىۋەن چىقار شەپشەك تىۋىشلار .
تىل قايرىلسا ئاجايىپ يۇمران ،
پەللە بولار سەدەپتەك چىشلار .
ئېغىزلار بەزەن كاۋا گۈلى ،
ئۇيغۇر ھەرىپ تۇرار پورەكلەپ .
ھەر تاۋۇشتا تۈمەنمىڭ مەنا ،
ھېس – چاياجان كېتەر چېچەكلەپ .
تەپەككۇردا لىقلانسا ۋۇجۇد ،
بوغۇزىمىز بولار سەكرەتمە .
قاش – كىرپىكتە ئىلاھى تىلسىم ،
سۆزلەر تال –تال ، ئۆرۈمە – ئەشمە .
جۈملىلەردە تارىم دەرياسى ،
ۋۇجۇدلاردىن چىقار دولقۇنلاپ .
شاۋقۇنىدا تىلغىنىپ دىللار ،
تىك قىيالار كېتەر غاراسلاپ .
پەش – چېكىتلەر سالماق قەدەمدۇر ،
ۋەزمىن بىلەن سالىدۇ نەزەر .
سۇئاللاردىن سۈرگەندە خىيال ،
شىر ، يولۋاسمۇ ئەيلەيدۇ ھەزەر .
ئۈندەش ئۆزى بۇغدا چوققىسى ،
ئىستەكلەردە ئېرىيدۇ مۇز ، قار .
كۆپ چېكىت چەكسىز قۇم ، بارخان ،
ئارزۇ – ئۈمىد سانسىز دانچىلار
.
تاش يېرىلىپ كېتەر چاككىدە ،
يوشۇرنار تەن يامان قەستىدىن .
ياغاچ ئاتلار قاققاندا قانات ،
جانان قۇتۇلغاندۇر بەنىتتىن .
كۆلەڭگىنى ساتار ئاقچىغا ،
ئاچكۆزلەرگە بولغاندا توقماق .
دىۋىلەرنى يەرگە ئۇرغاندا ،
قانخورلارنى كۆيدۈرگەن چاقماق .
مىسران قىلىچ ئوينىتىپ ھەريان ،
لەكمىڭ دۈشمەن قىلغاندا بەرباد .
تىرناق ئىچرە چايقىلىپ كۆللەر ،
تۆمۈر بېلىق پىلتىڭلىغان شاد
.
كوھىقاپتىن چىقىرىپ بوران ،
تاغلارنىمۇ غۇلاتقان دەھشەت .
يالماۋۇزلار قىلىنىپ تۇتقۇن ،
قوشتىرناققا قامالغان كۈلپەت .
سۆزلەپ ئاڭا قىسسە – رىۋايەت
كولدۇرمىدىن چىقار كولدۇرلاپ .
توغراقلاردەك كۆكلىسە مەغرۇر ،
ياپراقلاردەك تۇرار شىلدىرلاپ .
ئوقيالارنىڭ ئۇچقۇر بىسىدا
قالقانلاردىن ئاچقاندۇر تۆشۈك .
ئەللەيلىنىپ ئۇماق ، سەبىلەر ،
مېھرى بىلەن تەۋرىتەر بۆشۈك .
چاپتۇرغاندا كۈلرەڭ ئاتلارنى ،
بۇزۇلغاندۇر توساق ۋە پاسىل .
نەيزىلەردىن غەزەپلەر چاچراپ ،
چاچراپ چىققان ئۈندەشلەر دادىل .
پېئىللاردىن پۈۋلىسە تىنىق ،
شىغىللارنىڭ تومۇرىدا جان .
ئۇسۇل ئويناپ شاخلاردا يالقۇن ،
قۇياش كەبى لاۋا چاچار نان
.
چاقىرىدۇ كۈللى مەۋجۇدات
بېرىپ نەپىس خىلمۇ – خىل ئاتاق .
تۇرمۇشقا قۇرۇپ ھەقتىن مىزان ،
ئەخلاقتىن تۈزگەن گۈزەل ياساق .
گىرە سېلىپ مەن ، سەن ، ئۇ ئارا
تىرىقلارنى باغلار چەمبەر – چەس .
چىمەنلەردىن تۈزۈپ گۈلدەستە ،
شان – شۆھرەتتىن تىكلەيدۇ ھەۋەس .
ئالماشلاردىن كۆرسىتىپ يولنى ،
مەزمۇت قەدەم باشلايدۇ مەنزىل .
كۆپلۈكلەردىن تىكلىسە ئۆملۈك ،
ساۋاقلاردىن ياسايدۇ تەمسىل .
سۈپەتلەردىن توقۇسا ئەتلەس ،
جەزىرلەرگە ياپىدۇ يوپۇق .
گۈل چاڭلاردىن يىغىشىپ ھەسەل ،
زېھىنلەرگە بېرىدۇ ئوزۇق .
يۇلتۇزلارنى ساناپ بىر – بىرلەپ ،
قۇت بەلگىسى ئويار ئاسماندىن .
يوپۇرماقنى ھىساپلاپ ئىنىق ،
يىلتىزلارنى كۈيلەيدۇ ئاندىن .
سەۋەپ – ئۇتۇق چىرمايدۇ مەھكەم ،
ماقاللاردىن بالقار خۇلاسە .
ياخشى – ياماندىن قىلىپ ئىبرەت ،
نۈسرەتلەرگە بولار پەرۋانە
.
سامان يولدىن كەڭرى چۈشەنچە ،
نۇر تېزلىكىدىن چاققان پىكىر .
ئۇقۇملاردىن قۇچاق ئېچىپ كەڭ ،
قىيالارغا چەككەندۇر كېمىر .
جانسىزلارنى كۆچۈرۈپ تەنگە ،
جانلىقلارغا بېرەر سۈكۈتنى .
قۇشلارنىمۇ قىچىقلاپ ئاستا ،
تۇپراقلارغا چاچار كۈلكىسنى
.
بۆرەلەردەك ھۇۋلاپ تاڭغىچە ،
قارلىق تاغدىن باشلىغان ھالقىش .
تاغلار شۇندا قاقلاپ بىردىن ،
دېڭىزلاردا چايقالغان ئالقىش
.
دەرىجىگە ئايرىلار ھايات ،
تەپچىرەشتە خۇشخۇي مۇسكۇللار .
بىر تال مۇيدا تىرلىيۇن تارىخ ،
پۈتۈلمىدە پۈتۈك تۇيغۇلار .
تولغاق تارتقاندا دۆڭ – يوتىلار ،
ئىڭراشلاردىن تۇغۇلغان بوۋاق .
دەرەخلەرنىڭ كاۋاكلىرىدا
پەرىشتىلەر ئۇخلايدۇ ئۇماق .
تىركەلمىلەر باغلار ئىسىمنى ،
قەلبلەرگە يوللار ئالاقە .
مەنالارنى يىرىپ قىرىققا ،
مايسىلارغا يازار باغاقچە .
ئسكىلىتمۇ گۈزەل ئۆمۈشتۇر ،
قۇم ئاستىدا ياتقان مەلىكە .
كىرورەننى يىتىلەپ ھەيۋەت ،
قۇم ئاستىدىن چىقتى بۈگۈنگە .
تاش ئەمەسكەن ئاتۇش ئادىمى ،
سىماسىدىن چاقناتتى زامان .
پىكىر تولغان مۇستەھكەملىكتە ،
قەدىم كەچمىش بولدى نامايان .
ئىنسان بولۇپ ياشار تاۋۇشلار ،
دۇردانىدەك تۆكىلىپ ھەريان .
سىرغىپ شىرىن – شەربەت مېۋىدىن
كۆز چاقناقماقتا تەكلىماكان .
تۇلپار كەبى چاپقان ئوي – خىيال
ئىددىيەنى قىلىدۇ جەۋلان .
لىرىكىلار دولقۇنلاپ تۇرار ،
ئارمانلاردا يالقۇنلۇق جەريان .
ئارامبەخىش سالقىن شامال ئۇ ،
سەگىتىدۇ ئۇيغۇر قەلبىنى .
مەڭگۈ تاشقا ئايلىنىپ ھەر چاغ ،
سۇغۇرىدۇ ھەربىر يۈرەكنى
.
دەرەخلەردىن يېشىللىق ھاسىل ،
يىلتىزلاردىن ئېمىدۇ سۇنى .
ھەر ئىنساننىڭ دىلى ئورمانلىق ،
تىلى بىلەن ئىچەر تۇرمۇشنى .
قەلبىمدىكى ئىشتىياق شۇ دەم
چىپىلدايدۇ پۈتكۈل بويۇمدىن .
ئشىق ئىكەن ئىرىش سىماپتەك ،
نۇر ئەمگەچكە ئۇيغۇر قۇياشتىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-3 05:30 AM