ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى بارلىق تورداشلار، مۇنبەردىشىڭلار مۇسىلىنەدىن سىلەرگە ئالىي ئېھتىرام،ئايىمىڭلار خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتكەندۇ؟مەن ھەممىڭلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن، تۇرمۇشۇڭلار مەڭگۈ بەخت ئىچىدە ئۆتسۇن... چېھرىڭلاردىن كۈلكىلەر ئۆچمىسۇن...ھەممىمىزنىڭ مۇنبەردىكى دوستلىقى سەمىمىي، ساپ بولسۇن.....!
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك،خېلى بوپتۇ مۇنبەردە مۇشائىرە قىلىشمىغىلى،بۈگۈن كۆڭۈل ئۈنچىلىرىمىزنى چېچىشىىپ بىر پەس مۇشائىرە قىلىشايلى دېگەن مەقسەتتە ، ئاز بولسىمۇ بۇ بىرنەچچە كۇبلىت شېئىر ئېلىپ كەلدىم، مۇنبەرداشلارنىڭ مەيلى بارمىكىن،مۇشائىرە قىلىشقا،قېنى ئەمسە جۆر بولىدىغانلار مەرھەمەت....
تولغاندىم قىل كەبى قاراڭغۇ كېچە ،
كۆزلۈرۈمدە زەررىچىمۇ ئۇيقا يوق.
ئەسلىمە ۋاراقلىرى يىرتىلدى بىر –بىر،
يۈرىكىم پارچە-پارچە تۇرىدۇ چۇۋۇق.
ۋۇجۇدۇمنى سوغۇققىنا تىترەك باسقان
ھوجرا تاملىرىمۇ كۈلىدۇ سوغۇق.
پەرياد ئۇرۇپ يىغلايمەن يۇم –يۇم،
ھەسرەت تىلىمدىن ئېتىلار بوغۇق
پاساھەتلىك،گۈزەل تىلدۇر ئۇيغۇر تىلى
ئەبجەش تىلدىن تۇرايلى يىراق.
ئانا تىلىمىز قالمىسۇن يىغلاپ.
لەنەت ئوقۇپ چەكمىسۇن پىراق.
مۇشائىرە قائىدىسى: بۇ ئۈچ كۇبلىت شېئىرنىڭ 1-2-كۇبلىتى بىر مەزمۇننى،3-كۇبلىتى ئايرىم مەزمۇننى ئىپادىلەيدۇ،مۇشۇ كۇبلىتلاردىكى خالىغان مىسرالارنى شېئىرنىڭ باشلىنىش مىسراسى قىلىپ داۋاملاشتۇرۇپ يازساق بولىدۇ،قېنى ئەمسە،داۋامى سىلەرگە قالدى.... مەرھەمەت....
مەنبە: قېرى خىياللىرىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-3 12:32 AM