مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3588|ئىنكاس: 34

ئېشەكنىڭ تەسىرلىك ھېكايىسى(ئىبرەتلىك) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15765
يازما سانى: 515
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13050
تۆھپە نۇمۇرى: 914
توردا: 308 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 09:20:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


    ئاپتۇرى-مۇتەللىپ ئالىمجان(ئويغان تەكلچىن)


ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك مېسرانىمدىكى مۇنبەرداش قېرىندىشىم، پىكىر قېلىشقا تېگىشلىك

مەسىلە ۋە تېما بولغانلىقى ئۈچۈن
مەن بۇ يەرگە بۇ تېمىنى ئېلىپ كەلدىم .

ئوقۇپ بولۇپ تېمنى خاتا قاراشتا بولۇپ مېنىڭ دەككەمنى بېرىش بىلەن بولۇپ كېتىپ
ئەدىپىمنى بەرمەي ئۆزىڭىزنى ئەركىن قويۇپ بەرگەن ھالدا سىزمۇ بىر ئويلىنىپ ئەستەيىدىللىق بىلەن
پىكىر قېلىپ بىقىڭ قېنى .....
ئاندىن كېيىن دەككەمنى بىرەمسىز ئەدىپىمنى كېچىك مەيسىز....

تاغدىن چۈشكەن لاي سۇنى،
سۈزۈپ ئېچەر ئەر بارمۇ؟
نازۇك باشقا كۈن چۈشتى،
ئېلىپ قاچار ئەر بارمۇ؟؟

دۇنيا ئەر! دەپ توۋالىماقتا .
قېنى سېلەر ئەركەكلەر قېنى سېلەر ئەركەكلەر.....


ئادەتتە قىزلىرىمىز بۇزۇق، رەسۋا، ...،،، ئىشقىلىپ قىزلىرىمىزنى چۈشۈرۈدىغان روھىنى چۈشكۈنلەشتۈردىغان گەپلەر تالادا، ياكى بىرەر سورۇندا، ياكى 6 ۋېژدانلىق يىغىلغان يەردە بولاتتى،
ئەمدى تەرەققى قىلىپ مۇشۇ توردىمۇ ئۇلارنى تىللىغىلى تۇردۇق، تىللايدىغان ئىش بولغاندىن
كىيىن مۇشۇ يەردە تىللايلى، ئاچچىقىمىز چىققۇچە تىللايلى، تىللىمامسىز قېنى...؟؟
*                          تىللاپ بولغان بولسىڭىز ئەمدى گىپىمنى ئاڭلاڭ، ھەر بىر ئائىلىدە يوق دېگەندە بىردىن قىز بولىدۇ،

سىزنىڭكىدىمۇ شۇ، سىرىتقا قاراپ بىقىڭ، تىنىنى سىتىۋاتقان، كىم پۇل خەجلەپ بەرسە مىللەت ئايرىماي
مىڭىۋاتقان شۇ قېزلار سىزنىڭ ۋە مېنىڭ ئاچا-سىڭىللىرىمىز،
بۇنداق دىسەم مىنىڭ ئائىلەمدە بۇنداق بۇزۇق يوق، دەيسىز بۇ ماڭا ئايان، ئاشۇ قېزلارنىڭ قولىدىن
سىلكىشلەپ تارتىپ سوراپ بىقىڭ، نىمىشقا بۇنداق قىلىسىز، نۇمۇس قىلمامسىز، ئىپپىتىڭىزنىڭ قەدرى قېنى؟

ئاتا-ئانىڭىزغا ئىچىڭىز ئاغرىمامدۇ؟ دەپ سوراپ بىقىڭ، ئۆتۈشىمەن،
10دىن سورىسىڭىز ھەممنىڭ ئۆتمۈشى ئوخشىمايدۇ، لىكىن 9نىڭ بىرىدىغان جاۋابى بىز ئوغۇللار سەۋەپلىك بولىدۇ، ئۇلارنى تۆمۈر كالتەك ئەمەس، مانا بىز بۇزغان، مەيدىمىزنىڭ تۈكى بار دىگەن ئەركەكلەر بۇزغان، بىر چىرايلىق قىزلىرىمىزنى قالايمىقان سورۇنلارغا بىللە بىرىشقا زورلايمىز، ئۇلار بىزنى ھۆرمەت قىلغانلىقى، ۋە ئىتائەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ياكى سىزنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن سىزنى رەت قىلالماي سىزنى مىنى قوغدايدۇ، ھۆرمەت قىلىدۇ، دەپ سىزگە ئىشىنىپ سىز بىلەن بىللە بارىدۇ، قايتا-قايتىلاپ مۇشۇنداق سورۇنلارغا ئىلىپ بىرىپ قىزلىرىمىزنىڭ كۆزىنى بىز ئىچىۋاتىمىز، ئاغزىدىن ئانا سۈتى پۇراپ تۇرىدىغان قىزلىرىمىزنىڭ ئالدىدا ھاراق دىگەننى يىنلىياۋ(سوغۇق ئىچىملىك)نىڭ ئورنىدا ئىچىمىز دەپ، ئۇلارغا ھاراق ئىچىشنىڭ ھازىر ئۇنداق يامان ئىش ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ،ئۇلارغا بۇ رىئاللىقنى قوبول قىلمىسا بولمايدىغاندەك تۇيغۇ بىرىپ قويىمىز، شۇنىڭ بىلەن قىزلىرىمىز ھاراقكەشلەر سورىنىدىن قوقمايدىغان، ياكى قىزقىش ئىستىكىدە ئىچىدىغان بوپ كىتىدۇ،
بۇلار ھاراقنى ئۆزى قۇيۇپ ئىچمەلمەيدۇ، بىز قۇيۇپ بەردۇققۇ مانا،  قىزلىرىمىز شۇ قىززىقچىلىق بىلەن ھەممە نەرسىنى يوقىتىدۇ، بىلگەن ۋاقتىدا ئاللا بۇرۇن كىچىككەن بولىدۇ، ئاندىن بۇلارنىڭ ئۆمۈرلۈك تاللىغان يولى مانا مۇشۇنداق مەينەت يوللار بولىدۇ، مۇشۇ بىچارە قىزلىرىمىزدىن جەمىيىتىمىزنىڭ قالدۇقلىرى پايدىلىنىدۇ،

قايسى كۈنى ھەسرەتنىڭ مۇشۇ مۇنبەردە يوللىغان (قىزلارنى ئاسراش تۇيغۇسى سىزدىمۇ بولسۇن) دىگەن تىمىسىنى كۆرۈپ ئىككىلىنىپ قالدىم،
ئاشۇنداق مەسۇم قىزلىرىمىزنىڭ بىزگە ھاجىتى چۈشكەندە بىزنىڭ بىرىدىغان ياردىمىمىز ئۇلار بىلەن سودىلىشىش بولىۋاتىدۇ، بىر قىزنىڭ دادىسىنى داۋالىتىش ئۈچۈن بىر بايغا 10،000 كويغا بىر ھەپتىلىك خوتۇن بولغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم، بىرەر قىز ئالدىڭىزغا كىلىپ يىغلاپ يالۋۇرۇپ سىزدىن نەچچە يۈز كوي سورىسا مۇشۇ پۇلغا  قانچە پوتۇلكا ھاراق كىلىدىغانلىقىنى، ياكى بولمىسا بىرەر قىتىملىق كاتتا يىغىلىشنىڭ ھىسابىغا سىلىشتۇرمايلا مىڭ جاپادا تاپقان پۇل بۇ دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن، قاراپ تۇرۇڭ ، مۇشۇ نەچچە ۋاراق قەغەز بىلەن نىمىگە ئىرىشكەنلىكىڭىزنى ھامان بىر كۈنى بىلىپ قالىسىز،


ئەمدى بىز ئوغۇللارنىڭ باھانىسىگە كىلەيلى، توغرا، بەزى قىزلىررىمىز ھالال ياشاشنى خالىماي ئۆزىنى ھالاكەت كوچىسىغا باشلاۋاتىدۇ، بىز ئۇلارنى توسۇپ قالالمايمىز،
ئەگەر ئۇلار ئۆزىگە چىڭ بولوپ بىزنىڭ بىرەلىگەن مال دۇنيارىمىزغا شۈكرى قىلسا ئىدى، بىز ئۇلارغا مەڭگۈ ئازار بەرمەيتۇق، بىزنىڭ ھالىمىز مۇشۇ (ھازىرچە)
لىكىن ھامان بىركۈنى بىزمۇ ئىگە بولىمىز ھەممىگە، بىز قىزلىرىمىزنى پۇل تىپىپ ئەكەل دىمىدۇق، پەقەت بىز تاپقانغا شۈكرى قىل دىدۇق، باشقىلاردىن بىر ناننى ئاز يىسە نىمە بوپتۇ، ھالال يەيدۇ، خۇدانىڭ رەھمىتى بىلەن يەيدۇ، ئۇلار ئۆزىگە چىڭ بولسا بىز نىمە قىلالايتۇق،

ئەمدى ئىككىسىنى سىلىشتۇرۇپ بىقىڭ قايسى گەپ ئورۇنلۇق، دىمەكچى بولغىنىم مۇشۇ يولغا كىرىپ بولغان قىزلىرىمىز بىلەن توي قىلىڭ ئەمەس، بەلكى كەلگۈسىدىكى مۇشۇ يولغا كىرىش ئالدىدا تۇرغان قىزلىرىمىزنى قانداق قوغداش توغۇرلۇق بىر ئويلۇنۇپ بىقىڭ، بەلكىم ھاياتىڭىزدىكى چوڭ پىلانلارنىڭ بىرى بوپ قالار،
ھەممەيلەننىڭ ۋەتەنپەرۋەر،مىللەتپەرۋەر بولوش ئىستىكىمىز كۈچلۈك، لىكىن بۇنىڭمۇ قەدەممۇ-قەدەم باسقۇچى بولىدۇ،   ئەڭ ئاۋال ئائىلە پەرۋەر،ئاندىن مەھەللە پەرۋەر، ئاندىن يۇرۇت پەرۋەر، شەھەرپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر،ئەڭ ئاخىرىدا ۋەتەنپەۋەر، بەلكىم بەزى دوسلىىمىز تا ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ ئائىلە پەرۋەر بولالىغان ياكى بولالمىغانلىقىنى بىلمەيدۇ،   لىكىن چەتئەللىكلەر ۋەتەنپەرۋەرلىكتىن ئىشىپ ئىنسانپەرۋەرلىككىچە بىرىپ بولدى، بىز نەدە قالدۇق؟
ھەممەيلەن تىرىشىپ ھىچ بولمىغاندا شەھەرپەرۋەر بولوش ئىددىيىسىنى ۋە پىلانىنى كاللىمىزدا تۈزۈپ باقايلى،   بەلكىم ئۆز ئۆيىمىزدىكى قىزلىرىمىزدىن تارتىپ مەھەللىدىكى تاكى شەھەردىكى ھالاكەت گىردابىغا ئۆزى خالاپ ياكى باشقىلارنىڭ قولى بىلەن بىرىش ئالدىدا تۇرغان قىزلىرىمىزنى قۇتقۇزۇپ باقايلى،  

ئەسكەرتىش؛ تېمىدىن پايدىلىنىپ قۇتراتقۇلۇق قىلىشىڭىزنى خالىمايمەن،




ئەيتاۋۇر سىزنىڭ دىمەكچى بولغىنىڭىز قىزلارنى ئۇغۇللار بۇزغان.شۇنداقمۇ؟
سىز نېمىگە ئاساسلىنىپ شۇنداق دەيسىز....


ئاشۇنداق بېرقېسىم قاملاشمىغان چاكىنا ئۇغۇللار قېزلارنى ئېچىدىغان يەرلەرگە تارتسا كىرمىسە بولىدىغۇ.
كۆزى بولغاندىكىن ئىچمەيدىغان، چەكمەيدىغان ئاشۇنداق  بىجىرىم  ئادەمنى ساراڭغا، ساقنى بۇزۇققا، ياخشى يامانغا ئۆزگەرتىدىغان يەرلەرگە كىرىدىغان لاتاقاسقاسلار بىلەن گەپلەشمىسە، مۇھاببەتلەشكىلى ئۇنىمىسا بولدىغۇ. مۇھاببەتلەشكلى ئۇغۇل چىقمىسا، ئۈيىدە ئولتۇرۇپ ئاللادىن ئۈزىگە ياخشى بىر ياخشى ھەمراھ تىلەپ، ئاتا–ئانىسىنىڭ رەھمىتى ئېلىپ ئولتۇرسا بولدىغۇ. نۇرغۇنلىغان قىزلىرىمىزبار، داپ داڭرىغان، ئىشەك ھاڭرىغان يەرلەردە ئوينىمايمۇ جەمىيىتىمىزدىكى ياخشى ئۇغۇللار بىلەن گەپلىىشپ توي قىلىپ بەخىتنىڭ ھۇزۇرىدىن ئادەم قىزارغۇدەك دەرىجىدە بەھىرلىنىۋاتقان.ئىستىۋىن قېرىندىشىم قىزلاردىمۇ بىر كاللا بار. ئۇلارمۇ ئاشۇ كاللىنىڭ ئەقىل ئىگىسى، ئەگەر كاللىسى بولمىغان بولسا گۇناھنى ئۇغۇللارغا ئارتىپ قويسىغۇ مەن  سۆزلىرىڭىزگە ھېچ قارشىلىق كۆرسەتمەس ئىدىم. توغرا، كونىلارنىڭ مۇنداق بىر ھېكمىتى بار، بۇلىدىغان زىرائەت كۆكىدىن مەلۇم . دىگەندەك تۇرمۇشمىزدا نۇرغۇن قىزلار راھەت تۇرمۇشنىڭ كۇيىدا باي ئائىلىگە ياتلىق بۇلىشىنى خالايدۇ-دە بىرەر باي ئائىلىنىڭ بەگزادىسىدىن بىرى ئۇنىڭغا تەلەپ قويسا ئاجايىپ خوشيىقىپ قانداقلىقىنى بىلمىسىمۇ ئۇنىڭ قورچاق مۇھاببىتىگە ئايلىندۇ.بۇيەردە كۆپ سۆزلەپ تىمامنى ھىكايىدەك ئۇزۇن قىلىۋەتمىسەممۇ بولماس. ھەممىمىز بۈگۈنكى كۆپ ساندىكى بايلار، يۇقىرى قاتلامدىكى ئائىلىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى بىلىمىز. ئىچىدۇ، چىكىدۇ، ئەرلىرى ئاياللىرىغا نەچچە ئاي يېقىن يۇلىماي ئاشنا ئويناپ يۈرسە ئاياللىرىمۇ ھېيقماي ئىرىدىن قېلىشمىغان.كۈندۈزى پوزور ياسىنىپ يىڭى سوقماق كۇيىدا، كىچىسى سوقماقنى قايدا باپلاشنىڭ ئۇيىدا. ئىمان، ۋىجدان، ئەخلاقنى ياشاش نىشانى قىلمىغان مانا مۇشۇنداق ئائىلدە چوڭ بولغان لاتاقاسقاسلار تۇرمۇشىمىزدا كۆپىيىپ كەتكەچكە،ھەم شۇنداقلا چەتئەلنىڭ كىنولىرىنى تولا كۈرۈپ بېشى ئايلىنىپ كەتكەن قىز-ئۇغۇللىرىمىزمۇ بۇنداق ئىشنى ئادەتتكى ئىش دەپ بىلگەچكە ھەم مانا مۇشۇنداق پەرزەنىتلىرىمىزگە،ئەدەپ-ئەخلاقنى قايرىپ،جەمىيەتنىڭ قارا داشقاللىرى، ئنىسانىيەت تارىخىغا بىر تىينلىق مەنپەت يەتكۈزەلمەيدىغان، سۆلەتۋاز پارازىت قۇرتلار بىلەن نىكاھ قىلمايلا ئىشەك سولاپ قۇيىدىغان قوتاندىكى ئون ھاڭگا بىر مادا ئىشەكنىڭ نەچچە يىلىغا باراۋەر بولىسمۇ تىگىنى سۈرۈشتۇرمەيلا ئۇغۇللىرىمىزغا خاتۇن قىلىپ بىرىش ئادەتتىكى ئىش بۇلۇپ قالدى. شۇڭا بۇكەمنىڭ لاتاقاسقاسلىرىغا ئىچىم ئاغرىيدۇ. نەچچە مىڭ ئىشەك، نەچچە مىڭ توڭغاز، نەچچە مىڭ ئىتنىڭ ئاستىدىن چىققان بولسىمۇ چىرايلىق، ناز-كەرەشمىلىك بولسا خاتۇنىققا ئىلىرۋىرىدىغان. ھەممىمىزدە بىردىن كاللا بار، ئاشۇ كاللا بىزنى بىردىن ئەقىلگە ئىگە قىلغان.ئەگەر ئۇغۇلنىڭ تۇنجى تۇيىدا ئالغان قىزى پاك، ئىپپىتى ساقلانغان قىز بولمىسا،ھەم شۇنداقلا ئۇغۇل توي كىچىسى بىرگە بۇلۇپ بۇنى بىلىپ قېلىپ، يەنىلا بىرگە تۇرۇرۋەرسە 1-دىن ئاتا-ئانىسغا ئۈمۈرلۈك زۇلۇم.2-ئالغۇچىغا ئۈمۈرلۈك زۇلۇم. چۈنكى ئوغلىغا تۇنجى تۇيدا، ئىمانلىق، ئەخلاقلىق،پەزىلەتلىك قىز ئېلىپ بېرەلمىگەن ئاتا-ئانا ئاخىرەتتە تۇلىمۇ ئۇسال ئەھۋاللاردا قالىدۇ. خاتۇن ئالغۇچىمۇ ئوخشاش. پىكىر قىلغاندا چۇقۇم ياخشى ئويلىنىپ، چوڭقۇر ئويغا چۈكۈپ ، ياخشى پىكىر قىلىشىمىز كېرەك. بۇلۇپمۇ مىللەت، ئەخلاق–پەزىلەت، قائىدە، مۇسۇلماندارچىلىق ئىشلىرىدا. ياخشى ئويلاپ بېقىڭ قېرىندىشىم، سىزمۇ بىر ئەقل ئىگىسى........ھەم شۇنداقلا ھەممىمىز بىر ئەقىل ئىگىسى......ھەربىرىمىزنىڭ ئالدىغا چوچقا گۈشى، چىۋىن قورىمىسى، پىشۇرۇلغان قۇرت ئەكىلىپ بەرسە بىز دىگەن ئۇيغۇر دەپ يىمەيمىز. ئەمىسە نىمىشقا ئۈچۈىمىزگە زىت كېىلىدىغان ئىشنى قىلىمىز. زادى نىمە ئۈچۈن ئۇغۇللىرىمىزنى ئۆيلىگەندە چىرايىنى، ئاتا-ئانىسىنىڭ مال-دۇنياسىنى، شۇنداقلا قىزنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنىلا سوراپ، ئىمان، ئەخلاپ-پەزىلەت، شەرىئەتلەرنى تەرك ئىتمىز. ئوبدانراق ئويلايلى بۇنداق قىلىغىنىمىز. ھېلىقى چوچقا گۈشى، چىۋىن قورىمىسى، پىشۇرۇلغان قۇرتلارنى ئۆزىمىز ۋە باللىلىرىمىنىڭ خاتىرخەن يىيىشىگە  رۇخسەت قىلغاندىن نىمە پەرقى بولسۇن.
تىمامنىڭ تېخمۇ چۈشىنىشلىك بۇلىشىى ئۈچۈن مۇنداق بىر ھېكايە سۆزلىمەكچىمەن.



ئىشەكنىڭ ئەقىيدىسى ۋە ئۆمۈرلۈك قارارى



بۇرۇن بىر ئىشەك ئىگىسى بىلەن سەپەرگە چىقىپتۇ، مېڭىپتۇ، مېڭىپتۇ بىر دەرياغا كېلىپتۇ. ئىشەكنىڭ ئىگىسى ئشەكنى سۇغا يېتىلەپ ئەكىرىپتۇ. سۇ خېلى چوڭقۇر ئىگەن، سۇنىڭ چوڭقۇر يېرى ئادەمنىڭ مەيدىسىگە كېلىدىكەن .  ئىشەك چوڭقۇرغا كىرگنسىرى قەدەملىرى بارغانسىرى ئاستىلاپتۇ، ئىشەكنىڭ ئىگىسى ئۇنى ئۇرۇپ دىگۈدەك چوڭقۇر يەرگە تارتىپتۇ. ئىشەك چوڭقۇر سۇغا كىرگەنسىرى ئۆزىنىڭ ئۈستىدىكى كۆتىرەلمەي قاپتۇ، ئىشەكنىڭ ئىگىسى بۇنى ئىشەك ھۇرۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ ئۇرۇشقا باشلاپتۇ، ئۇرۇپتۇ، ئۇرۇپتۇ، يەنە ئۇرۇپتۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا ئارام بەرمەي تارتىپتۇ، ئىشەك ئالدىغا ماڭماسىتىن ئارقىغا يېنىشقا باشلاپتۇ، ئىشەك ئىگىسى ئىشەكنى تېخىمۇ قاتتىق ئۇرۇشقا باشلاپتۇ. ئەسلىدە ئىشەكنىڭ ئۈستىدە پاختا بارئىكەن. ئىشەكنىڭ ئۈستىدىكى پاختا سۇنى سۈمۈرگەنسىرى ئىشەك ھالسىزلىپ، نېمە ئۈچۈن ئۈستىدىكى يۈكنىڭ ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكنى بىلەلمەي تەشۋىسىسىز ھاڭراشقا باشلاپتۇ، ئىشەكنىڭ ئىگىسى ئىشەكنى ماڭدۇرالماي تەر بۇلۇپ تۇرغاندا ئشەكنىڭ ئۈلۈم پۇراپ تۇرغان يۈرىكى ئىختىيارسىز سادالىنىپتۇ.‹‹- ئىخخا.........ئىخخا.......خا....خا... ›› تەقدىرىدىن نالە قىلغاندەك  قاتتىق توۋلاشلىرىنى ئاڭلاپ  تۇرغان ئىشەكىنىڭ ئىگسىنىڭ ئەرۋايى تېخمۇ ئۇچۇپتۇ، ۋە ‹‹ بۇ ھورۇن ئىشەك قاتتىق ھاڭراپ مەن بىلەن جاۋاپلىشىۋاتىدۇ.......مېنى تىللاۋاتسا كېرەك....›› دەپ ئويلاپ ئىشەكنى تېخىمۇ ئۇرۇشقا باشلاپتۇ.
ئىشەك ئاخىرى ھالسىزلىپ يىقىلىپتۇ. سۇغا بىر شۇڭغۇپ، بىر يۇمۇلانغان ئىكەن پاختا سۇدا ئىقىپ كېرىپتۇ.
جان تۇمۇشۇقىغا يەتكەن ئىشەك قانداقلا بولمىسۇن سۇدىن چىقىپ كېتىش قارارىغا كەپتۇ. ۋە پۇتۇن جان جەھلى بىلەن ئورنىدىن دەس تۇرۇپ قىرغاققا قاراپ يول ئاپتۇ. قىرغاققا چىقىپ قارىسا ئىگىسى ئۆزىدىن بۇرۇن قىرغاققا قىچىپ چىقىپ بولغان ئىكەن. شۇنىڭدىن كىيىن ئىشەك ھەر قانچە تاياق-توقماقلار بىلەن  ئۇرۇسىمۇ،
ھەتتا ئۇسساپ كەتسىمۇ دەريا ئۇياقتا تۇرسۇن كىچىك ئېرىقلارغىمۇ يېقىن يۇلىماس قارارىغا كەپتۇ.

بىر كۈنى ئىشەكنىڭ ئىگىسى ئىشەكنى يىتىلەپ قۇمۇش يغىپ مال-چارۋىللىرىنىڭ قىشلىق يەم-خەشىكىنى توپلاش ئۈچۈن تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ چەكسىز ئەمما قۇمۇش بۇلۇق ئۆسكەن يىرىگە قاراپ يول ئاپتۇ. ئەمما يول ئۈستىدە قاتتىق بوران چىقىپ كېتىپتۇ. ئىشەكنىڭ ئىگىسى ئىشەكنى يىتىلەپ ئۈيىگە قايتىپ كېتىش قارارىغا كەپتۇ ۋە ئارقىغا يېنىپتۇ. ماڭا ماڭا ....... يېرىم يولدا بورانمۇ توختاپتۇ، قارىسا قۇملىۇقتىن چىقىپ كېتىش تۈگۈل قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرىغا كىرىپ قالغانلىقىنى سېزىپتۇ. ۋە ‹‹ ئۈيۈم كۈن پېتىش تەرەپتە ئىدىغۇ....›› دىگەنلەرنى ئويلاپ كۈن پېتىش تەرەپكە قاراپ مېڭىپتۇ،مېڭىپتۇ، مېڭىپتۇ، 3 كۈن مېڭپتۇ، يەيدىغان ئىچىدىغان نەرسە ئاللىبۇرۇن تۈگىگەن ئىكەن، بۇ قۇملۇقتا قۇمدىن باشقا ھېچ نەرسە يوق ئىكەن،ئىشەكنىڭ ئىگىسىمۇ، ئىشەكمۇ  ئۇسسۇزلۇق دەرماندىن ھالسىزلىنىپ چۆمۈلە كەبى ماڭىدىغان ھالغا كېلىپ قالغاندىلا بىر دەريا ئۇچىراپتۇ، ئىشەكنىڭ ئىگىسى سۇنى قانغۇچە ئىچىپ ئىشىكىگە قارىسا ئىشەك دەريانىڭ بىر يېندا قاراپ تۇرغۇدەك ئىشەكنىڭ ئىگسىى ئۇنى شۇنچە تارتىپتمۇ، ئۇرۇپمۇ،سۇغا يېقىن كەلتۇرەلمەپتۇ، ئاشۇنداق ھەپىلىىشپ يېرىم كۈن ئۈتۈپتۇ، ئىشەك ئاخىرى سۇ ئازابىغا بولالماي يىقىلىپ، سۇ ئازابىدا پۇت ئىېىتشقا باشلاپتۇ.ئىشەكنىڭ ئىگىسى ‹‹...ئەمدى بولمىدى.بۇ ئىشەك ئۈلۈپ كەتسە مەن قانداق ئۈيۈمگە كېتىپ بولالايمەن›› دەپ  كىيىملىرىنى دەرياغا تازا قېنىق چىلاپ ئىشەكنىڭ ئېغىزىغا كىيمىدىن ئاققان سۇنى  تېمىتىشقا باشلاپتۇ. ئاخىرى ئىشەكمۇ قۇتقۇزۇللىۋېلىنىپتۇ.

قاراڭلار بۇ ئىشەككە، نىمە دىگەن قەتئى نىيەتلىك ..........


ئەجابا ئاشۇنداق يولغا كرىپ سالغان قېزلىرىمىز بۇ ئىشەكچىلىكمۇ بولالمامدىكەن؟ يەنىلا گۇناھنى ئەقىلىسز ئىشەكنىڭ ئىگىسىگە(بۇيەردە ئىشەكنىڭ ئىگىسى قىزلارنى ئالداۋاتقان يۇقارقى ئىشەكتىنمۇ دۆت جەمىيتىمىزنىڭ پارازىت قۇرتلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ) ئارتىپ قۇيۇپ دەپ داڭرىغان، ئىشەك ھاڭرىغان يەرلەردە ئويناپ يۈرىشى كېرەكما؟؟؟؟
ئەجەبا قېزلار ئىشەكچىلىك بولالمامدۇ؟
ئەگەر سىز قىزلارنىڭ بۇزۇلىشىدا ئۇغۇللار سەۋەپچى دەپ قارىسىڭىز ياخشى ئويلۇنۇڭ-دە ئاندىن ئەمدى سىز ئۆز قارشىڭىز بۇيىچە بىزلەرنى ئالدىماي تورداشلىرىمىزدىن تىزدىن ئەپۇ سورىۋېلىڭ..........
ئىشەكتە يائىمان، يا ئادەمچىلىك ئەقىل، يا پىكىر يۈرگۈزەلەيدىغان كاللا يوق. ئىشەك چېغىدا دارياغا كىردى. ئەمما يەنە مېڭرىۋەرسە ئۆزىگە پايدىسىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئىگىسىنىڭ شۇنچە قاتتىق ئۇرۇشللىرىغا بەرداشلىق بىرىپ ئاخىرى ئۆزى كۆزلىگەن قىرغاققا چىقىپ توختىدى. ۋە ئىككىنچىلەپ دەرياغا يېقىن يۇلىمىدى. ھەتتا ئۈلۈشكە رازى بولدىكى ئۈسسۇزلۇق ئىچىش ئۈچۈن دەرياغا يېقىن كېلىپمۇ قويمدى.......... ئىشەكتە نەھايا،نەئىمان، نەغايە، نەئىنسانىي بۇرچ، نەتەپەككۇر....ئەجەبا قىزلىرىمىز ئىپپەت ئۈچۈن،ئەخلاق ئۈچۈن، ئىمان-ھايا ئۈچۈن مۇشۇ ئىشەكچىلىك بولالماسما؟ ئۇغۇللىرىغا خاتۇن ئېلىپ بىرىدىغان دادىلارچۇ؟ بۈگۈنكى كۈندىكى خاتۇن ئالىدىغان يىگىتلىرىمىزچۇ؟
مانا بۇلار ھەقىقىي ئويلىنىشقا تېگىشلىك چوڭ مەسىلە....




                 ئاپتۇرى-مۇتەللىپ ئالىمجان(ئويغان تەكلچىن)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-3 03:00 AM  


ھېسىيات جىنايەتكە باشلايدۇ،شەيتانلارچە كۆز بولسا خىيانەتكە باشلايدۇ، چېن ئەقىل بولسا ھىدايەتكە باشلايدۇ....(دەرتمەن119)

ۋىجدان ھەق-ناھەقتە سىنىلىدۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4682
يازما سانى: 2004
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32897
تۆھپە نۇمۇرى: 5599
توردا: 12089 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 11:00:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى  چىقىپتۇ

ئادەم غۇرۇرىنى يوقاتقاندا ئادىمىلىكىنىمۇ يوقاتقان بولدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58154
يازما سانى: 677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6082
تۆھپە نۇمۇرى: 338
توردا: 180 سائەت
تىزىم: 2011-9-27
ئاخىرقى: 2014-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 11:08:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىمارغا بىمارنىڭ قانداق كىسەل ئىكەنلىكىنى دىمەي بولمايدۇ بۇنى بىمارنىڭ ئەيىبىنى ئىچىش دەپ چۈشەنسەك بولماس........بىمارغا ئۇنىڭ كىسىلىنى بايان قىلغاندىن كىيىن دەپ  دورىسىنى بىرىش كىرەك! چۈنكى كىسەلنى دەپ قويغانغىلا بىمار ساقايمايدۇ..........

سەنمۇ قويساڭ ئۈمۈدۈڭنى نەۋرىگە
  مەنمۇ قويسام ئۈمۈدۈمنى نەۋرىگە
  نەۋرىلەردىن نەۋرىلەرگە يۈكلىنىپ
  كۆمۈلمەمدۇ ئۈمۈدىمىز قەبرىگە ?

  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5433
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8435
تۆھپە نۇمۇرى: 346
توردا: 558 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2014-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 11:11:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنتايىن ياخشى يېزىپسىز!رەھمەت؟!

فىلورە

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 994
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4301 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 11:12:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاڭ ئەمدى قىزلارىنڭ بۇزۇلشىدىكى سەۋەپ بەكلا كۆپ ئىشقلىپ بۈلمدىم ..مەن ھىچنمە دىمەي

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12401
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32459
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4462 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 11:28:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىز -يىگىتلىرىمىزگە،ئەر -ئاياللىرىمىزغا اللاھتىنىن كۆڭلىگە ئىنساپ تىلەيمەن.....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە
hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 11:31:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1799
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5768
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 721 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 11:45:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزدىكى ئەقىدە -ئىماننىڭ كەملىكى ،ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ناچارلىقى سەۋەپچى.

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15765
يازما سانى: 515
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13050
تۆھپە نۇمۇرى: 914
توردا: 308 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 11:49:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uzumtal يوللىغان ۋاقتى  2012-11-2 11:04 PM
تىمىڭىز ياخشى چىقىپتۇ . بولۇپمۇ تىمىدىكى ھىلىقى بىر ق ...

سىزنىڭ دېگەن بۇ تەرەپلەرنىڭمۇ ئاساسى بار ئەلۋەتتە ،
بۇنىڭلىق بىلەنلا  بېر قېسىم قېزلار ھە مانا قانداق ھەممىسى شۇ ، بۇ دەپ بىز ئەركەكلەرگىلا ئاتىپ قويماي
سىزمۇ بىر ئەقىل ئىگسى بولغاندىكىن توغرا چۈشەنچە ھاسىل قىلىڭلار ................

ھېسىيات جىنايەتكە باشلايدۇ،شەيتانلارچە كۆز بولسا خىيانەتكە باشلايدۇ، چېن ئەقىل بولسا ھىدايەتكە باشلايدۇ....(دەرتمەن119)

نېمىلەرنى ئويلا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 3011
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15429
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3323 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 11:54:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكمۇ ئەھمىيەتلىك يازما !

ئىنسان ئىمان بىلەن  بەخىتلىكتۇر .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش