|
|
|
|
ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار قۇربان ھېتتا گۆشنى كۆپ يىيىش سەۋەبدىنمۇ ياكى سەپەردە ئىسسىق ئۈتۈپ قالدىمۇ بىلمىدىم. تۈنگۈن بۇرنۇم 2~3 قېتىم قاناپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن تور بەتكە مۇشۇ بۇرۇن قاناش ۋە داۋالاش ئۇسۇلى توغرىسىدا بىر تىما يوللاشنى ئويلاپ بۇ تىمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. قېنى ئۇقۇپ قۇيۇڭ. بىر كۈنلەردە ئېسقىتىپ قېلىشى مۇمكىن.
بۇرۇن قاناش-ھەمىمىمىزگە مەلۇم بولغاندەك شۇ بۇرۇندىن قان ئېقىپ چۈشۈش شۇ. يەنە بۇرۇن ئاجىرالمىسىدا قان ئارلاشقان ئەھۋالمۇ بۇرۇن قاناش بۇلىدۇ. سەۋەبى بولسا قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتنىڭ تەسىرى، قان خىلتىنىڭ مىقدارىدىن ئېشىپ كىتىشى، يۇقۇملۇق كىسەللىك ۋە سىرىتقى تەسىر قاتارلىقلار سەۋەبىدىن بۇلىدۇ.
1. قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتنىڭ تەسىرى - قاتتىق ئىسسىقتا خىزمەت ياكى مەشخۇلات قىلىپ ئىسسىق ئۈتۈپ قېلىشنى كۆرسىتىدۇ. كۈپۈنچىسى ھاۋا ئىسسىق كۈنلەردە كۈرلىدۇ. داۋالاشتا ئاۋال قان توختۇتۇش كىرەك. قان توختۇتۇش ئۈچۈن بۇرۇنغا پاكىز پاختا ياكى داكا تىقىپ قاننىڭ ئېقىپ چىقىشىنى تۇسۇش كىرەك. قان توختىغاندىن كىيىن بىمار سالقىن جايغا يۆتكۈلۈپ پىشانىسىگە سوغوق سۇغا چىلانغان لۆڭگە قۇيۇش كىرەك. قېتىق، ئاپلىسىن، لىمون قاتارلىقلارنى بىرىش مەنپەتلىك.
2. قان خىلىتىنىڭ مىقدارىدىن ئېشىپ كىتىشى - خىلىت توغرىسىدا توختالغاندا قان خىلتى مىقدارىدىن ئېشىپ كەتسە قاناش پەيدا بۇلىدۇ دەپ ئۆتكەن ئىدۇق. يەنە قان خىلتىغا سەپىرا ۋە سۈيۈق بەلغەم خىلىتى ئارلاشسا قان سۈيۈلۈپ بۇرۇندىكى قان تۇمۇرلار يېرىلىپ بۇرۇن قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. داۋاسى : قان توختاتقاندىن كىيىن تۇمۇرلاردىن قان ئېلىش ياكى قانلىق لوڭقا قۇيۇش ئارقىلىق قان ئېلىش كىرەك. قۇرسى كەھىرىبا، قۇرسى ئەنجىباھار قاتارلىقلار ياخشى ئۈنۈم قىلىدۇ. چىلان قاتارلىق قاننى سۇيۇلدىرىدىغان يىمەكلىكلەرنى يىيىشتىن ساقلىنىش كىرەك.
3. قىزىتمىلىق يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ بۆھۋان كۈنلىرى بۇرۇن قاناش بۇلىدۇ. قان توختۇتۇش چارىسى قىلىنغاندىن كىيىن ئەسىلى سەۋەپچى بولغان كىسەلگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
4. ھەرخىل بۇرۇن كىسەللىكلىرى سەۋەبىدىن بۇلىدۇ - بۇرۇن ياللۇغى، بۇرۇن يارىسىن بۇرۇن بۇۋاسىرى، بۇرۇن مۇنچاق گۆش ئۆسمىسى ..... قاتارلىق كىسەللىكلەردە ئخشاشلا بۇرۇن قاناش كۈرلىدۇ. داۋالاشتا قان توختۇتۇش چارىسى قىلىنغاندىن كىيىن ئەسىلى سەۋەپچى بولغان كىسەلگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
5. زەھەرلىنىش - زەھەرلىك ھاشارەت چېقىۋالغان ۋاقىتتىمۇ قان سۈيۈلۈپ كىتىپ بۇرۇن قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. داۋالاشتا قان توختۇتۇش بىلەن بىرگە زەھەر قايتۇرۇشقا كۈچەش كىرەك.
بۇندىن باشقا ئاققان راكى، Vc كەملىك قاتارلىق نۇرغۇن سەۋەپلەردىنمۇن يىقىلىپ چۈشۈش، تاياق يىيىش قاتارلىق سىرىتقى ئامىللاردىنمۇ بۇرۇن قانايدۇ. قىسقىسى بۇرۇن قانغاندا بۇلۇپمۇ تەكىرار بۇرۇن قانغاندا قاننى توختۇتۇپلا پەرۋاسىز قارىماي چۇقۇم سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىشىمىز كىرەك.
بۇرۇن قانغاندا قاناشنى توختۇتىدىغان ئاددىي ئۇسۇللار: ئىككى بۇرۇننى 10 مىنۇت ئەتىراپىدا ئىتىپ تۇرۇپ ئېغىزچە نەپەس ئېلىش. مۇۋاپىق مىقداردىكى پاختا ياكى داكا ئۇرالمىسىنى بۇرۇنغا تىقىش. باشنى سوغوق سۇ بىلەن يۇيۇش. لۆڭگىنى سوغاق سۇدا چاقاپ پىشانىگە قۇيۇش. يۇقارقى كالپىكنىڭ دەل ئوتتۇرسىنى بېسىش. يۇقارقى ئۇسۇللاردىمۇ توختىمىسا دەرھال دوختۇرغا كۈرۈنۈش كىرەك.
مەنبە: ئەلسىھەت مۇنبىرى
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-11-4 11:19 AM):
مەنبەنىڭ ئۇلىنىشى خاتا بوپ قاپتۇ. كىرمەكچى بولغان تورداشلار http://bbs.alsihat.com
|
|
|
|
|
|