ئەسسالامۇئەلەيكۇم:
مىسرانىمدىكى تۇنجى تىمام ھوزۇرۇڭلادا......
ئۇيغۇر قىزى
ئىپپەت_نۇمۇس ۋىجدانىڭنى قەيەرلەرگە تاشلاپ كەلدىڭ،
ئايدەك يورۇق يۈزلەرىڭنى نىمىلەردە بوياپ كەلدىڭ.
ئۆزلۈكۈڭنى تاشلاپ قويۇپ مەدەنىيەتلەر ئاتلاپ كەلدىڭ،
بىلەلمىدىم ئۇيغۇر قىزى ئەسلى_ۋەسلىڭ چىرايلىقتىغۇ.
يۇرىتدىشىڭنى قېرىندىشىڭنى قەلەندەر دەپ ئاتاپ كەلدىڭ،
نەپ ئۈچۈن مۇھەببەتنىي،پاكلىقىڭنى يالماپ كەلدىڭ.
پۇل كۆرۈنسە ئەۋرەزگىمۇ ئايانماستىن سەكرەپ كەلدىڭ،
بىلەلمىدىم ئۇيغۇر قىزى نەپكە كۆز سالمايتىڭغۇ.
ئاددى ساددا ساپ كۆڭۈلنى((يېزىلىق))دەپ ئاتاپ كەلدىڭ،
كىيىملىرى مەينەت ئىكەن دەپ يىراقلارغا قېچىپ كەلدىڭ.
سىنى ساپ ئىنسان قىلغان يېزىلىق شۇ بىلمەي كەلدىڭ،
بىلەلمىدىم ئۇيغۇر قىزى قېرىندىشىڭنى پەس كۆرمەيتىڭغۇ.
نەپ ئۈچۈن بىراۋ قۇچىغىدا ئەركىلەپ،.........كەلدىڭ،
پاك ۋىجدان،غورورۇڭنى بەش تەڭگىگە سېتىپ كەلدىڭ.
ئەۋلادىڭ كۆزلىرىگە قۇم توپا چېچىپ كەلدىڭ،
بىلەلمىدىم ئۇيغۇر قىزى ئانىلىقىڭدىن پەخىرلىنەتتىڭغۇ.
كۆز قىسىپ قويسا بىرەرى،خۇشاللىقتا كۈلۈپ كەلدىڭ،
ئېغى ئوچۇق ئىشتان بىلەن مۇھەببەتكە كىرىپ كەلدىڭ.
يۈزلەرنى تەڭلەپ قويسا ئايانماستىن سۈيۈپ كەلدىڭ،
بىلەلمىدىم ئۇيغۇر قىزى قاراپ قويسا قىزىراتتىڭغۇ.
بىر جېنىڭغا ئۈش_تۆتنى،نومۇس قىلماي ئالداپ كەلدىڭ،
كىچىك تۇرۇپ پاك قەلبىڭنى ئاشىقلىقتا بۇلغاپ كەلدىڭ.
مۇھەببەتنىڭ شامالىدا خىيال بىلەن ئۇچۇپ كەلدىڭ،
بىلەلمىدىم ئۇيغۇر قىزى سەبىلىكتە كۈلەتتىڭغۇ.
ئىزدەپ سىنىڭ شۇ كۈلكەڭنى شامال بولۇپ ئۇچۇپ كەلدىم،
كۆرۈش ئۈچۈن قىزارغىنىڭنى ئوقيا بولۇپ تەگدىم بۈگۈن.
پاكلىقىڭنى كۆرۈش ئۈچۈن يامغۇر بولۇپ چۈشتۈم بۈگۈن،
بىلەلمىدىم ئۇيغۇر قىزى ئويلاشقىمۇ قۇربۇڭ يوقمۇ.
مەنبە: دوستۇم ‹‹پالگان خەلپە››
بۇ تىمىنى يوللاشتىكى مەخسىدىم قىزلارنى ھەممەيلەن تىللايلى.ئەمەس!!!!!!!!!!
ۋە ياكى قىزلارنى مازاق قىلىشمۇ ئەمەسسس~!!!!!!!!!!!!!!
قىزلارنى تۆۋەن كۆرگەنلىكمۇ ئەمەس..~!!!!!!!!!!!
جەمىيەتتىكى بىر قىزىم يېڭىلىقلارغا بەرداشلىق بىرەلمىدىم..
چۈنكى ئۇ ئۇيغۇر قىزى
جىلۋە قىلار يۈزلەرىدە ئاينىڭ شولىسى،
شۇنچە سىرلىق بەكمۇ خۇمار كۆزلىرى.
بىر كۆرۈپلا كۆڭۈل چۈشتى ئەجەپلەنمەيمەن،
چۈنكى ئۇ ھەقىقى ئۇيغۇر قىزى.
كۈن تۈنلىرى كۆز ئالدىمدا ئۇنىڭ سىماسى،
تال_چىۋىقنى خىجىل قىلار بەدەن قامىتى.
كىچە ئۆتسە يانىڭىزدىن بىلىنەر كۈندۈزى،
چۈنكى ئۇ ھەقىقى ئۇيغۇر قىزى.
ئەخلاق دىسە بار ئۇنىڭدا ئۇستاز تۇتقىچە،
نا ئەخلاق كىشى كەلسە بەدەر قاچقۇچە.
سۆزلىرى شۇنچە شىرىن ئابى_كەۋسەر،
چۈنكى ئۇ ھەقىقى ئۇيغۇر قىزى.
مەنبە: پالگان خەلپە......ياشىسۇن ئۇيغۇر قىزلىرى..مۇسۇلمان بوپ ياشىسۇن.........
دېھقان ئاكا قولۇڭدا ئورغاق دۇلاڭدا كەتمەن،
كۈن بويى ئىشلەيسەن ھاردۇقتا، يوق بىر قاچا لەغمەن.
يوق مائاش ھەم پىرىنسىيە كۆز يۇمغىچە ساڭا،
شۇڭا دەيمەن دۇنيادا يوق سەندەك بىر دەرتمەن.
ئىشلەيسەن،ئىشلەيسەن ھاردىم دىمەيسەن،
خورلۇق كەلسە باشىڭغا ئۆزەڭنى بەزلەيسەن.
كۈنلىرىڭ غۇربەتتە ئۆتسەڭمۇ بىتاپ،
بەندىدىن تامايىڭ يوق، خۇداغا يىغلايسەن.
دۇنيادا يوق سەندەك ئاقكۆڭۈل ئىنسان،
دۇنيادا يوق سەندەك قولى كەڭ ئىنسان.
چىدىدىڭ غاجىسىمۇ ئادەمسىمان ئىت،
شۇڭا دەيمەن دېھقان دىگەن ئەڭ كاتتا ئىنسان.
.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-2 03:28 PM