مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 970|ئىنكاس: 15

ئېنگىلىس تىلى ئۆگۈنۈشتە تەجىرىبىگە ئىگە بولغان تورداشلار كېلىڭلا . [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86676
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2012-11-1
ئاخىرقى: 2012-11-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 01:47:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم !

ئېنگىلىس تىلى ئۆگۈنۈشتە تەجىرىبىگە ئىگە بولغان تورداشلار ، مەن بىر مەسىلە توغۇرلۇق سورىماقچى ، يەنى  ئېنگىلىسچە ئۆگەنگەندە ،زادى قانچىلىك ۋاقىتتا ئېنگىلىسچە كىتاپلارنى بىمالال ئوقۇپ كەتلكىلى بولىدۇ ؟ سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى بىلمىسىمۇ ئاساسەن توغرا تەلەپپۇز قىلىپ ، ھەرقانداق سۆزنى ئوقۇپ كەتكىلى بولىدۇ ؟ بۇنى سورىشىمدىكى مەقسەد ، مېنىڭ ئاكامنىڭ قىزى بىر مۇئەللىم تەكلىپ قىلىپ ئۆگۈنۋاتقان ئىدى ، دەرسلىگى بولسا يېڭى ئۇقۇم ئېنگىلس تىلىكەن ، ھازىر ئۆتۈپ 120 –دەرىسكە كەپتۇ ،ئاشۇ دەرسلىك  كىتاپنى ئوقۇ دىسە شارىلداپ ئوقۇيدىكەن ، لېكىن باشقا ماتىرياللارنى ئوقۇ دىسە تازا تولۇق ئوقۇيالمايدىكەن .مەن مۇنداق دىققەت قىلىپ باقسام ، كۆپۈنچە ھاللاردا ،ئادەتتە 24 ھەرىپنى ئانچە مۇنچە ئوقۇتۇپ بولۇپلا جۈملىلەرگە چۈشۈپ كېتىدىكەن، بۇ قانداق ئىش زادى ؟مېنىڭ ئويلىغىنىم 24 ھەرىپ ھەم 48 تاۋۇشنى تولۇق توغرا تەلەپپۇز قىلىشنى ئۆگۈتۈپ بولۇپ ، مەسىلەن بىز ئېلىپبەنى ئۆگۈنۈپ بولۇپ ، ھەر قانداق كىتاپلارنى ئوقۇيالايدىغان بولغاندا ئاندىن سۆزلۈك ، جۈمىلە ، گىرامماتىكا قىسىملىرىنى ئۆگەنگەندەك ئۆگەنسە بولمامدۇ؟ ( مەن ئېنگىلەسچىدە نۆل ، شۇڭا ئويلىغىنىمنى ئۇدۇللا دەۋاتىمەن ).ئاكامنىڭ قىزىنىڭ 120 دەرسنى ئوقۇپ بولۇپ  كىتاپلارنى يەنە ياخشى ئوقۇيالماسلىغى نورمال ئەھۋالمۇ ياكى .....؟ ناۋادا بۇلار 1-قىسىم يېڭى ئۇقۇم ئېنگىلىس تىلىنى تۈگۈتۈپ بولسا داۋاملىق 2-قىسىمنى ئۆگەنسە مۇۋاپىقمۇ ياكى باشقا ياخشىراق دەرسلىكلەرمۇ بارمۇ  ؟  ئاكامنىڭ قىزى بۇ يىل 12 ياشقا كىردى .... تەجىرىبە –ساۋاقلارغا ئىگە دوستلارنىڭ تەپسىلىرەك چۈشەنچە بېرىىشىنى سەمىمى ئۈمۈد قىلىمەن !

سىلەرگە رەھمەتلەر بولسۇن !!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-2 03:26 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81966
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3330
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2012-6-22
ئاخىرقى: 2013-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 04:17:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزنىڭ قارىشىڭىزنى قوللايمەن. دىمىسىمۇ نۇرغۇن كۇرستلاردا شۇنداق ھەرپ ئۈگۈنۈپ بولۇپلا تېكىستقا چۈشىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىدىن ئايرىلالمايدۇ.    ئەگەر 48 تاۋۇشنى ئۈگەنسە، ئۆزى لۇغەتكە قاراپ سۆز ئۈگۈنەلەيدۇ. بىلىدىغان سۆزلىرىڭىز قانچە كۆپ بولسا ، تېكىستنى ئوقۇيالايسىز. لېكىن ئېنگىلىسچىدە 16 زامان بار، شۇڭا زامان ئۆزگەرسە سۆزلەرمۇ ئۆزگىرەيدۇ، شۇڭا نۇرغۇن بالىلار سۆزلەرنى بىلسىمۇ گاڭگىراپ قالىدۇ. مېنىڭچە ئالدى بىلەن تاۋۇش، ئاندىن سۆز، ئاندىن گىراماتىكا ، ئاندىن تېكىست ئۈگۈنۈش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا ھەقىقەتەن ۋاقىت ئىسراپچلىقى بولىدۇ. لېكىن ئۆسمۈرلەرگە نىسبەتەن ئەڭ تەرتىپلىك، ئەڭ مۇكەممەل بىلىم بولۇپ قالىدۇ. دېمىسىمۇ نۇرغۇن ئاتا-ئانىلىرىمىز سۈرئەت قوغلىشىپ ئۈنۈم قوغلاشمايدۇ. ئۇلار بۇرنىنىڭ ئۇچىنى كۆرۈپ يىراقنى كۆرمەيدۇ. بالام تېزراق سۆزلىگىدەك بولسا دەپ ئويلايدۇ. ئاقىۋەتتە بالىسى ھېچنىمە ئۈگۈنەلمەيدۇ. تىل ئۈگۈنۈش ئۇنداق ئاسان ئەمەس، شۇڭا سەۋرچان بولغاندىلا نەتىجە كۆرگىلى بولىدۇ، لېكىن چوقۇم ئۇسۇل توغرا بولۇش كېرەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81966
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3330
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2012-6-22
ئاخىرقى: 2013-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 04:32:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاكىڭىزنىڭ قىزى چوقۇم ھەر كۈنى دېگۈدەك تېكىستنىڭ دېسكىسىنى ئاڭلىشى، تېكىستنى يادلىشى كېرەك. نۇرغۇن كىشىلىرىمىز يادلاش دېگەن ئۆلۈك ئۆگىنىش ئۇسۇلى دەپ قارايدۇ. لېكىن مەن ئۇنداق قارىمايمەن. سىز پەقەت يادلاپ ئېسىڭىزدە ساقلىيالىسىڭىزلا ئۇ نەرسە مەڭگۈ سىزگە تەۋە بولىدۇ. ئەگەر ئۈرۈمچىدە بولغان بولسىڭىز مەن سۆز يادلاش قانۇنىيىتىنى ئۆگۈتۈپ قوياركەنمەن.
مېنىڭ ئېنگىلىسچە سەۋىيەم يۇقۇرى ئەمەس، لېكىن ئۇسۇلىدىن خەۋىرىم بار.
بۇ بانادا ئۆزەمنى ماختىۋالدىمغۇ خۇددى تىل تەتقىقاتچىسىدەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82956
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4923
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 291 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2013-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 04:36:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاكىڭىزنىڭ قىزى ئىنگىلىزچە ئۆگىنىۋاتقىلى قانچىلىك ۋاقىت بولدى؟  مەن ئىنگىلىزچە ئۆگىنىۋاتقىلى بىر يىلدىن ئېشىپ قالدى. كۇرستا 8 ئاي ئوقۇغان، ئەمما كۇرستىن چىقىپ كەتكەندىن كىيىن بېسىپ ئۆگىنەلمىگەچكە بەك تىز ئىلگىرلەپ كىتەلمىدىم، ئىنگىلىزتىلى بىزنىڭ تىلىمىزغا ئوخشىمايدۇ، بىزگە ئوخشاش ھەرپلەرنى تونۇپ ۋە تەلەپپۇز قىلىشنىمۇ ئۆگىنىپ بولغاندىن كىيىن ھەرقانداق خەتلەرنى  ئوقۇغىلى بولغاندەك ئەمەس،  دەسلەپتە 26 ھەرپنىڭ ئوقۇلىشىنى ۋە 48 تاۋۇشنىڭ چىقىرىش ئورنى بىلەن تولۇق ئۆگىنىدۇ. ئاندىن تۇرمۇشتىكى ئەڭ ئىشلىتىشچان ھەم ئەڭ ئاددى سۆزلەرنى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە دەسلەپكى قەدەمدىكى ئاددى گرامماتىكىلارنى ئۆگىنىدۇ. يەنى سۆز ئۆگىنىش بىلەن گرامماتىكا ئۆگىنىش چوقۇم تەڭ ئىلىپ بىرىلىش كېرەك. سۆزنى ئۆگىنىپ گرامماتىكىنى ئۆگەنمىسە، ياكى گرامماتىكىنىلا ئۆگىنىپ سۆزنى ئۆگەنمىسە ئۈنۈمى بولمايدۇ. ئاندىن كىيىن يەنە كۆپرەك سۆزلەرنى ئۆگىنىدۇ ۋە يەنە بىرقانچە گرامماتىكىلارنى ئۆگىنىدۇ، ئاندىن ئۆگەنگەن شۇ گرامماتىكىلار ئىشلىتىلگەن ئاددى جۈملىلەرنى ئۆگىنىدۇ. مۇشۇ يەرگە كەلگۈچە تەخمىنەن 2 ئاي ۋاقىت ئۆتىدۇ. ئەگەر ئۆگەنگۈچىنىڭ تېرىشچانلىقى ياخشى بولسا 1 ئاي ئىچىدە مۇشۇلارنى ئۆگىنىپ بولالايدۇ.  ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆگىنىدىغان سۆزلۈكلەرنىڭ مىقدارى ئېشىپ بارىدۇ. گرامماتىكىلارمۇ شۇنداق، يەنە قىسقا تېكىستلەرنىمۇ يادىلايدۇ.   
ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك  يەنە بىر ئىش:  ئىنگىلىز تىلىدا يادلاش ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ.
مەسىلەن بىر سۆزدىكى ھەرپلەرنىڭ ئوقۇلىشىنى بىلگەن بىلەن ئۇ سۆزنى توغرا ئوقۇيالمايدۇ.
ئۇ سۆزنىڭ ئايرىم ئوقۇلۇش شەكلى بار، مەسىلەن  my نىڭ ئوقۇلۇشى: [mai] بولىدۇ. يەنى ‹‹ماي››. يەنە مەسىلەن busy نىڭ ئوقۇلۇشى: [bizi]  بىزى، بولىدۇ.  دەسلەپتە بۇ ھەرپ ۋە تاۋۇشلارنى ئۆگىنىپ بولغاندا بۇ سۆزلەردىكى ھەرپلەرنى توغرا ئوقۇيالايدۇ ئەمما سۆزنىڭ يەنە ئايرىم ئوقۇلۇشى بولغانلىقتىن توغرا ئوقۇيالمايدۇ. شۇڭا سۆزلەرنى ئوقۇيالايدىغان بولۇش ئۈچۈن ھەربىر سۆزنىڭ ئۆزىنىڭ ئوقۇلۇشىنى يادلىماي بولمايدۇ.
ئاندىن يەنە مۇھىم ئىشلاردىن  1- ئىنگىلىزچە كۆپ ئاڭلاش. 2- كۆپ يېزىش. 3- كۆپ تىكىست يادلاش. 4- كۆپ گرامماتىكا يادلاش. 5- كۆپ سۆز يادلاش.
مۇشۇ بويىچە بىر كۈنمۇ توختىتىپ قويماي ئۆگەنسە 2 يىلدا بىر تەرجىمان بولۇپ قالىدۇ.
كىتاپلارنىمۇ بىمالال ئوقۇيالايدىغان بولىدۇ.
بۇ گەپلىرىمنى كۆرۈپ ئىنگىلىز تىلىنى دۇنيادىكى ئەڭ تەس تىل ئوخشايدۇ دەپ ئويلىماڭ،
بەلكى ئىنگىلىزتىلىنىڭ گرامماتىكىسى ئاددى. ئۇيغۇرتىلىنىڭ گرامماتىكىسى ئىنگىلىز تىلى گرامماتىكىسىغا قارىغاندا خېلىلا مۇرەككەپ.   دېمەكچىمەنكى ئىنگلىز تىلىنى ئۆگىنىش بەزى تىللارغا قارىغاندا ئاسان.

بېلىق كۆلدە ئوينايدۇ، قۇش ئاسماندا كۆكلەيدۇ. - يۈزبېشى  ۋۇسۇڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85015
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 421
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2012-9-13
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 06:10:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنىڭ ئوقالماسلىقىدىن چۆچۇپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، ئۇ كىتاپ  دەرس سانى كۆپ بولغان بىلەن تاق دەرسلەر رەسمى دەرس ، جۇپ دەرسلەر مەشق ئاساسەن ، بۇ كىتاپنى ئۆگۇنۇپ بولسىمۇ بىرىنجى قەدەمنى باسقان بولىدۇ . داۋاملىق ئۆگۇنىمەن دەيدىكەن  چوقۇم ئۆلۇك بولسىمۇ يادلاش كېرەك . ھەر بىر تىلنىڭ تىل مۇھىتى بولىدۇ ، شۇ مۇھىتقا كىرگۇچە ئۆگۇنۇش كېرەك .ئۇ ئۆتكەن دەرسلەرنى ياخشى ئوقالىغان ئىكەن خېلى ياخشى ئۆگۇنۇپتۇ دىگەن گەپ ، بولسا ئوتۇپ بولغان دەرسلەردىكى سۆزلەرگە دىقەت قىلسا سۆزلەرنىڭ ئوقۇش قائىدىسىنى بىلىۋالالايدۇ . شۇنداق قىلسىلا يۇقۇرىدىكى ئىككى تورداش دىگەندەك ھەرپلەر قوشۇلسا قانداق ئوقۇلۇش قائىدىسىنى بىلىۋېلىپ شۇ سۆزنى كېيىن كۆرسىمۇ ئوقۇيالايدىغان بولىدۇ .  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85015
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 421
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2012-9-13
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 06:10:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇتۇق يار بولسۇن !!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Neqilay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-2 06:13 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86676
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2012-11-1
ئاخىرقى: 2012-11-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 06:39:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەستايىدىللىق بىلەن كۆز قاراشلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن سۆيۈملۈك تورداشلارغا كۆپ رەھمەتلەر بولغاي !
ئۆزى باشلانغۇچ 6-يىللىقتا ئوقىۋاتىدۇ ، دەرستىن سىرت ئوقۇتقۇچى تەكىلپ قىلىپ ئۆگۈنۋاتىدۇ ....
7--8 ئاي بولغان ئوخشايدۇ  باشلىغىلى

بۇ جەھەتتە تەجىرىبىلىك تورداشلار بولسا داۋاملىق پىكىر قاتناشتۇرسىكەن دىگەن ئۈمۈدتىمەن !
ئاكامنىڭ قىزى = مېنىڭ قىزىم = بىزنىڭ قىزىمىز ....
ياراملىق بىر‹‹ بىزنىڭ قىزىمىز››  قىلىپ تەربىيەلەشكە  تىرىشىپ باقساق .............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79982
يازما سانى: 364
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3757
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 213 سائەت
تىزىم: 2012-5-10
ئاخىرقى: 2013-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 08:05:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن جىق ئۇقۇپ كەتمەيمەن.....لىكىن مەنچە ئۈگىنىش سۈرئىتىمۇ موھىم ،لىكىن يەنەلا داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسىگىمۇ قارىسا بولامىكى.بولمىسا مەندەك ئۈگەنگەندە بەك ئۈگىنىۋىتىپ.يىرىم يولدا توختاپ قاسا نۆللا بوپ قالىدىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79982
يازما سانى: 364
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3757
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 213 سائەت
تىزىم: 2012-5-10
ئاخىرقى: 2013-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 08:05:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن جىق ئۇقۇپ كەتمەيمەن.....لىكىن مەنچە ئۈگىنىش سۈرئىتىمۇ موھىم ،لىكىن يەنەلا داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسىگىمۇ قارىسا بولامىكى.بولمىسا مەندەك ئۈگەنگەندە بەك ئۈگىنىۋىتىپ.يىرىم يولدا توختاپ قاسا نۆللا بوپ قالىدىكەن

يىڭنە  قىلغاننى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15521
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9114
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 2292 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2013-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 08:41:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېڭى ئۇقۇم ئېنگىلىز  تىلىنىڭ 1-2-قىسمىنى تۈگىتىپلا  باشقا  ماتىرياللارنى راۋان ئۇقۇ........دىگەن  تەلەپنى قويسىڭىز بۇ  بولمايدۇ....ئۇ  پەقەت  ئادەتتىكى پىكىر ئالماشتۇرۇشقىمۇ ئاران  يىتىدۇ...مۇرەككەپ  سۆزلۇك  ۋە  گىراماتىكىلار  ئاساسەن  يوق....ئۇنىڭ  ئۈستىگە  يېڭى ئۇقۇم  ئېنگىلىز تىلى  دەرسىلىكى  نەشىر  قىلىنغىلى خېلى  بىر  زامانلار  بوپ  كەتتى....
    ئېنگىلىز  تىلىنىڭ سۆزلۇك  ھەجمى ئىنتايىن كەڭ ....بۇنى  يادلىماي ئامال  يوق. ئاندىن  سۆزنىڭ   ياسىلىش  قانۇنيىتىنى  بىلىۋېلىشمۇ ئىنتايىن  مۇھىم ،  بۇنداقتا  بەزى ئۈگەنمىگەن سۆزلۈكلەر  ئۇچرىسىمۇ  مەنىسىنى بىلىۋالغىلى  بولىدۇ...
       ئەڭ مۇھىمى ئالدىراپ  كەتمەڭ....ئۇ  بىر  تىل  ، تىل  بولغاندىمۇ ھەجمى ئىتايىن  كەڭ  تىل..ئۇنىڭ  بىلەن  ئاز  دىگەندە  3  يىل  ھەپىلەشمەي  تۇرۇپ  ،  ماتىريال ئۇقۇپ  چۈشىنىش...ۋە  ھاكازىلاردىن ئېغىز  ئېچىش ...ئادەتتە مۇمكىن  ئەمەس.  بەزى ئىمتىھانلاردىن ئۆتكىلى  بولىشى  مۇمكىن  دۆلەت  ئىچىدە  ئاز  ۋاقىت  ئۈگەنگەنلەر.....ئەمما  خەقنىڭ  تىلىنى  2-3  يىل  ئىچىدە  ۋايىغا  يەتكۈزۈپ ئۈگىنىپ  بولۇش  ...بۇ  بىر  گەپ...
     ھەممىگە  ۋاقىت  كىرەك......مايسىنى يۇلۇپ  ئۆستۈرۈشتىن  ساقىلنايلى....
  قايسى  ماتىريال  بولىشىدىن قەتئىينەزەر  توختاپ  قالماي  ،  ئۈگىنىپلا  بەرسە ،، ھامان  نەتىجىسى  چىقىدۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش