مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1662|ئىنكاس: 28

خوتۇن ئېلىش ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45517
يازما سانى: 410
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4864
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 485 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2012-11-5
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

خوتۇن ئېلىش ھەققىدە

بىلگىنكى ھەر قاچان خوتۇن ئالساڭ خوتۇنۇڭنى ھۆرمەت قىل ۋە ھەرقانچە قەدىرلىك نەرسەڭ بولسىمۇ ساڭا ئىتائەت قىلغان، ئاق كۈڭۈل، توغرا يوللۇق خوتۇنۇڭ ۋە ئوغلىڭدىن ئايىما، قىزغانما . خوتۇن ئېلىشتا خوتۇننىڭ مال-مۈلكىدىن، پۇلىدىن بىر نەرسە ئېلىشنى ئىزدىمە ۋە خوتۇننىڭ تولىمۇ گۈزىلىنى ئىزدىمە . چۈنكى گۈزەللەر كۆپۈنچە ئويناش (ئاشنا تۇتۇش)نى ئىزدەيدۇ.ئالغان خوتۇنۇڭ شۇنداق بولسۇنكى، يارىماس ئادەملەردىن يۇزى پاك ، دىنى پاك بولسۇن، قورامى ئوتتۇر ياشلىق ۋە خوتۇنلۇققا ، ئۆي تۇتۇشقا لاياقىتى بولسۇن.ئۆي ئىشلىرىنى بىلىدىغان، ئۆزىنىڭ ھالال ئېرىنى سۆيگۈچى، ھايالىق نۇمۇسلۇق، ئۆزىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى بولسۇن. بۇ سۈپەتكە لايىق بولغان خوتۇن يامان ئىشلاردىن ئۆزىنى ساقلىغۇچى بولىدۇ.
    يەنە، ئۆز مەرتىۋەڭدىن يۇقىرى، ئۆزىڭدىن باي خوتۇن ئالما، تاكى خوتۇنۇڭ ئالدىدا تۆۋەن ئورۇندا بولمىغايسەن. چۇقۇم قىز ئېلىش ئەۋزەل، ئەردىن قالغان تۇل خوتۇننى ئالما .چۈنكى قىزنىڭ قەلبىدە سىنىڭ مۇھەببىتىڭدىن باشقا ئەرنىڭ مۇھەببىتى بولمايدۇ.
    باشقىلارنىمۇ ساڭا ئوخشاش دەپ بىلىدۇ، باشقىلارنى تەما قىلمايدۇ،ئارزۇ قىلمايدۇ.
    ھەر خوتۇنكى ئەقىللىق بولمىسا ، ساڭا تىل ئۇزىتىپ سەندىن ئارتۇق ئۈستۈنلۈكنى دەۋا قىلىدۇ.مۇنداق خوتۇندىن قېچىش كېرەك . ئالىملار ئېيتقانكى :<ئەر كىشى بۇلاققا ئۇخشايدۇ، ئەقىللىق ۋە تەدبىرلىك خوتۇن يەرگە ئوخشايدۇ.> ئەر  كەسىپ قىلىپ تاپقان نەرسىلەر يەرگە سۇ يىغىلىپ كۆل بولغاندەك خوتۇن قۇلىغا يېغىلىدۇ. لىكىن، خوتۇن سىنى باشقۇرۇپ، سىنىڭ رىزىق-ئۇزۇق تەسەررۇپلىرىڭنى قۇلىغا ئېلىۋالمىسۇن،توسالغۇ بولمىسۇن. ئەگەر خوتۇن سىنىڭ ئېگىلىكىڭنى ئېلىۋېلىپ سىنى ئېگە قىلمىسا ياكى ئۆز مال مۈلكۈڭگە سۆزىڭ ئۆتمىسە،خوتۇنۇڭنىڭ قۇلىغا قاراپ قالساڭ،بۇ ئەرلىك ئورنۇڭنى يوقاتقىنىڭدۇر. سەن خوتۇن بولىسەن ، خوتۇنۇڭ ئەر بۇلىدۇ. بۇ ھال ساڭا بۇ دۇنيادا ، خوتۇنۇڭغا ئۇ دۇنيادا خارلىق كەلتۇرىدۇ.  
    كىشى ئۆزىنىڭ خوتۇنىدىن مەغلۇپ بولسا بۇ غەيرەتسىزلىكتۇر.مەشھۇر ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىنگە:<ئىران شاھى دارانىڭ قىزى شۇنچىۋالا گۈزەل تۇرسا، نىمە ئۈچۈن ئۇنى ئالمايسەن ؟>دىيىلگەندە ئىسكەندەر :< بۇ چوڭ ئەيىپ ئىشتۇر، مەن پۈتۈن دۇنيا ئەرلىرىدىن غەلبە قىلدىم،بى خوتۇن ماڭا غالىپ كەلسە،ماڭا ھۆكۈمرانلىق قىلسا، بۇ بىر ئەر ئۈچۈن كۆتۈرۈپ تۈرۈشقا بۇلىدىغان ئىش ئەمەس >دەپ جاۋاپ بەرگەن .
    ئەي ئوغۇل خوتۇنۇڭ بالاغەتكە يەتكەن، ئەقىللىق بۇلىشى لازىم.ئۇ ئۆي تۇتۇش يوللىرىنى بىلسۇن، بەك ياش بۇيىغا يىتەر يەتمىگەن كىچىك قىزنى ئالما . چۈنكى, مەرد ئادەملەر خوتۇننى ئۆي ئىشلىرىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئالىدۇ, پەقەت جىما ئۈچۈنلا ئالمايدۇ. ئالغان قىز, خوتۇنۇڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ, مەكتەپنىڭ توغرا تەربىيىسىنى ئالغان, ئۆي تۇتۇش تەدبىرلىرىنى ئۆگەنگەن بولسۇن. مۇنداق قىز, خوتۇن قولۇڭغا كىرەر بولسا, ئۇنى ئېلىشتا بىپەرۋالىق قىلما, ھېچ ۋاقىت خوتۇنۇڭغا يامانلىق قىلما. خوتۇنۇڭ ۋە ئائىلە تاۋابىئاتىڭنى خۇش تۇتۇشۇڭ كېرەك. خوتۇنۇڭمۇ سېنى ياخشى كۆرۈپ مۇھەببەت باغلىسۇن, ساڭا ئىززەت ۋە ھۆرمەت قىلسۇن. ساڭا ئۇنىڭدىن ياخشى دوست بولمايدۇ. ئەگەر خوتۇنۇڭغا قاتتىقلىق ۋە ئەخلاقسىزلىق قىلساڭ, ساڭا ئۇنىڭدىن ئارتۇق دۈشمەن بولمايدۇ. يات دۈشمەندىن ساقلىنىش مۇمكىن, ئەمما خوتۇنۇڭ بىلەن ئوتتۇراڭدا دۈشمەنلىك بولسا ساقلىنىش مۈشكۈل.

    ئەي ئوغۇل, ئەگەر قىز ئالساڭ غايەت مۇشتاق بولۇپ, ھەر كېچىسى جىما قىلما, خوتۇنۇڭ << ئەرلەرنىڭ ئادىتى ھەر كېچىسى جىما قىلىش ئىكەن >> دەپ , بۇنىڭغا ئادەتلىنىپ قالمىسۇن. مۇبادا ساڭا بىر زۆرۈرىيەت كېلىپ قالسا ياكى سەپەرگە كەتسەڭ, سەن قايتىپ كەلگۈچە ھەر كېچىسى جىماغا ئادەتلەنگەن خوتۇن ئۈچۈن يالغۇزلۇق ئېغىر كېلىدۇ. يەنى ئادىتى بويىچە ھەر كېچىسى جىما قىلدۇرۇشنى ئىزدەيدۇ. مۇنداق ۋەقە يۈز بېرىشتىن ئاللا ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن. ھەر ھالدا ئەرلىك غورۇرۇڭنى ساقلىغايسەن. غەيرەتسىز ۋە ھىممەتسىزلەر قاتارىغا كىرىپ قالما. كىمنىڭ غەيرىتى يوق بولىدىكەن, دىنىمۇ يوقتۇر. << كىمنىڭ غەيرىتى يوقتۇر, دىنى ھەم يوقتۇر >> دېيىلگەن ھېكمەتلىك سۆز بار. ھەقىقىي سادىق ھەم مېھرىبان, ياخشى سۈپەتلىك خوتۇنۇڭ بولسا, ئوغۇل-قىز پەرزەنتىڭنى ياخشى تەربىلەپ چىقالايسەن.
مەنبە : قابۇسنامە


   

ئۇيغۇرمەن

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8738
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-11-3
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ....تۇنجى ئىنكاسنى ئۆزەم يازغىنىمدىن پەخىر ھېسقىلىۋاتىمەن.....راس بۇ تىمىنىڭ ئۈنئالغۇ لىنتىسى بار...ئىسلام نۇرى    ناملىق ئۈنئالغۇ لىنتىسىدا بار....قەلىمىڭىز ھارمىسۇن قېرىندىشىم..مۇشۇندا ئەھمىيەتلىق تېمىلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز.....ياشاڭ~!!!!!!!!!!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   suyumluk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-2 03:28 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86717
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2012-11-2
ئاخىرقى: 2012-11-2
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
suyumluk يوللىغان ۋاقتى  2012-11-2 03:27 PM
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ....تۇنجى ئىنكاسنى ئۆزەم يازغىنىمد ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشم ........بۇ تېمىڭىز بەكمۇ ياخشى بوپتۇ.  اللا تېنىڭزنى سالامەت قىلسۇن......تېخىمۇ تىرشىڭ......

قىزلارنى ئۇرغان قوللار سۇنسۇن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85428
يازما سانى: 255
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 557
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 93 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2012-11-5
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ياخشى تېمىلارنى بىزگە يەتكۈزگىنىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر،  بۇ تېما بىزدەك بويتاقلارغا بەك ماس كېلىدىكەن، سىزگە كۆپ رەھمەت، يەنە بىر بېلىمگە ئىگە بولىۋالدىم، ماڭغان يوللىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولغاي دوستۇم.

دۇنىيا مېھرى-مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر.

نېمىلەرنى ئويلا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33034
يازما سانى: 521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6371
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 447 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2012-11-4
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بىلىۋالدىم جىق ئىشلارنى......................رەھمەت تىما ئىگىسگە

مۇھەببەتنى قەدىرلەڭ ،ئۇسىز گە مەنسۇپ چاغد قەدىرلىمەي،يۇقاتقاندا بېشڭىزنى تاشقا ئۇرسىڭىزمۇ،بېشڭىز ئاغرىيدۇ خالاس باشقا پايدىسى يوق شۇڭا ئۇنى قەدىرلەڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 3128
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 14179
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 1360 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2012-11-5
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق   توققۇزدا   ياخشى  خۇتۇن  ئىزلەپ  قاچانغۇچە بويتاق  ئۆتەرمىز ؟
مۇشۇنداق  تېمىنى  كۆپ  كۆرۈپ  كەتسىمۇزە   خوتۇن  يارىماي  ،  ئۆزۈمچىلىك
ئېڭىنى  ئاشۇرۇپ  ، ئىددىيسىنى  پۇرايدۇ  .   
پايدىلىق   مەزمۇنلار   باركەن   بولمىسا  

قىش  ـ جۇدۇن ، باھارغا  ئاز  قالغانلىقىدىن دىرەك بېرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52097
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3631
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 2227 سائەت
تىزىم: 2011-8-18
ئاخىرقى: 2012-11-5
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر مۇنداق خۇتۇننى تاپماق تەس جۇمۇ ،ئا ئولچەمگە چۇشىدىغان؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2483
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12668
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1023 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-11-5
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەركەكلەرگە  ياخشى نەسىھەت   ئىكەن  ،  رەھمەت   .

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58483
يازما سانى: 639
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5948
تۆھپە نۇمۇرى: 589
توردا: 101 سائەت
تىزىم: 2011-9-29
ئاخىرقى: 2012-11-2
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ياخشى تېمىلارنى بىزگە يەتكۈزگىنىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81966
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3207
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2012-6-22
ئاخىرقى: 2012-11-5
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇن ئۇ شەرتلەرگە چۈشىدىغان قىزلار جىقتى، لېكىن ھازىرمۇ يوق ئەمەس چوقۇم بار.
«ئەرگە تېگىش ھەققىدە» دېگەن تېمىدىن بىرنى بىرەرسى يوللىسا بولۇپتىكەن، ھازىرقى قىزلارغا زادى قانداق ئەر لازىمكىن، ئۆزلىرىگە ماس كېلىدىغان ئەركەكلەر بارمىدۇ؟ «سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى يوق، ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق» دېگەندەك بولۇپ قالمىسا.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش