بوغۇزلانغان دوستۇمغا
(جانجىگەر دوستۇم يۈسۈپئىلىنىڭ 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆرۈمچى جەنۇبى ۋوگزالدا قۇربان ھىيىتنىڭ بىرىنچى كۈنى نامەلۈم كىشىلەر تەرىپىدىن ھايۋانلارچە بوغۇزلانغانلىقىنى ئاڭلاپ دوستۇمغا چوڭقۇر قايغۇمنى بىلدۈردۈم . دوستۇمنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە بۇ يىل ھىيىت مۇسىبەتكە ئايلىنىپ ئۆينى يىغا زار قاپلىدى )
________ خاتىرەمدىن
جىنىم دوستۇم يۈسۈپئەلى ھەممىمىزدىن بۇرۇن كەتتىڭ،
بوغۇزلىدى سىنى كىملەر ھەممىمىزدىن ياپياش ئىدىڭ،
ھەممىزدىن ئىسىل ئىدىڭ ياققان ئىدى كۆپگە گىپىڭ،
ئىسىل سۈپەت دوستۇم كەتتىڭ تىلدا قالدى داستانلىرىڭ،
سىنى ئەسلەپ نەزمە يازدى ئەزىز دوستۇڭ كى - جانبىرىڭ.
ئۆينىڭ غىمى مىنىڭ غىمىم دىگەن ئىدىڭ ياقا يۇرتتا،
شۇنچە ئىشلەپ ھارمىغانتىڭ ئەزىمەتتەك ئىشچان گويا،
نىچۈ چۈشتۈڭ بۈگۈن كۈندە يامان نىيەت قارا قولغا،
ساڭا نىدا ئەيلەر دوستۇڭ كۆڭلى بولۇپ زىدە ،يارا،
18 ياش ئىدىڭ تىخى ئاھ مەنزىلگە نەدە يەتتىڭ؟
كەتكىنىڭدە خوش دىيەلمەي كۆڭۈللەردىن ئاقتى قانلار،
ئاناڭ ياتتى بالىنىسىتتا ئاتالدى ئاھ ...مەجرۇھ بىمار،
ئاتاڭنىمۇ يۈرىكى قان ئەمدى قانداق تاڭلار ئاتار،
ئىسمىسىلا مۇسىبەتتە تالاي ئىنسان غەمگە پاتار،
ھەممىمىزنى داغدا قويۇپ كۆڭۈللەرنى چىگىش ئەتتىڭ.
دوستۇم ئەمدىلا 18 ياش ئىدى . ئۇ ئۆرۈمچىدىن ئۆيىگە قايتىپ كىلىش ئالدىدا باشقىلار تەرىپىدىن بوغۇزلىۋىتىلگەن . ھىيىتنىڭ ئۈچىنچى كۈنى ئۆيىدىكىلەر ئۆرۈمچىگە بىرىپ ئىلىپ كىلىپ گۇمىنىڭ قوشتاغ يىزىسى ئىسمىسلا كەنتى(ئۆز يۇرتى)دا يەرلىككە قويۇلدى . مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي !
2012- 11- 2 گۇما
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-2 04:55 PM