ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
مەن باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇ تېمامنى تەستىقلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى، ھازىر بەزى ئىشلارنى تونۇپ يەتمىسەك بولمايدىغان دەرىجىگە يەتتى. يېقىندا مىسرانىمدا ماسونلار توغرىلىق نۇرغۇنلىغان تېمىلار يوللاندى.
ئەمدى تېمامغا قايتاي!
مايكول جېكسون ئۆمرىدە ماسون ۋە شەيتانغا جەڭ ئېلان قىلىپ كەلگەن. ئىشەنمىسىڭىز، جېكسوننىڭ "قارا ۋە ئاق تەنلىك" ناملىق mv سىنىڭ ئاخىرىدا جېكسوننىڭ ماشىنا چاقىدىغان كۆرۈنۈشنى كۆرۈڭ. ماشىنىنىڭ ئۈستىدە 666 دېگەن سەن بار. جېكسون شۇ ساننى چېقىۋىتىدۇ. 666 بولسا شەيتانغا چوقۇنۇش سانى.
جېكسون يەھۇدىيلارغا تولىمۇ ئۆچ بولۇپ، ئۇلارنى ناخشىلىرىدا يوشۇرۇن ھالدا تىللىغان. بۇنى ماسون سېزىپ قالغان. يەنە مايكول جېكسون بەزى ناخشىلىرىدا ۋە ئۇسۇللىرىدا ئۇلۇغ ئاللاھنى ۋە ئىسلامنى مەخپىي ھالدا كۈيلىگەن. بۇنى سىز ھەرگىزمۇ سېزەلمەيسىز.
مايكول جېكسوننىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى ماسون ۋە يەھۇدىيلارنى تىللاپ ئېيتقان ناخشىسىنى ئاڭلاپ بېقىڭلار.
توردىن سۈزۈك نۇسخىسىنى تاپالمىدىم. چۈنكى بۇ ناخشا پۈتۈن دۇنيادا چەكلەنگەن ناخشىلاردىن بىرسى.
بۇ ناخشىنى جېكسون 1995 - يىلى ئۇقۇغان بۇلۇپ بۇناخشا خەلىق ئارادا زور غۇل - غۇلا قوزغىغان .
بۇ ناخشىدا جېكسون يەھۇدى مىللىتىنى ئۇچۇق ئاشكارە تىللىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ناخشا MTV بىر مەزگىل چەكلەنگەن ناخشىلار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنغان ،
ناخشا مەزمۇنى ئازراقلا ئىسىمدە بار . بىلىدىغانلار بولسا قۇشۇپ تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويسا ،
سەنلەر مېنىڭ ھاياتىمنى نېمە قىلدىڭ؟
مېنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئايالىم ۋە بالىلىرىم بار تۇرسا.
سەنلەر بىر ئەبلەخ . ھەممىڭ خامىلىيۇنغا ئوخشايسەن .
سەنلەر كۈرەڭلەپ كىتىشمە. بىز ئورنىمىزدىن دەست تۇردۇق .
ئەبلەخلەر . خامىلىيۇنلار . سەنلەر چۇقۇم جازاغا تارتىلىسەن .
رۇزۋىلىت بولغان بولسا بۇنداق قىلىشىڭغا يول قويمىغان بۇلاتتى .
ئۇنداقتا نېمىشقا ماسون مايكول جېكسوننى ئۆلتۈرىدۇ؟
چۈنكى، مايكول جېكسون ئىلگىرى ماسونلارغا قارشى نۇرغۇنلىغان مەخپىيەتلىكلەرنى ناخشىلىرىدا ئاشكارىلىۋەتكەن.
يەنە بىرسى، مايكول جېكسون مەخپىي مۇسۇلمان بولغان. ئۇ ئاخىرقى سەنئەت كېچىلىكىدىن كېيىن ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىماقچى بولغان. شۇڭا، ماسون ئۇنى ئۆلتۈرىۋەتكەن. چۈنكى، جېكسون مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئاشكارىلىۋەتسىلا، ئۇنىڭ بىر مىلياردتىن ئارتۇق مەستانىلىرىنى مۇسۇلمان بولۇپ، ماسونغا زور خەتەر بولاتتى.
مايكول جېكسوننىڭ ئىسلام دىنى توغرىلىق قىسقىچە مەلۇماتى:
2000- يىللاردا دۇنيا ئاخپاراتچىلىقى مايكۇل جېكسوننىڭ دۇنيا مۇسۇلمانلىرى بىلەن بولغان قۇيۇق دوستانە مۇناسىۋەتلىرىنى شۇنداقلا مايكۇلنىڭ بىر قانچە قېتىم سەئۇدىغا بېرىپ مۇسۇلمانلار بىلەن ئېلىپ بارغان ھەرخىل پائالىيەتلىرىنى كۈرۈپ جېكسوننى مەخپىي ھالدا ئىسلام دىنىغا كىرىپ مۇسۇلمان بولغان دىگەندەك گۇمانى قارىشىىنى ئوتتۇرغا قويغان . دىمىسىمۇ مايكۇل ھاياتىدا مۇسۇلمانلارغا يېقىن تۇرغان . دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىسلام ئالىملىرى بىلەن دوست بولغان. ئۇلاردىن ئسسلامى تەلىملەرنى ئالغان . بەھرەيىنگە بېرىپ ئولتۇراقلاشقان ۋە بەھرەيىن مۇسۇلمانلىرىغا ناھايىتى كاتتا قىلىپ بىر مەسچىت سالدۈرۈپ بەرگەن . ئۈيىدە ئىسلامى كىتاپلارنى ساقلىغان ۋە ئۇقىغان. جېكسون ئىسلامى كىتابلارنى (يەنى قۇرئان كەرىم) ئۇقۇش ئارقىلىق ئېسلام دىنىنىڭ تىنىچلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان. ھەممە ئادەم باراۋارلىكنى تەشەببۇس قىلىدىغان. ئاتا - ئانىنى ھۈرمەتلەشنى تەشەببۇس قىلىدىغان . شۇنداقلا ھازىرقى ياۋرۇپا مەدىنيىتىدىكى چېكىدىن ئاشقان نۇرغۇن ئىشلارنى قەتتى چەكلەيدىغان مەزمۇنلارنىڭ كۈپ ئىكەنلىكىنى كۈرگەن ۋە ئۇقىغان . شۇنىڭ ئۈچۈن مايكۇل ئېسلام دىنىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ دىن ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن ۋە بىر قانچە ئىسلام دىنى كۈيلەنگەن ناخشىلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىپ ئۇقۇپ دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ چوڭقۇر ھۈرمىتىگە ئىرىشكەن .
2008 - يىلىغا كەلگەندە چەتئەل ئاخپاراتچىلىقى يەنە بىر قېتىم مايكۇلنى ئېسلام دىنىنى مەخپى ھالدا قۇبۇل قىلغان مۇسۇلمان دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن ...
بىراق جېكسون تاكى ئۈلۈپ كەتكۈچە ئۆزىنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلمىغان . پەقەت ئۆزىنىڭ ئىسلام دىنىنى ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مايكول جېكسون ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئاكىسى جېرمايىننىڭ بەزى گەپلىرىدىن قارىغاندا ئۇنىڭ جەسىتىنى يەرلىككە ئىسلامچە ئۇسۇلدا قويۇلغانلىقى ئاشكارىلانغان.
مايكول جېكسوننىڭ ئىسلامچە ئېيتقان ناخشىسى
ئەسكەرتىش: ھېلىقى "ئاللاھقا شۈكرى" دېگەن ناخشىنى بىر مىسىرلىق ئېيتقان. جېكسون ئېيتمىغان. شۇڭا ئۇقۇشماسلىق بولمىسۇن!
ئۇنداقتا، ماسونلارنىڭ مايكول جېكسونغا قىلغان ئىشى پەقەتلا ئۇنى ئۆلتۈرۈشتەكلىمۇ؟ ياق. ئۇلار مايكول جېكسون ھايات چېغىدىمۇ نۇرغۇنلىغان زىيانكەشلىكلەرنى قىلغان.
يەنى، مايكول جېكسون پىپسى كولانىڭ ئېلانىغا چىقىۋاتقان ۋاقىتتا، جېكسوننىڭ بېشىنى كۆيدۈرىۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن جېكسون ئېغىريارىلانغان ۋە شۇ جەرياندا ئاق كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، چىرايى ئاقىرىپ كەتكەن. يەنە ماسونلار جېكسون كىچىك بالىغا زىيانكەشلىك قىلدى، دېگەن.
بۇ ھەقتىكى خەۋەر:
مايكۇل جېكسون 1993 - يىلى كىچىك بالىغا جىنسى پاراكەندىچىلىك سالدى دەپ ئەرىز قىلىنغان بۇلۇپ . شۇ ۋاقتىدا جېكسون بالىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن سوت سىرتىدا كىلىشىپ بالىنىڭ دادىسىغا 22 مىلىيۇن دوللار تۈلەم بەرگەن . بۇ پۇل ھەقىقەتەن ئاز بۇل ئەمەس. بىراق جېكسون ئۈچۈن 22 مىلىيۇن ئادەتتىكى بىر سان ئىدى. يامان بولغىنى جېكسون بۇ سەتچىلىكنىڭ جاۋاپكارى بۇلۇپ قالغىنى بۇلۇپ . تۈگىمەس سۇئال سۇراقلارغا بەردەشلىق بىرەلمىگەن. جېكسون ھەرخىل روھلاندۇرۇش دورىللىرىغا تايىنىپ كۈن ئۆتكۈزىدىغان بۇلۇپ قالدى . جېكسوننىڭ ئۈلىمى دەل ئاغرىق توختۇتۇش ئۇكۇلىنى ھەددىدىن زىيادە ئېشلەتكەنلىكىدىن دەپ ئىنىقلانغان بۇلۇپ، جېكسوننىڭ بۇ دورىلارغا خۇمار بۇلۇپ قېلىشى 1993 - يىلىدىكى شۇ سەتچىلىككە بەرداشلىق بېرەلمىگەنلىكىدىن بولغان .
خۇددى جېكسون دىگەندەك 1990 - يىللىرى جېكسون سەنئەت ساھەسىنىڭ ئەڭ يۇقرى پەللىسىدە چاقنىغان ۋاقىت شۇنداقلا بۇيىللار جېكسوننىڭ قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز جاراھەت قالدۇرغان ۋاقىت .
شۇ ۋاقتىدا نۇرغۇن كېشىلەر جېكسوننىڭ ئۇ بالىغا زىيانكەشلىك قىلمىغانلىقى توغرىسىدا سوتقا چىقىپ گۇۋاھلىق بىرەلەيدىغانلىقىنى شۇنداق تۇرسا يەنە نىمە ئۈچۈن بالىنىڭ دادىسىغا بۇنچە كۈپ تۇلەم بىرىدىغانلىقىنى سورىغاندا جېكسوننىڭ بۇ سۇئالغا بەرگەب جاۋابى بىرلا ئېغىز گەپ بولدى ئۇ بولسىمۇ { بۇنى دىگىلى بولمايدۇ }
بىراق بۇنداق پاجىئە ئارىدىن 10 يىل ئۈتۈپ 2004 - يىلى يەنە تەكرارلانغان . بۇقېتىممۇ جېكسوننى ئەرىز قىلغان ئادەم يىڭى تېكساس شىتاتىنىڭ يەرلىك تەپتىش ئەمەلدارى { تام سىنەيدىن } بۇلۇپ ھەيران قالارلىقى 10 يىل ئىلگىركى ئەرىزنىمۇ دەل مۇشۇ ئادەم قىلغان ... بىراق بۇ قېتىم جېكسون ئامالسىز سوتقا تارتىلغان ۋە كىچىك بالىغا جىنسى پاراكەندىچىك سېلىش قاتارلىق 7 تۈردە ئەيىپلەنگەن . مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار جېكسوننى دۇنيادىكى ئەڭ ئېلغار بولغان تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ جېكسوننىڭ گۇناھسىز ئېكەنلىكىنى ئېسپاتلاپ چىققان . شۇنىڭ بىلەن جېكسون بۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بىرى بۇلۇپ قالغان .
2009 - يىلى جېكسون ئۈلۈپ كەتكەندىن كىيىن يەنە بىر خەۋەر پۈتۈن دۇنيادا پارتلاش خارەكتىرلىك تارقالدى . ئۇ بولسىمۇ 1993 - يىلى جىنسى پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىدى دەپ قارالغان بالا { كېندېلې } بۇلۇپ ئۇ ئاخپارات ئېلان قېلىش يىغىنىدا . ئۇ ۋاقتىدا جېكسوننىڭ ئۇنىڭغا ھېچقانداق زىيانكەشلىك قىلمىغانلىقىنى ئۇ پەقەت دادىسىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن جېكسون ئۈستىدىن ئەرىز قىلىپ پۇل ئۈندۈرۈشنى مەخسەت قېلغانلىقىنى ئېيتىپ جېكسوننىڭ ئۈزىنى كەچۈرۈشىنى ئۆمۈد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
----------
كۆرۈڭلارمۇ؟ مانا بۇ ماسونلارنىڭ قىلغان بىر رەزىل ئىشى. ئۇنداقتا سىلەرگە يەنە بىر نەرسىنى كۆرسىتەي. ئوبامانىڭ ھەر قېتىم دەيدىغان Yes, we Can دېگەن گېپىنىڭ تەتۈرچە مەنىسىنىڭ "شەيتان، ساڭا رەھمەت" دېگەن مەنىسى چىقىدۇ.
يەنە مايكول جېكسون ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى سەنئەت كېچىلىكىنى رەپىتىس قىلىۋاتقاندا مۇنداق دېگەن. "دۇنيانى قۇتقۇزۇشقا يەنە 4 يىلدەك ۋاقتىمىز قالدى. ئەگەر بۇ 4 يىل ئىچىدە دۇنيانى قۇتقۇزالمايدىكەنمىز، دۇنيا ۋەيران بولىدۇ، دۇنيانى قۇتقۇزۇشتىكى بىردىنبىر ئامال - مۇھەببەت".
بەزى كىشىلەر مايكول جېكسوننى بىر ساراڭ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ سەنئەتتىمۇ، خەير -ساخاۋەتتىمۇ مۆجىزە ياراتقان كىشى.
ئۇ ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى دۇنيا مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈش ئىشلىرىغا سەرىپ قىلغان . بىراق ئۇ ھايات ۋاختىدا كىشىلەر ئۇنىڭ ئاشۇنداق ئىنسانپەرۋەرلىك ھەركەتلىرىگە ئانچە بەك دىققەت قىلمىغان شۇنداقلا بەزى يامان نىيەتلىك كىشىلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ جېكسونغا بۈھتان چاپلاپ پايدىغا ئىرىشمەكچى بولغان ، ئەمەلىيەتتە مايكۇل جېكسون ھايات ۋاقتىدا دۇنيانى تەسىرلەندۈرگەن ، ئەگەر ئۇ ئۈلۈپ كەتمىگەن بولسا كىشىلەر يەنىلا ئۇنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك روھىغا دىققەت قىلار بولغىيمىتى ..؟
تۈۋەندە بىز ئۇنىڭ ھايات ۋاختىدا ئېلىپ بارغان بىر قىسىم خەيرى - ساخاۋەت پائالىيەتلىرى بىلەن تۈنۇشۇپ چىقايلى .
مايكول جېكسۇن ھايات ۋاختىدا نەگىلا بارسۇن ئالدى بىلەن دوختۇرخانا،بالىلار سانا تورىيىسىگە بېرىپ يىتىم بالىلارنى يوقلىغان.
ئۇزۇن يىلدىن بۇيان مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈش ئورۇنلىرىغا پۇل ئىئانە قىلغان.گەرچە نۇرغۇنلىغان ئەپقاچتى سۆزلەر پەيدا بولغان بولسىمۇ، ئۇيەنىلا بالىلارغا ،مۇھىت ئاسراش ئىشلىرىغا قىلىنىدىغان ياردىمىنى توختاتمىغان 2006-يىللىق جېنىس دۇنيا رىكورتى ئورنىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا،ئۇ دۇنيا بۇيىچە سەنئەتكارلار ئىچىدە پاراۋانلىق ئۇرۇنلىرىغا ئەڭ كۆپ پۇل ئىئانە قىلغان . شۇنداقلا دۇنيا بۇيىچە شەخسىلەر ئىچىدە بىرلا قېتىمدا ئەڭ كۆپ پۇل ئىئانە قىلغان دىگەن نام بىلەن جىنىس دۇنيا رىكوتى ياراتقان ، ئۆمرىدە دۇنيا مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈش ئىشلىرىغا ئىئانە قىلغان پۇل300مىلىيون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن . ئۇ پەقەت پۇل ئىئانە قىلىش بىلەنلا توختاپ قالماستىن ئۇ يەنە تەسىر دائىرىسىدىن پايدىلىنىپ دۇنيا تېنىچلىقىنى تەشۋىق قىلغان،شۇ تۈپەيلى ھايات چېغىدا ئىككى قېتىم نوبىل تېنىچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كىرگۈزۈلگەن.
1981-يىلى 6-ئايدا جېكسۇن ۋە ئۇنىڭ بۇرادەرلىرى ئاتلانتادا ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ،تاپقان پۇلىدىن100مىڭ دوللارنى "ئاتلانتا بالىلار فوندى جەمئىيىتىگە ئىئانە قىلغان.
1985-يىلى 1- ئاينىڭ 28 -كۈنى ،ئافرىقادىكى ئاچارچچىلىققا ياردەم بېرىش مەقسىدىدە ئۇ ئىككى يېرىم سائەت ۋاقتىنى سەرىپ << دۇنيا بىر ئائىلە ›› دېگەن ناخشىنى يېزىپ چىققان. پىلاستىنكا بىرلا ۋاقىتتا پۈتۈن دۇنيادىكى نەچچە يۈزدىن ئارتۇق تىلۋىزىيە ۋە رادىيولاردا تارقىتىلغان ، پىلاستىكىدىن كىرىم قىلغان 60نەچچە مىلىيون ئامېرىكا دوللىرى پۇلنىڭ ھەممىسىنى ئافرىقا ئاپەت رايونىغا ئەۋەتكەن.
1992-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۇ يېڭىدىن قۇرغان"دۇنيانى قۇتقۇزۇۋالايلى"ناملىق فوندى جەمئىيەت ئەيدىز ۋە دىئابىت كېسىلى بىمارلىرىغا ياردەم قىلغان.
1993 - يىلى ئۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ساقايماس كېسەل بولغان ۋە ئائىلىسىدە قىيىنچىلىق بار بولغان بالىلاردىن جەمى 3 مىڭغا يېقىن بالىنىڭ پۈتۈن چىقىمىنى ئۈزى كۈتۈرۈپ تەكلىپ قىلىپ ئۈزى ئامېرىكىدا ئۈتكۈزگەن پەۋقۇللادا ناخشا پائالىيىتگە تەكلىپ قىلغان شۇ ۋاقتتىكى ئوننەچچە مىنۇتلۇق ناخشا پائالىيىتىگە قاتناشقان ئادەم سانى پەۋقۇللادە كۆپ بۇلۇپ ھازېرغىچە جىنىس دۇنيا رىكوتىنى ساخلاپ كەلمەكتە ،
1997يىل4-ئاينىڭ4-كۈنى ئەنگىلىيىدىكى داڭلىق << ئوك! >>ژۇرنالى1مىلىيون فونىد سىتىرلىڭلىق يۇقرى باھا بىلەن جېكسوننىڭ ئوغلى Prince نىڭ نىقاپلانمىغان رەسىمىنى ژۇرنال مۇقاۋىسىگە چىقارغاندىمۇ جېكسون بۇ 1 مىلىيۇن فونىد سىتىرلىڭنىڭ ھەممىنى بىراقلا مېھرى -شەپقەت يەتكۈزۈش جەمئىيىتىگە ئىئانە قىلىۋەتكەن.
1999-يىلى 6-ئايدا مايكول جېكسۇن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سەنئەت ساھەسىدىكى دوستلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ ئۇلار بىلەن بىرگە مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈش ناخشا كېچىلىكىنى كورىيە ۋە گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈپ تاپقان 3مىلىيون300 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق كىرىمىنىڭ ھەممىسىنى ئىنسانپەرۋەرلىك ئورگىنى:ب د ت "مائارىپ فوندى جەمئىيىتى"،"خەلقاراقىزىل كىرىست"ۋە قىزىل ھىلال ئاي جەمىيىتى "گە بەرگەن.
2000-يىلى مايكول جېكسون<<جېنىس رىكورتى>>تەرىپىدىن مېھرى-شەپقەت يەتكۈزش پائالىيىتىنى ئەڭ كۆپ قوللىغان مودا ئېقىم ناخشا چولپىنى بولۇپ باھالانغان.يالغۇز ئۇنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ياردىمىگە شۇنداقلا ئۇنىڭ نامى بىلەن قۇرۇلغان مېھرى -شەپقەت يەتكۈزۈش جەمىيىتى 39دىن ئاشقان.ئۇ پەقەت ماددى جەھەتتىنلا ئەمەس يەنە بەلكى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق :سان فىرانسېسكۇ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىلانى،ئامېرىكا راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەمئىيىتى،ئامېرىكا بالىلارغا ياردەم قىلىش جەمئىيىتى،قارا تەنلىك ئوقۇغۇچىلار فوندى جەمئىيىتى ،28كوچا خىرستىئان ياشلار بىرلەشمىسى ،ئامېرىكا كاڭ جۇاڭ ھۈجەيرە تەتقىقات فوندى جىمئىيىتى ۋە ئامېرىكا پىدائىلار جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان.
2008 - يىلنىڭ ئاخېرىدا ئۇ ئۈزىنىڭ يىغىپ ساقلىغان مىڭ خىلدىن ئارتۇق خۇسۇسى بۇيىمىنى كىم ئاشتى قىلىپ ساتقان ۋە ئۇنىڭدىن كىرىم بولغان پۇلنىڭ 80 پىرسەنتىنى خەيرى - ساخاۋەت ئۇرۇنلىرىغا ئىئانە قىلغان ،
ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ ئۈزىنىڭ 30 مىلىيۇن دوللار سەرىپ قىلىپ سالدۇرغان { خىيالى داچا } سىغا ھەرقايسى جايلاردىكى بۇلۇپمۇ ساقايماس كېسەل بولغان ۋە ئائىلىسى نامرات بولغان بالىلارنى ھەرقانداق ۋاقىتتا كىلىپ ھەقسىز ئويناپ كىتىشكە تەكلىپ قىلغان ۋە ئۈزى ھەپتىدە ئىككى قېتىم ۋاقىت چىقىرىپ بالىلار بىلەن بىرگە ئوينىغان. جېكسوننىڭ خىيالى داچىسىدا . ھايۋاناتلار باغچىسى . تاللا بازىرى . كىنوخانا . سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى . ھەرخىل بالىلار ئۇيۇنچۇقلىرى شۇنداقلا نۇرغۇن كۆڭۈل ئېچىش سايمانلىرى تۇلۇق بار بۇلۇپ چوڭ تىپتىكى كۆڭۈل ئېچىش باغچىسى دىيىشكە بۇلىدۇ .
2009 - يىلى جېكسون ئۈلۈپ كەتكەندىن كىيىن ئۇنىڭدىن مىراس قالغان نەچچە يۈز مىلىيۇن دوللارلىق مۈلۈكىنى ئۈچكە بۈلۈپ بىر قىسمىنى ئانىسىغا . بىر قىسمىنى ئۈچ پەرزەنتىگە ئاخېرقى بىر قىسمىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 39 خەيرى- ساخاۋەت ئۇرۇنلىرىغا ئىئانە قىلىشنى. شۇنداقلا ئۇ ھايات ۋاختىدا يېزىپ تېخى ئىلان قىلدۇرمىغان مىڭدىن ئارتۇق ناخشىنىڭ كەلگۈسىدە ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن كىرگەن پۈتۈن كىرىمىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بالىلار ئەيدىز داۋالاش ئۇرۇنلىرىغا ئىئانە قىلىشنى ۋەسيەت قىلغان . شۇنداق بولغاندا گەرچە جېكسون ئۈلۈپ كەتكەن بولسىمۇ ئۇنىڭ خەيرى - ساخاۋەت ئىشلىرى توختاپ قولمايدۇ .
ئەمدى كۆرسىتىدىغان نەرسەم بىر ئەرەب ئىشلىگەن مايكول جېكسوننىڭ ماسونلار بىلەن قىلغان جېڭى. 19 قىسىم. بىر قىسمى 12 مىنۇت. 16- قىسىم 11:15 مىنۇتتىن كېيىن جېكسوننىڭ ناخشىلىرىدىكى ئىسلامچە مەخپىيەتلىكلىك بىر - بىرلەپ سۆزلىنىدۇ.
سىزگە دەيدىغىنىم، ئامال بار ھەممىنى چوقۇم كۆرۈڭ. ئۇلۇغ ئاللاھ مايكول جېكسونغا رەھمەت قىلسۇن! ئۇ بىر قەھرىمان. شۇڭا، ئۇنىڭغا قىلغان خاتا چۈشەنچەڭلارنى تۈگىتىڭلار.
1- قىسىم:
2- قىسىم:
3- قىسىم:
4- قىسىم:
5- قىسىم:
6- قىسىم:
7- قىسىم:
8- قىسىم:
9- قىسىم:
10- قىسىم:
11- قىسىم:
12- قىسىم:
13- قىسىم:
14- قىسىم:
15- قىسىم:
16- قىسىم:
17- قىسىم:
18- قىسىم:
تۈگىدى.
قوشۇمچە:
بۇ مايكول جېكسوننىڭ مەلۇم بىر يەردە ئوينىغان بېللى جېن بولۇپ، 04:33مىنۇتتىن كېيىن ئارقا تەرەپتىن "ئاللاھۇ ئەكبەر، ئەك...، ئەكبەر، ئەكبەر، ئەكبەر، ئەكبەر، ئەكبەر" دېگەن ئاۋاز چىقىدۇ. گەرچە "ئاللاھۇ ئەكبەر" دېگەن گەپ ئېنىق ئاڭلانمىسىمۇ، لېكىن ئەكبەر دېگەن گەپ ناھايىتى ئېنىق ئاڭلىنىدۇ.
ئەڭ ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، جېكسوننىڭ مۇسۇلمان ياكى ئەمەسلىكىنى تالىشىپ ئولتۇرماڭلار. قالغىنىنى ئۇلۇغ ئاللاھ ئۇقىدۇ. پەقەت ئۇنىڭ ئىسلام ئۈچۈن قىلغان ياخشى ئىشلىرىنى ۋە ماسونلار بىلەن قىلغان كۈرىشىنى ئۇقساڭلارلا بولدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-2 12:39 PM