مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1125|ئىنكاس: 25

قىرىنداشلاردىن مەسلىھەت سورايمەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن اللە ۋە ئۆزۇمگىلا ئىشىنىمە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78440
يازما سانى: 356
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4187
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 65 سائەت
تىزىم: 2012-4-5
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 01:52:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى قىرىنداشلار ياخشىمۇ سىلەر
ئەمدى مەن ئۆزۇمنىڭ باشتىىن كەچۇرگەن سەرگۈزەشتىللىرىمنى سۆزلەپ بىرەي بولمىسا ياخشى تەكلىپ پىكىرلەرنى بىرەلمەي قالسىلەر              ئەمسە باشلىدىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ باشلىرى ئىدى مەن ئۇزۇندىن بىرى ئارلىشىۋاتقان (توي قىلماقچى بولغان بولغۇسى ئايالىم)نىڭ ئويىگە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن باردىم
بۇ ۋاقىتتا بولغۇسى ئايالىمنىڭ ئۆيدىكىلەر بىلەن مۇناسىۋىتىم ياخشى ئىدى ئۇنىڭ ئاكىسى ماڭا شوپۇرلۇق پىراۋا ئىلىش توغرىلىق يەنى شوپۇرلۇق مەكتەپتە ئوقۇمەي ئالغىلى بولسا بولاتتى دىدى ئەمىلىيەتتە مىنىڭمۇ قولۇمدىن خىلى جىق ئىشلار كىلەتتى مەن قىلىپ  بىرەي دىدىم ئۇ پىراۋا بىجىردىغان ئورۇندا مىنىڭ بىر تونشۇم بار ئىدى
مەن:بىر تال پىراۋا بىجىرىپ بەرسىڭىز قانداق بولارمۇ؟
خادىم:بىجىرگىلى بولدۇ ئەمما مەن بىۋاستە قول سالسام بولمايدۇ ئۆزۇڭ مۇشۇ يەرگە مۇناسىۋىتى بار بىر ئادەم تىپىپ كىرگۈز مەن بىجىرىپ بىرەي - دىدى
مەن تاغدەك ئىشەنچ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئادەم تىپىش ئۇچۇن ماڭدىم
ئۇيان يول يۈرۈپ بۇيان يول يۈرۈپ ئاخىرى بىر ئادەمنىڭ ئۇ يەردە مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇرلىقىنى بىلدىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇش نىيتى بىلەن تاماققا تەكلىپ قىلدىمكەلگەندىن كىيىن قەشقەردىكىمەلۇم بىر رىستۇراندا تاماق يىگەچ شوپۇرلۇق پىراۋا توغرىلىق پاراڭلاشتۇق
ئەمىلىيەتتە مىنىڭ مەقسىدىم شۇ بولغۇسى ئايالىمنىڭ ئاكىسىغا بىر تاللا ئىلىش ئىدى
ئۇ ئادەم ماڭا بىر تال پىراۋا ئۈچۈن يول ماڭمايدىغانلىقىنى قانچە جىق بولسا شۇنچە ئاسان بىجىرگىلى بولدىغانلىقىنى ماڭا يەنە نەچچە ئون ئادەم تاپسام بىراقلا يول مىڭىپ ھەممىنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى ئېيىتتى مەنمۇ ئىشەندىم چۇنكى ماڭا تونۇشتۇرغان ئادەممۇ ئۇنى شۇنداق ئىشەنچلىك دەپ تونۇشتۇرغان ئىدى
شۇنىڭ بىلەن مەن خاتا قەدەم ئىلىشقا باشلىدىم مەن بولغۇسى ئايالىم ۋە ئاكىسىدىن پايدىلىنىپ يىگىرمىدىن ئارتۇق شوپۇرلۇق پىراۋا ئالدىغان ئادەم بىلەن كۆرۇشتۇم شۇ ۋاقىتقىچە ئۇ نامەلۇم ئادەم بىلەن بىر نەچچە قىتىم بىللە تاماق يىدۇق ماڭا تىخىمۇ ئىشەنچلىك تۇيۇلدى
مەن ئۇ ئادەمگە ئىشىنىپ 150مىڭ يۇەن پۇل بىلەن پىراۋا ئالىدىغانلارنىڭ رەسمىيەتلىرىنى تاپشۇردۇم
مەن زور ئىشەنچ بىلەن پىراۋا چىقىدۇ دەپ بىرىلگەن ۋاقىتقىچە ساقلىدىم بىرىلگەن ۋاقىتمۇ توشتى شۇ ۋاقىتقىچە (ئۈچ ئاي)غىچە ئۇ ئادەم بىلەن يەنە بىر نەچچە قىتىم مىھمان بولۇشتۇق
بۇ ئۈچ ئاي جەريانىدا مەن مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن قولۇمدىكى بارلىق ئىقتىسادى مال مۆلىكىمدىن ئايرىلىپ قالدىم نەچچە قىتىم ئەرىز قىلىشقا سوتقا چىقىشقا مەجبۇر بولۇپ بەكلا ئالدىراش بولۇپ كەتكەن ئىدىم
ئەمدى پىراۋىنى سۇرۇشتۇردۇم ئۇ ئادەم ماڭا بەزى باھانىلەرنى كۆرسىتىپ يەنە بىر ئاي ساقلاشنى ئېيىتتى مەنمۇ پىراۋا ئىگىللىرىگە شۇنداق يەتكۈزدۇم
يەنە بىر ئايمۇ توشتى يەنە شۇنداق باھانىلەر بىلەن يەنە بىر ئاي كەينىگە سۇرۇلدى باشقىلارنىڭ ئالدىدا بىر قىتىم يالغانچى بولۇشقا مەجبۇر بولدۇم
شۇ تەرىقىدە 8-ئايغا كەلدى نەچچە قىتىم يالغان سوزلەشكە مەجبۇر بولدۇم يالغان سوزلىمىدىم ماڭا دىگەن گەپنى يەتكۈزدۇم
بۇ ۋاقىتقا كەلگەندە ماڭا پۇل بەرگەن ئادەملەر ئىشەنچىسىنى يوقاتتى بولغاي ماڭا ئالغان پۇلغا ھۆججەت قىلىپ بىرىش  توغرىلىق ئىغىز ئىچىشتى مەن يەنە ئۇ ئادەم بىلەن كورۇشۈپ ئۇ ئادەمگە بولغان ئەھۋاللارنى دىدىم ئالغىلى بولسا ئالايلى بولمىسا پۇلىنى قايتۇرايلى دىدىم ئۇ ئادەم ماڭا شۇنداق ئىشەنچ بىلەن يەنە 15كۈن ساقلىسا  ھەممە پىراۋىنى چىقىرىپ بىرىدىغان بولمىسا پۇلنى قايتۇرۇپ بىرىدىغانغا ۋەدە بەردى مەن يەنىلا ئىشىنىپ باشقىلارغا ھۆججەت قىلىپ بەردىم
مانا بۇ ۋاقىتمۇ توشتى پىراۋا يەنىلا يوق ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك ئۇ ئادەمنى ئىزدىدىم تاپالمىدىم تىلفۇنى ئىتىك ئويىدە ئادەم يوق يەنە نەچچە ئون كۈن ئىزدەش بىلەن ئوتتى باشقىلارغا ئەمدى راسلا يالغان سۆزلەشكە مەجبور بولدۇم ھەم نەچچە قىتىم يالغان سوزلىدىم
نەچچە ئايدىن كىيىن مەن ئۇ ئادەمنى تاپتىم بۇ ۋاقىتتا ئۇ ئادەم مەندىن ئالغان پۇللارنى قىمادا ئۇتتۇرۇپ تۈگەتكەن ھەمدە قىمار سورۇنىدا بىرى بىلەن ئۇرشۇپ ساقچىخانىغا كىرىپ قالغان ئىدى بىر يىل تۈرمىدە يىتىشى كىرەككەن قانداق قىلىشىم كىرەك ئاخىرى ئۇنى كۈتۈشتىن باشقا ئامال تاپالمىدىم
كۈتتۈم  كۈتتۈم........
تا ھازىرغىچە كۈتتۈم نۇرغۇنلىغان يالغان سۆزلەر بىلەن كۈتتۈم بولغۇسى ئايالىم بىلەن توي خېتى ئىلىپمۇ توي قىلالمىدىم چۈنكى باشقىلار ئالدىدا يالغانچى بولۇپ قالغان سەۋەپلىك ئۇلارنىڭ توينى بۇزۇشىدىن قورقتۇممانا ھازىر توي خېتى ئالغىلىمۇ ئىككى ئايدىن ئاشتى تىخى توي قىلالمىدىم بولغان بۇ ئىشلار سەۋەپلىك بولغۇسى ئايالىم نۇرغۇنلىغان ئازاپلارغا مۇپتىلا بولدى ئائىلىدە ئاتا-ئانا،ئاكا-ئىنىلەر،ئاچا سىڭىللارنىڭ تاپا-تەنىسى سىرىتتا پىراۋا ئىگىللىرىنىڭ يالغانچى ئالدامچى قويمىچى بولغۇسى يولدىشى بىلەن بىرلىشىپ قويمىچىلق قىلدى ئۇنداق قىلدى بۇنداق قىلدى......دىگەن نۇرغۇنلىغان گەپ سۆز چۆچەكلەر مەن سەۋەپلىك شۇنداق ئىغىر گەپلەرنى ئاڭلىدى ئازاپلارنى تارتتى ئۇنىڭ ئازاپلانغانلىقىغا قاراپ مەنمۇ ئوخشاشلا ئازاپلاندىم
ئاخىرى بۇ ئازاپلارغا بەرداشلىق  بىرەلمەي پىراۋا ئىگىللىرىنىڭ پۇلىنى بانكىدىن قەرىز ئىلىپ قايتۇرۇش قارارىغا كەلدىم
قاراڭلار قەقدىر مەن بىلەن قىرىشقاندەك بۇ ۋاقىت قەرىز تارقىتىدىغان ئەمەس قەرىز يىغىۋالىدىغان ۋاقىت ئىكەن شۇنداق قىلىپ ھىچقانداق بانكىدىن قەرىزمۇ ئالالمىدىم توينڭمۇ قىلالمىدىم
ئەمدىلىكتە يەنى مانا ھازىر 4يىلدىن بۇيان جىنىم بىلەن، قىنىم بىلەن مىڭ بىر تەسلىكتە تىكلىگەن ئىگىلىكىمنى سىتىۋەتمەكچى بولۇۋاتمەن قەرىز ئىگىللىرى ئۇچۇن ئەمەس بولغۇسى ئايالىمنىڭ ئازاپلىرى ئۇچۇن شۇنداق قىلماقچى بولۇۋاتمەن
ھەم مەن شۇ ئارقىلىق قەرىزنى قايتۇرۇپ توي قىلىش قارارىغا كەلدىم
بۇ ۋاقىتقا كەلگەندە بولغۇسى ئايالىممۇ ماڭا ئىشەنمەي بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى يالغان سەن مەندىن بىر ئىشنى يۇشۇردۇڭ دىگەننى باھانە قىلىپ مەندىن ئايرىلماقچى بولىۋاتدۇ  مەن شۇنداق چۇشەندۇرسەممۇ ئۆزگەرمىدى قارارىنى ئۆزگەرتمەيۋاتدۇ


ئەمدى مەن قانداق قىلىشىم كىرەك زادى قانداق قىلىشىم كېرەك؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟





مەنبە: ئۆزۇم
تورداشلارنىڭ مەندە باشقىلارغا ھاماقەتلەرچە ئىشىنىپ ئالدىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن پايدىسى بولۇپ قالار دىگەن مەقسەتتە يوللىدىم قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلەرنى بىرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلمەن

ئەتىكى ئازاپنىڭ سەۋەپچىسى بولغان بۈگۈنكى خۇشاللىكنىڭ نىمە كېرىكى

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 1428
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 20833
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 8627 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 10:22:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەم ئۆزىنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشلارغا ئارتۇقچە ئارلاشقاندا مانا مۇشۇنداق ئاۋارىچىلىققا ئۇچرايدۇ.

سىز يولنى باشتىلا خاتا ئالغان. چۈنكى پىراۋىنى ئارقا ئىشىك ھەم نامەلۇم يوللار ئارقىلىق ئېلىش بىر تەرەپتىن قانۇنغا خىلاپ قىلمىش .
يەنە بىر تەرەپتىن قاتناش ۋاستىلىرى ھەيدەشكە دائىر ئاساسىي بىلىملەرنى ئىگىلىمەي تۇرۇپ پىراۋا ئالغانلاردا قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىش قىلمىشلىرى كۆپ ئۇچراۋاتىدۇ. بۇنى ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ئېچىنىشلىق قاتناش ھادىسىلىرى مىساللىرىدىن كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدۇ. سىزنى مۇشۇنداق ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە مەلۇم جەھەتتىن يول ئېچىپ بەرگەن دىيىشكىمۇ بولىدۇ.

پىراۋا ئېلىش تەرتىۋى ھازىر بۇرۇنقىدەك ئاددى ئەمەس، خېلىلا قىيىن ئۆتكەلنى بېسىپ ئۆتىدۇ. بارلىق ئىمتىھانلارنى بېرىپ بۇلۇش ئۈچۈنمۇ ئاز دېگەندە بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت كېتىدۇ. ھەر بىر ئىمتىھاندىن كېيىن پىراۋا ئالغۇچىنىڭ ئىمتىھان ماتىرياللىرىغا ئالاقىدار ئورۇن ۋە خادىملار ئۆز ئىمزا ۋە تامغىسىنى باسقاندىن كېيىن كۈچكە ئېگە بولۇپ ئارخىپ قالدۇرۇلىدۇ.

باشقا نامەلۇم يوللار ئارقىلىق ئېلىنغان كۆپىنچە پىراۋىلاردا ئارخىپ قالدۇرۇلمايلا بىجىرىلگەنلىكتىن ئۇ خىل پىراۋىلار ۋاقتىنچە ئىشلىگەن بىلەن مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن كۈچتىن قالىدۇ. ئەگەر شۇنداق ئارخىپسىز پىراۋا بىلەن ھەيدىگەن قاتناش ۋاستىلىرىدا ھادىسە كۆرۈلسە قانۇنىي جاۋاپكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىپ، جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىشىمۇ مۇمكىن.

سىزنى باشقىلارنىڭ قويمىچى، ئالدامچى دەپ تىللىشى سىزگە نىسبەتەن ئۇلارنىڭ يول قويغىنى، سىز بۇنىڭدىن خوش بولسىڭىز بولىدۇ. ناۋادا مۇشۇ سەۋەب قانۇن ئورۇنلىرىغا ئۈستىڭىزدىن ئالدامچىلىق قىلدى دەپ شىكايەت قىلسا ئەھۋال سىز ئۈچۈن تولىمۇ پايدىسىز . يەنى مۇشۇ سەۋەبلىك سىز ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىلىشىڭىز  ھەمدە جىنايى جازاغا تارتىلىشىڭىز مۇمكىن.
ئەڭ ياخشىسى تۇققانلىرىڭىدىن بولامدۇ قەرز ئالامسىز ياكى ئۆيىڭىزدە پۇلغا يارىغۇدەك نەرسە بولسا سېتىپ ئەنە شۇ پۇل ئىگىلىرىنى ۋاقتىدا رازى قىلىپ ئاغزىنى تۇۋاقلاڭ! بولمىسا كۈندە بىرتال موما يەپ، بەسەي قايناتمىسى ئىچىدىغان يەرگە بېرىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.

مۇشۇ ئىشتىن ساۋاق ئېلىپ، كېيىنكى ھەر بىر قەدىمىڭىزنى ئويلاپ بېسىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-2 10:33 AM  


قانۇنغا رىئايە قىلىش ھەر بىر جۇڭگۇ پۇخراسىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇريىتى.

مەن اللە ۋە ئۆزۇمگىلا ئىشىنىمە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78440
يازما سانى: 356
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4187
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 65 سائەت
تىزىم: 2012-4-5
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 10:35:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hokumran يوللىغان ۋاقتى  2012-11-2 10:22 AM
ئادەم ئۆزىنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشلارغا ئارتۇقچە ئ ...

اللە رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم رەھمەت سىزگە ياخشى تەكلىپ بەرگىنىڭىز ئۈچۈن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم

ئەتىكى ئازاپنىڭ سەۋەپچىسى بولغان بۈگۈنكى خۇشاللىكنىڭ نىمە كېرىكى

مېرۇل مەرگەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85428
يازما سانى: 711
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 167
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 421 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 10:37:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۆكۈمىران راسىت دەيدۇ،  سىز پۇل ئىگىلىرىنى تېزدە رازى قىلىڭ، يېقىندا يەكەن ناھىيسىدىمۇ مۇشۇنداق باشقىلارغا پىراۋا ئېلىپ بېرىمەن دەپ ئالداپ پۇل ئالغان 3ئادەمگە 3يىلدىن 5يىلغىچە جازا بەردى،  بۇ ئاددى ئىش ئەمەس، ۋاقتىدا تۈگىگىنى ياخشى.

كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ، غەم قايغۇدىن كېيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ، تېڭىرقاشتىن يۇلقۇپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىب كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. مانا بۇ تۇرمۇش.........

مەن اللە ۋە ئۆزۇمگىلا ئىشىنىمە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78440
يازما سانى: 356
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4187
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 65 سائەت
تىزىم: 2012-4-5
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 10:40:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
MiRul يوللىغان ۋاقتى  2012-11-2 10:37 AM
ھۆكۈمىران راسىت دەيدۇ،  سىز پۇل ئىگىلىرىنى تېزدە رازى  ...

بولىدۇ مەنمۇ شۇنىڭغا تىرىشىۋاتمەن رەھمەت سىزگە

ئەتىكى ئازاپنىڭ سەۋەپچىسى بولغان بۈگۈنكى خۇشاللىكنىڭ نىمە كېرىكى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1463
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6315
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 581 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 11:04:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مەن سىزنىڭ بۇ تېمىڭىزنى ئوقۇپ مەنمۇ بۇنداق ئىشتىن پەخەس بولۇشنى ئويلاپ قالدىم.قارىسام سىزنىڭ پىرىنسىپىڭىزمۇ مېنىڭكىگە ئوخشاش تۇنجى كۆرگەن ئادەمگە ئىشىنىش ئىكەن،شۇڭا مېنىڭ1- تەكلىپىم سىزنىڭ بۇ پىرىنسىپىڭىزنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىنى سورايمەن،چۈنكى ھەممە ئادەمنى بىر تاياقتا ھەيدىگىلى بولمايدۇ ئەمەسمۇ.
سىزنىڭ بىرىنچى خاتالىقىڭىز شۇ كىشىدىن ھۆججەت ئېلىۋالمىغانلىقىڭىزدا(ئېلىۋالغانمۇيا)،تېمىدا بۇنى دېمەپتىكەنسىز شۇڭا سوراپ باقتىم،ئەسلى سىز بۇئىشتا قەرز ئىلىم بىرىم ئىشلىرىغا ئارلىشىپ قېلىش ئەمەس گۇۋاھچىلىق سۈپىتىڭىزبىلەن ئارلىشىشقا تېگىشلىك ئىدىڭىز بىراق ئەمدى ھەممىسى كېچىكتى لىكىن سىز مەيۈسلەنمەڭ،مېنىڭ يەنە بىر تەكلىپىپ سىز ھەرگىزمۇ ئىگىلىكىڭىزنى يوقاتماڭ.

مەن اللە ۋە ئۆزۇمگىلا ئىشىنىمە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78440
يازما سانى: 356
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4187
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 65 سائەت
تىزىم: 2012-4-5
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 11:35:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەخمەد يوللىغان ۋاقتى  2012-11-2 11:04 AM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مەن سىزنىڭ بۇ تېمىڭىزنى ئوقۇپ مەنم ...

قىرىندىشىم  مەن  ئىشەنگەچكە ھۆججەت ئىلىۋالمىغان ئىكەنمەن شۇنداق  بولغاچقا ھازىر ئىگىلىكىمنى يوقىتىپ قەرىزنى تولىمىسەم بىردىن-بىر ئالدامچى مەن بولۇپ قالىمەن دە باشقىلار ئەرىز قىلسا قانۇنى جاۋاپكارلىقىنى مان ئۇستۇمگە ئىلىشىم كىرەك چۇنكى  ئۇ مەن ئىشەنگەن ئادەم مەن بىلمەيمەن دىسىلا ھەممىسى مىنىڭ قىلغان ئىشىم بولدۇ مەن بولغۇسى ئايالىمنى گپتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئۆزۇمنى قانۇندىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلىشىم كىرەكمىكىن دەيمەن

ئەتىكى ئازاپنىڭ سەۋەپچىسى بولغان بۈگۈنكى خۇشاللىكنىڭ نىمە كېرىكى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76525
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3064
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2012-2-25
ئاخىرقى: 2012-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 11:59:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەرىزلەرنىغۇ بىر ئىش قىپ تۇگتەسىز  ئۇ قىزنىڭ ئىشەنچىسدىن قالغىنغىز يامان بوپتۇ .

مەن اللە ۋە ئۆزۇمگىلا ئىشىنىمە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78440
يازما سانى: 356
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4187
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 65 سائەت
تىزىم: 2012-4-5
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 12:11:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ook يوللىغان ۋاقتى  2012-11-2 11:59 AM
قەرىزلەرنىغۇ بىر ئىش قىپ تۇگتەسىز  ئۇ قىزنىڭ ئىشەنچىسد ...

ئۇلۇغ اللە بۇ ئىشلىرىمنى تىزراق ئوڭۇشلۇق قىلىپ ئاخىرلاشتۇرۇپ بەرگەي

ئەتىكى ئازاپنىڭ سەۋەپچىسى بولغان بۈگۈنكى خۇشاللىكنىڭ نىمە كېرىكى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77131
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3184
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 144 سائەت
تىزىم: 2012-3-8
ئاخىرقى: 2012-11-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 12:32:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر مۇشۇنداق قويمىچىلار بەك جىقىيىپ كەتتى ، شۇڭا دېققەت قىلىڭلار،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش