مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1209|ئىنكاس: 7

ساھابىلەر ھاياتى 7 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84508
يازما سانى: 358
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2967
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 680 سائەت
تىزىم: 2012-8-30
ئاخىرقى: 2014-12-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-1 10:03:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
         
                                      ئابدۇللاھ ئىبنى ھۇزافە ئەسسەھمى
                                                                           ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئابدۇللاھنىڭ بېشىغا سۆيۈش                                                                            مەجبۇرىيتى بار!  مەن بىرىنچى بولۇپ باشلايمەن!
         بۇ ھېكايىنىڭ باش قەھرىمانى- ساھابىلەردىن بولغان ئابدۇللا ئىبنى ھۇزافە ئەسسەھمى دەپ ئاتىلىدىغان كىشىدۇر.
         ئىسلام دىنى ئابدۇللاھقا ئۆز زامانىسىدىكى دۇنيا رەھبەرلىرى بولغان، ئىران پادىشاھى كىسرا ۋە رۇم پادىشاھى قەيسەر بىلەن كۆرۈشىشكە ۋە ئۇ ئىككى كىشىنىڭ ھەر بىرى بىلەن  زامان ئەسلىمىسىدە ساقلانغان، تارىخ تىللىرىدا سۆزلىنىدىغان ھېكايىسىنىڭ قالدۇرۇش ئىگە قىلغان.
         ئۇنىڭ ئىران پادىشاھى كىسرا بىلەن بولغان ھېكايىسى ھىجرەتنىڭ 6-يىلى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ساھابىلىرى ئىچىدىن بىر تۈركۈم كىشىلەرنى چەتئەل پادىشاھلىرىغا، ئىسلامغا دەۋەت قىلىپ مەكتۇب ئەۋەتمەكچى بولغاندا يۈز بەرگەن.
         پەيغەمبەر ئالەيھىسسالام بۇ مۇھىم ۋەزىپىنىڭ خەتىرىنى تونۇپ يەتكەن ئىدى. بۇ ئەلچىلەر بۇرۇن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ باقمىغان يىراق ئەللەرگە بارىدۇ، ئۇلار بۇ ئەللەرنىڭ تىلىنى بىلمەيدۇ، پادىشاھلارنىڭ مىجەزىنى بىلمەيدۇ، مانا شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار بۇ پادىشاھلارنىڭ دىنىنى تاشلاشقا ،يۈز ئابرۇي ۋە مەنسىۋېدىن ئايرىلىشقا، تۆنۈگۈنكى ئەگەشكۈچىلىرى بولغان كىشىلەرنڭ دىنىغا كىرىشكە چاقىرىدۇ.
         بۇ ھەقىقەتەن بارغان ئادەم يوقالغان، قايتقان ئادەم يېڭىدىن تۇغۇلغان بولۇپ ھېسابلىنىدىغان مۇشكۈل سەپەردۇر، شۇڭلاشقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ خۇتبە ئوقۇدى، ھەمدۇسانا ۋە گۇۋاھلىق سۆزىنى ئېيتقاندىن كېيىن،مەقسەتنى ئوتتۇرغا قويدى:
         -مەن سىلەردىن بەزىلىرىڭلارنى چەتئەل پادىشاھلىرىغا ئەلچىلىككە ئەۋەتمەكچى،سىلەر ماڭا بەنى ئىسرائىل ئىسا ئىبنى مەريەمگە قارشى چىققاندەك قارشى چىقماڭلار! دېدى. ئۇنىڭ ساھابىلىرى:
         -ئى رەسۇللاھ! خالىغان ئىشىڭنى ئادا قىلىشقا بىز تەييارمىز! بىزنى خالىغان يېرىڭگە ئەۋەتكىن! دېيىشتى.
         پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەرەب ۋە چەتئەل پادىشاھلىرىغا ئۆز مەكتۇبلىرىنى ئەۋەتىش ئۈچۈن ساھابىلەردىن ئالتە كىشىنى تاللىدى. ئابدۇللاھ ئىبنى ھۇزافە ، ئاشۇ ئالتە كىشىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ پارس پادىشاھى كىسراغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خېتىنى ئاپىرىشقا تەيىنلەندى.
        ئابدۇللاھ ئۇلىغىنى تەييارلاپ ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن خوشلىشىپ  نىشانغا قاراپ يولغا چىقتى،  ئۇ پەقەپ اللەنىڭ ھەمراھلىقىدا يالغۇز ھالدا تاغ-داۋانلاردىن ئېشىپ،ئويمان-ئازگانلاردىن ئۆتۇپ ئاخرى پارىس دىيارىغا يېتىپ باردى-دە، پادىشاھ دىيارىدا ئوردىغا كىرىشكە ئىجازەت سورىدى،ھەم دەرۋازىۋەنگە ئېلىپ كەلگەن خەتنىڭ خەۋىرىنى يەتكۈزدى.
        كىسرا ئوردىسىنى ئالاھىدە زىننەتلەپ پارىس كاتتىلىرىنى مەجلىسكە كېلىشكە چاقىردى، ئۇلار كەلگەندىن كېيىن ئوردا ئىچى بىر خىل سۈرلۈك تۈسكە كىردى، ئاندىن ئەلچى ئابدۇللاھنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت بېرىلدى.
        ئابدۇللاھ پارىس پادىشاھىنىڭ ھوزۇرىغا ئاددى-ساددا، توقۇلۇشى قوپال،ئەرەبلەرگە خاس كىيىم بىلەن كىردى، لېكىن ئۇنىڭ بېشى ئۈستۈن، قەددى تىكلەنگەن بولۇپ،پۈتۈن ۋۇجۇدىدىن ئىسلامنىڭ ئىززىتى چاقناپ،دىلىدا ئىماننىڭ كاتتىلىقى يالقۇنجاپ تۇراتتى، كىسرا ئۆز تەرىپىگە كېلىۋاتقان ئابدۇللاھنى كۆرۈشى بىلەنلا، قېشىدىكى خىزمەتچىلەردىن بىرىگە ئۇنىڭ قولىدىكى خەتنى ئېلىشقا ئىشارەت قىلدى، ئابدۇللاھ:
        ياق! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى بۇ خەتنى كىسرانىڭ ئۆز قولىغا بېرىشكە بۇيرۇغان،مەن اللەنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلمايمەن! دېدى، كىسرا قېشىدىكى خىزمەتچىلەرگە:              
        -ئۇنى قېشىمغا كەلگىلى قويۇڭلار! دېدى، ئابدۇللاھ كىسرانىڭ قېشىغا كىلىپ خەتنى كىسرانىڭ ئۆز قولغا بەردى، ئاندىن كېيىن كىسرا ھىرە ئەھلىدىن بولغان كاتىپىنى چاقىرىپ خەتنى ئوقۇشقا بۇرۇدى، خەت:
        -«ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اللەنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، اللەنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەدتىن- پارىس كاتتىسى كىسراغا، توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە سالام!...» دەپ باشلغان ئىدى.
         كىسرا خەتتىن مۇشۇ يەرگىچە ئاڭلاپ، چەكسىز غەزەپكە كېلىپ يۈزى قىزىرىپ،چىكە ۋە گەدەن تومۇرلىرى كۆپۈپ كەتتى، چۈنكى  پەيغەمبەر ئەلەھىسسالام خەتنى ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن باشلىغان...
         كىسرا كاتىپىنىڭ قولىدىن سىلكىپ تارتىۋېلىپ ئۇ خەتنى ئاخىرىنى ئوقۇمايلا يىرتىپ تاشلىدى ۋە ئۇ:« ماڭا مۇشۇنداقمۇ يازامدۇ؟ ئۇ دېگەن مېنىڭ قۇلۇم تۇرسا!» دەپ كايىشقا باشلىدى،ئاندىن ئابدۇللاھنى مەجلىستىن چىقىرىۋېتىشكە بۇيرىدى.
         ئابدۇللاھ كىسرانىڭ ھوزۇرىدىن چىقىپ كەتتى،ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى ياكى تىرىك قويىۋېتىلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى...
         لېكىن ئۇ ئۇزۇن تۇرمايلا: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خېتىنى جايىغا يەتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن ئەمدى نېمىلا ئەھۋال بولمىسۇن، پەرۋايىم- پەلەك دېدى-دە،ئۇلىغىغا مېنىپ يۈرۈپ كەتتى، كىسرانىڭ ئاچچىقى بېسىلغاندا، ئابدۇللاھنى ئۆز يېنىغا ئېلىپ كىرىشكە بۇيرۇدى، لېكىن ئۇ تېپىلمىدى،ئۇنىڭ ئىز-دىرىكىنى ئالالمىدى، ئۇلار ئابدۇللاھنى ئەرەب ئارىلىدىكى يوللارغا قەدەر ئىزلەپ بېرىپ ئۇنىڭ كېتىپ بولغانلىقىنى ئۇقتى، ئابدۇللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ كىسرانىڭ ئىشلىرىنى ۋە خەتنىڭ يىرتىپ تاشلانغانىنى خەۋەر قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« اللە ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى ۋەيران قىلىۋەتسۇن!» دېدى. ۋە باشقا گەپ-سۆز قىلمىدى.
        ئەمما كىسرا ،يەمەن ۋالىسى بازانغا:« ھىجازدا باش كۆتەرگەن بۇ ئادەمنى قېشىڭدىن كۈچلۈڭ ئىككى كىشىنى ئەۋەت! ئۇلار ئۇ ئادەمنى مېنىڭ يېنىمغا ئېلىپ بارسۇن!» دەپ خەت يازدى.
        بازان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا ئىككى ئادەمنى خەت بىلەن ئەۋەتتى خەت:
        پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كېچىكمەستىن كىسرا بىلەن ئۇچۇرشىش ئۈچۈن كېلىشكە بۇيرۇق بەرگەن ئىدى...
        بازان يەنە بۇ كىشىگە،پەيغەمبەرئەلەھىسسالامنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى كۆزىتىشنى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىشلىرىدىن خەۋەر بېرىشنى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن مەلۇمات ئىگەللەشنى بۇيرۇغان ئىدى.بۇ ئىككىسى تېزلىكتە سەپەرگە ئاتلاندى، تائىف شەھىرىگە يېتىپ بارغاندا تائىفتا قۇرەيشلىك سودىگەرلەر بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، ئۇلاردىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى سورىدى. قۇرەيشلىكلەر: ئۇ مەدىنىدە! دەپ جاۋاب بېرىپ خاتىرجەم ھالدا مەككىگە ئىلگىرلەپ كەتتى، ئۇلار قۇرەيش خەلقىنى تەبرىكلەپ: خوشخەۋەر! ئېنىقكى، كىسرا مۇھەممەدكە قارشى تۇرۇپتۇ! دېگىلى تۇردى. ھېلىقى ئىككىسى مەدىنە تەرەپكە يول ئالدى. ئۇ ئىككىسى مەدىنىگە بېرىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن كۆرۈشۈپ، بازاننىڭ خېتىنى بېرىپ: پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى كىسرا، پادىشاھىمىز بازانغا سىزنى ئېلىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتىشكە خەت يېزىپتۇ... بىز سىزنى ئۇنىڭ قېشىغا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن كەلدۇق! ئەگەر سىز ماقۇل كۆرسىڭىز كىسراغا سىزنىڭ مەنپەئەتىڭىز ئۈچۈن سىزنى جازالىماسلىق توغرىسىدا سۆزلەپ قويىمىز، ئەگەر ئۇنىمىسىڭىز ئۇنىڭ ئاچچىقىنى ، ئۇنىڭ ئازابىنىڭ يامانلىقىنى ئۇنىڭ سىز ۋە قەۋمىڭىزنى ھالاك قىلىۋېتىشتىكى قۇدرىتىنى سىز بىلىسىز! دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەبەسسۇم بىلەن ئۇ ئىككىسىگە:- بۈگۈن قايتىپ ئەتە كېلىڭلار! بۈگۈنچە ياتىقىڭلاردا دەم ئېلىپ تۇرۇڭلار! ئەتە سۆزلىشەيلى! دېدى، ئۇلار قايتىپ ئەتىسى كېلىشتى ۋە:
        -بىز بىلەن كىسرانىڭ قېشىغا بېرىشقا تەييارلىق قىلىدىڭىزمۇ؟ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئىككىسىگە:«سىلەر بۇنىڭدىن كېيىن كىسرا بىلەن كۆرۈشەلمەيسىلەر!...ئۇنى ئاللاھ ئۆلتۈرۈۋەتتى، مۇشۇ ئاينىڭ پالانى كۈنى ئۇنىڭ ئوغلى ’’شىرۋەيھ‘‘ نى ئۇنىڭ ئورنىغا رەھبەر قىلدى، دېدى. ئۇ ئىككىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا چەكچەيگىنىچە قاراپ قېلىشتى، يۈزلىرىدە ھەيرانلىق ئالامەتلىرى پەيدا بولدى-دە، ئۇ ئىككىسى:
         -سەن نېمە دەۋاتقانلىقىڭنى بىلەمسەن؟! پادىشاھىمىز’ بازان‘ غا مۇشۇنداق يازىمىزمۇ؟ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:-شۇنداق! بازانغا-« مۇھەممەد، روشەنكى مېنىڭ دىنىم كىسرانىڭ پادىشاھلىقى يېتىپ بارغان يەرلەرگىچە يېتىپ بارىدۇ! مۇسۇلمان بولساڭ قوقۇڭدىكى خىزمەتنى ساڭا بېرىمەن، سېنى قەۋمىڭگە باشلىق قىلىمەن دېدى، دەڭلار» دەپ ئۇلارنى يولغا سېلىپ قويدى.
          بۇ ئىككىسى بازاننىڭ قېشىغا كەلدى-دە، بازانغا بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى. بازان ئەگەر مۇھەممەدنىڭ گېپى راست بولسا، ئۇ راست پەيغەمبەر، ئەگەر يالغان بولسا ئىش ئالدىمىزدا، قانداقلىقىنى بىلىمىز! دېدى.
          ئۇزۇن ئۆتمەي بازانغا شىرۋەيھنىڭ خېتى يېتىپ كەلدى، ئۇ خەتتە:
          -« مەن كىسرانى ئۆلتۈرۋەتتىم! ئۇنى پەقەت خەلىقىمىزنىڭ ئىنتىقامى ئۈچۈنلا ئۆلتۈردۈم! ئۇ خەلىقىمىزنىڭ شەرەپلىك كىشىلىرىنى ئۆلتۈرۈش،ئاياللىرىنى دەپسەندە قىلىش، ماللىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلدى، خېتىم بارغان ھامان قېشىڭدىكىلەر بىلەن بىرگە ماڭا بويسۇنغىن!»
           بازان-شىرۋەيھنىڭ خېتىنى ئوقۇپ بولۇپ،ئۇنى بىر تەرەپكە تاشلاپ قويدى-دە، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە يەمەن شەھىرىدىكى ئىرانلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان بولدى. مانا بۇ ئابدۇللاھ ئىبنى ھۇزافەنىڭ ئىران پادىشاھى كىسرا بىلەن ئۇچراشقاندىكى ئاجايىپ ھېكايىسى.
           ئۇنداقتا ئابدۇللاھنىڭ  رۇم كاتتىسى قەيسەر بىلەن ئۇچرىشىشى قانداق بولغان ئىدى؟
           بۇ ئىش، ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ خەلىپە دەۋرىدە بولغان بولۇپ،ئابدۇللاھنىڭ قەيسەر بىلەن بولغان قىسسىسىمۇ ئاجايىپ قىسسىلەردىن بىرى ئىدى.
           ھىجرەتنىڭ 19-يىلى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رۇمغا قارشى ئەسكەر چىقاردى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئابدۇللاھمۇ بار ئىدى... رۇم پادىشاھى قەيسەرگە مۇسۇلمان قوشۇنلىرىنىڭ خەۋەرلىرى، ئىماننىڭ راستلىقى، ئەقىدىنىڭ پۇختىلىقى، ئاللاھ ۋە پەيغەمبەرنىڭ يولىدا جېنىنى ئايىماسلىق، قاتارلىق سۈپەتلىرى يېتىپ بارغان ئىدى.
           قەيسەر ،ئەسكەرلىرىگە : ئەگەر مۇسۇلمانلاردىن بىرەسى ئەسىر بولۇپ قۇلغا چۈشسە، ئۇنى قويىۋەتمەستىنلا ئۆزىنىڭ يېنىغا ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇغان ئىدى. ئاللاھ ئابدۇللاھنىڭ رۇملۇقلار قولىغا ئەسىر بولۇپ چۈشىشىنى ئىرادە قىلدى، ئۇلار ئابدۇللاھنى پادىشاھ قېشىغا بۇ مۇھەممەدنىڭ دىنىغا دەسلەپ كىرگەن كىشىلەردىن بىرى! دەپ ئېلىپ كېلىشتى، قەيسەر ئابدۇللاھقا بىر ھازا قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، تېزلا! مەن ساڭا بىر شەرتنى قويىمەن! دېدى. ئابدۇللاھ : ئۇ نېمە شەرت؟ دېدى. قەيسەر: مەن ساڭا خرىستىئان بولۇشنى شەرت قىلىمەن! ئەگەر خرىستىئان بولساڭ قويۇپ بېرىمەن! مەنسىپىڭنى ئۆستۈرىمەن! دېدى.
          - ئابدۇللاھ مەنسىتمەستىن: ئۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ماڭا نىسبەتەن سەن چاقىرغان نەرسىدىن ئۆلۈم مىڭ مەرتىۋە ياخشى! دېدى، سەن پاراسەتلىك ئادەمدەك قىلىسەن! ئەگەر سەن مەن ئوتتۇرىغا قويغان شەرتنى قوبۇل قىلساڭ ئشلىرىمغا شېرىك قىلىمەن! پادىشاھلىقىمنى بۆلۈپ بېرىمەن! دېدى- قەيسەر.
          كېشەنلەنگەن ئابدۇللاھ كۆلۈپ تۇرۇپ:
          -« ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر سەن ماڭا مەن ئۆرگەن،بىلگەن نەرسىنىڭ ھەممىسىنى بەرسەڭمۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىدىن كۆزىنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىكمۇ قايتمايمەن!» دېدى . قەيسەر:
          -ئۇنداقتا سېنى ئۆلتۈرىمەن! دېدى.
           ئابدۇللاھ:
           خالىغىنىڭنى قىل! دېدى. قەيسەر بۇيرۇق قىلىپ: ئابدۇللاھنى دارغا ئاستۇردى ۋە ئاتارمەنلىرىگە رۇم تىلىدا، ئۇنىڭ قولىغا يېقىن ئېتىڭلار! دېدى ۋە ئۇنى خرىستىئان بولۇشقا زورلىدى، ئابدۇللاھ قەتئىي ئۇنىمىدى،قەيسەر يەنە ئۇنىڭ پۇتىغا يېقىن ئېتىشقا بۇيرىدى ۋە ئۇنى خرىستىئان بولۇشقا قىستىدى، ئابدۇللاھ ئۇنىمىدى. بۇ چاغدا قەيسەر ئاتارمەنلىرىنى توختاشقا بۇيرۇپ ئابدۇللاھنى داردىن چۈشۈرۈڭلار! دېدى-دە، چوڭ بىر قازاننى ئەكەلدۈرۈپ ئۇنى ياغ بىلەن توشقۇزۇپ ئۇچاققا ئوت يېقىشقا بۇيرۇدى، قازاندىكى ياغ قاينىدى. قەيسەر بۇرۇق قىلىپ: مۇسۇلمان ئەسىرلەردىن ئىككىسىنى چاقىرتىپ، ئۇنى قازاندىكى ياغقا تاشلاتقۇزدى، ئۇلارنىڭ گۆشلىرى كاۋاب بولۇپ، سۆڭەكلىرى يالىڭاچلىنىپ قالدى،ئاندىن قەيسەر ئابدۇللاھنى خىرىستىئان بولۇشقا قىستىدى. لېكىن ئابدۇللاھ بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك چىڭ تۇردى، قەيسەر، ئابدۇللاھتىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ ئۇنىمۇ قازان قېشىغا ئىلىپ كەلگەندە، ئابدۇللاھ ئىختىيارسىز يىغلاپ كەتتى، قەيسەرنىڭ ئادەملىرى قەيسەرگە،ئۇ يىغلىدى! دېدى. قەيسەر ئابدۇللاھنى ئۆلۈمدىن قورقۇپ يىغلىغان چېغى! دەپ گۇمان قىلىپ، ئۇنى ئۆز ئالدىغا ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇدى، ئابدۇللاھ قەيسەرنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئۇنى يەنە خرىستىئان بولۇشقا قىستىدى، ئابدۇللاھ ئۇنىمىدى قەيسەر،ۋاي ئىسىت ساڭا!!! باياتىدىن سەن نېمىگە يىغلىغان ئىدىڭ؟ دېدى. ئابدۇللاھ: مېنى يىغلاتقىنى مەن ئۆز-ئۆزەمگە:« سەن ھازىر قازانغا تاشلىنىسەن! سېنىڭ جېنىڭ ئاللاھ تەرەپكە كېتىدۇ! دېدىم ۋە بەدىنىمدىكى تۈكنىڭ بارەۋىرىدە ،بىردىن جېنىم بولغان بولسا، ئۇنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاللاھ يولىدا مۇشۇ قازانغا تاشلىنىشىنى ئۈمىد قىلىپ يىغلىدىم! دېدى.
           قەيسەر: سەن مېنىڭ بېشىمغا سۆيۈپ قويساڭ،مەن سېنى ۋە قولۇمدىكى بارلىق مۇسۇلمان ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىمەن! دېدى. ئابدۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:« بۇ ئاللاھنىڭ دۈشمىنى، مەن بۇنىڭ بېشىغا سۆيۈپ قويىمەن، ئۇ مېنى ۋە بارلىق مۇسۇلمان ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىدۇ،ماڭا زىيان يوق،دېدىم! دەيدۇ.
           ئابدۇللاھ قەيسەرگە يېقىن كېلىپ  بېشىغا سۆيۈپ قويدى، رۇم پادىشاھى بارلىق مۇسۇلمانلارنى يېغىپ، ئابدۇللاھقا تاپشۇرۇپ بېرىشكە بۇيرۇدى،ئۇلار تاپشۇرۇلدى.
          ئابدۇللاھ،ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ يېنىغا كەلگەندە ئۇنىڭغا، بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى. ئۆمەر ئابدۇللاھتىن بەك خۇرسەن بولدى ۋە بارلىق ئەسىرلەرگە قاراپ:
          «ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئابدۇللاھنىڭ بېشىغا سۆيۈش مەجبۇرىيىتى بار! مەن ئاۋۋال سۆيۈشنى باشلايمەن!... دېدى-دە،ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ بېشىغا سۆيۈپ قويدى...»
                 
                  ’’  ساھابىلەر ھاياتىدىن تاللانمىلار ‘‘دىن
         

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58154
يازما سانى: 677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6082
تۆھپە نۇمۇرى: 338
توردا: 180 سائەت
تىزىم: 2011-9-27
ئاخىرقى: 2014-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-1 10:48:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن قىرىندىشىم................

بەك ياخشى ئىشتىن بىرنى باشىلىۋاپسىز!
ساھابىلەرنىڭ تارىخلىرىدىن ئۆرنەك ئىلىشىمىز كىرەك! چۈنكى ئۇلار  شەرىئەتنى ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرىنى رۇشەنلەشتۈرۈپ بەرگەن كىشىلەر...........شۇلارنىڭ ئىش پائالىيەتلىرىنى تولۇق چۈشەنگەنسەك بىز ھازىرمۇ ئىزىپ كەتمەي توغرا يول تۇتۇپ ماڭالايمىز!


سەنمۇ قويساڭ ئۈمۈدۈڭنى نەۋرىگە
  مەنمۇ قويسام ئۈمۈدۈمنى نەۋرىگە
  نەۋرىلەردىن نەۋرىلەرگە يۈكلىنىپ
  كۆمۈلمەمدۇ ئۈمۈدىمىز قەبرىگە ?

  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82204
يازما سانى: 240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2340
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 289 سائەت
تىزىم: 2012-6-27
ئاخىرقى: 2013-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 01:53:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇرسەن بولدۇم .

سورۇدۇم مەن ئاسماندىن يايرىم سىنى،
بۇ مىنىڭ ساڭا بولغان سىغىنىشىم،
يۇمۇلغۇچە بۇ كۈزۈم كىتەر بولساڭ،
ئىيتار ئىدىم مەن ساڭا كەتمە يىراق.

مەن اللە ۋە ئۆزۇمگىلا ئىشىنىمە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78440
يازما سانى: 342
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4252
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2012-4-5
ئاخىرقى: 2014-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 02:53:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللە قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن قىرىندىشىم قىلغىنىڭىز بەك ياخشى ئىش بوپتۇ ياخشى باشلاپسىز

ئەتىكى ئازاپنىڭ سەۋەپچىسى بولغان بۈگۈنكى خۇشاللىكنىڭ نىمە كېرىكى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86703
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 317
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2012-11-2
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 04:16:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن قىرىندىشىم.
.

ئۇيغۇرمەن

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8832
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 03:17:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت  رەھمەت  رەھمەت...مەن بۇرۇن شۇ كىتەپنىڭ نامىنى ئاڭلىغان بولساممۇ  تاپالمىغانتىم....كۆزلىرىمدىكى ياش بىلەن سىزگە كۆپ تەشەككۇر...دىنىمىزنى مۇستەھكەملەيلى...داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ..ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن

نېمىلەرنى ئويلا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 3011
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15429
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3323 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 10:00:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللە  سىزگە ئىككى دۇنيالىق رەھمەت ئاتا قىلسۇن ، امىن  !

ئىنسان ئىمان بىلەن  بەخىتلىكتۇر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92791
يازما سانى: 885
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3416
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 145 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-9 11:03:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئەجىر قىلسۇن

دوسلىرىم سىلەرنى سېغىندىم
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش