بويسۇنمايمەن ئازاپقا
(تەنھا بۇلبۇل)
بويسۇنمايمەن ئازاپقا ،مەيلى قانچە قىينىسۇن
بولۇپ داۋان ئالدىمدا، ۋە ياكى جۇت-شېۋىرغان.
يەڭگىللەيدۇ ئازابىم، كۈلسەم قاراپ ئەتىگە
قىينالمايدۇ ھەم مىنى،ئەسلىسەممۇ ھەر زامان.
ئۆتمۈشنى ئويلاپ ئۆزىچە ، ئاھ ئۇرشىم نە ھاجەت
كۈلكىگە تەشنا قەلبىم ،يىغلىمايدۇ ھىچقاچان
ئارزۇ-ئارمان كۆپ مەندە،ھىچ ئىگلمەي ياشايمەن.
يۇرەك دەرتكە تولسمۇ ،كۈلىشىمگە بار ئىمكان
ئۇنتۇيمەن دەپ يۈرمەيمەن ئەمدى ئاچچىق ئۆتمۈشنى،
ئەسلەي ياكى ئەسلىمەي ، ئۇنتۇلىدۇ ئۇ ھامان.
بىر ئاللاھتىن تىلەيمەن ، ئالدىماستىن بىرەر ئۇ
ماڭا سادىقنى تاپقاندا ، يىغلىمىغىن ئەي جانان