ئۆزىنى قاچۇرۇپ كىتىشلىرىنى
خۇددى شىللىسىگە تۇز ئارتىپ قويىدىغاندەك .
بىر قىتىم دەرس ئاڭلىغىلى بارغان مەكتەپتە تولۇقسىز ئىككىنچى يىللىقنىڭ بىر قىز ئوقۇغۇچىسى باشقىلار بىلەن «پۇشايمىنى»نى ھەمبەھىرلىنىش پىكىر پۇرسىتى كەلگەندە مۇنداق دىدى :
باشلانغۇچتا سىنىپىمىزغا باشقا شەھەرلىك بىر قىز ئوقۇشقا كىردى ، يىڭى يۆتكىلىپ كەلگەن چاغدا مەنمۇ ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلاتتىم ، ئۇمۇ ماڭا شۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى ، ئەمما مەن كۆڭلۈمدە ئۇنى« دوستۇم » دەپ ئويلىمايتىم .ئۆگىنىش نەتىجىمىز جىق پەرقلەنمەيتى ، بۇ سىنىپتا ئۇ تولاراق ماڭا گەپ قىلاتتى . شۇڭا ئۇنىڭغا بولغان ياخشى مۇئامىلەمنى مىجەزىمنىڭ ياخشىلىقىدىن كۆڭۈل بۆلۈپ قويغىنىم ، دەپ بىلەتتىم ؛ ئۇنىڭ ماڭا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى بولسا مىنىڭ قىلغانلىرىمغا جاۋاپ قايتۇرغىنى ، يالغۇز قېلىشتىن قورقۇپ ماڭا ئەتەي يىقىنلاشماقچى ، دەپ چۈشىنەتتىم . كىيىن تولۇقسىزغا چىققاندا ئىككىمىز ئىككى مەكتەپكە ماڭدق ، مەن يىڭى مەكتەپتە نۇرغۇن يىڭى دوستلار بىلەن تونۇشتۇم ، ئۇنىڭغا ئالاقىلىشىش ئۇچۇر قالدۇرمىغاچ ھەم ئۇنىڭ بەرگە تىلىفون نومۇرىنىمۇ تاشلىۋەتكەچ ئۇنىڭ بىلەن ئالاقەممۇ ئۈزۈلۈپ كەتكەن ئىدى . كىيىن ئۇ ئوقۇۋاتقان مەكتەپتىكى بىر ساۋاقدىشىمىز بىزنىڭ سىنىپقا كۆچۈپ كەلگەندە تاساددپىي ئۇنىڭ چ چ بوشلۇقنى ماڭا كۆرسىتىپ قويدى :
ئۇنىڭ سۆز خاتىرىسىدە ئۇنىڭ مىنىڭ ئىسمىم بىلەن يىزىپ «بۇ مەكتەپتىكى دوسلىرىمنىڭ ئىچىدە مەن سىزنىڭ مىجەزىڭىزنى ئەڭ ياقتۇردۇم »«سىزدىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەندىم ، سىزدەك دوستۇمنىڭ بولغىنىدىن پەخىرلىنىمەن» «باشقا مەكتەپلەرگە كەتكەن بولساقمۇ سىزنى ئەسلەپ تۇرىمەن ، دوستۇم»...دېگەندەك ئاساسەن مىنى دوستى قاتارىدا كۆرگەن خاتىرىلەر تۇراتتى . ۋاقتىغا قارىسام ، بىز تىخى بىللە ئوقۇۋاتقان چاغدىلا يازغان ئىكەن . كۆرۈپ كۆزلىرىمگە يىغا ئولاشتى ، كۆڭلۈم بەك يىرىم بولدى ،ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا يۈز كىلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلدىم . ئويلاپ باقسام ، ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلماپتىمەن ، ئۆزەمنىڭ ھالىغا باقماي ئۇنىڭدىن ئارتۇق گۇمان قىلىپ ، ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلغاندىن بىرى مۇشۇ كەمگىچە ئىزدىشىپ باقماپتىمەن . ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئوقۇغان چاغدا ئۇنىڭ قەدرىگە يەتمەپتىمەن ، ھازىر باشقىلار بىلەن ئۇنچىلىك ئاسان چىقىشىپ كىتەلمەيمەن ، ھەتتا قانچە قىلسىمۇ ئۇنىڭدەك ياخشى ، راستچىل مۇئامىلە قىلمايدۇ . ئەگەردە ئۇ يىنىمدا بولغان بولسىدى ئۇنىڭ بىلەن چوقۇم چىن دوست بولۇپ ئۆتەتتىم ، ئۇنىڭغا توڭلۇق قىلغانلىرىمغا كۆپ پۇشايمان قىلدىم ، ئەپسۇس ئاڭلىسام يىقىندا ئۇ ئەسلىدىكى شەھەرگە كىتىپتۇ ...
مۇشۇلارنى دەۋىتىپ ئۇ قىز يىغلاپ كەتتى . باشقىلارمۇ بىر خىللا بولۇپ قالدۇق ، دەرستىن كىيىن ئەمدىلا تولۇقسىز ئىككنچى يىللىققا چىققان بۇ قىزنىڭ دوستلۇق توغرىسىدىكى سۆزلىرى توغرىسىدا مۇنازىرىلەر خىلى ئۇزۇن بولدى . ئادەملەر شۇنداق ئىكەنمىز ، گاھىمىز ھەتتا «ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم»دەپ قۇيغانغا ئىلىپ قاچارنى «دوستۇم » دەپ چۈشىدىغان ؛ ئادەتتە كۆزىمىزگە سىغمىسىمۇ ئېغىر كۈنلەردە ئەسقاتقان سوك-سوكلارنىڭ قەدرىنى قىلمايدىغان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Umidim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-1 11:01 PM