قىزىم مىنى كەچۈر!...
ئەگەر سەندىمۇ ئەيدىز بار دېيىلسە، بۇنىڭ جاۋابكارى مەن. مېنىڭ سېنى بۇ دۇنياغا بۇنداق مەرەز كېسەل بىلەن كۆزئاچقۇزغۇم يوق ئىدى. بىراق بۇ مېنىڭ ئىچىنىشلىق تەقدىرىم. چۈنكى، مېنىڭ خاتالىقىم، مېنى توققۇز يېشىمدىن باشلاپ ئۆزى يالغۇز مىڭ بىر جاپادا بېقىپ چوڭ قىلغان جاپاكەش ئانامنىڭ ۋە ئاكا-ئاچىلىرىمنىڭ توسۇشىغا قارىماي سېنىڭ داداڭ بىلەن توي قىلغانلىقىمنىڭ مۇكاپاتىدۇر.
مەن دادامدىن تولىمۇ كىچىك قالغان، ئاپام قانچە جاپا تارتسىمۇ بىز بالىلارنىڭ بىرىنىمۇ ئوقۇشسىز قويماي ئالىي مەكتەپكىچە ئوقۇتتى، ھەر بىرىمىز ئۆز ئارزۇيىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇدۇق ۋە ياخشى ئوقۇپ، ياخشى خىزمەتلەرگە ئورۇنلاشتۇق. بىراق مەن مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆزۈمنى ۋەيران قىلدىم. شۇنداق ياخشى خىزمىتىم بار، ئۆزۈم ئوقۇغان تۇرۇپ، ھېچقانداق ئوقۇش تارىخى يوق، ھەتتا باشلانغۇچنىمۇ تولۇق پۈتتۈرمىگەن، مېنى يۈرگەن ۋاقتىمىزدىن باشلاپلا قەدىرلەپ-قەدىرلىمەي كەلگەن بىرى بىلەن ئۆيۈمدىكىلەرنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلدىم. بىراق، تويدىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ بەكلا بىچارە ئىكەنلىكىمگە ئېچىنىشقا باشلىدىم. چۈنكى ئۆينىڭ پۈتۈن چىقىمى مىنىڭ ئۈستۈمگە يۈكلەندى، ئېرىمنىڭ مۇئاشى تۆۋەن ئىدى، ئۇنىڭ مۇئاشى چوڭ ئۆينى بېقىشتىن ئاشمايتتى، چۈنكى چوڭ ئۆيدە بىكار يەيدىغان 7 نوپوس بار ئىدى، ئۇنىڭغىمۇ ئامال يوق، چۈنكى مەن ئۆزۈم ئۇنى تاللىغان چىدىشىم كېرەك. مېنىڭ خىزمىتىم باشقا يەردە بولغاچقا، دەم ئېلىش كۈنلىرى كېلىپ كېتىپ ئىشلەيتتىم، يولدىشىم ئۆيگە كىرەمدۇ-كىرمەمدۇ، قېينانامنىڭ پەقەتلا كارى يوق ئىدى، چۈنكى ئېرىم ئۇ ئۆينى قامداۋاتقاچقا ئۇنى بەكلا چوڭ كۆرەتتى، بەزىدە تېلېفوندا ئۇنىڭ ئۆيدە ئەمەسلىكىنى بىلىپ ئۇرۇشۇپمۇ قالاتتىم، بىراق قېينانام ھە دېسىلا ھېچقىسى يوق، بۇرۇن دادىلىرى ئۇنداق قىلاتتى، بۇ ھېچقانچە ئىش ئەمەس دەپلا، ماڭا رەددىيە بېرەتتى ياكى ئۆيدە بار دەپ، يالغان گەپ قىلاتتى. مەن بۇنى بىلسەممۇ ھېچنىمە دېيەلمەيتتىم، توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بويۇمدا قالغان بەش ئايلىق بولغان بىر كېچىدە ئۇ ئۆيگە كىرمىگەنىكەن، ئىككىمىز ئۇرۇشۇپ قالدۇق، مەن شۇ كېچىدىن، ئەشۇ كېچىدىن ئەڭ نەپرەتلىنىمەن!.
ئالتىنچى سەزگۈم ماڭا ئەيدىز سىلەرگە شۇ كۈنى يۇققان دېمەكتە. كېيىن دەم ئېلىش كۈنى مەن ئۆيگە بېرىپ، ئۇنىڭدىن شۇ كېچىسى نېمىشقا ئۆيگە كىرمىگەنلىكىنى سورىسام ئۇ مىنى ئۇرغان ئىدى، توۋا مەن ئارزۇ قىلغان تۇرمۇش ماڭا مۇشۇلارنى سوۋغا قىلدى. ئۇمۇ بىلمىگەن بولسا كېرەك ئىشقىلىپ مەن ئۆزۈمنى ئۆزۈم خارلىدىم دېسەممۇ بولىدۇ. نېمىشقا مەنمۇ ئۆز خىلىمنى تاپمىغاندىمەن، مەن نى-نى قىزلاردىن چىرايلىق، ئۆز يۇرتۇمنىڭ كۆزى سانىلىدىغان نۇرغۇن يىگىتلەرنى ياراتمايدىغان قىز ئىدىم، توۋا بەكلا ئەتىۋارلانغان ئادەم ئاقىۋەتتە مۇشۇنداق كۈنلەرنى كۆرسە كېرەك.
مېنىڭ ئاي كۈنۈم توشۇپمۇ تۇغمىدىم، دوختۇرخانىدا بالنېسقا كىردىم، مېنى ئوپېراتسىيە قىلىمىز دېدى، بىراق مېنىڭ ئۆزۈم تۇغقۇم بولغاچقا، دوختۇرخانىدىن چىقىش رەسمىيىتىنى ئۆتەپ، چىقىپ كېتىپ باشقا يۇرتتىكى چوڭ دوختۇرخانىغا بىرىپ بالنېسقا كىردىم، بىراق يەنىلا ئوپېراتسىيە قىلىپ بالامنى ئالدى، چۈنكى بالا بەك چوڭ بولغاچقا تۇغالمايدىكەنمەن . مانا ئاخىرى بالىنىمۇ تۇغدۇم، بالام قىز ئىدى، شۇنداق چىرايلىق، شۇنداق ئوماق ئىدى ھەمدە شۇنداق چوڭ تۇغۇلغان ئىدى.
مانا 80 كۈن بولدى، بالامنىڭ مەرىكىسىنى قىلىپ ئۆز ئۆيىمىزگە كەتتۇق، ئىككىنچى كۈنىلا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش مەركىزىدىن مەسئۇل خادىم ماڭا تېلېفون قىلىپ، كۆرۈشۈشۈم كېرەكلىكىنى، مۇھىم ئىش بارلىقىنى ئېيتتى. بىز كۆرۈشتۇق، بىراق بۇنداق شۇم خەۋەرنى ئاڭلايدىغانلىقىمنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم، كېچىچە كىرپىك قاقمىدىم. چۈنكى قىزىمنى ئۆزۈم ئېمىتىپ باققان ئىدىم، ئەمدىلا 24 ياشقا كىردىم، ئاھ خۇدا بۇ نېمە كەلگۈلۈك ئەمدى؟!... ئەتىسى قوشنا شەھەرگە بىرىپ ئېنىقلاتتىم، يەنىلا شۇنداق چىقتى، ئەسلىدە ئەڭ دەسلەپتە ياتقان مەن ياراتمىغان دوختۇرخانا بايقاپ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش مەركىزىگە يوللاپ، ئېنىقلاپ بولغىچە 80 نەچچە كۈن كېتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن مەن خەۋەرسىز بالامنى ئېمىتىپتىمەن، ئاھ خۇدا! بۇ نېمە كەلگۈلۈك ؟!........ ئېرىم تېخى نومۇس قىلماي بۇنى مەندىن سوراپ كەتتى، توۋا سەۋىيىسىز ئادەم دېگەن شۇنداق بولسا كېرەك. ئۇ گەرچە مېنى ياخشى كۆرسىمۇ، مەن ئۈچۈن ئۆزىنى پاك تۇتىدىغانلىقىغا قەتئىيلا ئىشەنمەيمەن. چۈنكى يۈرىۋاتقاندىمۇ شۇنداق ئەھۋاللارغا يولۇققان ئىدىم، بىراق بەك دۆتكەنمەن، توي قىلساق ئۆزگىرىدۇ دېگەن ئىكەنمەن، بىراق قان بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقىدىكەن ئەمەسمۇ. ئامال يوق، ئەمدى بۇنى ئۆيۈمدىكىلەرگە قەتئىي چاندۇرۇپ قويماسلىقىم كېرەك، شۇنىڭغا ئۇنىڭ بىلەن ياشىماي ئامالىم قانچە، بىراق ئۇ بەكلا يولدىن چىقىپ كەتتى ھازىر كەم بولغاندا بەش كۈندە بىر قېتىم يوقاپ كېتىپ ئۈچ-تۆت كۈندە كېلىدۇ، ئاجرىشىپ كېتەي دېسەم، قىزىمچۇ؟ ئەسكى بولسىمۇ ئۇ دادىسىنى بەكلا ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنى پەقەتلا يىغلاپ خاپا قىلمايدۇ، ئەمدىلا بىر ياشقا كىردى، بەكلا ئەقىللىق، شۇنداق چوڭ بالىلاردەك گەپ ئاڭلايدۇ ، ھازىر ۋىرۇسقا قارشى داۋالىنىۋاتىمەن، يىقىندا دوختۇردىن بەلكىم بالامنىڭ يۇقۇملانمىغان بولۇش مۇمكىنلىكىنى ئاڭلاپ، شۇنداق خۇش بولۇپ كەتتىم، ئىلاھىم شۇنداق بولغاي قىزىم بولسىمۇ ئامان ئىسەن قالغاندۇ، ئۇنى ئېمىتكەندە مېنىڭ ئىممونىتېت كۈچۈم يۇقىرى بولغان ئەھۋال ئاستىدا يۇقمايدىكەنمىش، ئەگەر شۇنداق بولسا نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى-ھە!
تاپ كۆزلىرىمدىن ئېقىۋاتقان قان-ياشلىرىمنى توختىتىۋېلىشقا ئامالسىزمەن، قىزىم ئۇخلاپ قالدى مەن كەچمىشلىرىمنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن، ئېرىم يەنە نەدە نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتىدىكىن تاڭ؟ بۇنى بىلمەيمەن، كۆڭلۈم ئىنتايىن يېرىم، دورامنىڭ ھەممىسىنى بىراقلا ئىچىپ ئۆلۈۋېلىشنى ئويلىغان بولساممۇ بىراق ئاپامنى، قىزىمنى ئويلىسام ئۇنداق قىلىشقا قولۇم بارمايدۇ، بولمىسا نەچچە قېتىم ئۆلۈپ بولغان بولار ئىدىم، مەن قىسقىغىنا ھاياتىمدىن شۇنداق نەتىجىگە ئېرىشتىمكى، ئەگەر ئادەم ھېسسياتنىڭ قۇلى بولۇپ كەتسە، مەڭگۈ خار بولىدىكەن، شۇڭلاشقا ئادەم ئۆمۈرلۈك ئىشىدا بىر قەدەمنى خاتا باستىمۇ بولدى، ئۇنى بەختسىزلىك باغاشلاپ قارشى ئالىدىكەن، شۇڭلاشقا مەن ھەر بىر قېرىندىشىمنىڭ تەربىيە كۆرگەن ئائىلىنىڭ باللىرىغا ئۆيلىنىپ، ياتلىق بولۇشىنى، ئۆز بەختىنى ئۆزى نابۇت قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەنبە:ئەلداۋا ساغلاملىق تورى
eldawa.com