مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3684|ئىنكاس: 25

داستىرخانغا ھۆرمەت قىلايلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

mazargojam

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5146
يازما سانى: 3679
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29022
تۆھپە نۇمۇرى: 3185
توردا: 6345 سائەت
تىزىم: 2010-7-30
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 01:51:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(يوللىغۇچىدىن:بۆگۈن رادىيو ئىستانسىسىمىزغا بىر قانچە پارچە ماقالە كەپتۇ. قارىسام بۇ ماقالە ئالاھىدە دىققىتىمنى تارتتى.شۇنىڭ بىلەن ماقالە ئاپتۇرى بىلەن تېلىفۇندا ئالاقىلىشىپ،ئۇنىڭ قوشۇلىشى بىلەن مۇنبەرگە يوللاپ،تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى داستىرخاننى ھۆرمەتلەش،ئۆرپ-ئادىتىمىزنى قوغداش توغرىسىدا تەربىيەگە ئىگە قىلىشنى لايىق تاپتىم.شۇڭا ماقالىنىڭ ئانچە-مۇنچە«ھۆسنىنى تۈزەپ››يوللاپ قويدۇم. )

ئىناقلىق، مەمۇرچىلىقنىڭ سىمىۋولى بولغان داستىرخانغا ھۆرمەت قىلايلى

        
    ئەلمىساقتىن تارتىپلا ئۇيغۇرلارنىڭ داستىرخان مەدەنىيتىدە ئەدەپ-ئەخلاقلىق، قائىدە-يوسۇنلۇق بۇلۇش ئۇمۇمىي كەيىپىياتىغا ئايلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان بەزى كۈرۈنۈشلەر يەنىلا كۈزۈمىزگە چېلىقماقتا.
        يېقىندا بىر چايغا قاتنىشىپ قالدىم. 50-60چە مېھمان داستىخاننى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ مەززەگە ئېغىز تىگىشكە باشلىدۇق. مېھمانلار ئارىسىدا ئوڭ تۆردىن ئۇرۇن ئالغان،بېشىدا سەللىسى بار ئاپئاق شىم ۋە پەشمىتى ئۆزىنى تېخىمۇ سۈرلۈك كۆرسىتىپ تۇرغان 75-80ياشلاردىكى ھاجىم سۈپەت بىر مويىسپىت كىشى تېلفۇننى قولىغا ئېلىپلا داستىرخاننى دەسسەپ ئۈتۈپ سىرىتقا چىقىپ كەتتى. مەن ئىچىىمدە «موللام دىگەننى قىل، قىلغاننى قىلما، موللام ھەممىنى بىلەر، ئۆرە تۇرۇپ كۈلگە سىيەر» دىگەن گەپ راسىت ئىكەن دەپ ئويلاپ تۇرشۇمغا ،ئارىمىزدا ئولتۇرغان بىر ياش ئورنىدىن قۇپۇپ سۇرۇنىمزغا مۇلازىمەت قىلىشقا باشلىدى.لېكىن ئۇ قىلچە تەپ تارتماستىن پۈتىدىكى كىرلىشىپ كەتكەن يىرىتىق پايپاق بىلەن داستىرخانغا دەسسەپ ئايلىنىپ يۈرۈپ، مېھمانلارغا چاي تۇتتى. ‹‹ئۇكام بۇ قىلىقلىرى بولمىدى، داستىرخانغا دەسسىمەيلى! چاي ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئۆز-ئارا سۇنۇشۇپ يەتكۈزۈپ بېرەيلى!›› دىدى يېنىمدا ئولتۇرغان بىر ئوقۇتقۇچى دوستۇم ئاچچىقلاپ. ھېلىقى يىگىت ئەمدىلا سىىرتتىن كىرىپ داستىرخانغا دەسسەپ ئۈتۈپ ئەھلى ئىلمىلار قاتارىدىن ئۇرۇن ئالغان موللامنى شەرەت قىلغان ھالدا ئوقۇتقىچىغا بىر ئالىيۋېلىپ، يەنىلا ئىلگىركى ھەركىتىنى داۋاملاشتۇرىۋەردى.
        ئارقىدىنلا خېلىلا ياشانغان بىر كىشى بىر لېگەن پولونى كۆتۈرگەن پېتى داستىرخاننى دەسسەپ ئۈتۈپ يۈرت، مۆتىۋەرلىرىنىڭ ئالدىغا قويدى. ئاندىن كېيىنكى پولولارنىمۇ  داستىرخاننى دەسسەپ يۈرۈپ ھەممەيلەننىڭ ئالدىغا بىر-بىرلەپ قۇيۇشقا باشلىدى. ‹‹ئاكا، ماۋۇ ئىشلىرى تازا مۇۋاپىق بولمىدى جۇمۇ، داستىرخانغا دەسسىگەنلىك ھۆرمەتسىزلىك،پاسكىنىلىق ئەمەسمۇ، بىز ھەممە نەرسىلەرنى داستىرخانغا قۇيۇپ ،داستىرخاننى ئەڭ پاكىز دەپ يەيمىز. ھەتتا چۆچۈرە، مانتا، گۆشمۇ قۇلىمىزدىن داستىرخانغا چۈشۈپ كەتسە ھېچ شەكلەنمەي دەرھال ئېلىپ يەيدىغان تۇرساق؟›› دىدى ئوقۇتقۇچى دوستۇم يەنە چېچىلىپ. «دەسسىسەك نىمە بولىدۇ؟ ھېچقىسى يوق›› دېدى ئۇدۇلىمىزدىكى ئەھلى ئىلمىلار قاتارىدا ئولتۇرغان 70ياشلاردىكى بىر كىشى. ‹‹بۇ دېگەنلىرى بولمىدى، كۆردىلىمۇ ئاۋۇ يىگىتنىڭ يىرتىق پايپىقى ئىچىدىكى كىرلىشىپ كەتكەن سېسىق پۇتىنى، چوڭلار باشنى ئاچسا ، كچىىكلەر نىمىنى ئاچار؟چوڭلار داستىرخانغا دەسسەپ، ئېسىل ئۆرپ-ئادەت، گۈزەل مەدەنىيتىمىزنى ئاياغ ئاستى ۋە دەپسەندە قىلسا بۇنى توسىدىغان بىرمۇ ئەھلى ئىلمىلار بولمىسا ،ھەتتا ئەھلى ئىلمىلار ئۆزلىرى باشلاپ بەرسە، كېيىنچە داستىرخان مەدەنىيتىمىز توغۇرلۇق سۆز ئېچىش مۇمكىن بولمىغىدەك»دىدى ئۇقۇتقۇچى دوستۇم رەدىيە بىرىپ. بىردىنلا ئۆي ئىچى سۈكۈتكە چۆمدى. مېھمانلار بىر-بىرىگە مەنىلىك قارىشىپ، دوستۇمنىڭ گېپىگە باش لىڭىشتتى.
         يېمەك-ئىچمەك ئادىتى بىر مىللەت مەدەنىيتىنىڭ تەركىبىي قىسمى، داستىرخان مەدەنىيتى بولسا ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيتىنىڭ ئەڭ مۇھىم نامايەندىسى. بىراق، يۇقارقى ناچار خائىشلار ھازىر بارغانسىرى ئەۋج ئېلىپ، ئېسل ئۆرپ -ئادەتلىرىمىزگە نوقسان يەتكۈزمەكتە.داستىرخانغا دەسسەش، داستىرخانغا دەسسىگەنلەرنى كۆرسە توسماسلىق، تەكرارلانسىمۇ خورلۇق ھىس قىلماسلىق  بارا-بارا ‹‹داستىرخانغا دەسسىسىمۇ بولىۋېرىش‹‹ئادىتىنىڭ شەكىللىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ بىزنىڭ يىمەك-ئىچمەك ئۆرپ- ئادىتىمىز داستىرخان مەدەنيتىمىزگە شۇ قەدەر ئىتىبارسىز قارايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
        ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، ئۆملۈك، ئىناقلىق،دوستلۇق، مەمۇرچىلىقنىڭ سىمىۋۇلى بولغان داستىرخان مەدەنىيتىمىزنى ھەمىمىز قوغداپ قالايلى.
        
شايار ناھىيە تويبولدى بازارلىق پارتىكوم تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسدىن: ئەھەت مۇھەممەت بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hasalharisi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-31 04:51 PM  


ئادەم بولماق تەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58154
يازما سانى: 677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6082
تۆھپە نۇمۇرى: 338
توردا: 180 سائەت
تىزىم: 2011-9-27
ئاخىرقى: 2014-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 06:15:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قايسى كۈنى بىر تويغا بارسام........شۇ يەردىكى مىھمان ئۇزىتىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى داستىخانغا دەسسەپ دەسسەپ تاماقلارنى ئەكىرىۋاتىدۇ.............كۆڭلۈم ئىلىشىپ كەتتى.......توۋااااا
داستىخاندا نان قويۇپ يىمەمدۇغاندۇ دەيمەن بەزى ئادەملەر

سەنمۇ قويساڭ ئۈمۈدۈڭنى نەۋرىگە
  مەنمۇ قويسام ئۈمۈدۈمنى نەۋرىگە
  نەۋرىلەردىن نەۋرىلەرگە يۈكلىنىپ
  كۆمۈلمەمدۇ ئۈمۈدىمىز قەبرىگە ?

  

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 994
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4301 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 06:19:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەستىرخان ئەمەس دەستىخان دەستىرخان دىگەن قازاقچە گەپقۇ بۇ
دەستخانغا دەسەيدىغان بونداق ئەھۋاللارىنى ئۇچۇرتىپ باقمدىم ..توي تۆكۈنلەردىمۇ بەكلا دىققەت قىلدىغۇ ؟ ئەلۋەتتە مەنغۇ جاھاندا بولغان ھەمملا تويغا قاتناشمغاندكىن باشقلرىنى ئۇقمدىم ئەمدى

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3902
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 06:24:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەچچە كۈندىن بېرى مەھەللىدىكى  جامائەت بىلەن بىللە  ھېيتلاپ كېلىۋاتىمەن  ،  جامائەت ھېيتلاپ ئۆيلەرگە كىرگىنىمىزدە  ، ھەممە ئۆي ئىگىلىرى ئالاھىدە تەييارلىق قىلىپ تۇرۇدۇ  ،  جامائەت كۆپ بولغاچقا  بىر ئائىلىدىكى بىر نەچچە ئۆيگە  باشلىنىدۇ  . مىھمانخانا ئۆي تەييارلاپ قويۇلغان  ، باشقا ئۆيلەر ئەھۋالغا قاراپ تەييارلىنىدۇ  .
جامائەتنى ھېيتلىتىش  ئۈچۈن  تەييارلىغان يىمەكلىكلەر  داستىخانلارغا ئېلىپ كېلىنىدۇ  ، بۇ ۋاقىتتا  ، داستىخاننى دەسسەپ يۈرۈپ  ،  جامائەت ئالدىغا  يىمەكلىك يەتكۈزىلىدۇ  .  بۇنداق ۋاقىتتا ‹‹  داستىخانغا دەسسىمەڭ  ››  دىسە  ،  ‹‹   دەسسىمىسەم  تاماق كەلمەيدۇ  ››  دىگەن گەپلەرنى مەنمۇ ئاڭلىدىم  .

‹‹    يېمەك-ئىچمەك ئادىتى بىر مىللەت مەدەنىيتىنىڭ تەركىبىي قىسمى، داستىرخان مەدەنىيتى بولسا ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيتىنىڭ ئەڭ مۇھىم نامايەندىسى.  ››  
بۇ نامايەندىنى قوغداش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر   .





قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81951
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3443
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 493 سائەت
تىزىم: 2012-6-22
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 06:38:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز شۇڭا دەستىخاننى ئىككى پارچە قىلىپ ، ئوتتۇرىدىن ساھىبخان ماڭىدىغان ئورۇن قويۇپ قويىدىكەندە .

زۇمرەتتاش تورتلىرى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 4843
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15689
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 6288 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 06:41:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تېما.......داستىخان يىمەكلىك قويىدىغان جاي ،ئۇ ئەلۋەتتە پاكىزە ساقلىنىشى كېرەك.....دەسسىسە قانداق بولغىنى......يىمەكلىكنى پەس كۆرۈپ،مېھمانلارنىمۇ ھۆرمەتلىمىگەنلىك بىلەن باراۋەر ئىشتە بۇ .

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  بەر  ،  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3362
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4307
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 06:46:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41571
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4072
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 1356 سائەت
تىزىم: 2011-5-21
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 07:37:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېمەك-ئىچمەك ئادىتى بىر مىللەت مەدەنىيتىنىڭ تەركىبىي قىسمى، داستىرخان مەدەنىيتى بولسا ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيتىنىڭ ئەڭ مۇھىم نامايەندىسى.  ››  
بۇ نامايەندىنى قوغداش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر   .

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1998
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18575
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7556 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 09:51:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا تىما دىگەن مۇنداق ئىشلارنى يازىمىز ، چوڭلارنىڭ قىلغان خاتا  ئىشلىرى  ساما توغۇرلۇق بىر تىما بولسا  ئالتە سوك سوك چىقىپ ساما ئانداقتى مانداقتى دەپ كىتىدىكىن .....
داستىرخانغا ھۆرمەت قىلىش ئەسلى تۈركىي مىللەتنىڭ ئىشى ئىدى . بولسا مەن يانفۇن دىگەننىڭ چاستوتا مۇنارىنى ئۆرىۋەتسەم دەيمەن .  كىشىلەرگە يانفون ئىشلتىنىڭ قەدرىنى ، يولىنى بىلگەندە ئىلىپ سۆزلەشسە دىمەكچى ... داسقان داسقان بولمىغان يا ؟ بەزى ئادەم ئۆلسىمۇ يىنىغا تېلفۇن قىسىۋىلىپ ياتامىكى ھەدىگەلىكىدە ،

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 994
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4301 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 09:54:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kaLGundi يوللىغان ۋاقتى  2012-10-31 06:46 PM
پەقەت قاملاشمىغان ئىش جۇمۇ بۇ.
پۇتىغا پايپاق كەيمەي دە ...

پايپاق بىلەن دەسسە ئىشتايلىرى ئېچلىپ كېتەمدا

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
sabri@ + 11 ھى..ھى..قالتىس ئىنكاس...

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 11   باھا خاتىرىسى

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش