مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6994|ئىنكاس: 63

ھەجگە بارغانلارنى چوقۇم‹‹ھاجىم››دەمدۇق؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8551
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23625
تۆھپە نۇمۇرى: 1965
توردا: 4026 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2013-12-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 12:36:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئىسلامدىكى بەش فەرزنىڭ ئىچىدە خۇدانى بىر دەپ ئىمان ئېيتىش،بەش ۋاق ناماز ئوقۇش،رامىزان روزىسى تۇتۇش قاتارلىق ئەمەللەر مەيلى باي بولسۇن ياكى كەمبەغەل بولسۇن،خاھى شاھ بولسۇن ياكى پۇقرا بولسۇن ھەر قانداق مۇسۇلمان ئاتالغان كىشى ئۈچۈن قىلمىسا بولمايدىغان مەجبۇرىيەت ئەمەللىرىدۇر.بىراق زاكات بېرىش،ھەج قىلىش قاتارلىق ئەمەللەر بولسا ئىقتىسادىي ۋە باشقا شارائىتى يار بەرگەن كىشىلەر ئۈچۈن فەرزدۇر.نامراتلارغا فەرز ئەمەستۇر.
   ئۇنداقتا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ھەج قىلغۇچىلارنىڭ روھىي-دۇنياسى ۋە ئىش ئەمەلى قاندق بولۇۋاتىدۇ؟كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى،تاماخورلۇق،مەنمەنلىك،تەكەببۇرلۇق،رىياكارلىق ئاساسىي ئېقىمدا بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.مەسىلەن:ھەجگە مېڭىشنىڭ ئالدىدا ئالايىتەن چاي بېرىپ سورۇن ھازىرلاپ داۋراڭ سېلىش شۇ ئارقىلىق يېقىن-يورۇقلاردىن سوغا-سالام ياكى پۇل-پىچەك ئۈمىد قىلىشلار، ھەرەمدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن باشقىلاردىن ئۆزىنى<<ھاجىم>>دەپ ئاتاشنى تەلەپ قىلىپ،ئىسمىنىڭ كەينىگە<<ھاجىم>>ئاتالغۇسىنى قوشماي چاقىرغانلارغا غۇم ساقلاشلار،مەسجىدلەرگە كىرگەندە بۇرۇنقى ئاق داكا سەللىسىنىڭ ئورنىغا رەڭلىك قىزغۇچ سەللە ئوراپ ئۆزىنى باشقا جامائەتتىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرۇشلار،نەزىر-چىراق،توي-تۆكۈنلەردە باشقىلارنىڭ ئۆزىگە ئالايىتەن ھۆرمەت كۆرسىتىپ تۆرنىڭ ئوتتۇرىسىغا باشلاشنى ئارزۇ قىلىشلار،تۆت ئادەم ئولتۇرغان سورۇندا ئۆزىنىڭ ھەرەمدىكى ئىش-پائالىيەتلىرىنى پەش قىلىپ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختىنىشتىن ھوزۇرلىنىشلار...بىزلەرگە ئەجەبلىنەرلىك تۇيۇلمايدىغان بولۇپ قالدى.يېقىندا مەن ئاڭلىغان بىر ئىش مېنىڭ ھەيرانلىقىمنى يەنىمۇ ئاشۇردى:ئىككى خوشنا بولۇپ مۇناسىۋىتى ئانچە ياخشى ئەمەسكەن،يان خوشنىسىنىڭ ھەرەمگە بارماقچى بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان بۇ كىشى جىددىيلىشىپ قاپتۇ-دە دەرھال بالا-چاقىلىرىنى يىغىپ ئائىلە مەجلىسى ئېچىپتۇ:<<بالىلىرىم مەن تۆتىڭلارنى كىچىكىڭلاردىن مىڭبىر جاپا-مۇشەققەتتە بېقىپ چوڭ قىلدىم،ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇم،ئۈچىڭلارنىڭ تويىنى قىلىپمۇ قويدۇم.مانا بۈگۈن سىلەرنىڭ ماڭا قايتۇرىدىغان كۈنۈڭلەر كەپتۇ.مۇشۇ يېنىمىزدىكى ھاپىز لەقۋادەك دۈشمىنىمىز ھەرەمگە بارماقچىكەن،مېنىڭ ئۇ ساراڭدىن نەرىم كەم؟ئەجىبا سىلەر داداڭلارنىڭ شۇ ھاپىزچىلىك بولالماي خەقنىڭ مەسخىرىسىگە قېلىشىغا قاراپ تۇرالامسىلەر؟بىر ئامال قىلىپ ماڭا30مىڭ كوي تەييارلاپ مېنى ھەرەمگە بۇ يىللا يولغا سېلىڭلار بولمىسا مەن سىلەرنى بېقىپ چوڭ قىلغىنىمغا رازى ئەمەس>>دەپ بالىلىرىغا بېسىم ئىشلىتىپتۇ.بىچارە بالىلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىمۇ تايىنلىق بولغاچقا كىچىك ئىنىسىنىڭ تويىنى ئىككى يىل كەينىگە سۈرۈپ تويغا ئىشلەتمەكچى بولغان پۇلنى ئېلىپ يەتمىگەن يېرىگە قەرز قىلىپ يول مېڭىپ مىڭبىر جاپادا دادىسىنى ھەجگە ماڭدۇرۇپتۇ.ئىككى يىلغىچە ئۈچ بالا پۇل يىغىپ ئىنىسىنى بىر ئامال قىلىپ ئۆيلەشكە ۋەدىلىشىپتۇ....بۇنداق مىساللار ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئاز بولمىسا كېرەك...
   خوش،ئەمدى ئەسلى تېمىغا كەلسەك، ھەج قىلىپ كەلگەن كىشىلەرنى چوقۇم<<ھاجىم>>دىيىشىمىز كېرەكمۇ؟پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۆزى ھەم ساھابىلەر سانسىز قېتىم ھەج قىلغان-يۇ،بىراق كىتابلاردا بىرەرسىنىڭ<<ھاجىم>>دەپ ئاتالغانلىقى ئۇچرىمايدۇ.ئەگەر بىز مۇشۇ مەنتىقىگە ھەممە فەرز ئەمەللەرنى سالىدىغان بولساق مۇنداق بىر كۈلكىلىك نەتىجە كېلىپ چىقىدۇ:ئەمەت ناماز ئوقۇسا ئۇنى<<ئەمەت نامازى>>،سەمەت روزا تۇتسا<<سەمەت روزائى>>مەمەت زاكات بەرسە<<مەمەت زاكاتى>>...دەپ ئاتىلىىشى كېرەك.شۇنداق بولغانىكەن،ھەجگە بارغۇچىلارنى ئالايىتەن ئۇلۇغلاپ<<پالانچى ھاجىم>>دىيىشىمىزنىڭ ھىچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق.ئۇ ناماز ئوقۇسا،ئۆزى ئۈچۈن ئوقۇدى،زاكات بەرسىمۇ ئۆزىنىڭ قىيامەتلىك ھىسابىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئۈچۈن بەردى شۇنداقلا ھەج قىلسىمۇ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنىڭ ئاسان بولۇشى ئۈچۈن،ئاللاھ ئۇنىڭغا شۇنچىلىك بايلىقلارنى بەرگەنلىكى ئۈچۈن،گەدىنىگە ھەج فەرز بولۇپ چۈشكەنلىكى ئۈچۈن ھەرەمگە باردى.ئاللاھ رىزالىقىدىن باشقا ھەر قانداق غەرەزنى مەقسەت قىلغان ئەمەل مەقبۇل ئەمەستۇر.
بۇنىڭدىن سىرت <<شۇشەن ھاجىملار>>ۋە<<قاپاق پىجۇ ھاجىملار>>مۇ ھەج قىلغان دىيانەتلىك ھاجىلارنىڭ شەنىگە داغ كەلتۈرمەكتە.
   خۇللەس كالام،شارائىتىمىز بولغانلىرىمىز ھەج قىلايلى،بىراق چىن ئىخلاسىمىز بىلەن پەقەت ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن قىيامەتنىڭ كىچىكلىتىلگەن مەيدانى بولمىش-ئىككى ھەرەمگە ئىبرەت ئالغىلى،تېخىمۇ تەقۋالىقىمىزنى ئاشۇرغىلى،قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يەنىمۇ كىچىك پېئىل،كەمتەر ئالىيجاناب بولۇپ مۇسۇلمانلارنىڭ جۈملىدىن ھاجىلارنىڭ ئوبرازىنى يۈكسەلدۈرگىلى بارايلى!
   مەنبە:ئالىملار سۆبىتىدىن.30-ئۆكتەبىر شەھرى ئۈرۈمچى.


ئاللاھىم،دۇنيالىقىمىزنى ياخشى قىلغىن،ئاخىرەتلىكىمىزنىمۇ ياخشى قىلىپ بەرگىن،بىزلەرنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن.

ئانارازى ،ئاللاھ رازى .

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64120
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4342
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 244 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2013-7-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 02:33:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساياھەتچى ھاجىلا

ئانارازى ،ئاللاھ رازى .
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3362
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4307
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 02:38:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
.

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1998
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18575
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7556 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 02:42:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەرەمگە بىرىش پەرىز ، ئەمما كۆڭلىدىكى ئارزۇ ئارماننى قايرىپ قويۇپ ھەرەمگە بارسا بولمايدۇ دەپ ئاڭلىغان .
ھەرەمگە باردىغانلارنىڭ شەرتى بەك كۆپ . ھازىر دىيارىمىزدىكىلەرنىڭ شەرتى توشمايدۇ . ئەگەر ماڭا ھازىر ھەرەمگە بىرىش پۇرسىتى كەلسە ، ئاۋال بىشىدا مىسىرغا باراتتىم . ئاندىن ئافرىقىغا باراتتىم .  دۇنيانى چۈشۈنۈپ - دۇنيانى ھىس قىلىپ بولۇپ ئانىدىن باراتتىم . ئەكىسچە ھەرەمگە بىرىپ يىنىپ كەلسەم ، بۇ يەردە چوقۇم مۇسۇلماننىڭ يۈزىنى چۈشۈرۈپ قويىمەن . ئىسلامنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەي ھەرەمگە بىرىپ كەلگەندىن ، ئاۋال چۈشۈنۈپ ، تىنساممۇ تىنىقىمدىن ئاللاھقا ھەمدۇ سانا ئىيىتقۇدەك بولغان چاغدا ، ئەمەل بىلەن نىيەتنى بىرلەشتۈرۈپ دۇرۇس بولغاندا بارسام ئارمانسىز كىتىمەن .

بەزى كىشىلەر ھەجگە پەقەت ئەمىلىنىلا ئىلىپ باردۇ ، بەزى كىشىلەر نىيىتىنى ئىلىپ باردۇ .
قوسقى ئاچقان ئادەم قوسقۇم ئاچ دەپ ئولتامايدۇ ، تاماق ئىتىپ ، قوساقنى توقلايدۇ ، شۇنىڭدەك نىيەت يۈرەكتە بولسا ، ئەمەل بولىدۇ . ئەمەل ئۆپكىدە بولسا ، ئەمەل بولمايدۇ . ئەمەل قولنىڭ ئۇچىدا بولسا ، نىيەت يانچۇقىدا بولىدۇ .  

مۇشۇنداق ئادەملەربەك تولا ، نىيەت ئەلا دەپ يۈردىغان .   ئۇنداق بولدىغان بولسا نامازنى نىيەت بىللەنلا ئوقۇسا بولدىكەندە ،
ئەمەلنى قىلىپ بەش ناماز ئوقۇپ يۈرگەن بىلەن نىيەت بولمىسا بولماس . نىيەت دىگەن ئاللاھنىڭ قىياممەتتە بىزنى سوراق قىلدىغانلىقى كۆزلەپ ئاللاھدىن ھەقىقىي قورقۇش ، تونۇش ، بۇيرىغاننى قىلىش .      ئەمەل دىگەن قىل دىگەننى قىلىش ، ئاللاھنىڭ قانۇنىدىن چىقماسلىق .... بولدىلا ھازىر فۇيىن موللاملار بەك كۆپ شۇلاردىن ئۇققىنىڭلار ياخشى

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28749
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 02:52:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇنلاردا ھاجىم دىگەن ئاتالغۇ بەك ھەيۋەت ، مۇقەددەس ئاڭلىناتتى ھازىر ئادەتتىكىچىلا ئاڭلىنىدىغان بولۇپ قالدى چۈنكى ھەجنى ۋەزىپە ئۈچۈن ئۆتەيدىغان ۋە ھەج قىلغاندىن كىيىن ئەتراپىدىكىلەرگە ئەخلاق ، پەزىلەت جەھەتتە ئۈلگە بولمايدىغانلار كۆپىيىپ كەتتى .

مۇھتاجىلىق بەك يامان

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18880
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5993 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 02:53:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىمىسىمۇ بۇ ھازىر ئەتىراپىمىزدىكى نورمال ئىش بۇلۇپ قالدى ،كىمنىڭ ھەجى قۇبۇل بولدى؟كىمنىڭ قۇبۇل بولمىدى ؟ بۇنى بىلگۇچى بىر ئاللاھ .سۆزلەپ كەلسەك بىر ئىككى مىسال بىلەن تۇگەتكىلى بولمايدۇ ،ئەڭ ياخشىسى ھەمىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ تىلەيلى ،بولسا ھەمىمىزگە شۇ كۇن نىسىپ بولسۇن.

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 994
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4301 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 03:03:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يىلقى ھاجىمكام ،ھاجىمخانلا كېلىپ بولغاندۇ ھە ....زەم زەم سۈيى دەپ يەنە تەسۋىي دەپ شۇ تەرەپتىن ئەپ كېلدىغان ئوخشايدۇ دىسەم ئۇنداق ئەمەسكەنغۇ ؟ ئۆزى تەرەپتىن سېتۋالدىكنا ؟ بۇ تەرىپى مىنى بەكلا ھەيران قالدۇرىدۇ ..

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84508
يازما سانى: 358
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2967
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 680 سائەت
تىزىم: 2012-8-30
ئاخىرقى: 2014-12-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 03:11:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوللايمەن ، ھاجى دېيىشنىڭ قىلچىلىكمۇ ھاجىتى يوق ، ھاجى دېيىش شۇ كىشىنى كىبىرگە باشلاپ قويىدۇ، ھاجى دىمىسە ئاچچىقلىنىشى بۇنىڭ بىر ئىسپاتى.

ئانا تىلىمىزنى ق

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22550
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6038
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 432 سائەت
تىزىم: 2010-12-16
ئاخىرقى: 2013-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 03:16:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
abdulahad7 يوللىغان ۋاقتى  2012-10-31 03:11 PM
قوللايمەن ، ھاجى دېيىشنىڭ قىلچىلىكمۇ ھاجىتى يوق ، ھاجى ...

ھاجىم دىمىسەك ھاجىملار نىمە دەيدىكى،قېنى ھاجىملار بولسا گەپ قىلمامسىلەر؟

غەلبە ئۈچۈن چەككەن مۇشەققەت مۇقەددەستۇر.

ئانا تىلىمىزنى ق

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22550
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6038
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 432 سائەت
تىزىم: 2010-12-16
ئاخىرقى: 2013-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 03:17:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاجىم دىمىسسەكمۇ بولىدۇ

غەلبە ئۈچۈن چەككەن مۇشەققەت مۇقەددەستۇر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش