قوش تىللىق بول دەپ ئوقۇتسام ئوغلۇم سېنى،
بوش تىللىق بولۇپ چىقتى سۆزلىگەنلىرىڭ.
ئانا تىلىنى بىلگەنلىك يېڭلىق ئەمەس.
نېمشقا قوشقا قاتتى بىلمدىم ئۇستازلىرىڭ.
قوش ئۆكۈز ھەيدەپ ماڭغان ئاتاڭ بىر قامچىدا،
تەڭ باشقۇرۇپ تۇرغاچ كاتاڭلارغا يېقتىماي.
قوش تىل بولۇپتۇ ئوغلۇڭ دېسە تاڭ قاپتىمەن،
خەق تەرەپكە سۆرەيدىكەن تىلىڭ ھېيقماي.
قاسساپمۇ بىلەپ بەرسە پىچاق تېز كېسەر،
تىل پىچاق ،تىلىڭ بەئەينى چاققا ئوخشاش.
ئىتتىك بولسۇن دېسەڭ ئۇنى بىلەپ تۇر،
ئۆگەنمسە ئىنسان تەرسا ئۆكۈزگە ئوخشاش.
قوش تىل ھەققىدە نەزمە قوشۇپ قوياي