مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7474|ئىنكاس: 47

گېرمانىيەدە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86084
يازما سانى: 355
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1789
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 219 سائەت
تىزىم: 2012-10-15
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-30 02:49:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆتكەن يىلى مەن بىلەن بىللە بىر تەنتەربىيە كۇلۇبىدا تازىلىق قىلىدىغان تۈرك تونۇشۇم ھامبۇرگدا بىر ھەپتىلىك ئىشنىڭ بارلىقىنى،ھەققىنىڭ خېلى يۇقىرلىقىنى،ئەگەر خالىسام ئالاقىلىشىپ كۆرۈشۈمنى ئېيتتى.مېنىڭ تەتىل مەزگىلىم بولغاچقا بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىك ئۈچۈن دەرھال تېلىفۇن بېرىپ سۈرۈشتۈردۈم.ھامبۇرگدىكى ئادەم ئىشلەتمەكچى بولغان شىركەت دەرھال كېلىشىمنى ئېيتتى.شۇنداق قىلىپ شۇ كۈنىلا ھامبۇرگغا ماڭىدىغان پويىزنىڭ بېلىتىنى ئېلىپ يولغا چىقتىم.يولغا چىقىشنىڭ ئالدىدا ھامبۇرگدا ئوقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر بالىغا تېلېفۇن قىلىپ ئۇنىڭ ياتىقىغا چۈشمەكچى بولدۇم.پويىزدا يولۇچىلار شالاڭ بولۇپ مەن ئولتۇرغان ئورۇننىڭ ئۇدۇلى بوش ئىدى.بىر چاغدا ئارىلىقتىكى بىر بېكەتتىن بىر قانچە يولۇچىلار چىقتى.ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىككى قىزنىڭ ئۇيغۇرچە گەپ قىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى.مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ ھەيران بولغان ھالدا ئۇلارغا قارىدىم.راستىنلا ئۇيغۇر قىزلار ئىكەن!ئۇلار ئەتراپقا بىر قۇر قاراپ خۇددى بىلگەندەك مېنىڭ ئۇدۇلۇمدىكى بوش ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردى.مەن ئۇلارغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ سالام قىلدىم،ئۇلارمۇ كۈلۈمسىرەپ قويدى-دە،ئۆز پارىڭىغا چۈشۇپ كەتتى.
-ئۇدۇلدىكى بالا ئەجەب ئۇيغۇرلارغا ئوخشايدىكەن،ئۇيغۇر ئەمەستۇ-ھە!-دېدى قىزلارنىڭ بىرى ماڭا يالت قىلىپ قاراپ،-كۆزۈمگە ئۇيغۇردەكلا كۆرۈنۈپ كەتتى....
-ھەي نېمە دەيدىغانسەن،ئاداش،-دېدى قىزلارنىڭ يەنە بىرى ماڭا قايتىدىن سەپ سېلىپ،-بۇ پويىزدا ئۇيغۇر نېمە ئىش قىلسۇن،تۈركتۇ ھەرقاچان!؟
مەن دەرھال ئۇلارغا<<مەن ئۇيغۇر>>دەپ ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇشقا تەمشەلدىم-يۇ،ئۇلارنىڭ كېيىنكى سۆزلىرىنى ئاڭلاپ توختاپ قالدىم ھەمدە ئۇلارغا دىققەت قىلمىغان بولۇپ قولۇمدىكى گېزىتكە قاراپ ئولتۇردۇم.توۋا!ئۇلارنىڭ ئۆزئارا قىلىشقان گەپلىرىنى ئاڭلاپ سەسكىنىپ كەتتىم.ئۇلار ئەسلىدە پاھىشە قىزلار ئىكەن ئەمەسمۇ!ئۇلارنىڭ بىرى تۈنۈگۈن كېچە ئۆزىنى ئېلىپ كەتكەن بىر ياشانغان كىشىنىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرىنى دوستىغا سۆزلەشكە باشلىدى.ئۇ قېرىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىغا قارىماي بىر جىنسىيەت تەلۋىسى ئىكەنلىكىنى،ئۆزىدىن قانداق ئۇسۇللار بىلەن جىنسىي ھېسىياتىنى قوزغاشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى،سەھەردە قايتار ۋاقتىدا قانچىلىك پۇل بەرگەنلىكىنى ھېچ بىر ئۇيالماستىن سۆزلىدى.ئۇنىڭ دوستىمۇ ئۆزىنىڭ كېچىدىن بۇيانقى ئىشلىرىنى سۆزلەشكە باشلىغىنىدا يانفونۇم جىرىڭلاپ كەتتى.تېلېفۇننى ئالسام ھامبۇرگدىكى مەن ئۆيىگە چۈشمەكچى بولغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىكەن.مېنىڭ ئۇيغۇرچە سۆزلىگىنىمنى ئاڭلاپ ھېلىقى ئىككى قىز بىر-بىرىگە قارىغىنىچە داڭقېتىپ تۇرۇپ قالدى.مەنمۇ تېلېفۇندىكى سۆزۈمنى تۈگىتىپ،ناھايىتى بىئاراملىقتا قىزلارغا ئېغىز ئاچتىم:
-كەچۈرۈڭلار،مەنمۇ ئۇيغۇر!
-ۋىييەي،بالدۇرراق تونۇشلۇق بەرسىڭىزچۇ!ئەمدى بىزگە نېمە كۈن بۇ،بايىقى گەپلىرىمىزنى ئاڭلىدىڭىز،شۇنداقمۇ؟-ئۇلار كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە ماڭا بىر ھازا قاراپ ئولتۇرۇپ قالدى.
ئارىمىزدا ناھايىتى قىيىن بولغان بىر خىل كۆڭۈلسىز كەيپىيات ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى.ئالدىمدىكى ئورۇندۇقتا ئىككى نەپەر ۋەتەندىشىمنىڭ تولىمۇ خىجالەتچىلىكتە ئولتۇرغانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن.ئۆزۈممۇ بۇ يەردە ئارتۇقچە  ئادەمدەك،ئاڭلىماسلىققا تېگىشلىك ئىشنى ئاڭلاپ قالغانلىقىم ئۈچۈن قاتتىق تەڭقىسلىق ئىچىدە قالدىم.قىزلار ھەقىقەتەنمۇ چىرايلىق ۋە جەزبىدار ئىدى.ۋەتەندىكى چېغىمدا ئىچكىر-ئۆلكىلەردە،بولۇپمۇ دېڭىز بويلىرىدىكى چوڭ شەھەرلەردە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ مۇشۇنداق يولغا كىرىپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى گەپلەرنى ئاڭلىغانىدىم.لېكىن چەت ئەلدە،يۇرتىمىزدىن يىراق بىر ئەلدە چېكرا ئاتلاپ بۇ يەرگە كېلىپ مۇشۇنداق يولغا كىرىپ قالغان ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئۇچرىتىپ قېلىشىمنى ھەرگىز ئويلىمىغانىدىم.راستىنى ئېيتسام مەن ئۇلارغا نەپرەتلىنىشنى ياكى ھېسداشلىق قىلىشنى بىلەلمەي قالدىم.شۇ ئارىدا قىزلارنىڭ بىرى ئارىدىكى ئازابلىق جىمجىتلىقنى بۇزۇپ ئېغىزئاچتى:
-ئۆزىڭىز كىم بولىسىز؟
-مەن ئوقۇغۇچى،بېرلىندا ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇيمەن.ھامبۇرگغا بىر ئىش بىلەن ماڭدىم.
-شۇنداقمۇ،-دېدى ھېلىقى قىز گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ،-بىز ئەسلىدە سىز بىلەن ئۇچرىشىپ قالمىساق بولىدىغان كىشىلەر ئىدۇق.لېكىن تەقدىر بىزنى يات بىر ئەلنىڭ پويىزىدا ئۇچراشتۇرۇپ قويدى ھەمدە بىزنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىمىزنى سىزگە ئاشكارلاپ قويدى.شۇنداق،ئەمدى يوشۇرۇشنىڭ ھاجىتى قالمىدى،بايىقى پارىڭىمىزدىن بىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىمىزنى بىلىپ بولدىڭىز،بىز پاھىشە قىزلارمىز.بۇمۇ بىز ئۆزىمىز خالاپ تاللىغان يول ئەمەس،بىر قانچە يىللار تۇرمۇشنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىدا قامغاقتەك ئۇچۇپ ئىچكىر_ئۆلكىلەردە شەھەرمۇ شەھەر يۈردۇق،كېيىن تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىپ،ئويلىمىغان بىر پۇرسەتتە ياۋروپاغا كېلىپ قالدۇق.لېكىن بۇ يەردىمۇ تەقدىر بىزگە ئوڭ كۆزى بىلەن باقمىدى،ياشاش ئۈچۈن يەنە مۇشۇ يولدا مېڭىشقا توغرا كەلدى.سىزنى بىزنى توغرا چۈشەنسىكەن دېمەكچى ئەمەسمىز،بىز مانا مۇشۇنداق قىزلار.لېكىن بىز ئوقۇغان ئادەمنى،بولۇپمۇ سىزدەك يات ئەلدە بىلىم ئېلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ئوقۇغۇچىنى ھۆرمەتلەيمىز.ئەگەردە بېشىڭىزغا بىرەر كۈن چۈشسە ياكى قىيىنچىلىققا دۇچ كەلسىڭىز سىزگە قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىشنى خالايمىز.مانا بۇ بىزنىڭ ئالاقىلىشىش تېلېفۇنىمىز.بىزنى باشقىچە ئويلىمىسىڭىز تارتىنماستىن تېلىفۇن قىلىڭ،سىز ئۇكىمىزدەك بالا ئىكەنسىز،سىزگە ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىمىز.
-رەھمەت!-دېدىم مەن نېمە دېيىشىمنى ئۇقماي،-مەن چۈشەندىم،ياخشى كۆڭلۈڭلەرگە كۆپ رەھمەت.
-بىز كېيىنىكى بېكەتتە چۈشۈپ قالىمىز.ئەمدى كۆرۈشەلمەسلىكىمىز مۇمكىن.سىزگە ئامەتلەر تىلەيمىز.بىز ياردەم قىلىدىغان ئىش بولسا تارتىنماي تېلېفۇن قىلىڭ،خوش،خۇداغا ئامانەت!
قىزلار سومكىللىرىنى مۈرىلىرىگە ئېسىپ ئورنىدىن تۇردى.پويىز ھايال بولمايلا ھامبۇرگغا يېقىن بىر بېكەتتە توختىدى.مەن ناھايىتى مۇرەككەپ بىر ھېسىياتتا ئۇلارنى ئۇزىتىپ قويدۇم.شۇندىن كېيىن بىر قانچە كۈنلەرگىچە گاراڭ بولۇپ يۈردۈم.بۇ ئىش ماڭا قاتتىق تەسىر قىلغانىدى.قىزلارنى بۇ يولدىن قايتۇرۇش مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيتتى.تېخى ئۇلارنىڭ مەندەك بىر نامرات ئوقۇغۇچىغا ياردەم بېرىشنى خالايمىز دېيىشى مېنى باشقىچە ئويلاندۇرۇپ قويدى.ھازىرمۇ ئۇلارنىڭ بىز ئۇچرىشىپ قالغان چاغدىكى ھالىتى كۆزئالدىمدا تۇرىدۇ.شۇندىن كېيىن ئۇلارنى قايتا ئۇچرىتىپ باقمىدىم.
دىلمۇراتنىڭ سۆزلىرى مېنى ئويغا سېلىپ قويدى.بىر ھازا يىراقلارغا قارىغان پېتىم سۈكۈتتە ئولتۇردۇم.

ئەسەت سۇلايمان ئاكىنىڭ<<ئۆزلۈك ۋە كىملىك>> دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46980
يازما سانى: 1191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2583
تۆھپە نۇمۇرى: 1937
توردا: 7585 سائەت
تىزىم: 2011-7-7
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-30 04:43:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئىت ئۆلۈكۈنى كۆرسەتمەيدۇ. مۇشۇنداق پاھىشە، ئوغرى يانچۇقچىلار توغرىسىدىكى يېزىلغان ھېكايە، ئەدەبىي ئاخبارات، ئوچىرىكلارمۇ ئۇيغۇر مىللىتىنى چۈشكۈنلۈككە يۈزلەندۈرىۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرى. بۇنداق ئىشلارنى بىلگەننىڭ، باشقىلارغا داۋراڭ سېلىشنىڭ ئورنى يوق، قولىدىن كەلسە شۇنداقلارنى ئۆزگەرتىپ ياخشى يولغا باشلىسۇن، قولىدىن كەلمىگەندىكىن بۇنداق ئېچىتىپ يۈرمەي ئۆزىنىڭ ئەۋلاتلىرىنى شۇنداق كۈنگە قالماسلىق ئۈچۈن ياخشى تەربىيە، ئىسلام يولى بىلەن تەربىيلىسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22704
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7495
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 3219 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-30 04:54:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن نەچچە يىل بۇرۇن بىر كۆرگەندەك قىلغان ماۋۇ ماقالىنى

زوررو

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 3338
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12302
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 1445 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2013-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-30 04:58:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ   پارچىدا   نېمىنى  ئىپادىلىمەكچى   بولغاندۇ  ؟  
يا   چەتئەلدىمۇ   ئۇيغۇر  پاھىشە  بارلىقىنى  دېمەكچىمىدۇ  ؟  گەپنى  سۇزۇپ
ئولتۇرغىچە  ئىككى  قۇر  خەت  بىلەنمۇ  چۈشەندۈرگىلى  بولىدىغۇ  ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-30 05:09 PM  


چەكلىك ھاياتنى قانداق قىلغاندا مەنىلىك ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ ؟
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84133
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 455
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2012-8-20
ئاخىرقى: 2013-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-30 05:09:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

تىرىشىش+ئىرادە=مۇۋاپپىقىيەت

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83894
يازما سانى: 601
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 948
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 366 سائەت
تىزىم: 2012-8-13
ئاخىرقى: 2013-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-30 05:12:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sargarda يوللىغان ۋاقتى  2012-10-30 04:58 PM
بۇ   پارچىدا   نېمىنى  ئىپادىلىمەكچى   بولغاندۇ  ؟  
يا   چ ...

ئىنكاسىڭىزنى قېلىنلىق قىلىپ نەقىل ئېلىپ قوياي ....

مەنمۇ سىز بىلەن ئوخشاش پىكىردە !


مىسرانىم - مۇنبىرى ﺋﻪﭘﻴﯘﻧﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ ، ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻜﻪ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ، ﯞﺍﺧﺘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﺎﺯ ﺩﻩﭖ ﺗﯧﺨﻰ ﺧﯘﻣﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 3338
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12302
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 1445 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2013-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-30 05:22:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈيلەن يوللىغان ۋاقتى  2012-10-30 05:09 PM
ياخشى نەرسە  كىلىدىكەن،بولسا  كىتاپ  ئالغان  پۇلغا  سى ...


ما   نىرۋىنىڭ   ئىنكاسىنى  ئۆچۈرۋەتكەن  بولساڭلار  !   تېمىغا  قارىتا  پىكىر  بولسا
قىللى  .  سىگارتتىنمۇ  چوڭراق ، ئۇزۇنراق  نەرسنى  ئۆيۈڭدىكى  بىرەرسىگە ئالغاچ
بار  .   

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-30 05:24 PM  


چەكلىك ھاياتنى قانداق قىلغاندا مەنىلىك ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ ؟

نامازغا ئالدىراڭلار !

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2293
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8778
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 982 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-30 05:22:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈكۈت

ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلايلى دوستۇم ، قىيامەت يىقىندۇركى ئۇ شۇنچە تۇيۇقسىز كىلىدۇ ~ ئاللاھىم بىزلەرنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەقىقى ئۈممىتى قاتارىدا قىلغىن ، بىزنى ئاسىيلار قاتارىدا قىلمىغىن ! پانىي دۇنيا غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغۇنۇڭ قېرىندىشىم ، بىزلەرنى شەكسىز ھەقىقەت كۈتمەكتە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81899
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3531
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 115 سائەت
تىزىم: 2012-6-21
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-30 05:42:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ پارچىنى يوللاپ نىمە دىمەكچى بولغىتىڭىز،مەن  چۈشەندىم ھەم چۈشەنمىدىم!~~

‹‹تۇيە ئۇيۇنغا››

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49057
يازما سانى: 1460
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1415
تۆھپە نۇمۇرى: 1593
توردا: 1278 سائەت
تىزىم: 2011-7-25
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-30 05:52:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
منىڭچە مۇشۇنداق تىمنى يولمسىمۇ بولدۇ.

ئىللەت تۈزەلمىگىچە، مىىللەت تۈزەلمەس.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش