مەرگەننىڭ ئايالى
ھېكايە
ياسىن ئەبەيدۇللا
مەھەللىمىزگە كىرىدىغان ئېغىزدا بىر دۆڭلۈك بار ئىدى. ئۇنىڭ يېنىڭدىكى قېرى ئۈجمە دەرىخىنىڭ شاخلىرىغا كۆك، قىزىل. يىشىل ، ئاق ئىشقىلىپ ھەرخىل رەڭدىكى لاتا- پۇرۇچلار چىگىپ قۇيۇلغانىدى. كىچىك چاغلىرىمدا بۇ يەردىن ھەر ئۆتكىنىمدە چوڭلاردىن نېمىشقا بۇ يەرگە لاتا پۇرۇچلارنىڭ چىگىلدىغانلىقىنى سورايتتىم. ئەسلىدە بۇ دۆڭلۈك بىر شېھىتگاھ ئىكەن. ئۇ يەردىن بىر پالگان بىلەن ئايالىنىڭ ھىكايىسى تارالغان ئىكەن...
"گۈپ" قىلغان ئاۋازدىن كىيىن ئۇستىدە ئېتىلۋاتقان ئوق تۇختاپ قالدى."قاسىمجان" ئۇ تۆۋەن ئاۋازدا ئېرىنىڭ ئىسمىنى چاقىرغانىدى سادا چىقمىدى. يۈرىكى سۇ بۇلۇپ ئولتۇرغان ھۆرىيەت بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچىدى ۋە ئەندىكتى. " ئۇ ئۆلگەنمىدۇ؟ ياق مەن يەنە چاقىرىپ باقاي جۇمۇ." ئۇ يەنە نەچچە قېتىم چاقىرغان ئىدى ئېرى ھە دەپمۇ قويمىدى. ئۇنى ئاڭلىماي قالمىسۇن دەپ ئاۋازىنى يەنىمۇ قۇيىۋىتىپ چاقىرىپ باقتى. ئەمما يەنىلا سادا يوق. تۇرۇپلا ئېرىنىڭ باياتىن تاماق يەۋىتىپ دىگەن گىپى يادىغا يەتتى. " ئۇلار بەلكىم بىردەمدىلا كىلىشى مۇمكىن. قانچەئادەم كىلىدۇ بۇ ئېنىق ئەمەس. ئەمما ئەتىگەنكىدىن جىق كىلدۇ. مەن ئۆلۈپ كەتسەم ، ئۇلار ئۆيگە كىرىدۇ. ساڭا نىمە ئەسكىلىكلەرنى قىلىدۇ بۇنى خۇدايىم بىلىدۇ.. شۇڭا پىچاقنى تەييارلاپ تۇرغىن، ئۇلارنىڭ قولىغا تىرىك چۈشۈپ قالما." دىگەنىدى. شۇڭا ئۇ قوي بۇغۇزلايدىغان پىچاقنى تەييارلاپ قويغانىدى. ئۇ بىر پەس نىمە قىلارىنى بىلمەي قالدى. ئورۇسلار بەلكىم ھويلىغا قاراپ يىقىنلاپ كىلىۋاتقان بۇلۇشى مۇمكىن. بۇ يەردە ئۆلۈمنى ساقلاپ تۇرۇش كېرەكمۇ ياكى ھازىرلا جاننى ھەققە تاپشۇرۇپ پاك پىتى ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلىشى كېرەكمۇ؟
شۇ تاپ ئۇ نىمە قىلىشىنى بىلمەيلا قالدى، كاللىسىنى قورقۇنۇچ ئىگلىۋالغانىدى. ۋاقىت ئۈتمەكتە، ئۆگزىدىن ھىچقانداق سادا يوق .ئورۇسلار بولسا قورۇغا قاراپ كەلمەكتە ئىدى." ئورۇسلار ئىشكىنى ئىچىپ ئۆيگە كىرگەن ھامان پىچاقنى كۆكسۈمگە ئۇرۇپ ھالاك بولسام... بەلكىم بۇ ئېرىمنىڭ ئارزۇسىدۇ. ياكى پىچاقنى كۆتۈرۈپ ۋارقىرغىنىمچە ئۇلارغا ئېتىلايمۇ؟ ئۇلار بىر پاي ئوقتا مىنى ئۇزىتىپ قۇيارمۇ، يا قولۈمدىكى پىچاقنى بىر ئاماللاپ تارتىپ ئالارمۇ؟ ئۇ چاغدا تىرىك ھالدا ئۇلارنىڭ قولىدا قىينىلارمەن ھەقىچان" ھۆرىيەتنىڭ ئوي - خىياللىرى بوراندا قالغان قەغەز پارچىسىدەك قالايمىقان ئۇچاتتى.
"ئۆگزىگە قاراپ باقمايمۇ، قاسىمجان نە ھالدا ياتىدۇ. بىر كۆرۈپ ئاندىن باشقا كەلگەننى كۆرەي." ئۇ ئاخىرى شۇ قارارغا كىلىپ ئۆيدىن چىقتى. قاراڭغۇ چۈشۈپ قالغانىدى. كەچكۈزنىڭ سالقىن شامىلى ئۇنىڭ كەينىچىلەپ چەگكەن يازلىق ياغلىقنى، كۆڭلىكىنىڭ ئىتەكلىرىنى ئۇچۇرۇشقا باشلىدى. قورقۇنۇچ ئىچىدە شوتىغا ياماشقان ھۆرىيەت تۇيۇقسىز بىرى پۇتىدىن تارتىپ چۈشۈرۋىتىدىغاندەك پات-پات پەسكە قاراپ قۇياتتى.
قاسىمجان تۆڭلۈكنىڭ يېنىغىلا يىقىلغان بۇلۇپ، بىر قولىدا مىلتىقىنى تۇتقىنىچە ئاسمانغا قاراپ ياتاتتى، ئوق ئۇنىڭ پىشانىسگە تەگكەن، قان شالاڭ ساقاللىرى ئەمدىلا چىقىشقا باشلىغان ئىڭەككە قەدەر سىرغىغان ئىدى. ئۇنىڭ قىلىنراق لەۋلىرى بىر نىمە دىمەكچى بولغاندەك ئۇچۇق تۇراتتى. نەچچە كۈن بۇرۇن يارىلانغان پۇتىدىن يەنە قان چىققان بولسا كېرەك، پاچاقنىڭ تىزغا يىقىن يېرى قارىيىپ كۆرۈنەتتى. بۇنى كۆرۈپ ھۆرىيەتنىڭ يىغلىغۇسى كەلدى. كۆڭلىدىكى ئازاپلار بىراقلا ياشقا ئايلانغاندەك كۆزىدىن ياش قۇيۇلۇشقا باشلىدى، ئەمما ئاۋازىنى چىقىرىپ يىغلىمدى. ئۇ ياش يۇقى قولى بىلەن قاسىمجاننىڭ كۆزىنى يۇمۇپ، يۈزىنى سىيلاپ قويغاندىن كىيىن قولىدىكى قورالنى تەستە ئاجرىتىپ ئالدى.سۇغۇق قورال قولىغا تىگىشى بىلەن ئۇنىڭدا يىڭىچە ئوي پەيدا بولۇپ قالدى. قاسىمجان پات-پات ئوۋچىلىق قىلىپ تۇرىدىغان داڭلىق مەرگەن بۇلۇپ، ئەل ئارسىدا قاسىم پالگان دىگەن نامى بار ئوۋچى ئىدى ئۇ بەزى چاغلاردا ئېرىگە ياردەملىشىپ قورالغا ئوق سىلىپ باققان ، قۇرال ئۇنىڭغا ناتۇنۇشمۇ ئەمەس، ئەمما ئۇبىرەر قىتىم ئوق ئىتىپ باققان ئەمەس ئىدى.
ئۇ ئېغىر بىلىنگەن قۇرالنى ئىلىپ، ئېرى ئالدىنقى كۈنى ھەپلشىپ يۈرۈپ ئېستىكام قىلىۋالغان ئەمما ئەسلى كەپتەرخانا بولغان تامنىڭ كەينىگە ئۈتۈپ ئۇ تەرەپكە ــــــ روسلار كىلۋاتقان تەرەپكە قارىدى. غۇۋا قاراڭغۇلۇقتا ئۇ دەسلەپ ھىچنىمنى پەرق قىلالمىدى. كىيىنچە يۇغان ئۈجمە ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى تەكلىكتە بىر كىملەرنىڭ ھەركەت قىلۋاتقانلىقنى بىلدى. ئۇ غەيرەتكە كىلىپ تۇنجى پاي ئوقنى ئاتتى. ئوقنى ئاتقۇچە بولغان ئارلىقتا بۇنىڭ ئۆزىنى ئاشكارلاش ياكى دۇشمەننى قورقۇتۇش بۇلىدىغانلىقى ئۆزىگىمۇ نائېنىق ئىدى. ئوق ۋىشىلداپ بېرىپ ئۈجمە دەرەخنىڭ يۇپرماقلىرىغا تەگگەندە روسچە" ئادەم باركەن، مۆكۈنىڭلار" دىگەن ئاۋاز ئاڭلاندى ۋە ئارقىدىنلا ھەركەت قىلۋاتقان گەۋدىلەر جىمىقتى. بۇنى كۆرۈپ ھۆرىيەت ھاياجانلاندى ۋە ئارقا -ئارقىدىن يەنە ئىككى پاي ئوق ئاتتى. ئوقلار بېرىپ ئۈجمە دەرىخىنىڭ شاخ- يۇپۇرماقلرىغا تەگدى. ئەمدى قارىشى تەرەپتە ھىچقانداق بىر ھەركەت كۆرۈنمەيتتى. شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە ئۇ ئۆزىنى جەڭچىگە ئايلانغانغاندەك ھىس قىلىشقا باشلىدى. ئۇ ئىلگىرى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئەپەندىم ئاچقان يىڭىچە مەكتەپتە ئۇقۇغاندا ئاجايىپ گەپلەرنى ئاڭلىغان ئىدى. مانا ئەمدى شۇ گەپلەرنى ئەسلەپ كۆڭلى شادلاندى. قاراڭغۇلۇلۇق بارا- بارا كۈچەيگىلى تۇردى. تازا دىققەت قىلمىسا ئەتراپتىكىلەرنى كۆرگىلى بولمايتتى.
ئۇجىمجىت تۇرغان قارىشى تەرەپكە قاراپ تۇرىۋېرىپ زېرىكىپ قالدى. باياتىنقى خۇشاللىق، ھۇدۇقۇش، ئارسالدىلىق نەلەرگىدۇ كىتىپ پەقەت ھارغىنلىقلا قالغاندەك ئىدى. ئۇ قۇرالنى يانغا قۇيۇپ، تامغا يۆلەنگىنىچە ئېرىگە قاراپ ئولتۇردى. ئېرى تەمكىن بىر ھالەتتە بۇلۇپ گويا ئۇخلاپ قالغاندەك ياتاتتى. ئەمما قورال تۇتقان قوللىرى پەقەت تۈزلەنمىگەنىدى. ئۇ ئاشۇ قوللىرىدا تىخى ئالدىنقى ئاخشىمى يارىدار پۇتىنى سۆرەپ كەلگەندىلا دۇتتار چىلىپ بەرگەنىدى. ھۆرىيەت بولسا خۇددى ھازىرقىدەك تامغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ مۇڭ ئىچىدە ئاڭلىغانىدى. ئۇ قوللار كۈچلۈك قوللار ئىدى. ئۈزۈملۈكلەردىكى ھەر ئېغىر ئىشلار مۇشۇ قوللار ئارقىلىق پۈتەتتى. ئۇ بۇ قوللاردا كىيىك قاتارلىق ئوۋ ھايۋانلىرىنىڭ ھىچ كۈچەنمەي كۈتۈرۈلگەنلىكنى كۆرگەن ئىدى. بۇ قوللار يەنە ئىنتايىن ئىسسىق، بۇ قوللار ئۇنى چىڭ قۇچاقىلغان ئىدى.
ھۆرىيەت خىيال ئىلكىدە مۇگدەپ قالغانىدى. تۇساتتىن شوتىدىن بىرى چىققاندەك بۇلۇپ، يورۇق بىر نۇر كۆزىگە چۈشتى. كۈچلۈك نۇردا ئۇ كۆزىنى ئاچالماي قالدى. بۇ تۇيۇقسىز زەربىدىن مەڭدەپ ئازراق تۇرۇپ قالغاندەك بولدىيۇ، تىزدىن ئەقىلگە كىلىپ مىلتقىنى قولغا ئالدى ۋە نۇرغا قارىتىپ تەپكىنى باساي دىيىشگە بىر ئوق كىلىپ مورىسگە تەڭدى. ئاچچىق ئاغرىقتىن ئۇنىڭ قوللىرى بۇشاپ قۇرال تاراقلاپ يەرگە چۈشتى. نۇر بولسا ئۇنىڭغا قاراپ يىقىنلاپ كىلىۋاتاتتى. ئېرىنىڭ تاماق يەۋىتىپ دىگەن گىپى يەنە يادىغا يەتتى." ئۇلارنىڭ قولىغا تىرىك چۈشۈپ قالما" دىگەنتى ئۇ. تەييارلاپ قويغان پىچاق نەگە كەتتىكىن؟ يېنىنى سىلاشتۇرۇپ ھىچ تاپالمىدى. ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ بىردىنبىر ئامال سەكرەشتەك قىلاتتى. ئۇ تامدىن ئايلىنىپ ئۆينىڭ قىرىغا كەلدى. بۇ چاغدا ھىلقى نۇر تەرەپتىن:- ھەي ئايال توختا! -دىگەن روسچە ئاۋاز كەلدى.
ئەمما ھۆرىيەت بۇ گەپكە پەرۋامۇ قىلماي، كۆزىنى يۇمغىنىچە ئۆزىنى يەرگە ئاتتى. قول چىراغ تۇتقان روس ئەسكىرى ئۇنىڭ كەينىدىن بىر ھازا تۇرغاندىن كىيىن باش چايقىنىچە كەينىگە ياندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Dakyanos تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-29 08:37 PM