يىل خىياللىرى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 V- @* ^/ r2 F (ئەخمەت ئىمىن)
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 a5 u6 G; h# E+ v
تاڭ ئاتتى ،ئوينىدىم ؛ قاراڭغۇ چۈشتى ، ئۇخلىدىم . قورسىقىم ئاچتى ، يېدىم ؛ ئۇسسىدىم ، ئىچتىم . جاھاندىكى ھەممە نەرسە مەن ئۈچۈن يېڭى ۋە قىزقارلىق ئىدى . بويناققىمۇ كۆيەتتىم ، ئوغلاقنىمۇ سۆيەتتىم . ئوتلاق كۆرسەم يۇمۇلاپ ، قارنى كۆرسەم دۇمىلاپ ، لاي - توپىغا مىلىنىپ ، سۇ - يامغۇرغا چىلىنىپ ، يپل ئىزدىمەي يۈرەتتىم ،بار جانلىققا كۈلەتتىم .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, ?0 d. L& m/ m7 T4 D2 R
شۇ ۋاقىتدىمۇ كىشىلەر ماڭا : ‹يېڭى يىل كەلدى › دەيدىغان ، لىكىن ماڭا ئۇ ئىش پەقەت بۈگۈن ئۆتۈپ ئەتە كەلگەندەك تۇيۇلىدىغان .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* @% R' z: Y) B# W6 ^: w+ ] n4 J; Cچۈنكى مەن ئۇ چاغدا جاھانغا يېڭى كۆز ئاچقان گۆدەك ، يىپ ئىلكىدە جەۋلان قىلغان لەگلەك ، ماي ئىچىدىكى بۆرەك ئىدىم .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ K; t: Y$ V" p# W5 Rسۈبھى چۈشتى ، ئويغاندىم ؛ سۇلار بىلەن سىرداشتىم ، يۇلتۇزلار بىلەن مۇڭداشتىم . پىراقتا يۈرەك - باغرىم كاۋاپ بولدى ، ئىچكىنىم سۆيگۈ ئاتلىق شاراپ بولدى . مەئىشەت چوققىسىغا تىرماشتىم ، گۈل بويىغا چىرماشتىم كەيىپتە خۇمارلاشقان كۆز ئۈچۈن ھەممە نەرسە گۈزەل جۇشقۇنلۇق ۋە شىجائەت دىۋىسى ئالدىدا ھەممە نەرسە تەل ئىكەن .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! E( o7 X; r+ o7 w/ V: @8 Rشۇ چاغدىمۇ كىشىلەر ماڭا : ‹ يېڭى يىل كەلدى › دەيدىغان ، بىراق ماڭا يېڭى يىل بىلەن تەڭ يەنە يېڭى ئامەت كەلگەندەكلا تۇيۇلىدىغان .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ e6 K, }& t& Q/ W, a% x$ B, s4 Yچۈنكى مەن ئۇ چاغدا كەپتەر قوغلىغان لاچىن ، باغلاقتىن بوشىنىپ چىققان ئت ، يۈزىنى بۇلۇت توسمىغان ھىلال ئاي ئىدىم .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ h( Y& x+ k, T* R0 }تاڭ ئاتمىدى ، ويغاندىم ؛ قاراڭغۇ چۈشتى ئويلاندىم . قورسىقىم ئاچتى ، يېمىدىم ؛ چاڭقاپ كەتتىم ، ئېچمىدىم . تاماق بالامغا كەتتى ، سۇ كالامغا كەتتى . جاھاندىكى ھەممە نەرسە مەن ئۈچۈن مىھنەت . ماڭا دېڭىز قەرىدىكى مەرۋايىت - ئۈنچىدىن كۆرە بىغىمدىكى غۇنچە ، ئاسماندىكى ئايدىن كۆرە يىنىمدىكى تاي ئەزىزرەك .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( e: g8 e, T& E( c4 X; Kشۇ ۋاقتىدىمۇ كىشىلەر ماڭا : ‹ يەنە بىر يىل كەتتى ، ھاياتىڭنىڭ يەنە بىر بەرگىسىگە شىكەستە يەتتى › دەيدىغان ، لېكىن ‹ مەن يەنە بىر يىل كەلسە ، پەرزەنت گۈلۈم ۋايىغا يەتسە › دەپ ئويلايدىغان . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ E" ?+ a/ X9 V2 ^
چۈنكى مەن ئۇ چاغدا ياپرىقىغا قۇۋۋەت بىرىدىغان يىلتىز ، ئېكىنزارىغا شەربەت تۆكىدىغان ئېرىق ؛ قوزا - تايچاقلىرىغا قوينىنى ئاچقان يايلاق ئىدىم .
كۈن تەپتىدە داغلاندىم ، تۈن قوينىدا تولغاندىم . ماڭا خىيالىم ئوزۇق ، سىېغىنىشىم ئۇسسۇلۇق بولدى . جاھاندىكى ھەممە نەرسە مەن ئۈچۈن خىيالىي چۈش ، نەزىرىمدە زېمىن شېخىدىن ئۈزۈلەي دەپ قالغان مېۋىدك ؛ ھاياتلىق بەزەن توبا دەرەختەك ، بەزەن چىقىپلا توزۇپ كېتىدىغان مامكاپتەك .
بۇ چاغدىمۇۇ كىشىلەر ماڭا : ‹ يەنە بىر يىل كەتتى ، ئۆمرۈڭنىڭ ئاخىرقى بەرگىسىلا قالدى › دېدى . مەن : ‹ شۇنداق ، يىل كەتتى ، ئۆمۈرمۇ كەتتى › دېدىم ھەم ئۆزۈمگە سۇئال قويدۇم : ‹ ئۆلمەسلىكنڭ مۆجىزىلىك دورىسى نەدە ؟ ھايات قالماقنىڭ ئىزناسى نەدە ؟ ›
مەن يەنە ئۆزۈم جاۋاپ بەردىم : ئۆلمەسلىكنىڭ مۆجىزىلىك دورىسى - ئەلدىن ئەلگە قالدىغان شۆھرەتتە ؛ ئەبەدىيلىك ئەسلىمە ئىچىدە ياشايدىغان ئەجىر - مېھنەتتە .
ھايات قالماقنىڭ ئىزناسى - پۇشتۇمدىن تامغان ياكى تاممىغان ، روھىمدىن روھ ياكى كۈچ ئالغان ، ساۋاق دەشتىدىن ئىز ياكى يول تاپقان ئىزباساردا ، پەرزەنتتە .
مەن كۆزۈمگە ياش ئالدىم . بۇ پۇشايمەن يىشى ھەم شادلىق يېشى ئىدى . پۇشايمىنىم بىھۇدە ئۆتۆەن ئۆمۈر ئۈچۈن ، شادلىقىم ئۆمۈر چوققىسىدىن ئاخىر تاپقان ھىكمەت ئۈچۈن ئىدى .
چۈنكى مەن بۇ چاغدا تەپەككۇر ئاسمانىدا زېمىنىغا كەڭرى نەزر تاشلىغان بۈركۈت ، ماھىيەت دېڭىزىغا شۇڭغۇپ كىرگەن غەۋۋاس ، ئىزدنىش تۇلپارىغا ئەمدى نەۋرىسىنى مىندۈرگەن بوۋاي ئىدىم 。
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 R- R7 Q' O! m, m, kبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 ]: S1 Z9 D2 J( H; i i
مەنبە : تەڭرىتاغ ژۇرنىلىنىڭ 1990 يىللىق 4- سانىدىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا karligaq410 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-29 04:08 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: x% M) j6 I4 F: i
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* f. Q- s: ^, f% T3 k