بولمىسا
(ئۇچقۇنى)
1
ئۆتمۈش نىمە ئىز ۋەسىيەت بولمىسا،
ئىبرەت قايدا ۋەز نەسىھەت بولمىسا.
ھەق قىسمەتتىن داتلاش مىسلى غاپىللىق،
نە بەرىكەت ئىش ھەرىكەت بولمىسا.
2
نەدە غەلبە مەغلۇبىيەت بولمىسا،
نەدە راھەت دەرد-مۇشەققەت بولمىسا.
قىش كۆرمىگەن بىلمەس باھار قەدرىنى،
نەدە ۋىسال چىن مۇھەببەت بولمىسا.
3
خانلىق گۇمران ئەل- رەئىيەت بولمىسا،
ئەقىل ئاقساق پەن-مەرىپەت بولمىسا.
ئاۋۇپ رىيا ئادىمىيلىك پەزلىدىن،
سۆز ئېچىلماس دىن-شەرىئەت بولمىسا.
4
ئەردىن ئەلگە ھېچ خەيرىيەت بولمىسا،
ياكى ئەجىر مەسئۇلىيەت بولمىسا.
ئەل ئۈچۈن ئەركەك ئۈچۈن جەننەتمۇ دوۋزاق،
ئەركى دۇنيا ھۆر جەمئىيەت بولمىسا.
5
بۇ پانىيدا جان غەنىمەت بولمىسا،
جاندىن ئەزىز پاك روھىيەت بولمىسا.
ھەرنە قىلسا ئاقماس زادى بىر ئۆمۈر،
ئەستە دائىم بۇ ھەقىقەت بولمىسا.
2012.10.29
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uqkuni تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-29 03:45 PM