مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5094|ئىنكاس: 59

ھېيتلىق ئۆپكە ھېسىپ قۇيايلىمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81951
يازما سانى: 240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3454
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 499 سائەت
تىزىم: 2012-6-22
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-29 11:57:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .
بۈگۈن قۇربان ھېيتنىڭ 4- كۈنى بولۇپ قالدى ، ھېيت كۈنى ھەممىمىز دىگۈدەك قوي سويۇپ قۇربانلىق قىلدۇق ، گۆش سېلىپ مىھمانلارنى ئۇزاتتۇق ، ئەمما سىز قۇربانلىق قويىڭىزنىڭ ئۆپكە ھېسىپىنى قانداق بىر تەرەپ قىلدىڭىز؟

قىنى ھەمشىرىلىرىم ، بىز ئۆپكە- ھېسىپ قۇيۇش توغرىلىق بىللە ئىزدىنىپ كۆر سەك قانداق ؟


1>تازىلاش :
1. ئۆپكىنى قانسىرىتىش
يېڭى سويۇلغان قوينىڭ ئۆپكىسى قان تولۇپ تۇرغان ھالەتتە بولىدۇ . مۇسۇلمانلارغا قان ھارام قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ، ئالدى بىلەن بىز ئۆپكىنى قانسىرىتىمىز .
كانايدىن چەينەك ياكى بىۋاستە تۇربا سۈيى ئارقىلىق ئاز- ئازدىن سۇ قۇيىمىز ، قۇيۇلغان سۇنىڭ مىقدارى كۆپەيگەنچە ئۆپكىمۇ ئېسىلىدۇ ، چوڭىيىپ ئۆزىنىڭ مەلۇم سىغىش مىقدارىغا يەتكەندە ، سۇ قۇيسىڭىز كانىيىدىن چىقىپ كىتىدىغان ھالەتكە يەتكەندە ، سۇقۇيۇشتىن توختايمىز .(قايتا - قايتا تەكرارلىنىدۇ  )
2. ھېسىپ (ئۈچەي)نى تازىلاش(بىرىنچى قىتىملىق تازىلاشتىن كىيىنكى تازىلاش)
ئۈچەينى چوقۇم پاكىز تازىلىشىمىز كىرەك ، شۇڭا ئالدى بىلەن ئۈچەينى ئۆرۈشنى ئۆگىنەيلى:
(ئۈچەينى ئۆرۈشتىن بۇرۇن سىرتىدىكى مايلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىلىۋىتىشىمىز كىرەك ، چۈنكى ئۈچەينى ئۆرىگىنىمىزدە مايلارنىڭ يىغىلىپ قىلىش سەۋەبلىك ئۆرۈلمەي قالىدۇ)ئۈچەينىڭ چوڭراق تەرىپىنى ئالدى بىلەن 5 سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتا ئۆرۈيمىز ، ئاندىن شۇ ئۆرۈلگەن يەرگە سۇ قۇيىمىز ، بىر تەرەپتىن سۇ قۇيغاچ يەنە بىر تەرەپتىن ئۈچەينىڭ ئۆرۈلمىگەن يېرىنى ئاستا ئاستا ئىچىگە سالىمىز .  
ئۈچەي پۈتۈنلەي ئۆرۈلۈپ بولغاندىن كىيىن جاۋۇرغا سىلىپ ئازراق سودا سىپىپ بىر ئاز قويۇپ قويىمىز ، 1- 2 مىنۇتتىن كىيىن سودا بىلەن يۇيىمىز ، ئاندىن پاكىز چايقىۋىتىمىز ، ئەگەر پاكىز تازىلانمىغان بولسا ( يىپىشقاق سۇيۇقلۇقلار بولسا) ، قايتىدىن سودا سىپىپ يۇيىمىز ، تەكرار - تەكرار يۇيىلىپ ، چايقالغاندىن كىيىن ، (تاكى يىپىشقاق سۇيۇقلۇق تۈگىگەنگە قەدەريۇيساق ئۈچەي ئاندىن پاكىزلانغان بولىدۇ .) ئۇنى قايتا ئۆرۈپ ئەسلى ھالىتىگە قايتۇرىمىز ( ئۈچەينىڭ چوڭراق تەرىپىنى ئالدى بىلەن 5 سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتا ئۆرۈيمىز ، ئاندىن شۇ ئۆرۈلگەن يەرگە سۇ قۇيىمىز )

قوينىڭ ئاشقازىنى(قېرىننى) تازىلاش

يىڭى قاينىغان قايناق سۇنى قېرىن قويۇلغان جاۋۇرغا تۆكىمىز ، تازىلاشنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى بار :

1. جاۋۇرنىڭ ئۈستىگە بىر نەرسە يېپىپ قويۇپ ، بىر نەچچە مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كىيىن ئېلىپ پىچاق بىلەن قىرىپ تازىلايمىز .

2. قايناق سۇنى قۇيۇپ بولۇپلا قېرىننى قولىمىزغا ئىلىپ ، قىززىق پىتى تېرىپلىرىنى قولىمىز بىلەن تازىلىساقمۇ بولىدۇ .  

تازىلاپ بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭ تور شەكلىدىكى خالتىسىمان يېرىنى كىسىۋالىمىز .

2> ئۆپكە ھېسىپ قۇيۇش

1. تەييارلىق  

1)قېرىندىن كىسىۋىلىنغان يەرنى ( دوپپىلىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) كانايغا تىكىمىز .

2) ئۈچەينىڭ ئىنچىكە تەرىپىنى يىپ بىلەن چىڭ بوغۇپ تەييارلايمىز .

3) خېمىر يۇغىرىمىز .(مىقدارى ئۆپكىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە قاراپ بەلگىلىنىدۇ)

4) 7-8 تال تۇخۇم ؛چوڭراق پىيالىدە بىر پىيالە سۇ يىغىنى چۈچۈتۈپ تەييارلايمىز.

5) جىگەر ، گۆش ، قۇيرۇق يېغىنى ئۇششاق توغراپ تەييارلىۋالىمىز .

2. قۇيۇش

1.چوڭراق قازانغا سۇقۇيۇپ قېرىننى سىلىپ ، ئوتقا قويىمىز .

2. چوڭراق جاۋۇرغا سۇ ئېلىپ ، خېمىرنى سېلىپ ، شىرنىسىنى چىقىرىۋالىمىز .( بىر نەچچە جاۋۇرغا سىلىپ شىرنە چىقىرىپ ئاخىرى مىيەنجاڭغا ئايلانغۇچە داۋاملىشىدۇ)

ئۆپكىنى ئىلىپ تىكىپ تەييارلانغان دوپپىلىقى ئارقىلىق چىقىرىلغان خېمىر شىرنىسىنى ئۆپكىگە قۇيىمىز .... بىز مۆلچەرلىگەن شىرنىنىڭ يېرىمى قۇيۇلۇپ بولغاندا چۈچۈتۈلگەن ياغنى قۇيىمىز . ئاندىن يەنە خېمىر شىرنىسى قۇيىلىدۇ ....، ئۆپكە قۇيۇلۇپ بولۇشىغائاز قالغاندا تۇخۇمنى چېقىپ ، ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن ئۆپكىگە قۇيىمىز ، ئۆپكە ئۇنى <يەپ بولغاندا>  يەنە ئازراق خېمىر شىرنىسى قۇيىمىز . ئۆپكە چىڭىغاندا خىمىر شىرنىسى قۇيۇشتىن توختۇتۇپ ، دوپپىلىقىنى تەييارلاشقا تۇتۇش قىلىمىز .
توغراپ تەييارلىۋالغان جىگەر ، گۆش، قۇيرۇق يېغىغا(گۆشنىڭ يېغى بولسىمۇ بولىدۇ)، چانالغان قۇرۇق مۇچ، قۇرۇق پەمىدۇرنى ئارلاشتۇرۇپ ، ئازراق زىرە ، تۇز قوشۇلۇپ قىيما قىلىمىز ؛   مىيەنجاڭنى نىپىز يېيىتىپ ، تەييارلىۋالغان قىيمىمىزنى ئۈستىگە يېيىتىمىز ، ئاندىن تۈرمەللەيمىز ۋە دوپپىلىقنىڭ ئىچىگە ئاستا تىقىمىز . ئاندىن دوپپىلىقنىڭ ئاغزىنى يىپ يىڭنە بىلەن يىمىرىپ چىڭ تىكىمىز.
تەييارلانغان ئۆپكىنى قازانغا سالىمىز ( سۇغا چىقىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن باشتا دوپپىلىقى سۇغا سېلىنمايدۇ ).
ئۈچەينى تەييارلاش
توغراپ تەييارلانغان گۆش، جىگەر، قۇيرۇق يېغىغا ، چانالغان پەمىدۇر، مۇچ ، يۇمغاقسۈت قوشۇپ تەييارلايمىز.
ئاندىن مۇۋاپىق مىقداردىكى گۈرۈچنى پاكىز يۇيۇپ ، تەييارلىغان خۇرۇچلىرىمىزنىڭ ئۈستىگە سىلىپ ، مۇۋاپىق سۇ قۇيىمىز ، ئۈستىگە تۇز ، زىرە سىلىپ تۇزىنى تېتىغاندىن كىيىن ، ئۈچەينىڭ ئىچىگە قۇيساق بولىدۇ . ( سۇ ھەم گۈرۈچى مۇۋاپىق تەڭشىلىشى كىرەك )  ئۈچەينى قۇيۇپ بولغاندىن كىيىن ، يىپ بىلەن ئۇچىنى چىڭ بوغىمىز .
مانتا دۈملەيدىغان قاسقانغا ئاستىنقى جىمبىل چىلاشقىدەك  سۇقۇيۇپ قاينىغاندىن كىيىن، جىمبىلنى قويۇپ ئۈستىگە ئۈچەينى يۆگەپ قويىمىز(بۇنداق بولغاندا سۇ بىلەن گۈرۈچ ئۆز ئارا يۈرىشىدۇ) ، تۇۋاقنى يىپىپ ، 5- 10 مىنۇت تۇرغىمىز .
ئۆپكە سالغان قازاندىكى <دوپپىلىقنى >ئۆپكە يېرىم سائەت قاينىغاندىن كىيىن پەمبىلەن ئاستا سۇغا سىلىۋىتىمىز.
ئۈچەي قايناپ 5- 10 مىنۇتتىن كىيىن ، يىڭنە بىلەن ئۈچەينىڭ سۈيى كۆپ يەرلىرىگە سانچىپ ئارتۇق سۈيىنى چىقىرىۋىتىمىز .......
ئۆپكە ئىككى ، ئىككى يىرىم سائەتلەردە تەييار بولىدۇ . ئۈچەي قىرىق مىنۇتتىن ، بىر سائەتكىچە ئارىلىقتا تەييار بولىدۇ . ئاندىن ئۇلارنى قازاندىن سۈزىۋالساق بولىدۇ .
تەييارلانغان ئۆپكە ھېسىپنى ، چىرايلىق توغراپ ، ئۆز ئىھتىياجىمىزغا ئاساسەن ئىستىمال قىلساق بولىدۇ ، ياغمۇچ، ئاچچىقسۇ بىلەن ئىستىمال قىلساقمۇ بولىدۇ .
مەنبە : ئۆزۈم .( كەسپى ئاشپەز بولمىغاچقا خاتالىق بولسا ، تۈزۈتۈپ قويارسىلەر)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   marziyya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-29 12:00 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
uzumtal + 100 تاشلىنىپ قالغانتى بۇ .
hokumran + 300 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 400   باھا خاتىرىسى

بىلەتتىم ئۆزگىگە تەۋەلىكىڭنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85965
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 605
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2012-10-11
ئاخىرقى: 2014-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-29 12:17:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانام مىھمانلارغا قۇيىمەن دەپ ھېيتنىڭ2-كۈنىلا قۇيۇپ بولغان

ئازابلىرىم ئۇنتۇپ كەت مېنى

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12410
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32471
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4469 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-29 12:23:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر قېتىم قۇيۇپ باققان ئۆپكە -ھېسىپنى ئون يىللارچە بولۇپ قالدىغۇ دەيمەن،بىر كۈندە ئاران قۇيۇپ بولغان،شۇنىڭدىن كېيىن قۇيۇپ باقمىدىم،بىراقزە باشقىلار قۇيۇپ بەرگەن ئۆپكە -ھېسىپنى خېلى قاملاشتۇرۇپ يەپ قويىمەن بولمىسا....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81668
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3229
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 105 سائەت
تىزىم: 2012-6-16
ئاخىرقى: 2013-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-29 12:24:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 2556
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 21674
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 9899 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-29 12:28:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! سىڭلىم.
ئالدى بىلەن كېچىكىپ بولسىمۇ ئايىمىڭىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.
ئۆپكە-ھېسىپ قۇيۇش بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىزدىن تا بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تائام مەدەنىيەتلىرىمىزنىڭ بىرى. بىراق جەمىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشى بىلەن بۇ خىل تائام مەدەنىيىتىمىز يوقىلىش گىرداۋىغا بېرىپ قالماقتا . بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەبنى يەنىلا ئاياللاردىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ.
بىر قىسىم ئاياللارنىڭ ‹‹قازان بېشىدىن ئازاد بولۇش››  شۇئارنىڭ تەسىرىدە كۆپلىگەن ئاياللىرىمىزدا راھەت قوغلىشىش، جاپادىن قورقۇش، ھەممىنى بازاردىن سېتىۋېلىش خاھىشى شەكىللىنىپ نۇرغۇنلىغان ياش خانىم-قىزلىرىمىز ئېتىلىش ئۇسۇللىرى سەل مۇرەككەپ تاماقلارنى ئۆزلىرى ئېتەلمەيدىغان ۋە ئۈگۈنۈۋېلىشنى خالىمايدىغان ھالەت شەكىللەندى.
ئائىلىمىزدە مېھمان چاقىرماقچى بولساق مۇشۇ خىل تاماقلارنى ئېتىشتە يەنىلا شۇ ياشانغان، جاپاكەش ئانىلىرىمىزغا مۇراجەت قىلىدىغان بولدۇق.

سىزنىڭ بۇ يازمىنى يوللىغىنىڭىز ناھايىتى ياخشى بوپتۇ. ياخشى ئايال بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى تۈشۈك(قازان) ئىشلىرىغا پىششىق بولۇش. مۇنبەردىكى ۋە سىرتتىن كۆرۈۋاتقان ئاياللىرىمىزنىڭ يازمىدىن پايدىلىنىپ ئۆپكە-ھېسىپ قۇيۇش ئۇسۇلىنى ياخشى ئىگىلەپ ۋە باشقىلارغا ئۈگۈتۈپ، تائام مەدەنىيىتىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئۆز ھەسسىسىنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.  

ھېسسىيات قارىشىڭنى ئەقلىڭنىڭ ئۈستىگە قويغان كۆنۈڭ، سېنىڭ خاتالىشىشقا يول قويغان تۇنجى كۈنۈڭدۇر.

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 2556
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 21674
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 9899 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-29 12:34:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
musilina يوللىغان ۋاقتى  2012-10-29 12:23 PM
بىر قېتىم قۇيۇپ باققان ئۆپكە -ھېسىپنى ئون يىللارچە بول ...

راست، بولۇپمۇ ئۆپكە- ھېسىپكە بولغان ئىشتىھايىڭىزنىڭ ياخشىلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ جۇمۇ.
قايسى كۈنىمۇ 3كىلو ئۆپكىنى ئالدىڭىزغا قۇيۇپ، ئاچچىقسۇ، لازا تەڭشەپ كىرىپ بولغىچە تەخسىنى پاك-پاكىزە قىلىپ قۇيۇپتىكەنسىز. باشقىلار مۇسلىنەنى جىنىس دۇنيا قامۇسىغا تەۋىسىيە قىلايلى دىيىشىۋاتقان.
ئىشتىھايىڭىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىغا، كېلەر قېتىم 5كىلو ئۆپكىنى يالغۇزلا يەۋىتىشىڭىزگە چىن قەلبىمدىن تىلەكداشمەن.

ھېسسىيات قارىشىڭنى ئەقلىڭنىڭ ئۈستىگە قويغان كۆنۈڭ، سېنىڭ خاتالىشىشقا يول قويغان تۇنجى كۈنۈڭدۇر.

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 994
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4301 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-29 12:36:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي  بىز قۇيۇپ يەپمۇ بولدۇق ....شۇنداق ئوخشاپتۇ دىسە

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12410
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32471
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4469 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-29 12:41:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hokumran يوللىغان ۋاقتى  2012-10-29 12:34 PM
راست، بولۇپمۇ ئۆپكە- ھېسىپكە بولغان ئىشتىھايىڭىزنىڭ  ...

جىنس دۇنيا قامۇسىغا  تېزراق تەۋسىيە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن...

بەش كىلو ئۆپكىنى تەستىقلانغاندىن كېيىن يەي......

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49551
يازما سانى: 418
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3773
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2186 سائەت
تىزىم: 2011-7-29
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-29 12:41:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېيتنىڭ بىرىنجى كۈنىلا جىمىقتۇرۇپ بولغان ، ئۆپكە _ ھېسىپلارنى.شۇ كاللا _ پاقالچاقلىرى قالدى. ئۈكلەپ ،پاكىزە يۇيۇپ توڭلاتقۇغا سەپ قويدۇق. كېيىنچە بىر تەرەپ قىلايلى دەپ.

سەۋر قىل !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85781
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 396
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 138 سائەت
تىزىم: 2012-10-6
ئاخىرقى: 2012-11-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-29 12:49:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆپكە-ھېسىپ قۇيۇش قايدىللىرىنى ئەجەپ تەپسىلى بىلدىكەنسىز،شۇنىڭغا قارىغاندا باشقا تاماقلارنىمۇ  گۈل  كەلتۈرۋېتىسىزغۇ دەيمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش