|
|
|
|
تۇنجى سۆيگۈ چۇقانلىرى (ئۇچقۇنى)
1 ئۆزۈمنى ئۇنۇتقان پېتى، مۇھەببەت قايناملىرىدا. جان-جەھلىم بىلەن قول سوزغان، ۋىسالنىڭ قىرغاقلىرىغا.
كۆيەر ئىدى ئاتەش سۆيگۈ، يۈرەكنىڭ خۇمدانلىرىدا. سۇنماس ئىدى ئۈمىد شېخى، ھەسرەتنىڭ جۇدۇنلىرىدا.
ئۆچمىدى يا كۆچمىدى ھېچ، يىللارنىڭ توزانلىرىدا. ياشاپ كەلدى ئەمما يۈرەك، ھىجراننىڭ زىندانلىرىدا.
2 تۇرمايدىكەن يۈرەكنى، يەملەپ قويسا يىلىمدا. ئالدايدىكەن بىر نەپەس، يالغان بەخت چىلىمدا.
بولالمىدىم رومانتىك، ھايات دىگەن فىلىمدا. تولغىنارمەن يىلاندەك، قىل باغلانغان گېلىمغا.
شۇنچە يىللاردىن بىرى، ئېيتىلمىغان تىلىمدا. ھەرنە قىلسام بار ئىكەن، ئاشۇ سەۋدا دىلىمدا.
2012.10.28 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uqkuni تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-28 10:33 PM
|
|
|
|
|
|