|
|
|
|
10-ئاينىڭ 28-كۈنى نىيويورۇك ۋاقىت گېزىتى ئوبامانىڭ قايتا سايلىنىشىنى قوللايدىغانلىقى بىلدۈرگەن.
تەھلىلچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە نىيورۇك ۋاقىت گېزىتىنىڭ رۇمىنىنى سايلىماي ئوبامانى سايلىشىدىكى سەۋەپ ئوباما ۋەزىپىگە ئولتۇرغان 4يىل ئىچىدە ئامېرىكىدىكى 1965-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ سەھىيە ئىسلاھاتىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقى ؛ ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئىككىنجى قېتىم چېكىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقى سەۋەپچى بولغان بۇلىشى مۇنكىن دەپ تەھلىل قىلغان.
ئۇلار '' ئوباما ھۆكۈمىتى بازا تەشكىلاتىغا قارشى تۇرۇشتا ئاكتىپ پوزىتسىيەدە تۇرۇپ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىتى ، بىن.لادىن نى ئېتىپ ئۆلتۈردى ، ئېراق ئۇرۇشىنى ئاياغلاشتۇردى ، لېكىن رۇمىنى بولسا ئېراققا يەنە نەچچە مىڭ ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ، مۇشۇ نوقتىدىن قارىغاندا رۇمىنى كۆپ قوللاشقا ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىن '' دېدى .
يەنە ئوبامانىڭ قىسىمدا ئوخشاش جىنىسلىقلار مۇھەببەتلىشىشكە بولمايدۇ دېگەن بۇيرۇقىنى بىكار قىلىشى ئەسكەرلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى ، ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ توي قىلىشىنى قانۇنلۇق قىلدى ، لېكىن رۇمىنى بولسا بۇلارغا قارشى تۇرىدۇ ، بىز بۇ تەرەپتە يەنىلا ئوبامانى قوللايمىز دېدى .
11-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا يەنە بىر ھەپتىدەك ۋاقىت قالدى ، نىيويۇرۇك ۋاقىت گېزىتى ئامېرىكىدىكى نۇپۇزلۇق ، تەسىر دائرىسى چوڭ ئاخبارات ۋاستىسى ، نىيويۇرۇك ۋاقىت گېزىتىنىڭ ئوبامانى قوللىشى ئوبامانىڭ قايتا سايلىنىشىغا زور ياردىم قىلغۇسى .
مەنبە http://news.sina.com.cn/w/2012-10-28/154125456949.shtml
|
|
|
|
|
|