|
|
|
|
مەكتەپتىن قايتىپ كىلىپ ،ئەمدى دەرۋازا تۈۋىگە كېلىشىمگىلا ،ئۆي ئىچىدىن 9 ياشلىق ئىنىمنىڭ جېدىلى ئاڭلىنىشقا باشلىدى.
ـ سىنىپتىكى بالىلارنىڭ ھەممىسىگە ئاتا-ئانىسى ھېيىتلىق يېڭى كىيىم ئېلىپ برىپتۇ،ھەمىشە چۇقۇم ئېلىپ بىرىمەن بالام دەيسەن، رۇزاھېيىتتىمۇ شۇنداق دەپ قۇيۇپ ئاكامنىڭ كىچىك كىلىپ قالغان ئايىغىنى يامىتىپ بەردىڭ،يىڭى كىيىممۇ ئېلىپ بەرمىدىڭ،ھۈ...ھۈ...ھۈ...
-يىغلىما جېنىم بالام ،جىق پۇل تېپىپ چۇقۇم ساڭىمۇ ئاشۇ بالىلارنىڭكىدەك يېڭى كىيىم، يېڭى ئاياغ ئېلىپ بېرىمەن ماقۇلمۇ؟بولدى يىغلىما جېنىم بالام...
ئانامنىڭ تىترەك ئاۋازىدىن،كۆز چانىقىدا لىغىرلاپ تۇرغان ياشلاردىن يۈرىكىم ئىزىلىپ كەتتى.ئىنىمنى ئەيىپلىمەكچى بولدۇميۇ ،يەنە توختاپ قالدىم.ئەمەلىيەتتە باشلانغۇچنىڭ 4-يىللىقىغا چىقىپ.خېلىلا چوپچوڭ بۇلۇپ قالغان مېنىڭمۇ ،باشقا بالىلاردەك يۈرگۈم، ھېچ بولمىسا مۇشۇنداق ھېيىت-ئايەملەردە بولسىمۇ يېڭى كىيىملەرنى كىيىپ خۇشال يۈرگۈم بار ئىدى.يۈرىكىمنى بىر خىل يىتىمسىراش، بىچارىلىك قاپلىۋالدى.
دادام ئۆلۈپ كېتىپ ، بۇ ئۆينىڭ بارلىق يۈكى ئانامنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەندىن بىرى ئۇچىمىز تۈزۈكرەك بىرەر قۇر يېڭى كىيىم ،پۇتىمىز ياخشىراق يىڭى ئاياق كۈرۈپ باقمىغان ئىدى.ئانام ئادەتتە باشقىلارنىڭ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ بىرىپ ،ئۇلارنىڭ بالىلىرىدىن ئاشقان كىيىملەرنى بىزگە ئالغاچ كېلىپ كىيدۈرۈپ قۇياتتى، گەرچە بۇ يىڭى سېىۋالغان كىيىملەر بولمىسىمۇ ،ئۇچىمىزدىكى كونا كىيىملەردىن خېلىلا ياخشى بولغاچقا خۇشال بۇلۇپ كىيەتتۇق. ئىنىمنى بەزلەپ يۈرۈپ پەس كويغا چۈشۈرگەندىن كىيىن،ئانامنىڭ يېنىغا كىردىم..
-ئانا،ھېيىتقىمۇ نەچچە كۈنلا قاپتۇ، مەن قىلىشىپ بەرگۈدەك ئىشلار بارمۇ؟
ئانام مىنى باغرىغا باسقىنىچە،نەچچە ۋاقىتتىن بىرى بىزدىن يۇشۇرۇپ كەلگەن كۆز ياشلىرىنى بىراقلا تۈكۈپ، قېنىپ يىغلىۋالدى، ئىككىمىزنىڭ يىغىسى بىر بۇلۇپ ئەسلىدىمۇ غېرىپلىككە تولغان بۇ ئۈيىمىزدە يەنىمۇ بەكرەك غېرىبلىق ھۈكۈم سۈردى.
ئانام خەقنىڭ ئۆيلىرىدە ئىشلەپ تاپقان پۇللىرىنى يىغىپ ،كىچىكرەك بولسىمۇ بىر قۇربانلىق قوي سېتىۋاپتۇ، ئاشقان پۇلنى قىشىچە قالايدىغانغا كۈمۈر ئېلىش ئۈچۈ يىغىۋېتىپتۇ.ئانامنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئىچىم ئاغرىپ كەتتى.
ئىنىمنىڭ جېدىلىدىن كېيىن، ئانام كۆمۈر ئېلىش ئۈچۈن يىغقان پۇللىرىغا ئىنىم ئىككىمىزگە كىيىم ئېلىپ بىرىش قارارىغا كەلگەن ئىدى.ئۈچىمىز بىللە بازارغا چىقتۇق.ئىنىمغا 55 يۈۋەنگە بىر جۈپ تەنتەربىيە ئايىغى، 70يۈۋەنگە بىر قىشلىق چاپان ئېلىپ بەردۇق.ئۇ شۇنچىلىك خۇشال بۇلۇپ كەتتىكىن، ئۆمرىدە بۇنداق يىڭى كىيىم كىيىپ باقمىغان ئادەمدەك قان-قېنىغا پاتمايلا قالدى ،ئىنىمنىڭ بۇنچە خۇشال بۇلۇپ كەتكىنىگە قاراپ ئانام ئىككىمىزمۇ كۈلۈشۈپ كەتتۇق.
-بالام سىزگىمۇ....
-ياق ئانا، ئانامنىڭ گىپىنىڭ ئاخىرى چىماي تۇرۇپلا گەپ قىستۇردۇم، مەن ئۆيدە بار كىيىملىرىمنى يۇيۇپ كىيەي،قالغان پۇللارغا كۆمۈر ئالايلى! ئانامنىڭ بۇ بىر ئېغىز گىپىمدىن قانچىلىك مىننەتدار بولغىنى، قانچىلىك تەسىرلەنگىنى كۆزلىرىدىن چىقىپلا تۇراتتى....
دوستۇم: ئۈزىڭىزگە ۋە بالىلىرىڭىزغا قىممەت باھالىق كىيىملەرنى تاللاۋاتقىنىڭىزدا،ھېيىت كۈنى داستىخىنىڭىزغا ھەرخىل تاتلىق-تۈرۈملەرنى تىزىۋاتقىنىڭىزدا،قازىنىڭىزدا ياتا-ياتا گۆشلەر قايناۋاتقاندا،سىزنىڭ پەتىلەپ كىلىشىڭىزنى كۈتۈپ ئولتۇرغان ياشانغان ئاتا-ئانىڭىزنى يىتىم قالدۇرغىنىڭىزدا،خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭ بالىلىرىغا 50-50لەپ ھېيىتلىق پۇللارنى تۇتقۇزۇۋاتقىنىڭىزدا،شۇنداق بىر يوقسۇزلۇق ئىچىدە ياشاۋاتقان،شۇنداق بىر مىھىرلەرگە زار بۇلۇۋاتقان مەسۇم كۆزلەرنىڭ كىملەرگىدۇر تەلمۈرۈپ ياشاۋاتقىنىنىمۇ ئەسكە ئېلىپ قۇيۇڭ!شۇمۇ باياشات كۈنلىرىڭىز ئۈچۈن ئاللاھقا مىڭ شۈكۈرىلەر ئېيتىشنى، شۇ كۈنلەرنى قەدىرلەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ!
8
3
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-28 08:52 PM
|
|
|
|
|
|