|
|
|
|
ئابدۇللانىڭ ئاجايىپ قىسمەتلىرى ،
1933-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى،مۇھەممەد ئىىمىن بۇغرا يىتەكچىلكىدىكى قوزغىلاڭچىلار قاراقاش ناھىيە يامۇلىغا ھۇجۇم قىلىپ ،ناھايىتى تىزلىكتە يامۇلىنى مۇھاسىرگە ئالدى .
نەچچە سائەتلىك تىركىشىشىتىن كىيىن ،قوزغىلاڭچىلار يامۇل ئىچىگە ئەلچى كىرگۈزۈپ ،تەسلىم بولسا ھاياتىغا كاپالەتلىك قىلدىغانلىقىنى ئېيىتقان بولسىمۇ ،قاراقاش ناھىيە ھاكىمى يەنجۇ تەسلىم بۇلۇشنى رەت قىلغانلىقتىن . قوزغىلاڭچىلار شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىپ بېسىپ كىرىپ ،ناھىيە ھاكىمى يەنجۇ ۋە ئايالىنى ئۆلتۈردى .
غەزەپلەنگەن قوزغىلاڭچىلار ھاكىمنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرۇپ،مۈكتۈرۈپ قۇيۇلغان 8 ياشلىق قىزى(يەن مەنيۈ) ۋە 6 ياشلىق ئوغلى(يەن فېي) نى ئېلىپ چىقىپ ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا ، ‹‹ قۇلۇڭنى تارىت ›› دەپ ۋاقىردى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ۋە ئاتتىن چۈشۈپ قورقۇپ كەتكەن بالىلارنى باغرىغا باستى .
بالىلارنىڭ ھاياتىغۇ قۇتقۇزۇپ قېلىندى ،ئەمدى ئۇلارنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك ،بۇ مەسلە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ بېشىنى قاتۇرۋاتاتتى ،دەل شۇ چاغدا قاراقاش ناھىيىسىدە نامى بار باي سودىگەر ،ئىككىلا پەرزەنتى بار ساقى ئاخۇن بالىلارنى بېقىۋىلىش ئارزۇسىنى بىلدۈرگەندىن كىيىن بالىلارنى ئۇ كىشىگە تاپشۇردى .
ساقى ئاخۇن بالىلارنى ئۆيىگە ئاپارغاندىن كىيىن،ئىسلام دىنى قائىدىسى بۇيىنچە ئەزان توۋلىنپ ،قىزغا نۇرنسا ،ئوغولغا ئابدۇللا دەپ ئىسىم قۇيۇلدى .
ساقى ئاخۇن ئائىلسىدە بالىلارنىڭ دىلىغا، ئىمان -ئىتقاد،ئىنساپ-دىيانەت،مىھىر -شەپقەت .....خۇددى قۇمغا سۇ سىڭگەندەك سىڭمەكتە ئىدى .
بوران چاپقۇنلۇق ئۇرۇش يىللىرى ئاياقلاشقاندىن كىيىن،سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيسىنىڭ يارىدىمىدە، پۈتۈن شىنجاڭنى كونتىرول قىلىش پۇرسىتىگە ئېرشكەن جاللات شىڭ شىسەي، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۈچلۈك قوللشى ۋە ئاتالمىش سوۋېتلىك مەسلىھەتچىلەرنىڭ يول كۆرسىتىشى ئارقىسدا،زىيالىلار ،بايلار ھەمدە خەلىق ئىچىدە يۇقرى ئابرۇيغا ئىگە يۇرت ئاقساقاللىرىنى ھىچ سەۋەپسىز ‹‹ خائىن ›› دىگەن نامدا كەڭ كۈلەمدە تۇتقۇن قىلىپ ،ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش،ئۆلتۈرۈش ھەركىتىنى قوزغىدى .
ئەتراپىدا يۈز بىرىۋاتقان بۇ نۇرمالسىز ئىشلارنىڭ، ھامان بىر كۈنى ئۆز بېششىغا كىلدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەن باي سودىگەر ساقى ئاخۇن،بۇ ئىككى پەرزەنتىنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىدىن ئەنسىرەپ ،كىچە -كىچە كۆز يۇمماي ئويلىنىش ئارقىلىق، ئۇلارنى ئۈرۈمچىدىكى تۇققانلىرىنىڭ ( ياڭ زىڭشىن دەۋرىدە نازىر بولغان يەن يۈ شەن ئۇلارنىڭ چوڭ دادىسى بۇلۇپ،ئۈرۈمچىدە تۇققانلىرى بار ئىكەن )قىشىغا قايتۇرغاندا ،ئۇلارنىڭ ساغلام ئۈسۈپ يىتلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بۇلاتتى .
بىر كۈنى ساقى ئاخۇن ئابدۇللانىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ سورىدى ، بالام دېگىنە، سەن خەنزۇمۇ ،ئۇيغۇر؟
ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم بۇ 6 يىلدىن بۇيان ،ئابدۇللا ئەسلى كىملىكىنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدى .
-مەن ئۇيغۇر .
ساقى ئاخۇن گەپ قىلمىدى ،بىر ئازدىن كىيىن ،
سەن خەنزۇ -دىدى .
ئابدۇللا دەرھال چۇقان كۈتۈردى ؛
-ياق، ياق مەن خەنزۇ ئەمەس !
.........
ساقى ئاخۇن بىلەن ئايالى رابىخان كۆز ياشلىرىنى يامغۇردەك تۆكۈپ تۇرۇپ، بالىلارنى ئۈرۈمچىگە يولغا سالدى .
ئاز كۈن ئۆتمەي ساقى ئاخۇن قولغا ئېلىنپ،سانسىزلىغان قېرىنداشلىرغا ئوخشاش ئىز دىرەكسىز يۇقۇلۇپ كەتتى .
ئابدۇللا بىلەن نۇرىنسا ئۈرۈمچىدىكى تۇققانلىرىنىڭ قىشىغا كەلگەندىن كىيىن ،خەنزۇچە مەكتەپكە كىرىپ،1946-يىلغىچە ،باشلانغۇچ ،ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈردى .
ئابدۇللا مەكتەپتىكى ھەرخىل پائالىيەتلەردە ،ناخشا ،ئۇسسۇل جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقى بىلەن كۆزگە كۈرۈنگەچكە، ئۇقۇتقۇچىسى ئۇنى نەنجىڭدىكى مۇزىكا مەكتىپىدە ئۇقۇشىنى تەۋسىيە قىلدى .
ئابدۇللا 1946-يىلى ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىپ،لەنجۇ،شىئەن ....قاتارلىق جايلاردا 2-يىل سەرگەردان بۇلۇپ يۈرۈپ،1948-يىلى نەنجىڭغا يىتىپ كىلىپ ،مۇزىكا مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرىدى .
مۇزىكا مەكتىپىدىكى مەزگىلدە، ساۋاقداشلىرىنىڭ تەسىرى بىلەن ئازادلىق ئارمىيگە كىرىپ ،شاڭخەينى ئازاد قىلىش ئۇرشىغا قاتناشتى.
ئازادلىقتىن كىيىن،شاڭخەي كىنو سىتودىيەسىدە ئىشلەپ،ئاندىن بېيجىڭ كىنو سىتودىيەسى مۇزىكا ئۆمىكىگە يۆتكەلدى.
ئابدۇللانىڭ ئاچىسى نۇرىنسامۇ بېيجىڭغا كىلىپ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولدى .
ئابدۇللا بىيجىڭدا خاتىرجەم خىزمەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەندىن كىيىن، قاراقاشتىكى دادىسى ساقى ئاخۇن،ئانسى رابىيخان،ئاچىسى پاتەمخان،ئاكىسى خالىقنى سېغىنىپ ،قاراقاشتىكى ساقى ئاخۇنغا تىگىدۇ دەپ خەت يازغان بولسىمۇ،ساقى ئاخۇن شىڭ شىسەي تۈرمىسىدە ئۆلتۈرلۈپ،ئايالى ،باللىرى سەرسان بۇلۇپ يۈرگەچكە خەت ئۇلارغا تەگمەي قايتىپ كەتتى .
ئابدۇللا بېيجىڭ كىنو سىتودىيەسى مۇزىكا ئۆمىكىدە ئىشلگەن يىگىرمە نەچچە يىلدا يۈزگە يېقىن ،كىنو ۋە ناخشىنىڭ مۇزىكىسىنى،1982-يىلى تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيەسىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۈرۈمچىگە كىلىپ ،‹‹ رەنانىڭ تويى ›› ناملىق كىنونىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلىدى.
ئابدۇللا (يەن فېي ) ئۇيغۇر بۇلۇپ ياشاش شەرپىدىن مەھرۇم بولغان بولسىمۇ،ئۇيغۇر دوپپىسى ،ئۇيغۇر ناخشىسى ئۇنىڭغا بىر ئۆمۈر ھەمرا بولدى .
ئابدۇللا (يەن فېي ) ئەپەندى 2003-يىلى 76-يېشىدا بېيجىڭدا ۋاپات بولدى .
موڭغۇل يازغۇچى مىڭ چېبىي ئەپەندىنىڭ ئەدەبىي ئاخبارتىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى .
مەنبە -شىنجاڭ تارىخ ماتېرياللىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-1 10:22 PM
|
|
|
|
|
|