ئىقتىسادى باي-نامراتلىقنىڭ ئۆلچىمى پۇل. ئەمما، باي-نامراتلىقنىڭ ئۆلچىمى پۇل ئەمەس. ئىنسانلار ئۆزئارا كەسكىن رىقابەتكە دۇچ كېلىۋاتقان، ئانا تەبىئەتنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئۆزىگە قىلغان يۈزسىزلىكلىرى ئۈچۈن ئاتا قىلىۋاتقان خىلمۇخىل كېسەللىكلىرى بىزگە خىرىس قىلىۋاتقان، كىم بىر قەدەم ئالدىدا ماڭسا، شۇ غەلىبە قىلىۋاتقان، ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىددىن ئەپەندى ئېيىتقاندەك ئادەملەر «نان ئىنقىلابى» ئېلىپ بېرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندىكى باي-نامراتلىقنىڭ ئۆلچىمىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ئەقلى ئويغاق ھەربىر كىشىگە ئايان بولسا كېرەك.
مانا بۈگۈن «نان ئىنقىلابى» كەسكىن ئېلىپ بېرىلماقتا. كىشىلەر خىلمۇخىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، بۇ«ئىنقىلاب» قا سىڭىپ كىرمەكتە. مەسىلەن: بىرقىسىم سودىگەرلەر «سامان ئارلاشمىسا لاي بولماس، ھارام ئارلاشمىسا باي بولماس» نى ئۆزىگە شۇئار قىلىپ، «ئىنقىلاب» تىن كۆپرەك «ئولجا» ئېلىشقا ئۇرۇنماقتا. بىرقىسىم ئوقۇتقۇچىلار «بىز مۇئەللىم يۇرتلاردا مەكتەپ ئاچىمىز» نى «بىز مۇئەللىم يۇرتلاردا بوتكا ئاچىمىز» غا ئۆزگەرتىپ، بالىلارغا «بىلىم ئۇرۇقى» نى چاچماي «لازا نان بىلەن لەڭپۇنى زورلاپ سېتىپ» ، «ئىنقىلاب» مەيدانىنى قالايمىقان قىلماقتا. ئىشقىلىپ، «ياخشى بار يەردە يامان بار، بۇغداي بار يەردە سامان بار» دېگەندەك بۇ «ئىنقىلاب» مەيدانىدا ياخشىمۇ، يامانمۇ، ساقمۇ،ساراڭمۇ، پىششىقمۇ، توڭمۇ بار. ئەمما، بىز بۇ «ئاتىكاچىلىق» بىلەن قەلەم تەۋرەتكەن يازمىمىزدا «نان ئىنقىلاب» ىدا قىينالماي جان بېقىۋاتقان، خەلقىمىزنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئاقكۆڭۈللىكى، باغرى يۇمشاقلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدا ئېلىۋاتقان ۋە ئۆزلىرىگە تۈركۈم-تۈركۈملەپ «خىزمەتچى» ئېلىپ، ئۆزىنىڭ يۈزسىزلەرچە قىلىۋاتقان ئىشىنى«كەسىپلەشتۈرىۋاتقان» بىر تەبىقە، يەنى، تىلەمچىلەر ھەققىدە قىسقىچە ئويلىغانلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويماقچى بولدۇق.
كىچىكىمىزدە مەھەللىمىزگە ئۇزۇن ساقال قويغان پېشقەدەملەر كىرلەشكىنىدىن ئەسلى رەڭگىنى يوقاتقان خۇرجۇنىنى ۋىجىك، ئۇرۇق ئېشەكلىرىگە ئارتىپ كېلەتتى ۋە ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ ئۆي ئېگىسى بەرگەن بىرەر يېرىم تاۋاق بۇغداي، قۇناق ياكى بىرەر يېرىم ناننى ئېلىپ ئۇزاقتىن-ئۇزاققا دۇئالارنى قىلىپ كېتىپ قالاتتى. شۇ چاغلاردا بىز كىچىكلىكتىن ئۇلارنى «تىلەمچى» دەپ ئاتىشاتتۇق. ئەمدى تەپەككۇر قىلساق، بۇ ئىسىم ئۇلارغا خاتا قويۇلۇپ قالغاندەك، ئۇلارنى «سەمىمىي يۇرەكلەرنىڭ مىننەتسىز ياردىمىگە لازىم بولۇپ قالغان، تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغان ئاجىزلار» دېسەك توغرىدەك قىلىدۇ. ئەمما،بۈگۈنكىدەك بىر ئالاھىدە ۋەزىيەتتە كوچىدىن كىرەلمەي، خۇدايىم ئاتا قىلغان ساپساق ئەزالىرىنى زەئىپلەشتۈرىۋاتقان تائىپىلەرنى تىلەمچى دېسەك بولار؟!
ئەمدى، بىز بۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن جەمئىيىتىمىزدە كۈندىن –كۈنىگە كۆپىيىپ قېتىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىنى قولىمىزدىن كېلىشىچە بايان قىلىپ ئۆتىمىز. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ سۈپىتىمىز بەك جىق. مەسىلەن: قەدىمىي مەدەنىيەتلىك خەلق، مېھماندوست، كۆيۈمچان خەلق، ئاقكۆڭۈل، باغرى يۇمشاق خەلق يەنە سەنئەتخۇمار، خۇشخۇي خەلق....دېگەندەك. بولۇپمۇ ئۇيغۇرئانىلىرىمىزنىڭ باغرى بەك يۇمشاق. ئۇلار بالىلىرىنىڭ تاك قىلىپ چېكىلىشىنى خالىمايدۇ، بالىلىرىنىڭ يىغلىغىنىنى كۆرسە، يۈرىكى تەتۈر ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ. ئەگەر ئەمدىلا ماڭغان ياكى مېڭىشقا تەمشەلگەن بالىلىرى يىقىلىپ كەتسە ھەرقانداق مۇھىم ئىشنى قىلىۋاتقان بولسىمۇ تاشلاپ قويۇپ بالىسىنى يۆلەيدۇ. «ئۆزى يىقىلغان ئادەمدە قوپۇش ئەركىنلىكى بولغاچقا، مەنزىلگە يىتىپ بارالايدىغان»(1)لىقىنى ئۇنتۇپ، ئۆز بالىسىنىڭ قوپۇش ئەركىنلىكىنى چەكلەيدۇ. يىقىلىپ ياتقان بالىسىنى يۆلەشكە ئالدىرايدۇ-يۇ، يىقىلىپ قوپقان بالسىنىڭ توپىسىنى قېقىشقا ئالدىرىماي، كىيىمىڭنى مەينەت قىلدىڭ دەپ تىللايدۇ. «ئانىلارنىڭ بىر قولىدا بۆشۈكنى تەۋرىتىپ، بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرەتكەنلىكى» ئۇلارنىڭ غەلىبىسى بولسا، يىقىلغان بالىنى يۆلەيدىغان قوللارنى ياساپ چىققانلىقى مەغلۇبىيىتى بولسا كېرەك. كىچىكىمىزدە يىقىلىپ «ۋايجان» دەپ بولغۇچە ئانىمىز يۆلەپ بولغاچقا، بالاغەتكە يەتكەن بۈگۈنكى كۈنلەردىمۇ يىقىلساق «ۋايجان» دېمەي «ئانا» دەپ توۋلايدىغان بولدۇق. مانا بۇ ئانىلىرىمىزنىڭ باغرى يۇمشاقلىقى بىزگە ئاتا قىلغان ئاددى بىر «سوۋغات». شۇنداق قىلىپ بىز ئاغزىمىزدىن ئوغۇز سۈتىنىڭ تەمى كەتمەي تۇرۇپلا باشقىلارغا تايىنىشنى ئۆگىنىشكە باشلايمىز. بۇ بىزدىكى «مۇستەقىللىق ئېڭىنى غاجىلاپ، سۆڭىكىنى چىقىرىپ قويغاچقا، روھىي يىلىكىمىز شامالداپ » قېلىۋاتىدۇ.
«بىزئۇيغۇرلارنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكۈۋاتقىنى _ روھىي گادايلىققا مۇپتىلا بولغۇچىلاردۇر» (2). بۇيەردە دېيىلىۋاتقان روھىي گادايلار كۆپ بولۇشى مۇمكىن، بۇ ھەقتە جىق توختالغاندىن كۆرە، ماقالىمىزنىڭ باش تېمىسىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان روھىي گادايلار يەنى تىلەمچىلەر ھەققىدە سۆزلىگىنىمىز ياخشىراق. 21 -ئەسىردە «مەن تىلەمچى» دەپ كوچىغاچىقىۋالغانلار، ئەلۋەتتە، ماددى گاداي ئەمەس. بۇلار «سەدىقە بالانى يە، تۆۋە گۇناھنى يە» دېگەننى قۇرال قىلىپ، بىزنىڭ «ئاتالمىش» ساخاۋاتچىلىرىمىزنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلنى قارىغا ئالغان، كۆزى ئېنىق كۆرسىمۇ، قەلبى كور بولۇپ كەتكەنلەردۇر. كاللىمىزنى سەگەكلەشتۈرۈپ قارايدىغان بولساق، بىز بېرىۋاتقان ئۇ «سەدىقە» بىزگە كېلىۋاتقان بالالارنىلا ئەمەس يەنە نۇرغۇن پىشقەدەملىرىمىزنى، ناتىۋان قىز-جۇۋانلىرىمىزنى، قىراندەك يىگىتلىرىمىزنى، بىز«كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى» دەپ جار سالىدىغان سەبىي يۈرەكلىرىمىزنى، جۈملىدىن،مىللىتىمىزنىڭ ئىناۋىتىنى يېۋىتىپ بارىدۇ.
يەھۇدىيلارنىڭ مۇنداق ئادىتى بار ئىكەن، ئۇلارنىڭ ئالدىغا بىر يەھۇدىي تىلەمچى كېلىپ قالسا قاتتىق ئۇرىدىكەن ياكى ئۇلارنى ئۆزىنىڭ سېپىگە قېتىپ، ئۇلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاپ ئۇلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم قىلىدىكەن. ئەمما، باشقا مىللەتتىن بىرەر تىلەمچى كېلىپ قالسا، ئۇلارغا شۇنداق خۇشخۇيلۇق بىلەن سەدىقە بېرىدىكەن. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى باشقا مىللەتتىكىلەرنىڭ تىلەمچىلىككە ئادەتلىنىشىنى كۈچەيتىش ئىكەن. بىز بۇنىڭ ئارقىلىقلا يەھۇدىيلارنىڭ مىللىي ئىناۋەتكە تۇتقان پوزىتسىيىسىنى كۆرۈپ يىتەلەيمىز. «دۇنيا تارىخىدىن ساۋات شۇكى، ئادەتلەندۈرۈش _ سەزدۈرمەي بويسۇندۇرۇشتۇر»(3). يەھۇدىيلار باشقىلارنى ئادەتلەندۈرۈپ، باشقىلارنى بويسۇندۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدىكەن، بىز كۆڭۈلچەك، باغرى شۇمشاق خەلق ئۆز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يالغان ئاھۇ-زارلىرىغا، يالغان مۇراجىئەتنامىلىرىگە كۆز يېشى قىلىپ، ئۇلارغا سېخىيلىقىمىز تۇتۇپ كېتىپ، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىىز ئادەتلەندۈرۈپ، باشقىلارغا بويسۇندۇرۇپ بېرىشكە مەبلەغ چىقىرىدىكەنمىز. مۇراجىئەتنامىلەر نەدىن كەلدى؟ ئۆيگە كېتەلمەي چىقىپ قالدىم دېگۈچىلەر نېمە ئۈچۈن بۇنچە ئۇزاق ۋاقىت ئۆيىگە كەتكۈدەك پۇل يىغالمايدۇ؟ يۈرەك كېسىلى بار داۋالانغىلى كەلگەنلەر نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى سوغۇق يەرگە چاپلاپ يېتىۋىرىدۇ، كۈندۈزدە پۇل تىلەيمەن دەپ كۆك يەردە ياتسا، كېچىسى دوختۇرلار تۈزۈك ئىشلىمىسە، يۈرەك كېسىلىنى نەدە داۋالىتىدۇ؟ دېگەنلەرنى ئويلىمايدىكەنمىز.
ئەمدى، بۇ تىلەمچىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنچە تىز ئادەتلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۈزەتكەن ۋە ئاڭلىغان مىساللىمىزنى دەلىل كەلتۈرۈپ چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىمىز:
يېقىندا بىر دوستۇم كونسۇل كوچىسىدىكى بىر ئاشخانىغا كىرىپ 10 سامسا بۇيرۇتۇپ، ئۈگرە بىلەن ئىچمەكچى بولۇپ ئولتۇرۇپتۇ. شۇ ئارىدا ئاشخانىغا 60ياشلاردىن ئاشقان بىر مۇماي كىرىپ، دوستۇمغا قاراپتۇ. دوستۇم مۇماينى «تىلەمچى» ئوخشايدۇ دەپ، ئالدىدىكى سامسىدىن ئىككىنى تەڭلەپتۇ. ئۇ مۇمايمۇ گەپ-سۆز قىلماستىن ئىككى سامسىنى يېۋىتىپ، ئاشخانىدىكى پۇل يىغقۇچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپتۇ. پۇل يىغقۇچى<پۇل ئەكىرگەنمۇ > دەپتۇ. مۇماي<ھەئە> دەپ يانچۇقىدىن بەش مو دىن تارتىپ 10يۈەنگىچە بولغان پۇللاردىن رەتلەنگەن 100يۈەن پۇلنى بېرىپ پۈتۈن پۇلدىن بىرنى ئېلىپ چىقىپ كېتىپتۇ. دوستۇمنىڭ ئېگىلىشىچە، ئۇ ئايال كونسۇل كوچىسىدا داۋاملىق بار بولۇپ، ھەركۈنى دېگۈدەك شۇ ئاشخانىغا كىرىپ پۇل پۈتۈنلەپ چىقىپ كېتىدىكەن.
بىز بۇ ھېكايەتتىن ئىلھاملىنىپ، ئۈرۈمچىنىڭ ئادەم جىق بولىدىغان ئاساسلىق كوچىلىرىنى ئارىلاپ كۈزەتتۇق. بولۇپمۇ، «ئاق قۇۋۇق»تىن ياشلار باغچىسىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئىشلار بەكرەك دىققىتىمىزنى تارتتى. بۇ ئارىدا «خانتەڭرى مەسچىدى»، « ئاق مەسچىد»، «دۆڭكۆۋرۈك مەسچىدى»، «ياڭخاڭ مەسچىدى»، «جىگدىلىك مەسچىدى» قاتارلىق بەش چوڭ مەسچىدنىڭ ئالدىغا ماڭالايدىغانلىكى تىلەمچى بىر قېتىمدىن كەلسە، ھەربىر مەسچىدنىڭ ئالدىدا 20يۈەندىن پۇل تاپسا، بىر كۈندە 100يۈەن پۇل تاپىدىكەن. جۈمە كۈنلىرىدە تېخىمۇ جىق تاپىدىكەن. مۇشۇنداق ھېسابلىساق، بىر ئايدا 3000يۈەن تاپىدىكەن. بىر يىلدا 36000يۈەن تاپىدىكەن. ھېچ بولمىسا،يۈزىنى قېلىن قىلىپ، بىر يىللا «ئاغرىپ قالسا» 30000يۈەن تاپىدىكەن.
ئويلاپ باقايلى، دۆلىتىمىزدە قانچىلىك ئىشچى-خىزمەتچى بىر ئايدا 3000يۈەن مائاش ئالىدۇ؟ قانچىلىك دېھقان بىر يىلدا 30000يۈەن كىرىم قىلىدۇ؟ ئەمما، قانچىلىك دېھقان، ئىشچى-خىزمەتچى بۇ تىلەمچىلەرنىڭ ئايدا 3000يۈەن، بىر يىلدا30000يۈەن پۇل تېپىشىغا كۈچ چىقارمايۋاتىدۇ؟ ئەجابا، بۇ تىلەمچىلەرنىڭ ئادەتلىنىشىگە مۇشۇ سەۋەبمۇ يەتمەمدۇ؟ ئەمدى كاللىمىزنى سىلكىۋىتەيلى، «ساخاۋەتچىلەر كۆپەيگەنسىرى تىلەمچىلەر كۆپىيىدۇ»(4). ھازىر دادىسىنىڭ قاچان ئايلىق خىراجەت پۇلىنى ئەۋەتىپ بېرىشىنى كۈتۈپ تۇرغان ئوقۇغۇچىلاردىن تارتىپ، نەچچە مىڭ يۈەن مائاش ئالىدىغان مەمۇرغىچە، جۈملىدىن، يانچۇقىدا بىر يۈەن ، ھەتتا بىر مو پۇلى بار ھەممىمىز ساخاۋەتچى بولۇپ، شۇ تىلەمچىلەرنىڭ باشقا قېرىنداشلىرىمىزنى ئازدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ سېپىگە قېتىۋېلىشىغا كۈچ قوشۇۋاتىمىز. « تارىخ ۋە رېئاللىق ئاللىقاچان شۇنى ئىسپاتلىغانكى، كۆز ئالدىدىكى جىددى ئۆزگىرىشكە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمايدىغان بىخۇدلارنى تەقدىر شاللىۋېتىدۇ»(5). بىزدەك بىر خەلققە نىسبەتەن بۇنىڭدىنمۇ جخددى ئۆزگىرىش بولامدۇ؟ بىز قاچانغىچە شۇ بىر يۈەن پۇلىمىز بىلەن ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ئالداپ، باشقلارغا تىلىنىپ ئۆتىمىز؟ بىز باشقىلارغا بەرگەن ئۇ بىر يۈەن ياكى بىر قانچە يۈەن پۇلىمىز بىلەن ھەقىقىي مەنىدىكى ساخاۋەتچى بولالمايمىز. ئەمما، بىزنىڭ پۇلىمىزنى ئالغانلار ھامان كوچىغا چىقىدۇ ياكى كوچىغا چىقىپ بولغانلار بولىدۇ.
«باشقىلارغا تىكىلىپ قارىما، باشقىلار سېنى تىلەمچىمىكىن دەپ قالمىسۇن»(6). بۇ نېمىدىگەن ئاددى، لېكىن، نېمىدىگەن چوڭقۇر مەنىلىك سۆز- ھە! لېكىن، بىزنىڭ «كوچىغا كۆنۈۋالغانلىرىمىز» قانداق قىلىۋاتىدۇ؟ ئۇلار «باشقىلارغا تىكىلىپ قاراشتىن ئۆتۈپ»تىن ھالقىپ، ئېنىقلا يالۋۇرۇۋاتىدۇ. خىلمۇخىل ھىيلە- مىكىرلەرنى ئويلاپ چىقىپ بىزنى ئالداۋاتىدۇ. بىزنى نامۇۋاپىق ھالدا تىلەۋاتىدۇ، بىز تىلىنىۋاتىمىز. بۇنىڭدا شۇ تىلەمچىلەرگە ئازدۇر-كۆپتۈر پۇل تاشلىغان قايسى بىر ئادەم مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم يوق دەپ جار سالالايدۇ؟ بۇ ھەربىرىمىز ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە.
شۇ تاپتا بەزىلەر كوچىغا چىققان كېسەلچان، ئاغرىقلارغىمۇ، مېيىپلارغىمۇ ياردەم قىلماپتۇق دەپ ئويلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئۇلارغا ياردەم قىلىمىز، ئەمما، ھەققىي ئەھۋالنى ئەقىل كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ ئاندىن ياردەم قىلىمىز. چۈنكى، بىر چاغلاردا تېلېۋۇزۇرلاردا ئابلىكىم كەلكۈن، ئادىل مىجىت قاتارلىقلارنىڭ شۇنداق كېسەل، مېيىپ تىلەمچىلەرنى سۆكۈپ ئوينىغان ئىتوتلىرىنى كۆرگەنمىز، بىر ئادەمنىڭ بىر نەچچە كىچىك بالىنىڭ پۇتىنى كەينىگە قاتلاپ باغلاپ قويۇپ،مېيىپ ھالەتكە كەلتۈرۈپ، بىزنى تىلىگەنلىرىنى كۆرگەنمىز. سىرىك ئويۇنلىرىدا بەدەنگە تۇخۇمنى سۈركەپ، قىزىق تۆمۈرنى يېقىپ، بەدەننى كۆيدۈرمەي، لېكىن كۆيگەن ھالەتكە كەلتۈرگەنلىرىنى كۆرگەنمىز. تېخى يېقىندىلا ئۈرۈمچىدە خەلقنى كۆپ ئالداپ كەتكەن ئىككى ئايالنىڭ رەسۋا بولغانلىقىنى كۆرگەنمىز. شۇڭا مانا مۇشۇنداق ساختىپەزلىكلەردىن خالىي ھالدا كوچىغا چىقىپ قالغان ئاغرىقلارغا، كېسەلچانلارغا ياردەم قىلىمىز. چۈنكى ئۇلار تىەمچى ئەمەس، بەلكى، ئاجىزلار، ياردەمگە مۇھتاج بولغۇچىلاردۇر!
ئويلىنايلى، قېرىنداشلار، ساختىپەزلەرگە بېرىش ئۈچۈن تەييارلاپ ئوڭ يانچۇقىمىزدىن ئالغان پۇلنى ئىككىلەنمەستىن سول يانچۇقىمىزغا سېلىپ قويايلى، بىر كۈنلەردە ھەقىقىي بىچارىلەر ئۇچرىسا بېرىپ قويىمىز، بۇ راستقىمۇ بىر يۈەن، يالغانغىمۇ بىر يۈەن بەرگىنىمىزدىن ياخشى بولىدۇ. ۋەياكى يىغىلغان پۇلغا كىتاب سېتىۋالايلى. شۇندىلا مەنىۋىيىتىمىز بېيىيدۇ.
سوقۇقانلىق بىلەن ئويلىنايلى، بىز قاچانغىچە ساختىپەزلەرگە تىلىنىپ ئۆتۈۋىرىمىز؟
ئىستاتا مەنبەلىرى:
(1) ئابدۇقادىر جالالىددىن. «ئابدۇقادىر جالالىددىن ماقالىلىرى»ناملىق كىتاب 270-بەت.
(2) ئابابەكرى ئوبۇل. «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»ژۇرنىلى2005-يىللىق4-سان52-بەت.
(3)ئايىمنىسا سۇلايمان. «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»ژۇرنىلى2005-يىللىق4-سان42-بەت.
(4) ئابدۈشۈكۈر خەلىل.«شىنجاڭ مەدەنىيىتى»ژۇرنىلى2005-يىللىق4-سان25-بەت.
(5) ئابدۇقادىر جالالىددىن. «ئابدۇقادىر جالالىددىن ماقالىلىرى»ناملىق كىتاب176-بەت.
(6)ئابلىكىم سىدىق. .«شىنجاڭ مەدەنىيىتى»ژۇرنىلى2005-يىللىق4-سان49-بەت.
ئاپتورلار: تاش1، مەردان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tax1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-26 10:12 PM