|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك تورداشلار! قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
بۈگۈن 2012- يىلى 10- ئاينىڭ 26- كۈنى (ئۇلۇغ جۈمە كۈنى) ئەتىگەن سائەت 7:30دە يەكەن ئالتۇن مەسجىتتە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلۇغ قۇربان ھېيت نامىزىنى ئۆتەشكە قاتناشتىم. نامازدىن يېنىپ ئالتۇن دەرۋازىسى ئالدىدا جامائەت بىلەن بىر-بىرلەپ قول ئېلىشىپ، كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن نەق مەيداندا ناغرا - سۇناي ئاۋازى ياڭراپ كەتتى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ ئۇلۇغ قۇربان ھېيتىمىزنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن نەق مەيداندا بىرمۇنچە سۈرەتلەرنى تارتىپ، تورداشلارنىڭ ھوزۇرلىنىشىغا سۇندۇم. تۆۋەندە بۈگۈنكى نەق مەيداندا تارتىلغان سۈرەتلەر.
سۇناي ئاۋازى كۆكتە ياڭرىماقتا
قىزغىنلىق بىلەن ناغرا چېلىنماقتا
ساما
ساما
مەنمۇ خۇشاللىق ئىچىدە ساماغا چۈشۈپ كەتتىم
چوڭلارمۇ قىزغىنلىق بىلەن ساماغا چۈشۈپ كەتتى
ساما
نامازدىن يانغان جامائەت ئەتىگەنلىك ناشتىلىقتا
ناشتىلىق
قۇربانلىق قوي
قۇربانلىق قوي
قۇربانلىق قوي
قۇربانلىق قوي
قۇربانلىق قوي
قۇربانلىق قوي
قۇربانلىق قوي
قۇربانلىق قوي ئالايلى!
ھېيتلىق ساڭزا
ساڭزا
تىجارەتچىلەر
ئاياغ بازىرى ئەجەب قىزىپ كەتتى جۇمۇ!
نېمىدىگەن ئوخشىغان تونۇر كاۋىپى بۇ!
تونۇر كاۋىپى
ئوخشىغان كاۋا
تاتلىق قوغۇن
ماڭا ئازراق بېرىڭ!
بۈگۈن ئۇلۇغ قۇربان ھېيت كۈنى، ئەتىگەندە يەكەننىڭ سېخىي بايۋەتچىسى موللا ھاجىم 50 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا تۆگە ۋە قوي سويۇپ، يېتىم-يېسىر، غېرىب، ئاجىز كەمبەغەللەرگە تارقىتىپ بەردى. مەن بۇ كىشىنىڭ ئۇلۇغ ئاللاھ يولىدا قىلغان قۇربانلىقىدىن بەكمۇ خۇرسەن بولۇپ، بىرگە سۈرەتكە چۈشۈۋالدىم. تۆۋەندە بۇ كىشى قۇربانلىققا تەييارلىق قىلغان ۋە ئۆز قولى بىلەن تۆگە بوغۇزلاۋاتقان سۈرەتلىرىنىمۇ يوللاپ قويدۇم. بۇ كىشىگە ئۇلۇغ ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!
مەنبەسى: ئۆزۈم تارتقان سۈرەتلەر
|
|
|
|
|
|