تور دۇنيارىمىزدىكى ئەركىنلىك ، باراۋەرلىك ۋە ئەخلاق مەسىلىسى !!!
بۇ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى مەسىلىنى ئېنىقلىۋېلىشىمىز كېرەك : ئىنتېرنېتتا بىزگە نىمە كەم ئەمەس ؟ توردا ئىدىيولوگلار كەممۇ ؟ ئىقتىساتشۇناسلار كەممۇ ؟ پەيلاسوپلار كەممۇ ؟ سەنئەتكارلار كەممۇ ؟ ... جاۋاپ ئەلبەتتە كەم ئەمەس . بىزنىڭ تور دۇنيارىمىزدا ئەڭ كەم بولمىغانلىرى داڭلىق «...شۇناس»لار ، توردا بەس-بەس-مۇنازىرە كەممۇ ؟ مۇزاكىرە-پىكىر ئالماشتۇرۇش كەممۇ ؟ ئۆزگىچە يېڭىلىق يارىتىش كەممۇ ؟ تەنھايى- ئۆزىگە خاسلىق رەۋىش كەممۇ ؟ بىلىم بېرىپ ، دىلىنى يورۇتۇش كەممۇ ...... جاۋاپ يەنىلا شۇنداق ، ئەلبەتتە كەم ئەمەس . بىزنىڭ تور دۇنيارىمىزدا ئەڭ كەمچىل ئەمەس بولغاندىن يەنە «ھەممە بەس-بەستە سايراش» ھادىسىسى__تور دۇنياسىنى ھەقىقىقەتەن پۇقرالار مۇنبىرى دىيىشكە بولىدۇ .
ھازىر ئومۇمى سانى پۈتۈن ياۋروپانىڭكى بىلەن باراۋەر كېلىدىغان ، ئەنگىلىيەدىن تۆت ھەسسە ئارتۇق بولغان جوڭگودىكى 150مىللىيون تورداش ئىچىدە ، 20 مىللىيونغا يېقىن مۇنبەر-بلوگ ئابونتچىلىرى بار ، بۇلارنىڭ ئىچىگە چەكسىز ئەقىل-پاراسەت ۋە روھ جەۋھەرلىرى يوشۇرۇلغان . قىلچە مۇبالىغە ئەمەسكى ، ھەر قېتىم تورغا چىققىنىڭىزدا ، ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن بەھىر ئالالايسىز ، ھەر بىر پارچە بلوگنى ، ھەر بىر مۇنبەرنى ئاچقان ۋاقتىڭىزدا سىزمۇ «...شۇناس» خوشاللىغىدىن تەڭ ھوزۇر ئالالايسىز . سىزنى ئولتۇراق ئۆي مەسىلىسى گاڭگىرىتىپ قويامدۇ ؟ تور«ئىقتىساتشۇناس»لىرى سىزگە ياردەم قىلىپ تەھلىل قىلىپ بېرىدۇ ، ئۇ سىزگە ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىدىكى مۇتەخخەسسىسلەرگە ئوخشاش سىزنى ھىچنىمىدىن خەۋەرسىز «ئەخمەق» قاتارىدا كۆرۈپ بىر قاتار ئىقتىسات پەنلىرى ساۋاتلىرىنى سۆزلەپ بولۇپ سىزدىن سۇئال سورىمايدۇ ... بەلكى تور «ئىقتىساتشۇناس»لىرى ئاددى-بىلىشلىك قىلىپ چۈشەندۈرۈپلا قالماستىن ، يەنە زېرىكمەي ئىقتىسات پەنلىرىدىكى مەخسۇس تېرمىنلارنى تۇرمۇشتىكى كىچىك ھىكايىلەرگە ئايلاندۇرۇپ سۆزلەپ بېرىدۇ ، سىزنىڭ كاللىڭىزنى ئېچىپ قويىدۇ . ھەمدە ئۇنىڭدا يەنە فورمۇلا ، چۈشىنىشلىك تەھلىل بولىدۇ ، بۇ سىزگە ھەقىقەتەن جانلىق بىر مەيدان«ئولتۇراق ئۆي ئىقتىسات ئىلمى» دەرسلىگى ھىس قىلدۇرىدۇ . ئەگەر سىز بىر تەرەپلىمە ئاڭلاپ قېلىشتىن ياكى چۈشىنىپ قېلىشتىن قورقسىڭىز ،ئوخشىمىغان بىر نەچچى مۇنبەر-بلوگلارغا زىيارەت قىلىپ ئىنتېرنېتتىكى ئوخشىمىغان بەس-مۇنازىرىلەرنى كۆرگىنىڭىزدىن كېيىن سىزمۇ بىر «مۇتەخخەسسىس»بولۇپ قالىسىز ! بىزنىڭ تور دۇنيارىمىزدا يەنە itمۇتەخخەسسىسلىرى ، ھەربى ئىشلار مۇتەخخەسسىسلىرى ، ئائىلە-نىكاھ مۇتەخخەسسىسلىرى ، مېزىلىك تائام مۇتەخخەسسىسلىرى سېكۇنىت-دەقىقە توختىماي مۇنازىرىلىشىپ ، كىشىلەرگە نەسىھەت قىلىش ، بىلىم بېرىشتىن ھارمايدۇ ......
تور دۇنياسىدا ، بىز ئاكتىپ ۋە خوشال كەيپىياتتا بەس-مۇنازىرىلەردە «...شۇناس»لار بىلەن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق بىلىم ئېلىپ ئەقلىمىزنى زىيادە قىلغاندىن سىرت ، ئەڭ مۇھىمى يەنە ھۆرمەتكە ئېرىشىمىز . بۇ يەردە مەيلى تونۇش ياكى ناتونۇش بولايلى ، يۈز تۇرانە تۇرىشالمىغان ئەھۋالدىمۇ باراۋەر ھالدا ئىدىيە ئالماشتۇرالايمىز ، پۇخادىن چىققۇچە بەھوزۇر پاراڭلىشالايمىز . نىمە ئۈچۈن بىز تور دۇنياسىدا رېئال تۇرمۇشىمىزدا ئىنتايىن كەمچىل بولغان سەمىمىلىك ۋە باراۋەرلىككە ئېرىشەلەيمىز ؟ چۈنكى بۇ يەر مەۋھۈم دۇنيا بولسىمۇ ، لېكىن ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك روھى بۇ يەردە مەۋھۈم بولماستىن بىزنى ئەمىلى ھالدا ھىس قىلدۇرۇپ تۇرىدۇ . شۇنى دىيىش كەتمەيدۇكى ئەگەر ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك بولمىسا تور دۇنياسى پۈتۈن ھاياتى كۈچىدىن قالىدۇ . ھەر بىر تورداش بۇ يەردىكى ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىكنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ . شۇنداق ئەمەسمۇ ؟ جوڭگودا تور دۇنياسىدا «ھەقىقى ئىسىم قوللىنىش تۈزۈمى»نى سىناق قىلىپ يولغا قويۇش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغاندا ، بىر قىسىم كىشىلەر ئەندىشىگە چۈشۈپ بۇ خىل تۈزۈم تور دۇنياسىدىكى ئەركىنلىكنى بوغۇپ قويۇشتا باھانە-دەستەك بولۇشى مۈمكىن دىيىشتى ، ئەمما بۇ خىل «ھەقىقى ئىسىم قوللىنىش تۈزۈمى» ئىنكاس-سۆزلەشتە ئىشلىتىش بولماستىن ، تور بىكەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ باشقۇرۇشىغا تېخىمۇ ياخشى ياردەمدە بولىدىغان «تىزىملىتىش» جەھەتتىكى ھەقىقى ئىسىم قوللىنىش تۈزۈمى ئىكەنلىگىنى چۈشەنگەندىن كېيىن يۇقۇرقى ئەندىشىدىن خالاس بولدى ، مانا بۇ تور ئەركىنلىگىنىڭ تورداشلار قەلبىدىكى يۈكسەك مۇھىم ئورنىنى چۈشەندۈرىدۇ .
شۇ يېرى گۇمانسىزكى ، تور دۇنياسىدىكى ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك تورداشلارغا غايەت زور روھى شاتلىق ئېلىپ كەلدى . ئەمما بىر تەرەپتىن بۇ خىل ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك ئازدۇر-كۆپتۇر تور دۇنياسىغىلا خاس بولغان ئالاھىدە ھالەتكە تايانسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ ھەر بىر تورداشنىڭ يۇقۇرى دەرىجىدە ئۆزىگە تەلەپچان بولۇش مەۋقەسىدە تۇرۇپ ، كۆڭۈل قويۇپ ئاسرىشىغا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق . مەلۇم تورداشنىڭ تۆۋەندىكى گېپى خېلى ئورۇنلۇق دىيىلگەن : «ئەركىنلىك ئۈچۈن ئۆزىگە تەلەپچان بولۇشتىن ۋاز كېچىش خۇددى كېتىپ بېرىپ تىزگىنىنى يوقاتقان ماشىنىغا ئوخشايدۇ ؛ ئۆزىگە تەلەپچان بولۇش ئۈچۈن ئەركىنلىكتىن ۋاز كېچىش خۇددى سۇدىن ئايرىلغان بېلىققا ئوخشايدۇ.» شۇنى تەكىتلىمەي بولمايدۇكى ، ئىنتېرنېتتا كىشىنىڭ كەيپىنى ، ئىمانىنى ئۇچۇرىدىغان ئىشلارمۇ دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ ، بەزىكىملەر ئۆزىنىمۇ ، ئۆزگىنىمۇ ئالدايدىغان «كۆچۈرمىكەشلىك» ئويۇنى ئويناپ ھارمايدۇ ، بەزىكىملەر ئوخشىمىغان تور ئىسىملىرىدا قىلچە تەپتارتماي باشقىلارنى ھاقارەتلەيدۇ . تورداشلار يېقىندا جوڭگو تورلىرىدىكى «10چوڭ مەدىنىيەتسىز قىلمىش»نى يەكۈنلەپ چىققان ئىدى: «پىتنە-پاسات تارقىتىش ، يالغان ئۇچۇر تارقىتىش ، تور ۋىرۇسى ياساش ۋە تارقىتىش ، ئەخلەت ئېلخەت تارقىتىش ، چايخانىدا ئادەم ھاقارەتلەش ، توردا ئالدامچىلىق قىلىش ، مۇنبەردە كۆچۈرمىكەشلىك قىلىش ، شەخسنىڭ نومۇسىغا تاقىلىدىغان ئىشلارنى تارقىتىش ، باشقىلارنىڭ تور ھىسابات نومۇرىنى ئوغۇرلىۋېلىش ، مەجبۇرى ئېلان ، چاكىنا مەزمۇنلارنى چۈشۈرۈش ۋە تارقىتىش».
كىشىلەر ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىكنى ئۇلۇغلايدۇكى ھەرگىز ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىكنى ئاياغ-ئاستى قىلىشقا چىداپ تۇرالمايدۇ . مەيلى ھەر قانداق دۆلەتتە بولسۇن ، پىكىر بايان قىلىش ، سۆزلەش ئەركىنلىگىنىڭ مۇئەييەن بەلگىلىمىسى ۋە قوغداش جەھەتتە ئەقەللى تۆۋەن چېكى بولىدۇ ، يەنى پىكىر بايان قىلىش ، سۆزلەش ئەركىنلىگى باشقىلارنىڭ قانۇنى ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۈز يەتكۈزمەسلىگى كېرەك . شۇڭلاشقا دەيمىز ، چەكلىمە بولمىسا ئەركىنلىك نەدە ؟ ئۆزىگە تەلەپجان بولمىسا باراۋەرلىكتىن سۆز ئېچىش مۇمكىنمۇ ؟
تورداشلارنى خاتىرجەم قىلىدىغىنى يېقىندىن بۇيان دۆلەتمۇ تور مەدىنىيىتى قۇرۇلۇشى جەھەتتە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تەكىتلەۋاتىدۇ ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارمۇ قانۇن-تەرتىپ ، مەمۇرى نازارەت ، ساھە تەلەپچانلىغى ، تېخنىكىلىق كاپالەت بىرلەشتۈرۈلگەن باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى قۇرۇپ چىقىش ئىشلىرىنى ئىلگىرىلىتىۋاتىدۇ ، تور دۇنياسىدىكى ئاپتورلۇق ھوقۇق ، ھوقۇققا دەخلى تەرۈز يەتكۈزۈش ، خۇسۇسىي سىر ۋە مەسئۇلىيەت قاتارلىق ھالقىلىق مەسىلىلەردە ئاكتىپلىق بىلەن تەتقىق -تىزگىنلەش ئىشلىرى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ ، شەخسنىڭ خۇسۇسىي سىرى ، ئاممىنىڭ مەنپەئەتى ۋە دۆلەت مەنپەئەتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرىۋاتىدۇ .
لېكىن ، مېنىڭ قارىشىمچە ھازىرقى ۋاقىتتا ئىنتېرنېت تور دۇنياسىدا ئەڭ كام بولىۋاتقىنى يەنىلا تورداشلارنىڭ ئەخلاقتا ئۆزىگە تەلەپچان بولۇشى__چۈنكى ئەڭ مۇكەممەل تۈزۈم-بەلگىلىمىمۇ ھەممىگە قادىر بولىۋەرمەيدۇ. خۇددى ئۇچرىغان يەرگە تۈكۈرۈش قىلمىشلىرىنى جەرىمانە قويۇش ئارقىلىقلا يىلتىزىدىن تۈگەتكىلى بولمايدىغانلىقىغىغا ئوخشاش ، كۈندىن-كۈنگە ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان ئىنتېرنېت تور دۇنياسىدا تېخىمۇ مۈمكىن ئەمەس . خۇددى سىئودور . روسزاك «ئۇچۇر چوقۇنىشى»دىگەن كىتاۋىدا ئېيتقىنىدەك: «قانۇن تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتىشىۋېلىشقا ئۇرۇنسىمۇ نەتىجىدە دائىم يەنىلا تېخنىكا ئالدىدا ماڭىدۇ ، بۇ كەم دىگەندە بىر مەڭگۈلۈك قانۇنىيەت دەرىجىسىگە يەتتى! ...... بىر ئەۋلات كىشىلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۇچۇر تارقىلىش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىيات كۆلىمى ئىنتايىن چوڭ ۋە ئىنتايىن جانلىق ھالەتكە يېتىپ ، قانۇن بۇلارنى قاتتى قېلىپلاشتۇرۇشقا كۈچى يەتمىدى ھەم قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇشقا تەرەددۈت قىلىش ناپۇۋاپىق ». يەنە كېلىپ توردا ئەكس ئەتكەن بىر قىسىم كىشىلەردىكى ئەخلاق-پەزىلەتنىڭ بۇزۇلۇش مەسىلىسىنى پەقەت مەلۇم تۈرلۈك قانۇن نىزانىغا تايىنىپ تۇرۇپلا ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ . شۇڭا ، ئىنتېرنېت تور دۇنياسىدىكى ئەركىنلىك ، باراۋەرلىكنى ئاسرايمىز ، پاكىزە-گۈزەل تور بوشلۇغى قۇرۇپ چىقىمىز دەيدىكەنمىز ، ئاچقۇچلۇق مەسىلە يەنىلا پۈتۈن تورداشلارنىڭ ئەخلاقتا ئۆزىگە تەلەپچان بولۇشى بىلەن ئايرىلالمايدۇ .
ئەركىنلىك ئەزەلدىن مۇتلەق بولغان ئەمەس ، ئۆزىگە تەلەپچان بولۇشلا ئەركىنلىكتىن بەھرلىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسى . ئىنتېرنېت تور دۇنياسىدا ، سىز «...شۇناس»لار بىلەن مۇھاكىمە-مەسلىھەتتە بولۇشنى ئارزۇ قىلامسىز ؟ سىز ئالدى بىلەن قارشى تەرەپنى ھۆرمەتلەڭ ؛ سىزدە مۇنازىرە ئۇستىلىرى بىلەن چىن كۆڭلىڭىزدىن مۇھاكىمە-مۇتىئالىيە قىلىش ئىستىگى بارمۇ ؟ سىز ئالدى بىلەن كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشنى ۋە كەمتەر-كەڭ قۇرساق بولۇشنى ئۈگىنىۋېلىڭ ؛ سىز باشقىلار تەرىپىدىن ئالدىنىش ، ئەخمەق قىلىنىشنى خالىمامسىز ؟ سىز ئالدى بىلەن سەمىمى بولۇشقا ۋەدە بېرىڭ ؛ مۇنازىرە كەسكىنلەشكەندە سىز باشقىلار تەرىپىدىن مەسخىرە - ھاقارەتلىنىشنى ياقتۇرمامسىز ؟ ئۇنداقتا مۇنازىرىداش-مۇنبەردىشىڭىزگە پو گەپ ، ئەسەبى گەپ قىلىشتىن قاتتىق ساقلىنىڭ ؛ تور بەتلىرىنى ئاچقىنىڭىزدا لۈكچەك يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ سىزنى پاراكەندە قىلىشىدىن ئىنتايىن يىرگەندىڭىز ، ئۇنداقتا توردا سىزمۇ كىچىككىنە پايدىنى دەپ خەتەرلىك ئىشلارغا تەۋەككۈل قىلماڭ ... ئەخلاقتا ئۆزىگە تەلەپچان بولۇش دىگەنلىك ، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ قەدرىنى قىلسىڭىز ئاندىن غۇرۇرىڭىز بولىدۇ ، ئاندىن ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىشنى بىلىسىز ۋە خاتالىغىڭىز ئۈستىدە ئويلىنالايسىز دىگەنلىك ؛ ئۆزىگە تەلەپچان بولۇش دىگەنلىك «ئۆزەڭگە راۋا كۆرمىگەننى باشقىلارغا تاڭما » دىگەنلىك ، مەۋھۈم دۇنيادا بولساقمۇ قەلبىمىزنى ساپ ، كەڭ ۋە تۈز قىلىپ مەسئۇلىيەتچان تورداشتىن بولالايمىز ، ئەخلاقلىق ، ۋىجدانلىق كىشىلەردىن بولالايمىز ؛ ھەمدە پەقەت مۇشۇنداق قىلغىنىمىزدىلا ھەممە كىشى ئىنتىلىدىغان تور دۇنياسىدىكى ئەركىنلىك ، باراۋەرلىك ئىناق كەيپىياتىنى ھەقىقى قوغدىيالايمىز .
ئۇنى دىدۇق ، بۇنى دىدۇق ، بىزنىڭ ئىنتېرنېت تور دۇنيارىمىزدا ئەڭ كەمچىل بولىۋاتقىنى ئەنە شۇ ئەخلاقتا ئۆزىمىزگە تەلەپچان بولۇش . بىزنىڭ تور دۇنيارىمىزدا ئۆزىگە تەلەپچان بولۇشنى تەكىتلىگىنىمىز زادى كىم ئۈچۈن ؟ بۇ ھەر بىر تورداش ، يەنى سىزنىڭ ئەڭ تەشنا بولىۋاتقان ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىكتىن بەھىر ئېلىش مەقسىدىڭىزگە يېتىش ئۈچۈن ئەمەسمۇ ؟
دىمىسىمۇ تور دۇنياسىدا بىرەر پىكىرنى ئوتتۇرغا قويغان ھامان پىكىرنىڭ توغرا ياكى خاتا بولىشىدىن قەتئى نەزەر ھەر خىل كۆز قاراشتىكى كىشىلەرنىڭ باھاسىدىن مۇستەسنا بولالمايمىز . ھەتتا بىر قىسىم كىشىلەر تېما يوللىغۇچىنىڭ نىمە مەقسەتتە ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرماي تۇرۇپمۇ ، يېزىلغان ئىنكاسلارغا قاراپلا تېمىنى تەھلىل قىلىدۇ . مۇشۇ خىل ئەھۋاللارنى چۈشۈنۈش ھەم ئۇلارغا توغرا مۇئامىلە قىلىش ھەقىقەتەن بەك مۇھىم .
راستىنى ئېيتقاندا مەندە مۇشۇنداق روھ كەمچىل . بۇنىڭدىن كېيىن ئامالنىڭ بارىچە تۈزىتىشكە تىرىشىمەن .
يازغانلىرىم تەكشۈرۈشنامىگە ئوخشاپ قالدىمۇ نىمە ؟
مەنبە : جۇڭگو ياشلىرى گېزىتى2007-يىل3-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى سانى